بالا تەربىيىسى ۋە كىملىك
ئەليۈكسەل
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى
مېنىڭ كۆزىتىشىمچە ھازىر تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرىدە مىللىي كىملىكنى يېڭى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشى ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدىكى خىرىسقا دۇچ كەلدى. بۇ جەھەتتە بۇرۇن ئۈنۈم بەرگەن ئۇسۇللار ھازىر ئۈنۈم بەرمەس بولۇپ قالدى. مىللەتلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش سۈرئىتى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە تېزلەشتى. مېنىڭچە بۇنداق بولۇشتىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇ ئەللەردىكى مىللەتلەر ئۈچۈن مىللىي كىملىكنى ساقلاشنىڭ ئانچە زور قىممىتى قالمىغانلىقىدىن ئىبارەت.
ھازىر ئىسرائىلىيەدىكى يەھۇدىيلارمۇ يۇقىرىقىدەك مەسىلىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيەدىكى دورون كورنبلۇس (Doron Kornbluth) ئىسىملىك بىر داڭلىق نۇتۇقچى ۋە يازغۇچى 2009-يىلى «بالىلارنى ئۆزىنىڭ يەھۇدىيلىقىنى سۆيىدىغان قىلىپ بېقىپ چوڭ قىلىش» ناملىق بىر كىتابنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان.
1-رەسىم: دورون كورنبلۇسنىڭ «بالىلارنى ئۆزىنىڭ يەھۇدىيلىقىنى سۆيىدىغان قىلىپ بېقىپ چوڭ قىلىش» دېگەن كىتابى.
ئۇ ئۆز كىتابىدا ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار، ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەر ۋە ئۆزىنىڭ 20 يىللىق مائارىپ تەجرىبىسىگە ئاساسەن، بالىلارنى يەھۇدىي قىلىپ تەربىيىلەشنىڭ مۇنداق 5 يادرولۇق پرىنسىپىنى يەكۈنلەپ چىققان:
(1) ئاتا-ئانىلار ئۈلگە بولۇش. مەن بالا تەربىيىسىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇش ۋە ئۈلگە بولۇش رولىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى بىر قانچە پارچە يازمىلىرىدا خېلى تەپسىلىي توختالدىم. باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ ھەقتە يازغان ماقالىلىرىمۇ ئاز ئەمەس. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار كىملىكنى ساقلاش ئىشىدا بالىسىغا ياخشى ئۈلگە بولالماي، بالىلىرىدا كىملىكنى يېتىلدۈرۈش يۈكىنى ئوقۇتقۇچىلار ۋە دىنىي ئۆلىمالارغا ئارتىپ قويىدۇ. نەتىجىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ يەردىكى بىر ئاددىي پرىنسىپ شۇكى، ئەگەر سىز بالىڭىزنى ئۇيغۇر قىلىپ بېقىپ چوڭ قىلماقچى بولىدىكەنسىز، سىز ئۆزىڭىز چوقۇم بىر ئۇيغۇر بولۇپ ياشاڭ.
(2) بالىڭىز ئۈچۈن دىنىي تەربىيىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش. دىنىي تەربىيىنى بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان، بالىلارنى قىزىقتۇرىدىغان ۋە بالىلارنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىش.
(3) بالىلارنى ئۆز جامائىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ۋە مىللىي تۈس ئالغان ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش. سىز مەلۇم بىر ئىشقا ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتى بىلەن كۈچىنى تەقدىم قىلىدىكەنسىز، سىز ئۇ ئىشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ قالىسىز. يەنى سىز بەدەل تۆلىگەن ئىشقا كۆڭۈل بۆلىسىز. ئەگەر بالىلارنى مىللىي تۈس ئالغان پائالىيەتلەرگە كۆپلەپ قاتناشتۇرمايدىكەنمىز، ئۇلارنىڭ ئۆز كىملىكىگە بولغان ھېسسىياتى ھەرگىزمۇ تەرەققىي قىلمايدۇ. بالىلار ئۆيدە تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا بىز ئۇلارغا بىر قىسىم ئىشلارنى مەجبۇرى تېڭىشىمىز مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىدە كىملىك تۇيغۇسى چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغان بولغاچقا، ئۇلار چوڭ بولۇپ ئۆيدىن ئايرىلغان ھامان ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىگە بولغان مۇھەببىتى ناھايىتى تېزلا ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئەگەر بىر بالا ئۆزىنىڭ كىملىكىگە ئائىت ئىشلار بىلەن قانچە كۆپ شۇغۇللانسا، ئۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنىمۇ شۇنچە ياخشى ساقلايدۇ.
ھازىر چەت ئەلدىكى بىر قىسىم جايلاردا ئۇيغۇر جامائەتلىرى پەرزەنتلەر ئۈچۈن كىملىكنى ساقلاشقا زور پايدىسى بار ئىشلارنى مۇددەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، يېقىندا ياپونىيەنىڭ توكيو رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر كۈن مەدەنىيەت ۋە ئىسپورت پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئىچىدە مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرمۇ خېلى كۆپ. مەن مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرىغا ئاشۇ پائالىيەتلەرنىڭ بىر قانچە كۆرۈنۈشلىرىنى قوشۇپ قويدۇم.
(4) جامائەت بەرپا قىلىش. ئىنسانلار ئىجتىمائىي مەخلۇقلارغا كىرىدۇ. بىرەر كىشىلەر توپىغا تەۋە بولۇشنى ئىستەيدۇ. بىز بىرەر كىشىلەر توپىغا تەۋە بولۇش ئارقىلىق ئۆزىمىز ئۈچۈن كىملىك ۋە ھەمراھلىق تاپىمىز. بالىلار ئۆزلىرىنىڭ قايسى كىشىلەر گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ۋە قايسى كوماندىنى قوللىشى كېرەكلىكىگە ئوخشاش ئىشلارنى بىلىشكە ناھايىتى قىزىقىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ قايسى كىشىلەر توپىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى داۋاملىق بىلدۈرۈپ تۇرۇشى، ئۆزلىرىنىڭ كىملەر بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى داۋاملىق تەكىتلەپ تۇرۇشى كېرەك. بالىلارنى ئۆز گۇرۇپپىسىغا تەۋە كىشىلەر قورشاپ تۇرغاندىلا، ئۇلار ئۆزى تەۋە كىشىلەر توپىنىڭ ئىشلىرىغا قاتنىشىشنى خالايدۇ. ئەگەر بالىلار ئۆز مىللەت كىشىلىرى بىلەن بىللە ياشىيالمايدىكەن، ئۇلاردىكى كىملىك تۇيغۇسىمۇ ناھايىتى سۇس بولىدۇ. ئۆزى تەۋە گۇرۇپپىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇشتىن باشقا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئۆز مىللىتىگە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇتۇشى، ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىي ئاسارەتلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇشى، ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىدىن خەۋەردار قىلىشى كېرەك. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا بالىلاردا ئۆز مىللىتى بىلەن بولغان بىر خىل روھىي باغلىنىش ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
(5) كىملىك تەربىيىسى. ئەگەر بىر بالا كىملىك تەربىيىسىنى قانچە كۆپ ئالىدىكەن، ئۇنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلىشى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. بىر مىللەت بالىلىرىغا ئۇسسۇل ئويناش ۋە ناخشا ئېيتىشقا ئوخشاش ئىشلارنى ئۆگىتىش ناھايىتى مۇھىم، ئەمما ئۇلارغا قارىغاندا كىملىك تەربىيىسى تېخىمۇ مۇھىم. بۇ نۇقتىنى يەھۇدىيلار دۇنياسى ناھايىتى كۆپ بەدەللەرنى تۆلەش ئارقىلىق ئاندىن ئۆگەنگەن. ئەگەر كىملىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلمايدىكەن، بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ جامائەتلىرى ناھايىتى تېزلا يوقاپ كېتىدۇ. ھازىر چەت ئەلدىكى بەزى جايلاردا ئۇيغۇر مەكتىپى ۋۇجۇدقا كەلدى. مانا بۇ بالىلاردا كىملىكنى ساقلاشتا ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان تەدبىر.
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار «مەندە بالامنى ئۆز كىملىكى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلىدىغان قۇدرەت يوق»، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەت بولسا ئۇنداق ئەمەس. سىز بالىڭىزنى ئۆز كىملىكى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن سىزنىڭ بىر دىنىي زىيالىي بولۇشىڭىز شەرت ئەمەس. سىز بىر قانچە كىچىك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلىشىغا زور تەسىر كۆرسىتەلەيسىز.
بۇ يىلنىڭ 17-سېنتەبىر كۈنى ياپونىيە توكيو رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئورۇنلاشتۇرغان بىر پائالىيەتنىڭ بىر قانچە كۆرۈنۈشلىرى:
(بۇ رەسىملەرنى مەن فېيىسبۇكتىن چۈشۈرۈۋېلىپ، بۇ يەرگە چىقىرىپ قويدۇم)
|