قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5476|ئىنكاس: 21

تەبىسە: كانادا خاتىرىلىرى (2)-شەرىققە كۆچۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

569

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79564
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 198
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2

ئاكتىپ يېڭى ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-9-24 18:08:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
image.jpeg

(جەنۇبى ساسكاچىۋان دەرياسىدىن بىر كۆرۈنۈش)

    جاھان ساڭا باقمىسا، سەن جاھانغا باق ---- ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى

    ھايات سەپىرىمىزدە ھەر تۈرلۈك تاللاشلارغا دۇچ كېلىمىز. نېمىنى توغرا دەپ تاللىشىمىز بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى قايسى يول بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىشىمىزنى بەلگىلەيدۇ.  بۇندىن توققۇز يىل ئىلگىرى بىز قىيىن تاللاشتىن بىرىگە دۇچ كەلدۇق. يولدىشىمنىڭ ئىشلەۋاتقان خىزمىتى بىلەن دوكتورلۇق ئوقۇشىدىن بىرنى تاللىشىمىزغا توغرا كەلدى.  شۇ چاغدا مەنمۇ ئەڭ ئاخىرقى مەۋسۈملۈك ئوقۇشۇمنى تاماملاش ئالدىدا تۇراتتىم. بىز ئۈچۈن ئىقتىسادى كىرىمنىڭ بولۇشى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى، چۈنكى يەنە بىر پەرزەنتىمىز بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇراتتى. خېلى بىر مەزگىل سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلىنىش نەتىجىسىدە ئاخىرى دوكتورلۇق ئوقۇشنى تاللىدۇق ۋە شۇ سەۋەبلىك كانادانىڭ غەربىدىكى ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ ئېدمونتون شەھىرىدىن،  شەرقىدىكى ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ لوندون شەھىرىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدۇق. ئېدمىنتون بىلەن لوندوننىڭ ئارىلىقى ئاز كەم تۆت مىڭ كىلومېتىر كېلەتتى. مېنىڭ ئوقۇشۇم تۈگىشى ھامانلا، ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ بىر قىسمىنى توردىن ئەرزانلا سېتىۋېتىپ، يەنە بىر قىسىمىنى ئىككىنچى قول دۇكانلارغا بېرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزىمىزگە ئەڭ لازىملىق نەرسىلەرنى ماشىنىغا بېسىپ ، دوستلىرىمىز بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن ئىيون ئايلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شەنبە كۈنىنى تاللاپ ئەتىگەندىلا لوندونغا قاراپ يول ئالدۇق.

    سەپەرنىڭ بىرىنچى كۈنى

    يوللارنىڭ ئەگىر-بۈگۈرلىكىدىنمۇ ياكى ئەر ئايال ئىككىمىزنىڭ يېڭى شوپۇر بولغانلىق سەۋەبىدىنمۇ ئەيتاۋۇر دەسلەپكى ئىككى سائەتلىك يول يۈرىشىمىز ھېچ ئاسانغا توختىمىدى. ئالبېرتا  بىلەن ساسكسچىۋان ئۆلكىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان، سانسىزلىغان كىچىك كۆللەر ئارىسىدا يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ئېھتىيات بىلەن   ئالاھازەل بەش سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرگەندىن كېيىن ، ساسكاچىۋان ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان ساسكاتۇنغا ساق سالامەت يېتىپ كېلىۋالدۇق. بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ ئۈچ يۈز مىڭدىن ئارتۇقراق نوپۇسى بار بولۇپ، شەھەرنى  شەرق ۋە غەرب قىلىپ قاپ ئوتتۇرىدىن ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك جەنۇبى ساسكاچىۋان دەرياسى بۇ يۇرتقا تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەللىك ئاتا قىلغان ئىدى. شەھەر مەركىزىدىكى ئونۋېرسىت كۆۋرۈكىنىڭ يېنىدا ماشىنىمىزنى توختاتقاندىن كېيىن،نەچچە سائەتتىن بېرى ماشىنا ھەيدەپ چارچىغان بەدىنىمىزنى ئارام ئالدۇرۇش ئۇچۇن، كۆۋرۈك يېنىدىكى باغچىغا كېلىپ دەريا بويىنى بويلاپ ئاستا مېڭىشقا باشلىدۇق. شەنبە كۈنىدىكى بۇ باغچە بالىلىرىنى قولۋاق سەيلىسىگە ئېلىپ كەلگەن ئاتا-ئانىلار، دەريا بويىغا چېنىققىلى كەلگەن ياشلار، ۋە ئىتلىرىنى يېتىلېۋېلىپ ئەتراپىدىكى گۈزەل تەبىئەتتىن ھۇزۇر ئېلىۋاتقان ياشانغانلار  بىلەن ئاجايىپ قىزىپ كەتكەن ئىدى. ئۇزۇنلۇقى بەش يۈز ئەللىك كىلومېتىر كېلىدىغان، ساسكاچىۋان ۋە مەنىتوبا ئۆلكىلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ ۋىننىپىگ كۆلىگە قۇيۇلىدىغان لاتاپەتلىك جەنۇبى ساسكاچىۋان دەرياسى جىم-جىتقىنە ئاقاتتى. دەريا سۈيىگە يېڭىدىن كېلىپ جايلاشقان بىر توپ  ئاققۇلار زۇمرەتتەك سۇ ئۈستىدە لەرزان ئۈزۈپ يۈرىشەتتى. يەنە بىر توپ ياۋا ئۆردەكلەر بولسا، گەر ئاسماندىن سۇ ئۈستىگە شۇڭغىسا،  گەر قاناتلىرىنى كەڭرى يېيىپ توپ توپ بولۇپ كۆككە  كۆتۈرۈلۈشەتتى. بۇ گۈزەللىكتىن بىر مەھەل ھۇزۇرلانغاندىن كېيىن ئايرىلىشقا قىيمىغان قەدەملىرىمىزنى تەسلىكتە يۆتكەپ ماشىنا قويغان جايغا قاراپ يول ئالدۇق. چۈنكى قاراڭغۇ چۈشكىچە بۇ ئۆلكىنىڭ پايتەختى رېگىنې (رېجاينا دەپ ئوقۇلىدۇ) شەھىرىگە يېتىۋېلىشىمىز كېرەك ئىدى. يەنە ئۈچ سائەتلىك يولنى قانداق يۈردۇق بىلمىدۇق. رېجاينادىكى ئالدىن ئالا بېكىتىپ قۇيغان مېھمان ساراينىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپلا ھارغان بەدىنىمىزنى كارىۋاتقا تاشلىغىنىمىزنى بىلىمىز كۆزلىرىمىزنى ئاچساق قۇياش ئاللىبۇرۇن كۆتۈرلۈپ كۈچلۈك نۇرلىرىنى كەڭ زېمىنغا ئايىماي چېچىشقا باشلاپتۇ.

    سەپەرنىڭ ئىككىنچى كۈنى

    سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەسلەنگەچ، ئەتىگەنلىك ناشتىلىقىمىزنى تىم خورتۇنسدا قىلدۇق. كانادالىقلار ئۆزلىرىنىڭ تىم خورتۇنسى ۋە مۇز توپدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ رېستوران ھەققىغە ئازراق توختىلىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئۆزىنىڭ مىزىلىق قەھۋە چايلىرى ۋە تاتلىق تۈرمىلىرى بىلەن كانادالىقلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالغان بۇ رېستوران كانادانىڭ 60- يىللىرىدىكى مەشھۇر مۇز توپ ماھىرى تىم خورتۇن تەرىپىدىن 1964-يىلى ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ خەمىلتون شەھىرىگە قۇرۇلغان. يىللىق ساپ كىرىمى بەش يۈز مىليوندىن ئاشىدىغان(2015-يىللىق كىرىمى)،يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى خىزمەتچىلىرى  بولغان بۇ زەنجىرسىمان سودا ئاۋانگارتى   ھازىرغا كەلگىچە كانادانىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا جەمى بولۇپ توت مىڭدىن ئارتۇق تارماق دۇكانلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. قوشنا دۆلەت ئامېرىكىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ بۇ رېستوراننىڭ تارماق دۇكانلىرى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى تارماق دۇكانلار يىراق ئوتتۇرا شەرقتىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ،قاتار ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىدى .

    شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى كۈندىكى سەپىرىمىز ساسكاچىۋان ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى بولغان رېجاينا شەھىرىدىن باشلاندى. رېجاينا شەھىرىنىڭ ئىككى يۈز قىرىق مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار بولۇپ ساسكاچىۋان ئۆلكىسىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ئىدى.   شەھەرنىڭ سەھەر ۋاقتىدىكى گۈزەللىكىدىن ماشىنىلىق ھۇزۇرلانغاندىن كېيىن،  ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ شەھەردىنمۇ ئايرىلدۇق ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول بىلەن مەنىتوبا ئۆلكىسى تەرەپكە يول ئالدۇق . ئيون ئايلىرىنىڭ مەيىن شامىلى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. يولنىڭ ئىككى ئەتراپىدىكى پايانسىز كەتكەن زىغىر ۋە ئاپتاپپەرەس ئېتىزلىقلىرى قۇياش نۇرىدا ئالتۇندەك چاقناپ، مەيىن شامالدا خۇددى دېڭىز سۈيىدەك يېنىك تەۋرىنىپ تۇراتتى. ماشىنىدىن ئۈنلۈك ھالدا ياڭراۋاتقان تۈركچە ناخشا ئەتراپىمىزدىكى گۈزەللىك بىلەن بىرلىشىپ بىزنى تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانغا سالاتتى. تەبىئەت شۇنچە گۈزەل ئىدىكى، كۆپ-كۆك ئاسمان، ساپ-سېرىق ئېتىزلىقلار، ۋە تۇرۇپ تۇرۇپ يولدا توساتتىن پەيدا بولۇپ قالىدىغان كىيكلەر تەسەۋۋۇرىمىزنى ئاجايىپ بىر گۈزەل دۇنياغا باشلايتتى. ئەتراپتىكى تەبىئەتنىڭ پەيزىنى سۈرگەچ، يېقىملىق مۇزىكىدىن مەستخۇش بولۇپ تېزلا مەنىتوبا ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى بولغان ۋىننىپىگ شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. سەپىرىمىزنىڭ توختاپ قالماسلىغى ئۈچۈن يول بۇيىدىكى تېز تاماقخانلارنىڭ بىرىدە تېزلا غىزالىنىپ، ماشىنىغا ماينى تولۇق قاچىلىغاندىن كېيىن، يولىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇردۇق. شۇنداق قىلىپ كەچكە يېقىن ئونتارىئو بىلەن مەنىتوبا ئۆلكىسىنىڭ چېگراسىدىكى تاغلىق رايونغا  جايلاشقان كېنورا شەھىرىگە ئولىشىۋالدۇق. ئەتراپى تاغلار بىلەن ئورالغان، ۋۇدىس كۆلىنىڭ يېنىغىلا جايلاشقان بۇ كىچىك شەھەر، بىزنىڭ بۇ يەردە بىر كېچە دەم ئېلىش ئىستىكىمىزنى قوزغىدى.  شۇنداقلا ئۆزىمىزمۇ توختىماي بىر كۈن يول يۈرۈپ خېلىلا چارچاپ قالغان ئىدۇق. كېنورا ئونتارىئو ئۆلكىسىدىكى داڭلىق ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى. بۇ يەر قولۋاق سەيلىسى قىلىشنى ۋە بېلىق تۇتۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق بىر جاي.  بېلىق تۇتۇش كانادادا كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقان دالا پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن چوقۇم بېلىق تۇتۇش كېنىشكىسنى بېجىرىش كېرەك. بۇ كىنىشكىنى بېجىرىشنىڭ رەسمىيىتى ئىنتايىن ئاددىي. ئەگەر كىشىلەر كىنىشكىسىز بېلىق تۇتسا ياكى بەلگىلەنگەن رايوندىن چەتنەپ بېلىق تۇتسا، ۋە ياكى بېلىق تۇتۇش پەسلى بولمىغان ۋاقىتلاردا بېلىق تۇتسا ئېغىر جەرىمانىغا ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا بېلىق تۇتۇش ھەۋەسكارلىرى قائىدە تۈزىملەردىن تولۇق خەۋەردە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ساياھەت رايونلىرىدا كۆل بويىدىكى شەخسى داچىلار ئىجارىگە بېرىلىدۇ.   ئائىلە بويىچە  بۇ داچىلارنى ئىجارىگە ئېلىپ ھەپتە ھەپتىلەپ دەم ئېلىپ كېتىدىغانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ.  كانادادا قىش قاتتىق بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئەيتاۋۇر يازنىڭ كېلىشى بىلەن كىشىلەر ئائىلىسى بويىچە ياكى دوست-يارەنلىرى بىلەن ئامال بار ئەتراپىدىكى ساياھەت رايونلىرىغا بېرىپ يازنىڭ گۈزەل پەيزىنى سۈرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ شەھەرنىڭ مەركىزىنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈپ، ۋۇدىس كۆلىدىكى كەچلىك شەپەقنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ مېھمانخانىغا ساق سالامەت يېتىۋالدۇق.

    سەپەرنىڭ ئۈچىنچى كۈنى

    ئەتىگەنلىك ناشتىلىقىمىزنى مېھمانخانىدا قىلغاندىن كېيىن، نەرسە كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ ئۈچىنچى كۈنلۈك سەپىرىمىزنى باشلىۋەتتۇق. بۇ كۈندىكى يولىمىز ئالدىنقى كۈندىكىگە پەقەتلا ئوخشىمايتتى. ساسكاچىۋان بىلەن مەنىتوبا ئۆلكىسىدە پايانسىز كەتكەن تۈزلەڭلىكتە يول يۈرگەن بولساق، ئونتارىئو ئولكىسىگە كىرگەندىن كېيىن يولىمىز پۈتۈنلەي تاغ يولىغا ئۆزگەردى. ئەگەر يول بەلگىلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ ھەيدىمىسەك، نۇرغۇن ئەگىمەش يوللاردىن بىخەتەر ئۆتەلمەسلىگىمىز كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپلا تۇراتتى.  يول بويىدا  " بۇغىغا(ئېنگىلىزچىدە مووز دەپ ئاتىلىدۇ)  دىققەت قىلىپ مېڭىڭ" دېگەن بەلگىلەر كۆپ ئۇچرايتتى. بۇغا (مۇۇز) كانادانىڭ تاغلىق ۋە ئورمانلىق رايونلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان كېيىك ئائىلىسىدىكى ئەڭ چوڭ ھايۋان. بۇغىنىڭ يېتىلگەنلىرىنىڭ ئېغىرلىقى سەككىز يۈز كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ. ھەم ئېغىر ھەم ئاستا يول يۈرىدىغان بۇ ھايۋان بولۇپمۇ كەچتە يول يۈرگەن ماشىنىلارنىڭ ئەجەللىك دۈشمىنى.  كېچىدە يولغا چىقىپ قالغان بۇغىلارنى قاراڭغۇدا پەرىقلەندۇرمەك بەك تەس. يۇقىرى سۈرئەت بىلەن سەككىز يۈز كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى ھايۋانغا ئۇرىلىپ كېتىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق ھەقىقەتەن تەس.  بۇغىغا ئۇرۇلۇپ كەتكەن ياكى بۇغىنىڭ جىم تۇرغان ماشىنىغا ھۇجۇم قىلىپ ماشىنا ئىگىسىنى قاتتىق يارىلاندۇرغان خەۋەرلەرنى كۆپ ئاڭلىغاچقىمۇ، بۇ يولدىن ئالاھىدە ئېھتىيات بىلەن يۈردۇق. تاغ يوللىرىدا بىر قانچە سائەت جەڭگە چىققان ئەسكەردەك ھوشيارلىق بىلەن يول يۈرگەندىن كېيىن، دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ  تاتلىق سۇ كۆلى بولغان سۇپېرىئېر كۆلىگە يېقىنلاشتۇق. كەچكى شەپەقنىڭ قىزىل نۇرى  كۆل يۈزىدە زەر چاچقاندەك جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. كۆلىمى سەكسەن ئىككى مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ غايەت زور كۆل ئاجايىپ سۆلەت بىلەن زېمىندا تىپ-تېنىچقىنە سوزۇلۇپ ياتاتتى. كانادا تاتلىق سۇ بايلىقى بويىچە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دۇنيادىكى بەش چوڭ تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ تۆتى كانادا بىلەن ئامېرىكا چېگراسىغا جايلاشقان. بۇنىڭدىن سىرتمۇ، كانادا  زېمىنىدا كۆللەرنىڭ سانى  ساناپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە ئىنتايىن كۆپ. تاتلىق سۇ زاپىسىغا باي بولغان بۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئاسراش ۋە قوغداش جەھەتتىمۇ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارلىرىدا تۇرىدۇ. كۆلنى بويلاپ ئالاھەزەل يەتتە سائەتتىن ئارتۇقراق يول يۈرگەندىن كېيىن سەپىرىمىزنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدىكى سائۇلت ستې مەرىې شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. تەبىئەتنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكىدىن قاتتىق ھاياجانلانغان قەلبىمىز، ئۈچ كۈنلۈك سەپەردىن ئېغىر چارچىغان تېنىمىزگە تېزلا تەسلىم بولدى بولغاي، مېھمانخانىنىڭ بىز ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياتىقىغا كىرىپلا ئاز ئۆتمەي ئۇيقۇغا كەتتۇق.

    سەپەرنىڭ تۆتىنچى كۈنى

    بۈگۈنكى كەيپىياتىمىز ئالاھىدە ياخشى ئىدى. چۈنكى مەنزىلگە يېتىشىمىزگە پەقەت بىرلا كۈن قالغان ئىدى. ئەتىگەنلىك ناشتىلىقىمىزنى يەنىلا تىم خورتونسدا قىلدۇق ۋە سەھەردىلا سائۇلت ستې مەرىې شەھىرىدىن يولغا چىقتۇق. بىر قانچە سائەتلىك يولدىن كېيىن، يول بويىدىكى دەم ئېلىش بېكىتىدىن بىردە توختاپ چۈشلۈك غىزالانغاندىن كېيىن ئونتارىئونىڭ ئەڭ زىچ ھەم ئەڭ مۇرەككەپ بولغان 401-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىغا چىقتۇق، ۋە بۇ يولنى بويلاپ بۇ قېتىملىق سەپىرىمىزنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى بولغان لوندون شەھىرىگە قاراپ يول ئالدۇق. 401 دىن تورونتو بۆلىكىگە كەلگەندا نەچچە قېتىم يۆلىنىشىمىزنى تاپالماي ئېزىپ كېتىپ، يەنە نەچچە كېتىم بۇ يولغا قايتىپ كىرگىنىمىز ھازىرقىدەكلا ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ھايات سەپىرىمىزمۇ خۇددى بۇ تاش يولغا ئوخشايدۇ. دىققەت قىلمىساق ئادەمنى قايماقتۇرىدىغان چۆگۈلىمەچلىرىگە دۇچ كەلگەندە تەجرىبىسىزلىكىمىزدىن نىشاندىن ئادىشىمىز. شۇنى ھېس قىلدىمكى ئوڭىشسىزلىقلارغا ئۇچرىغاندا، ھەرگىزمۇ بوشاشماي داۋاملىق تۈردە توغرا نىشانىمىزنى قايتىدىن تېپىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز ۋە  يېڭى ھايات باپلىرىمىزنى خۇشاللىق بىلەن باشلىشىمىز ھەممىدىن مۇھىم ئىكەن. بىزنىڭ ھايات سەپىرىمىز يەنە داۋاملىشىدۇ. مېنىڭ كانادا خاتىرىلىرىممۇ بۇ يەردە ئاخىرلاشمايدۇ ئەلۋەتتە...

bagdax

0

تېما

1

دوست

5290

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34855
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1612
توردىكى ۋاقتى: 486
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-24 21:26:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

0

تېما

3

دوست

423

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   61.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72592
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 131
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-24 22:14:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق  ئىشتىياق  بىلەن ئۇقىۋاتسام   تۈگەپ  قالدىغۇ  ئەمدى ،قارىغاندا  كۆپ قىسىملىق  يازما  بۇلىدىغان   ئوخشىمامدۇ ،ئاخىرىنى تىزراق  يازارسىز  مىنى تەقەززا  قىلماي ھە!

0

تېما

0

دوست

64

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79678
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-24 22:35:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ەى
bagdax

2

تېما

0

دوست

569

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79564
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 198
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2

ئاكتىپ يېڭى ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-9-24 23:37:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SANHON يوللىغان ۋاقتى  2016-9-24 21:25
Tebise قېرىندىشىم بۇ ساياھەت خاتىرىڭىزنى  قايسىبىر مۇنبە ...

تۇغرا دىدىڭىز ، مەن بۇ يازمامنى دەسلەپتە ئزدىنىش تورىدا ئېلان قىلغانتىم .

0

تېما

10

دوست

646

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   29.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34406
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-25 00:07:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ شۇنداق ياخشى چىقپتۇ.مەن خۇددى ئۆزۈمنى شۇ يەرلەردە ساياھەت قىلغاندەك ھىسياتقا كەپ قالدىم.رەخمەت.داۋامىنى ساقلايمەن.

0

تېما

0

دوست

613

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   22.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48239
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 184
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-25 11:11:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا رەسىمنىمۇ كۆپرەك يوللىغان بولسىڭىز رەھمەت

0

تېما

6

دوست

6871

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   37.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35151
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2129
توردىكى ۋاقتى: 656
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-25

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-9-25 17:02:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى تەييار بۇلغاندىن كىيىن، تىزىرەك يوللارسز ھە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )