شىياڭگاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سۆز قىلغۇچىسى پەيشەنبە كۈنى(22-سېنتەبىر كۈنى) كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى ئاخشام گەرچە ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرىتمىگەن بولسىمۇ لېكىن، بۇ يىل ئىچىدىكى ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى يەنىلا يۇقىرى؛ ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى نورماللاشتۇرۇش قەدىمىدە تۇراقسىزلىقلار مەۋجۈت بولغاچقا، فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ھەر قايسى بانكا، كارخانا ۋە شەخسىي ئورۇنلارنىڭ ئېھتىياتچانلىقنى ساقلىشىنى، خەتەرنى كونتىرول قىلىشىنى، ھەەم كېيىنكى كۈنلەردىكى ئۆسۈم قوشۇشنىڭ بەلكىم كاپىتالنىڭ ئوبورىت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، بازارنىڭ تەۋرىنىشىنى كۈچەيتىۋېتىش مۇمكىنچىلىكىنى ئەسكەرىتتى.
ئۇنىڭدىن باشقا، خېڭ شېڭ بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسلىقنى ۋاقىتلىق ئۈستىگە ئالغان شۆ جۈن شېڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتى نىشانىنى ئۆزگەرىتمىگەن. ئەزەلدىن، فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى پۇل سىياسىتى مۇھاكىمىسىدىن كېيىنكى كۆز قارىشىغا ئاساسەن بېلەت تاشلايدۇ، شۇڭا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارىغا قارشى تۇرىدىغان بېلەت نىسبەتەن ئاز بولىدۇ. بۇ قېتىملىق يىغىندا بولسا ئۈچ بېلەت قارشى تۇردى، بۇ ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال، بۇ كومىتېت ئۆسۈم قوشۇشقا ئىشىنىش ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرىلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۇ بانكا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12- ئايدا ئۆسۈم قوشۇشىغا بولغان مۆلچەرىنى ئۆزگەرىتمەي ساقلاپ قالدى، لېكىن 11- ئايدىكى ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ، ئامېرىكا ئۆسۈم قوشۇشنى يەنىلا ئىقتىساد ماتىرياللىرىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي ئاسىيا بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى دېڭ شى ئەن: ئامېرىكا كېلەر يىلى ئۈچ ياكى تۆت قېتىم ئۆسۈم قوشۇشى مۇمكىن، ئەگەر ھازىرقىدەك ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ۋاقىتتا ئۆسۈم قوشۇۋالمىسا، كەلگۈسىدىكى ئىقتىساد ئاجىزلىغان ۋاقىتتا ئۆسۈم چۈشۈرىدىغانغا بوشلۇق قالماسلىقى، ئىقتىسادنى تەڭشىگۈدەك ئۈنۈملۈك تەدبىرمۇ قالماسلىقى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، يەرشارى ئىقتىسادى ئاجىز ۋاقىتتا ئامېرىكا ئۆسۈم قوشۇشتا تاشقى سودا ئېھتىياجىغا تەسىر قىلىپ جانلىنىۋاتقان ئىقتىسادقا بېسىم پەيدا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن يەنىلا ئەتراپتىكى بازارنى ئويلىشىدۇ، ئۆسۈم قوشۇش ئارلىقىنىڭ ئۇنچە بەك سوزۇلۇپ كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
شىياڭگاڭ بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ۋە تەدبىرچىسى لۋو جىيا سوڭمۇ: يېللىننىڭ بۇنداق ئوچۇق گەپ قىلىشى، ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرىلىتىۋەتتى، ئەمەلىيەتتە بۇ يىل ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقىنى %100 دېسەك بولىدۇ، كۆپ سانلىق ئانالىزچىلار بۇ يىل بىر قېتىم ئۆسۈم قوشۇلىدۇ دەپ قاراۋاتىدۇ. ئىلگىرىكى ئۆسۈم قوشقان ۋاقىتلارغا قاراپ باقساق، ھەممىسىدە مۇخپېرلارنى كۈتىۋالىدىغان ئۆسۈم قوشۇش يىغىنىدا ئۆسۈم قوشقان، بۇنىڭغا ماس بۇ يىلقى مۇخپېرلارنى كۈتىۋالىدىغان ئۆسۈم قوشۇش يىغىنى بولسا 12- ئايدا. 11- ئايدا زۇڭتۇڭ سايلىمى بار، شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئۆسۈم قوشۇشى تازا مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا 12- ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى نىسبەتەن يۇقىرى، دەپ قارايدىكەن.
|