ھاراقكەش
(ساتىرا)
زۇنۇنجان مەمتىمىن شۈكرانى
بارلىقىنى ھاراققا سېتىۋەتكەن ھاراقكەش، ئۆزلىرىنى زابويغا قېتىۋەتكەن ھاراقكەش.
بوتۇلكىدا كەسكەنمۇ كىندىكىڭنى، بىلمىدىم، ھاراقنىڭلا ئوتىدا يېنىۋەتكەن ھاراقكەش.
ھاراق دېگەن ئىبلىسنىڭ بۇرادىرى، ئەلچىسى، ئۆزنى شەيتان قوينىغا ئېتىۋەتكەن ھاراقكەش.
ئاناڭمۇ شۇ داداڭمۇ، ئايالىڭ شۇ بالاڭ شۇ... ھاراق ئۈچۈن ھەممىدىن چېنىۋەتكەن ھاراقكەش.
خازان قىلىپ ياشلىقنى، ئېكەك سېلىپ جېنىڭغا- سەن ھاياتقا نىمانچە قېنىۋەتكەن ھاراقكەش؟!
نەسىھەتسىز قالمىدىڭ، تېخى ۋەدەڭ كەم ئەمەس، ھەپتە ئۆتمەي ۋەدىدىن تېنىۋەتكەن ھاراقكەش.
مەس-ئەلەس بوپ، نەچچە رەت ئۆيىمغۇ بۇ دەپ قىلىپ، ئېشەك بىلەن ئېغىلدا يېتىۋەتكەن ھاراقكەش.
داغدام يولدا يۈرەلمەي، ھايات پەيزى سۈرەلمەي، ھالاكەتكە يولىنى چېتىۋەتكەن ھاراقكەش.
رومكىسىدىن ھاياتنىڭ، بەك قەدىرسىز، بىمەھەل، تاۋۇتىغا تامچىلاپ تېمىۋەتكەن ھاراقكەش!
2-ئاۋغۇست |