ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار:
باغداش مۇنبىرى قۇرۇلغان بۇ 11 يىل مابەينىدە، تورداشلارنىڭ قوللىشى بىزنى ئۇيغۇر تىلى يېزىقىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تور بېكەتلەر قاتارىغا كىرگۈزدى، بۇ جەرياندا بىز تورداشلارنىڭ جۈملىدىن «باغداشلىق» لارنىڭ باغداش تورىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئوخشىمىغان بىلىملەرگە ئېرىشتۈرۈشكە تىرىشىپ كەلدۇق، شۇنداقلا داۋاملىق تىرىشىمىز. يېقىندىن بۇيان تورىمىزدا يەنى باغداش مۇنبىرىدە قالايمىقان ئىنكاس يازىدىغان، تورداشلارغا تور يۈزىدە تەھدىت سالىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى، بىراق بۇ ئەھۋال ھەرگىزمۇ چوڭ نىسبەتنى ئىگىلىمەيدۇ، پەقەت ساناقلىقلا تورداشلارئوخشىمىغان نامدا كىرىپ، بۇ خىل مەسىلىلەرنى سادىر قىلماقتا، بۇ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلالمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن، بۇ جەھەتتىن باغداش تورى تورداشلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايدۇ. يېقىندىن بېرى بۇ ئەھۋاللارغا بولغان چارىلەرنى كۈچەيتتۇق، ئاشۇ مەسىلىلەرنى سادىر قىلغان تورداشنى ئاگاھلاندۇرۇش، تور نامىنى چەكلەش، IP ئادرېسىنى چەكلەش... قاتارلىق چارىلەر ئارقىلىق بىر قانچە تورداشنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىش ئەھۋالىنى يوقاتتۇق، لېكىن بۇ ئەھۋال يەنىلا مەۋجۇت. شۇ سەۋەبدىن، ھەمدە تورىمىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى، تور يۈزىدە داۋاملىق چاقناپ تۇرۇشى، تورداشلارغا ئىلمىي بولغان مۇزاكىرە مەيدانى يارىتىپ بېرىش، ئارىدىن ھەرقانداق كىشىگە پايدا ئېلىپ كېلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە قائىدە-نىزاملارنى ئېلان قىلدى، تورداشلارنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىنى، شۇنداقلا ھەربىر نۇقتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، بۇندىن كېيىنكى مۇنبەر ھاياتىدا چوقۇم رىئايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تورىمىزنىڭ چىقارغان قائىدە-نىزاملىرى تۆۋەندىكىچە:
1. دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىگە قارشى ھەرقانداق تېما ۋە ئىنكاس يوللاشقا بولمايدۇ.
2. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق تېما ۋە ئىنكاس يوللاشقا بولمايدۇ.
3. شەخس ياكى ئورۇنلارنى ھاقارەتلەيدىغان، مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق تېما ۋە ئىنكاس يوللاشقا بولمايدۇ.
4. كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ماقالە-ئەسەرلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
5. دىن / مىللەت / ئىرقىي ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ
6. ئىنكاسلاردا تېمىدىن چەتنەپ كېتىشكە، ھەرقانداق تېمىنى دىن، مىللەت، رايونغا چېتىۋىلىشقا بولمايدۇ.
7. شەخسىي زىددىيەتنى مۇنبەر ئۈستىگە سۆرەپ كىرىشكە بولمايدۇ.
8. مۇنبەر يۈزىدە تېلېفون نومۇرى، ئۈندىدار نومۇرى ۋە چ چ نومۇرى قاتارلىق ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىنى يوللاشقا بولمايدۇ. (زۆرۈر تېمىلارغا ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىنى قوشسا بولىدۇ)
9. تېما ياكى ئىنكاس شەكلىدە ئېلان يوللاشقا بولمايدۇ. (بەزى شىركەتلەر مۇنبەرداشلارغا نەپ بەرگەن ئاساستا شىركىتىنىڭ ئىسىملىرىنى قوشۇپ قويىدۇ، بۇنىڭغا يول قويىمىز)
10. مۇكەممەللىك مەۋجۇت ئەمەس، باغداش تورىدىن نارازى بولغۇچىلار ئىلمىي ھالدا ئىنكاس بىلدۈرسە بولىدۇ، لېكىن باغداش تورىنى، باشقۇرغۇچىلارنى ھاقارەتلەشكە بولمايدۇ.
11. يۇقىرىقى 10 تۈرلۈك قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان تورداشلار بايقالسا، شۇ تورداشنىڭ تور نامى ھەپتىلىك، ئايلىق، يىللىق ۋە مەڭگۈ چەكلىنىدۇ، ھەددىدىن زىيادە ئاشقۇچىلارنىڭ IP ئادرېسى چەكلىنىدۇ.
ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، بۇ قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش بىلەن بىرگە، تېما يوللىغاندا ئىملا تەكشۈرگۈچكە بىر قېتىم سېلىپ، تەكشۈرۈۋېتىشى تەكلىپىنى بېرىمىز، شۇنداقلا ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچىنى تەۋسىيە قىلىمىز. تور ئادرىسى:
http://imla.uighursoft.com/ug-CN/default.cshtml
تورداشلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپلەرنى بېرىشىنى، ئاۋاز قوشۇش ئارقىلىق مۇنبەرنى، شۇنداقلا پۈتۈن باغداش شىركىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى تور ھاياتىدا باغداش تورىنى يېقىندىن قوللىشىنى، تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارغا تەۋسىيە قىلىشىنى، باغداش تورىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىز بىلەن بىر سەپتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رەھمەت سىلەرگە!
مۇكەممەللىك مەۋجۇت ئەمەس، لېكىن بىز تىرىشىمىز
ھۆرمەت بىلەن:
شىنجاڭ باغداش ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، باغداش تورى |