(سېينت مەرىستىكى كىچىك شاقىراتمىلاردىن بىر كۆرۈنۈش )
قاياققا كۆز تاشلىساڭ گۈزەل ھايات، يېشىلدەك كۆرۈنىدۇ بار كائىنات --- قۇربان باراتنىڭ"يېشىل ھايات" شېئىرىدىن ئارىيە
كانادانىڭ جەنۇبى ئونتارىئو ئۆلكىسىگە جايلاشقان، نوپۇسى يەتتە مىڭغىمۇ يەتمىگەن گۈزەل بىر جاي بار. بۇ جاينىڭ ئىسمى سېينت مەرىيس. بىپايان كەتكەن زىرائەت ئېتىزلىرى بۇ جاينى ئەتراپىدىكى لوندون ۋە سترەفورت قاتارلىق قوشنا شەھەرلەر بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. سېينت مەرىيسنىڭ يىراق يېقىنلارغا تارقالغان "كىچىك شاقىراتمىلار" دېگەن يەنە بىر يېقىملىق نامىمۇ بار. ھەتتا يەرلىك باشلانغۇچ مەكتىپىمۇ مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ مۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشى بار. سېينت مەرىيس 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تەيمىس دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا قۇرۇلغان بولۇپ، دەريا سۈيى بۇ جايغا كەلگەندە، تاشلاردىن ئارتىلىپ چۈشۈپ كىچىك شاقىراتمىلارنى ھاسىل قىلغان. شۇڭلاشقا يەرلىك خەلقلەر ۋە ساياھەتچىلار بۇ يەرگە "كىچىك شاقىراتمىلار" دېگەن گۈزەل نامنى قويۇپ كېتىشكەن ئىكەن. ئۆتكەن يىلى بىز بۇ جايدا بىر يىل تۇرۇپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىپ قالدۇق. بۇ جەرياندا شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇ جاينىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە تەبىئىتىنىڭ گۈزەللىكى كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپلا قالماستىن، بەلكى كوچا-كويلاردىكى سودا دوكانلىىرىنىڭ قاينام تاشقىنلىقى، ۋە بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى ئۇلىنىپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ سەر خىللىغى بىلەنمۇ، يىراق يېقىندىكى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە ئالاھىدە مەھلىيا قىلىدۇ.
گېرەند تۆمۈر يول كۆۋرۈكى
تەيمېس دەريا بويىدا بىر گۈزەل باغچى بار. بۇ جاي بالىلار ئۈچۈن ئەركىن يۈگۈرۈپ ئوينايدىغان چوڭ سەينا بولسا، چوڭلار ئۈچۈن، داريانىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدىغان، قۇشلارنىڭ ساز نەغمىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان سەيلىگاە ھېسابلىنىدۇ. دەريانىڭ ئۈستىدىن ئارتىلدۇرۇپ سېلىنغان بىر تۆمۈر يول كۆۋرۈكى بار. 1858-يىلى سېلىنغان گرەند تۆمۈر يول كۆۋرۈكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىشلىتىلمىگەچكە، 1998-يىلغا كەلگەندە بۇ كوۋرۈك قايتىدىن رېمونت قىلىنىپ سەينت ماريس ئاھالىسى ۋە بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ تاماشا قىلىشى ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. كۆۋرۈك ئۈستىدە تۇرغاندا،يىلاندەك يەر بېغىرلاپ ياتقان تەيمېس دەريا ۋادىسىدىن ۋە پۈتۈن شەھەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن تولۇق ھوزۇرلانىغىلى بولىدۇ.
بىر جۈپ ئاققۇ
تەيمېس دەريا قىرغىغىغا جايلاشقان بۇ باغچىغا قاچانلاردىندۇر پەيدا بولۇپ قالغان بىر جۈپ ئاققۇ، بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ئۆزىگە ئالاھىدا جەلپ قىلىۋالدى. ئاققۇنىڭ ساداقەتمەنلىگى توغرىلىق ھېكايىلەرنى كوپ ئاڭلىغان ئىدىم، بالىلىرىمغىمۇ "سەت ئۆردەكچاق" نىڭ قانداق بولۇپ گۈزەل ۋە لاتاپەتلىك ئاققۇغا ئايلانغانلىق ھېكايىسىنى نۇرغۇن قېتىم ئېيتىپ بەرگەن ئىدىم. شۇ سەۋەبدىن بولسا كېرەك، بىزدە بۇ بىر جۈپ ئاققۇغا نىسبەتەن ئاجايىپ قىزىقىش قوزغالدى ۋە دەريا بويىغا بېرىپ ئاققۇلارنى يوقلاپ كېلىش بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ قالدى. ھەر قېتىملىق دەريا بويىغا بېرىپ ئاققۇلارنى يەم بېىرش مېنى ۋە بالىرىمنىڭ قەلبىنى تۈگىمەس ھاياجانلارغا سالاتتى.ياقۇتتەق كۆپ-كۆك ئاسمان، زۇمرەت كەبى تېپ-تىنچ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى، سۇ ئۈستىدە لەرزان ئۈزۈپ يۈرۈۋاتقان ياۋا ئۆردەكلەر، قىرغاقتا جىم-جىتقىنە دەم ئېلىۋاتقان بىر جۈپ ئاققۇ..... بۇ كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ ئۇلۇغ تەڭرىمنىڭ بۇ دۇنيانى ھەقىقەتەن تەڭدەشسىز گۈزەل ياراتقانلىغىغا يەنە بىر قېتىم ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمدىم.
سودا دۇكانلار
سېينت مەريسنىڭ كوچىلىرىغا جايلاشقان دۇكانلار بۇ جايغاجانلىق ھايات تۈسى ئاتا قىلىدۇ. ئېرىمچك، قېزا،ۋە بولكا دۇكانلىرى يەرلىك ئاممىنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىنى قامدىسا، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا سودا سېتىق دۇكانلىرى بازار كۈنلىرى ئائىلىدىكىلەر ۋە دوستلار بىلەن بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىڭ ياخشى باھانىسى بولىدۇ. بۇ يەردا ئىككىنچى قول دۇكانلارمۇ ئۇچرايدۇ. ئىككىنچى قول دۇكانلار كانادادا كەڭ كۈلەمدا ئومۇملاشقان. مەن بۇ دۇكانلار توغرىلىق ئالاھىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈشنى زۆزۆر تاپتىم. كانادادىكى ئىككىنچى قول دۇكانلارنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن، ئەڭ دەسلەپكى دۇكانلىرى 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ئەنگلىيەنىڭ "قۇتقۇزۇش ئارمىيەسى" تەرىپىدىن كانادانىڭ تورونتو ۋە لوندون شەھەرلىرىدە بەرپا قىلىنغان. ئەڭ دەسلەپكى مەقسىتى بولسا، كىشىلەر ئىئانە قىلغان كىيىم-كېچەك ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى ئىنتايىن تۆۋەن باھادا ئېھتىياجى بارلارغا سېتىش ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ دۇكانلارنى كانادانىڭ ھەر بىر چوڭ شەھەرلىرىدىن تارتىپ كىچىك يېزا- قىشلاقلىرىغىچە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يەرلىك ئامما بۇ دۇكانلارنىڭ ھەم تەمىنلىگۈچىسى ھەم نەپ ئالغۇچىسىدەك قوش ۋەزىپىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ. سېينت مەريستەك ئازغىنە ئاھالىسى بار بولغان بۇ جايدىمۇ، بۇ ئىككىنچى قول دۇكان ئىنتايىن قارشى ئېلىنىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بىپايان مۇنبەت تۇپرىقى بولغان، ھېسابلاپ تۈگەتكۈسىز تەبىئىي بايلىقلىرىغا خوجايىن بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ دۆلەتتە ئىسراپچىلىق قىلىش ئېغىر ئېلىنىدۇ. كىشىلەر ئۆزىدىكى ئارتۇق نەرسىلەرنى باشقىلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن مۇشۇنداق دۇكانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ۋە ئېھتىياجى بارلار بۇ دۇكانلاردىن ئۆزىگە لازىملىق نەرسە-كېرەكلەرنى ئەرزانلا باھاغا سېتىۋالالايدۇ.
ئاممىۋى پائالىيەتلەر
ياز ئايلىرى ھەر خىل پائالىيەتلارنىڭ ئەڭ ئەۋج ئالىدىغان ۋاقىتلىرى. ئاممىۋى پائالىيەتلەر كىشىلەرنى بايرام خوشاللىغىغا چۆمدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى قەلبلەرگە گۈزەل ئستىتىك زوق ۋە ئارامبەخش ئاتا قىلىدۇ. پائالىيەتلەر ۋە بايراملار ھەر بىر رايونلاردا ئۆز شارائىتىگە يارىشا، ئۆز خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئېيول ئايلىرىدا دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سېيت مەريسنىڭ كوچا كوچىلىرى بايرام تەنتەنىسىگە چۆمۈپ كەتكەن بولسا، ئاۋغۇست ئايلىرىدا ئۇلىنىپلا كەلگەن، يىلدا بىر قېتىپ ئۆتكۈزىلىدىغان، سېينت مەريسنىڭ يەرلىك پۇرىقىنى يارقىن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان " كىلاسسىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى" يىراق يېقىندىكى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدۇ. بۇ پائالىيەت ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت. بۇ كۆرگەزمىگە قۇيۇلغان ئاپتوموبىللارنىڭ سانى 150 تىن ئاشىدۇ. 1940يىللارنىڭ كادىلاك، 1950 يىللارنىڭ كىتروېن 1960 يىللارنىڭ لىنكېن، 1970-يىللارنىڭ داج ئاپتىموبىللىرىغىچە ئۇچرىتىسىز. مەندەك ئاپتوموبىلغا ھېچ ھەۋىسى بولمىغان ئادەممۇ، كۆزنى چاقنىتىپ تۇرغان تۈرلۈك ئاپتوموبىللارغا قاراپ ھۇزۇرلانماي تۇرالمىدىم ئەلۋەتتە.
سېينت مەرىيس گۈزەل بىر جاي. بۇ گۈزەللىكنى شۇ يەردە بىر كۈن بىر كۈندىن ياشىغان كىشى تولۇق ھېس قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن. ئاخىرىدا، سېينت مەرىيستىكى دوستلىرىمغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. كېيىنكى ھايات سەپىرىم مېنى قەيەرلەرگە باشلايدۇ بىلمەيمەن. ئەمما مېنىڭ بىلىدىغىنىم، نەگە باراي، نەدە ياشاي شۇ جايلارنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىدىن ھۇزۇر ئېلىش ۋە گۈزەل ئىنسانلىرى بىلەن تونۇشۇش بولسۇن! |