- تىزىملاتقان
- 2011-5-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-10-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14021
- نادىر
- 1
- يازما
- 538
ئۆسۈش
10.05%
|
[align=justify]
ب د ت پەن-مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ بېكىتىشى بىلەن 2000 – يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» دەپ قۇتلانماقتا.
[align=justify] باشقىچە ئېيتقاندا، بۈ كۈن ئۇيغۇر تىلىنى ئانا تىل سۈپىتىدە ئەزىزلەيدىغان كىشىلەر (ئۇيغۇرلار) ئۈچۈن «دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى»دۇر! ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ قۇتلۇق كۈننى خاتىرىلەشكە ئىمكان يار بەرمەيۋاتقان، ئۇيغۇر تىلى پەقەتلا «تۇرمۇش تىلى» بولۇپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، «دۇنيا ئانا تىلى» كۈنى شەنىگە بېغىشلانغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2-قېتىملىق ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2012- يىلى 2- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 13:30 دا، ئىستانبۇل بابى- ئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى ئوسمانلې يىغىن زالىدا غەلبىلىك ئىچىلدى. يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى ئوقوغۇچىلار، خىزمەتچىلەر ۋە مەرىپەتپەرۋەر زاتلاردىن بولۇپ ئالاھەزەل 40 كىشى قاتناشتى.
[align=justify]تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى بويىچە، ئالدى بىلەن تۈركىيە دۆلەت مارشى ئورۇنلىنىپ ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى. كەينىدىن قۇرئان تىلاۋىتى قىلىندى.
مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ۋە ھازىرقى رەئىس ۋەكىلى، يادرو ئېنېرگىيە ئېنژىنىرى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىشى بىلەن باشلاندى.
ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىختا 2 قېتىم خىرسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار سەۋەبىدىن ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى ۋە مەۋجۇدلىقىنى قوغداش، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۈستىدىكى مۇھىم بىر مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخرى رەئىسى، ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى ئالىي ئوپتىك ئېنژىنىرى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ پائالىيەتكە ئۆزى يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ئوتلۇق سالىمى ۋە كۆڭۈل ئىزھارىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بۇ كۆڭۈل سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى. تۆۋەندىكىسى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تەبرىك مەكتۇبى:
ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى، مېھمانلار، دوستلار، ئۇكىلار ۋە سىڭىللار:
بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر جايغا جەم بولۇپ، 2012-يىللىق خەلقارا ئانا تىل بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان ئەھمىيىتى ئۈستىدە قانچىلىك سۆزلىسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ.ئامېرىكىلىق مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مارتىن لۇسېر كىڭ مۇنداق دەيدۇ: ”مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن ئۆلۈشنى خالىمايدىغان ئادەم ياشاشقا لاياقەتلىك ئەمەس.ۋېنگىرىيىلىك يازغۇچى ئاندراس سۈتو ئېيتقىنىدەك، ”ئۆز ئانا تىلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرى بولغان ئىنسان ئۆز ھاياتىنىڭ مەنىسىدىنمۇ ئايرىلىدۇ“.ئىلھام توختى ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى سۈكۈت ئىچىدە قولدىن بېرىپ قويماقتا! مەن ئېيتىمەنكى، ھەر بىر كىشى، ھەر بىر مىللەت ئىززەت-ئابروي ساھىبىدۇر. جۇڭگونىڭ قانۇنى جۇڭگو پۇخرالىرى مىللەت، جىنس، دىن ئايرىماستىن، بارلىق ھوقۇقلاردا باپ-باراۋەر، دەپ ئېنىق بەلگىلىگەن. بىراق، رېئال تۇرمۇشتا، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى ئۆزلۈكسىز دەخل-تەرىزگە ئۇچرىماقتا، ھەتتا بەزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ ھاماقەتلەرچە بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنى كەمسىتمەكتە!! ھەي، ئۇيغۇرلار! سىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتلىرىڭلار دەخل-تەرىزگە ئۇچرىغاندا، كانىيىڭلارنى قويۇۋېتىپ ئۆز ئاۋازىڭلارنىڭ ئاڭلىتىڭلار! ئاۋامنىڭ نادانلىقى ھاكىمىيەتنىڭ ئۇياتسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھاكىمىيەتنىڭ ئۇياتسىزلىقى ئاۋامنى نادان ھالەتتە قالدۇرىدۇ.»
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۈگۈن ئېلىپ بېرىۋاتقىنى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش يولىدىكى ئەڭ مۇھىم تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاخىرىدا مەن سىلەرنىڭ بۈگۈنكى پائالىيىتىڭلەرگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى، ئەركىن سىدىق
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلتاش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى ياسىن تۇرسۇن ئۇلتاش ئەپەندى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى ئۇيغۇر تىلى» دېگەن تېمىدا لىكسىيە سۆزلىدى. ياسىن تۇرسۇن ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ دۇنيادىكى 6000 خىلغا يېقىن تىل ئىچىدە سۆزلىشىدىغان ئادەم سانى بويىچە رەتكە تىزغاندا 96- ئورۇندا ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش جەھەتتىن ئاز سانلىق ئەمەس بەلكى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئانا تىلى ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈردى.
ئاندىن كېيىن ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئانا تىلىغا سەل قاراش مەسىلىسىنى تىپىك مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ، بۇندىن كىيىن ئانا تىلىمىزنى قوغداش ۋە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قايسى جەھەتلەردە كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەكلىگىنى سۆزلەپ لىكسىيەسىنى ئاخىرلاشتۇردى.
ئانا تىلىمىز خىرىسقا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ پاساھىتى ۋە رولىنى ئىلىم-پەن سەھنىسىدە قايتىدىن جۇلالاندۇرۇش يولىدا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى تەقدىم قىلغان ئابدۇلقۇددۇس ئابدۇلھاپىز ئەپەندى «ئۇيغۇرلار قوش تىللىق مائارىپقا ئىھتىياجلىقمۇ؟» دېگەن تېمىدا لىكسىيە سۆزلىدى. ئابدۇلقۇددۇس ئابدۇلھاپىز ئەپەندى ئالدى بىلەن «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى سەۋەپلىك پەيدا بولغان بەزى ئاقىۋەتلەرنى مىسالغا ئېلىپ تۇرۇپ، «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ۋە «ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى باياناتنامىسى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى سۆزلەپ، بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ پەقەت قەغەز ئۈستىگە يېزىلغان نەرسىلا بوپقېلىپ، ئەمەلىيەتتە بېجىرىش جەھەتتە تولۇق بولمىغان ۋە نامۇۋاپىق بولغان يەرلىرىنى چۈشەندۈردى.
ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن قوش تىللىق مائارىپقا ئىھتىياجى يوقلىقىنى سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا ئەقىللىق، زېرەك بىر مىللەت ئىكەنلىگىنى، «قوش تىللىق مائارىپ» دېگەن سىياسەتنى يۈرگۈزمىگەن تەقدىردىمۇ خەنزۇتىلى قاتارلىق تىللارنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىنتايىن ياخشى ئۈگىنىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا ھەر مىللەتنىڭ ئانا تىلىنىڭ جانابىي ئاللاھ تەرىپىدىن مەغپىرەت ۋە شەپقەت سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان نىئمەت ئىكەنلىگى ۋە ئۇنى قوغدىشىمىز كېرەكلىگىنى، ئىجتىمائىي قائىدە- تۈزۈملەر ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ توغرا ۋە تولۇق ئىجرا بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەكلىگىنى جىددىي چاقىرىق قىلىپ لىكسىيەسىنى ئاخىرلاشتۇردى.
ئابدۇلقۇددۇس ئابدۇلھاپىزنىڭ لىكسىيە ھۆججىتى: ئۇيغۇرلار « قوش تىللىق مائارىپ » قا ئېھتىياجلىقمۇ؟
كۆپچىلىك لىكسىيەدىن بىرئاز كاللىسىنى ئارام ئالدۇرغاچ، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ «ئانا تىل» دېگەن ناخشىسىدىن ھوزۇرلاندى.
ئەڭ ئاخىرىدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىتى تۈرك تىلى كەسپى ماگېستىر ئوقۇغۇچىسى بۇمەريەم سۇلتانئېزىز «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى» ناملىق لىكسىيەسىنى كۆپچىلىككە سۇندى.
ئاخىرىدا ئاز بىر قىسىم كىشىلەردە ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەش خاھىشىنىڭ ئارتىۋاتقانلىقىنى، باشقا تىللارنى ئۇيغۇر تىلىدىن ئەۋزەل ھېس قىلىدىغان خاتا تۇيغۇنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى شەرھىلەپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «زامانىۋىي ۋاسىتە- كومپيۇتېرغا ئۇيغۇر تىلىنى كىرگۈزۈش ‹قىيىن› بولغاچقا ئۇيغۇر يېزىقىنى ئالماشتۇرايلى»دېگەن تەكلىپىنىڭ خاتا ۋە ئۇيغۇرلارغا چوڭ زىيىنى بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئاخىرقى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ 7- ئەسىردىن 21- ئەسىرگىچە بولغان 13 ئەسىرلىك بوران چاپقۇنلارنى غەلبىلىك ھالدا بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ھازىرغىچە ساقلانغانلىقىنى، كېيىن قانداق ھالدا بولۇشى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى قانداق ئىشلىتىشى، قىممەتكە ئىگە قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرىشىگە باغلىق ئىكەنلىگىنى سۆزلەپ لىكسىيەسىنى ئاخىرلاشتۇردى.
بۇمەريەم سۇلتانئېزىز لىكسىيە ھۆججىتى: ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى
(ئارمان03دىن: ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇپائالىيەتنىڭ سۈرەتلىرى يوللانمىدى، خالىغانلار « ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى» تورىغا كىرىپ تەپسىلى كۈرۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.)
[align=justify]مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورى. مەنزىل: http://uyghuracademy.com/?p=22181
|
|