قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3977|ئىنكاس: 6

بۈگۈن ئۇسـتاز ھۆرمىتىڭنى تاپتىڭمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

11

دوست

2519

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2962
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 427
تۆھپە : 521
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-16

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-9-25 17:49:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: بۇ شېئىرنى كومپۇيۇتىرىمدا مەسىلە كۆرۈلگەچكە ۋاقتىدا يوللىيالمىدىم

بۈگۈنكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن

بۈگۈن ئۇستاز ھۆرمىتىڭنى تاپتىڭمۇ؟

دېھقان شائىرە رازىگۈل سالى

بۈگۈن ئۇستاز ھۆرمىتىڭنى تاپتىڭمۇ؟
تەبرىكلەر،مەدھىيەلەر ئالدىدا.
ئۆز شەرىپىڭگە مۇناسىپتۇر ئوبرازىڭ،
يا قالمىدىڭ بۈگۈن بىرەر دالدىدا.

ھەر تەرەپتىن نامىڭ تىلغا ئېلىندى،
بۈگۈن بولغاچ سېنىڭ قۇتلۇق بايرىمىڭ.
مەيلى،دېھقان،يا زىيالى ھەممىنى،
باشلىغاچقا بىلىملەرگە بايرىغىڭ.

بارلىقىڭنى ئەۋلات ئۈچۈن ئاتىدىڭ،
ئاپئاق چېچىڭ يىللار بەرگەن سوۋغىسى.
بۈگۈن ساڭا بارچە دىللار ھۆرمەتتە،
سايە بەرگەچ شۇ ئەجرىڭنىڭ شولىسى.

ئۆمرۈڭنى تىلىمەيمەن،يىل:-- يورغا،
ھاياتىمىز چەكلىك ھامان بەش كۈنلۈك.
بۇ ئالەمدەئورنۇڭ مەڭگۈ  ھۆرمەتتە،
ئۇ ئالەمدە جەننەت بولسۇن كۆڭۈللۈك.

2016-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن يېزىلدى.
bagdax

1

تېما

1

دوست

903

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  76521
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 266
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-25 22:03:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شىېئركەن  ،  ياخشى تېمىدا  . مىنىڭچىمۇ ئۇستاز ئەجىرنى قانچە مەدىھيلىسەك ،  ھۆرمەت بىلدۈرسەكمۇ ئەرزىيدۇ  . ئۇقۇتقۇچىلىق تۇلىمۇ ئۇلۇغ  كەسىپ .
بۇ يىل يازدا تۇلۇقسىزدىكى مۇئەللىممىز بەك قاتتىق ئاغرىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلاپ  بىر نەچچە قىز ساۋاقدىشىمىز بىلەن يوقلاپ بارغان ئىدۇق ، بىزنى كۆرۈپ خۇددى كىچىك بالىدەك ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى  ، گەپ قىلالماس بۇلۇپ قاپتۇ ،   كارىۋاتتىن چۈشەلمەيدىكەن  ، مەن ئاستا قېشىغا بېرىپ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ  ؛ مۇئەللىم   ،  مىنى تۇنۇيالىدىلمۇ   دىسەم بېشىنى لىڭىشتىپ  شۇنچە تەستە ،  ئىچىدىن بىر يەردىن ئاۋاز چىقىرىپ ئىسممىنى دىيەلىدى  ،  ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتۈپمۇ يەنە مىنى تۇنۇيالدى .
مەكتەپتە چاغدا بەك قاخشىتتاتىم  مۇئەلىمنى ،  قېشىدا تۇرۇپ تۇلىمۇ خىجىل بوپ قالدىم .

2

تېما

4

دوست

1241

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77903
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 347
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-25 22:19:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەچەت ياخشى چىقىپتۇ

0

تېما

26

دوست

1563

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36986
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 469
توردىكى ۋاقتى: 229
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-25 23:34:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ،رەخمەت .
bagdax

6

تېما

3

دوست

4218

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15570
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 1316
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-27 20:40:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ئىسىل يېزىلىپتۇ . شائىرەنىڭ قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن .
ئۇ كۈننىڭ (9-ئاينىڭ 10-كۈنى)  ئالدى كەينىدە،شۇنداق ھۆرمەتلىك بولۇپ كەتتىمكى، ئۈچ دەرىجە رەھبەرلەر (شەھەر باشلىقلىرى، مائارىپ ئىدارە باشلىقلىرى ۋە ئىدارە باشلىقلىرى) ئايرىم ئايرىم 3 قېتىم يىغىن ئېچىپ بايرىمىمنى تەبرىكلىدى. بولۇپمۇ بايرام كۈنىدىكى 4 سائەتلىك يىغىن ،پاساھەتلىك ئىبارىلەر،ئۇلۇغ ماختاشلاردىن شۇنچىلىك ھوزۇرلاندىمكى... تەسۋېرلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ.
ئەڭ ئاخىردا ئويلاپ قالدىمكى، شۇنچە پاساھەتلىك سۆز بىلەن بىرگە يېرىم كۈن دەم ئېلىش بەرگەن بولسا ماۋۇ چارچىغان نېرۋېللىرىم ئارام تاپقان بولسا...

2

تېما

2

دوست

829

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12765
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 231
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-19 22:06:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ئىسىل يېزىلىپتۇ . شائىرەنىڭ قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن .

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82590
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-25 03:59:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
baburshah يوللىغان ۋاقتى  2016-9-27 20:40
شېئىر ئىسىل يېزىلىپتۇ . شائىرەنىڭ قەلىمىگە بەركەت تىلە ...

  
  قارىغاندا پىسنىيەگە چىققان پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئوخشايسىز. ئىنكاسىڭىزنىڭ بىشنى ئوقۇپ قىلىپ ئاخىرىقى قۇرلارغا كەلگەندە يىرىلىپ كەتكەن توغاندىن سۇ ئىتلىپ چىققاندەك ئىچ-ئىچىمدىن  كۈلكەم ئىتىلىپ چىقتى. نەچچە تېمىلارنى ئوقۇپ بولۇپ مۇشۇ ئىنكاسىڭىز ئىسىمگە كەلگەن ھامان يەنە كۈلۈپ كەتتىم دىسە .

تونۇش ئوقۇتقۇچىدىن بىرسى بولدىغان . بايرامدا تەبىرىكلەپ قوياي دەپ تەبرىك ئەۋەتسەم لايىقىدا خۇش تەبەسسۇم قايتۇدى. بۈگۈن دەم ئىلىشرى قايسى ئىش بىلەن داۋام ئەتتى دەپ سورسام. مەكتەپكە يىغىپتىكەن دەپلا تېلېۋىزيە يىغىنى ئاڭلاۋاتقان بىر كۆرۈنۈشنى ئەۋەتىپتىكەن. بايرىمىڭلارنى نىمانچە ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى ھەي سىلەرنىڭ . تۇرمىدىن قېچىشنى كۆرۋاتامسىلەر ياكى كۆرىيەنىڭ خوتۇن ۋەسۋىسىنى كۆرۋاتامسىلەر دىسەم ھە گاڭنام سىتەيلۇننى كۆرۋاتىمىز دەپ كۈلۈپ  كەتتى . كەچ سائەت يەتتىلەرگىچە تەربىلەپتىكەن . تەربىلەشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغانلىقتىن كاللىسى ھاياجانلىنىپ كەتكەنمۇ قانداق  دىققىتىنى چارچاپ كەتكەنلىكتىن قولغا  يىغالماي  موتىسكىلىتىنى ئۆيىنىڭ دەرۋازىغا ئۇرۇپ بىرىپ خىلى ئوبدانلا چۈشۈپتىكەن يەرگە . ئەتىسى قولنى تىڭۋالغان رەسىمنى ئەۋەتىپتىكەن. مەن تېخى بىرەر مۇكاپات بويۇمىنى كۆتۈرۋالغان رەسىمى ئوخشايدۇ دەپ رەسىم ئىنىق چوڭايغاندا قارىسام قولى گىپىسلاقلىق ئىكەن ئەسلى  .

شىپالىق تىلەپ قويدۇم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )