قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 6754|ئىنكاس: 113
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تۇغلۇق تۆمۈر ۋە شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

90

دوست

5933

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74715
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 2058
توردىكى ۋاقتى: 267
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-27

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-26 23:30:40 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
تۇغلۇق تۆمۈرخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقى (1347-يىلىدىن 1680-يىلىغىچە) نىڭ تۇنجى خانى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئىسلام دىنىنى ئۇمۇملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقارغان بولۇپ، شىنجاڭ زېمىنىدىكى ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلغان تۇنجى مۇڭغۇل خانى. ئۇ تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە چاغاتاي خانلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارزۇسىنى ئاخىر ئىشقا ئاشۇردى ھەمدە نۇرغۇن مىللەت ۋە قەبىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور خانلىقنى قۇرۇپ چىقتى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كىىيىنكىلەر ئۇنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى قۇرۇلۇش ئۇسلوبلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، كۆلىمى زور، بېزىلىشى كۆركەم بۇ مازارنى ياساپ چىقتى. ئۇ قۇيۇق ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى مەقبەرە ئىمارىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھازىرغا قەدەر شىنجاڭدىن بايقالغان يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۈپ بىردىنبىر ئىسلام ئىمارىتى بولغاچقا، شىنجاڭ جۈملىدىن ئېلىمىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىسلام ئىمارەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

تۇغلۇق تۆمۈر ۋە شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى

(ئەنۋەر قاسىم)

    13-ئەسىردە موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى ھەم تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى جايلارنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشى غەربىي يۇرت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسى ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ تارىخى شۇنىڭدىن تارتىپ مۇڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە قەدەم قويدى. غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى جايلار بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇڭغۇل خانلىقى دەۋرى ۋە قۇبلاي قۇرغان يۈەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئالدى-كەينىدە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى ھەرقايسى جايلاردا يەر شارئىتىغا بېقىپ، سىياسى، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئېھتىياجىدىن تۈرلۈك ھەربىي، مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تەسىس قىلىنىپ ۋە ئەمەلدارلار قويۇلۇپ، غەربىي يۇرتقا ھەربىي، مەمۇرىي ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈلدى. بۇ ھەربىي، مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ قۇيۇلۇشى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي يۇرتتىكى كەڭ رايۇنلارنى باشقۇرغانلىقى ۋە بۇ رايۇنلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى كونكىرىت نامايان قىلدى. بۇ خەت سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىنكى تارىخىي دەۋرلەردە ئۆتكەن مەركىزىيي سۇلالىلەرنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ھەرقايسى جايلارغا يۈرگۈزگەن ئىگىلىك ھوقوقىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى ھېسابلىنىدۇ.

2015116101418240.jpg

1-رەسم يۈن شىزۇ قۇبلايخاننىڭ رەسىمى

    موڭغۇل خانلىقى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى ھەرقايسى جايلارغا ئەڭ بۇرۇن قويغان ئەمەلدارلار »دارۇغاچ« دېيىلەتتى. »دارۇغاچ« مۇڭغۇلچە سۆز بولۇپ، مەنىسى »باسقاۋۇل« دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ موڭغۇللار ھەرقايسى جايلارغا قويغان ئالىي نازارەتچى ھەم ئىدارە قىلغۇچى ئەمەلدار بولۇپ، ھوقوقى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. 1251-يىلى ئوگىدايخان تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ھازىرقى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي قىسمىدا بەشبالىق ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتى قۇرۇلدى. بۇلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنىڭ لەشكىرىي ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇردى. بۇ موڭغۇل خانلىقى ئوردىسىنىڭ غەربىي يۇرت، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، موڭغۇللارنىڭ ئاساسىي ئىزناسىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئاساس سالغانلىقىنى ئەكىس ئەتكۈزۈپ بەردى. دېمەك، بۇ »دارۇغاچ« تۈزۈمىگە باققاندا زور بىر قەدەم ئىلگىرىگەنلىك توپىلىڭىنى تىنجىتىش جەريانىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قاتار باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلدى. بولۇپمۇ مەمۇرىي تەشكىلات بىلەن ھەربىي باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى قوشۇلۇپ كەتتى. بۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتقا قارتىلغان مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى زور ئۆزگىرىش بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئەينى چاغدىكى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىنىڭ كەسكىن ھەربى ۋەزىيىتى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

    موڭغۇللارنىڭ غەربىي يۇرتقا قارىتىلغان ھەربى، مەمۇرىي باشقۇرۇشى ئىككى ياقىمىلىق بىر خىل تۈزۈلمە بولۇپ، موڭغۇل خانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېينكى يۈەن سۇلالىسى مەركىزي ھۆكۈمىتى بۇ رايۇننى باشقۇرغاندىن سىرىت، چىڭگىزخان قوشۇن باشلاپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت خارەزىم خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا موڭغۇللارنىڭ ئادىتى بۇيىچە ئۆزى باشقۇرغان زېمىننى »ئالتۇن جەمەت«تىكى خانزادىلەرگە سۇيۇرغال قىلىپ بۆلۈپ بەردى. »ئالتۇن جەمەت«تىكى موڭغۇللار توغرىسىدا بىر رىۋايەت بولۇپ، »دوساننىڭ موڭغۇل تارىخى«دا خاتىرىلىنىشىچە، موڭغۇللارنىڭ ئالانغۇۋا دەيدىغان بىر ئۇلۇغ مومىسى ئۆتكەنىكەن. ئۇ دوبېن بويان بىلەن توي قىلىپ، ئىككى ئوغۇل پەرزەنت تۇغۇپتۇ، بىراق ئېرى دوبېن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ يەنە ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپتۇ. شۇڭا ئالانغۇۋانىڭ ئىككى ئوغلى ۋە ئۇرۇق-توغقانلىرى گومان قىلىپ، بۇنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. بۇ چاغدا ئالانغۇۋا:»كېچىدە بىرمۇنچە چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە كەپىنىڭ تۈڭلۈكىدىن نۇر چۈشۈپ، ئاچ سېرىق رەڭلىك بالىغا ئۆزگەردى. شۇنىڭ بىلەن ھامىلدار بولۇپ قالدىم ھەم يەنە ئۈچ ئوغۇل توغدۇم. بۇقا قاتاگەي، بوسجىن چىلىج، بودۇنچار دەپ ئىسىم قويدۇم«دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ. دېمەك، كېيىن تۇغۇلغان بۇ ئۈچ ئوغۇل ئالانغۇۋا بىلەن ئالتۇن رەڭلىك ئىلاھنىڭ بىللە بولۇشىدىن تۇغۇلغان ئەۋلاد، تەڭرىنىڭ ئوغۇللىرى دېگەن گەپ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۈچ ئوغۇل كېيىنكىلەر تەرىپىدىن پاك موڭغۇل دەپ ئاتالغان. ئاكا-ئۇكا ئۈچەيلەننىڭ ئەۋلادى كۆپىيىىپ، بىرقانچە قەبىلىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇلاردىن بۇدۇنچار چىڭگىزخاننىڭ سەككىزىنچى ئولۇغ بوۋىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، موڭغۇل قاغانلىرى مۇشۇ جەمەتتىن چىققان بولۇپ، »ئالتۇن جەمەت« دەپ ئاتالغان. ئەمەلىيەتتە، چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرى، يەنى جۇجى، چاغاتاي، ئوگىداي، تۆلۈينىڭ ئەۋلادلىرىلا »ئالتۇن جەمەت«سانىلىپ، ھەرقايسى خانلىقلارنىڭ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. تۆلۈينىڭ ئوغلى مۆڭكۈ موڭغۇل قاغانلىق تەختىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، بۇ دائىرە تۆلۈينىڭ ئەۋلادلىرىغا قەدەر يەنىمۇ كىچىكلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى ۋە مىڭ سۇلالىسى دەۋىرىدىكى تاتار قاغانى مۇشۇ جەمەتتىن چىققان.

    چىڭگىزخان ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بەرگەن بۇ سۇيۇرغال زېمىنلار »ئولۇس«دەپ ئاتالغان ھەمدە مۇشۇ ئاساستا تەدرىجىي تۆت چوڭ خانلىق شەكىللەنگەن. چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئوگىداي خانلىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، چاغاتاي چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى، ئۇنىڭغا قارا قىتانلارنىڭ كونا زېمىنى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن بولۇپ، دائىرىسى شەرقتە قۇچۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن غەربتە ئامو دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغىچە بارىدۇ. ماۋەرائۇننەھر رايۇنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئاساسەن ئىلى ۋادىسى، چۇ دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ۋادىسى ۋە تالاس ۋادىسىنى، يەنە قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. چاغاتاي خانلىقى ئەمەلىيەتتە دەسلەپكى سۇيۇرغال زېمىنى ئاساسىدا تەدرىجىي موڭغۇل خانلىقىدىن ئايرىلىپ شەكىللەنگەن. ئوگىداي چىڭگىزخاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭغا سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن زېمىن شەرقتە ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ۋادىسىدىن، غەربتە بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي قىسمىغىچە بارىدىغان بولۇپ، ئېمىل دەريا ۋادىسى، تارباغاتاي ۋە ئۇلۇڭگۈر دەريا ۋادىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. شۇڭا، ئالتاي تېغى، تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدىكى ئوتلاق رايۇنلىرى ئاساسەن چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي ۋە ئۈچىنچى ئوغلى ئوگىداينىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. بۇ ئىككى خانلىق شەرق بىلەن غەربنىڭ تۇتىتىش تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى، يەنە كىلىپ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بەك مۇرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇشۇلۇشى ياكى بۆلۈنۈشى موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا، شۇنداقلا شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇشقا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى.

    كېيىن چاغاتاي خانلىقى ئوگىداي خانلىقىنى قوشۇۋېلىپ، بىر مەھەل راسا روناق تاپتى. بىراق چاغاتاي خانلىقىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، يەنى 1314-يىلى ئەسلىدە تەختنى ئاكىسى ئېسەن بۇقا ئۆتۈنۈپ بەرگەن چاغاتاي خانى كېبىك قايتا تەختكە چىقىپ، سىياسى مەركىزىنى ئالمالىقتىن ئىبارەت بۇ ئوتلاق بەلبېغىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى ئاۋات جاي - سەمەرقەنتكە يۆتكىدى. ماۋەرائۇننەھر رايۇنىدا يېزا ئىگىلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىسلاھاتنى يولغا قويدى. ئەمما ئېسەن بۇقا يەنىلا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، قىسمەن ئەگەشكۈچىلىرىنى باشلاپ، ئېلى ۋادىسى قاتارلىق جايلاردىكى ئوتلاقلاردا يەنىلا ئەنئەنىۋى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇردى. ئوخشاشمىغان ئىككى خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى تۈپەيلىدىن، چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش كۆرۈلۈشكە باشلاپ، تەدرىجى شەرقىي ۋە غەربىي ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى. شەرقىي قىسمى ئالمالىقنى مەركەز قىلىپ، قەشقەر، تۇرپان ئەتراپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. غەربىي قىسمى سەمەرقەنتنى مەركەز قىلىپ، ماۋارائۇننەھر رايۇنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئېسەن بۇقا بىلەن كېبىك ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى ئۆز قەبىلىلىرىنى باشلاپ ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتۇپ بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن چاغاتاي خانلىقى تەلتۆكۈس زاۋال تېپىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

    چاغاتاي خانلىقى زاۋال تېپىشقا يۈزلەندە، شەرقىي قىسىم رايۇندىكى ئەڭ ئەمەلىي كۈچى بار موڭغۇل دوغلات قەبىلىسى ئۆز جەمەتىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، چاغاتاي خانلىرىنىڭ مۇناسىپ ئەۋلادلىرىنى تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدەشكە كېرىشتى ھەمدە 1345-يىلى ئوتلاق رايۇنىدىن چاغاتاي خانلىرىنىڭ توغلۇق تۆمۈر ئىسىملىك ئەۋلادىنى تېپىپ، ئۇنى ئەينى چاغدا دوغلات قەبلىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان جاي ئاقسۇغا ئەكەلدى. 1347-يىلى چاغاتاي خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، 18 ياشلىق توغلۇق تۆمۈر شىنجاڭنىڭ ئاقسۇدا موڭغۇل دوغلات قەبىلىسىنىڭ بولاجى جەمەتى تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئالىي ئاتامانلىقى، يەنى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقىرىلدى. شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى جايلارنى سىياسى قالايمىقانلىقتىن ساقلاپلا قالماي، بەلكى دوغلات قەبلىسىنىڭ ئەمىرى موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىسى بۇيىچە موڭغۇل ئالتۇن جەمەتىنىڭ ئەۋلادىنى خان قىلىپ تىكلىگەنلىكى سەۋەبلىك، كەڭ موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئىېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ خانلىق غەربى يۇرت، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا چاغاتاي خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىنكى ھوقوق بوشلۇقىنى تېزلىكتە تولدۇردى.

    شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى بولغان تۇغلۇق تۆمۈر 1330-يىلى (يەنە بىر گەپتە دېيىلىشىچە، 1328-يىلى) شىنجاڭنىڭ ئاقسۇدا دۇنياغا كەلگەن. يۈەن سۇلالىسىنىڭ جىجېڭ 23-يىلى (1363-يىلى) ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئىسمى تىپىك تۈركىي تىلدا قويۇلغان بولۇپ، »بۈيۈك تۇغنى تۇتقان، تۆمۈردەك يىمىرىلمەس ئەزىمەت«دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى ئېسەن بۇقاخاننىڭ ئوغلى بولۇپ، زامان ئەركىسى چىڭگىزخاننىڭ يەتتىنچى ئەۋلاد نەۋرىسى، شەرقىي چاغاتاي خانلقىنىڭ بۇ خانى توغرىسىدا ئاجايىپ رەڭدار رىۋايەتلەر كۆپ، »تارىخى رەشىدىي«ناملىق ئەسەردە خاتىرىلىنىشىچە، توغلۇق تۆمۈر تەخىتكە ئولتۇرۇش ئالدىدا، ئاقسۇدا شىكارغا چىقىپ، ئەينى چاغدىكى شەيخۇلئىسلام جامالىددىن بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قاپتۇ ھەم خۇپىيانە ھالدا ئۇنىڭ دىنىي تەرغىباتلىرىغا ئىشتىراك قىلىپ، ئسىلام دىنىغا كىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. بىراق ھۆكۈمرانلىق ھوقوقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن جاكارلايدىغانلىقى ئۈستىدە ۋەدە بېرىپتۇ. خانلىق تەختىگە چىققان ھەم ھاكىمىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەن پەيىتتە. جامالىدىننىڭ ئوغلى موللا ئەرشىددىن ئالمالىققا كېلىپ، ئۇنى كۈچىنىڭ بارىچە قايىل قىپتۇ. ئەلۋەتتە، تۇغلۇق تۆمۈر ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، ئەمەلىي كۈچىنى ئۆزلۈكسىز زورايتىپ، ماۋەرائۇننەھر رايۇنىنى بويسۇندۇرۇپ، چاغاتاي خانلىقىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇڭا، ئۇ قول ئاستىدىكىلەرنى يەر ئىجارىسى ۋە باج-سېلىق تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاپ، ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرغاندىن سىرت، دەۋر ئېقىمىغا پائال ماسلىشىپ، پايدا-زىياننى ئوبدان دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن ، 1354-يىلى خانلىقنىڭ پايتەختى ئالمالىقتا ئەسلىدىكى بۇددا دىنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىدى ھەم ئۇزۇن چېچىنى كېسىپ، خەتنە قىلدۇرۇپ، ئۆزىگە ئەبۇبەكرى مۇھەممەد دەپ دىنىي ئىسىم قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا قول ئاستىدىكى 160 مىڭ كىشىلىك موڭغۇل قوشۇنىغىمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش توغرىىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ شىنجاڭ زېمىنىدا تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن موڭغۇل خانى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ تەدبىرى ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدا تارقىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ھەربىي ئەمەلىي كۈچنىڭ ئېىشىشى ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ پۈتكۈل ئەمەلىي كۈچىنى تېخىمۇ زورايتتى. شۇنىڭ بىلەن 1360-يىلى تۇغلۇق تۆمۈر ماۋەرائۇننەھر رايۇنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدىكى توپىلاڭنى باستۇرۇش ئورۇشىنى قوزغىدى. ئۇ غەربىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قاتلىمىدىكى ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ۋە مالىمانچىلىقلاردىن پايدىلىنىپ، جايلاردىكى ھوقوقدار ۋەزىرلەرنىڭ تەپرىقىچى كۈچلىرىنى بىر-بىرلەپ يوقاتتى. 1361-يىلى غەربىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ پايتەختى سەمەرقەنتنى ئىشغال قىلىپ، بىرمەھەل چاغاتاي خانلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن بولدى. ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە قومۇلغا، غەربتە سەمەرقەتنىڭ غەربىگە، شىمالدا ئويراتلارنىڭ زېمىنىغىچە، جەنۇبتا ئۇدۇنغىچە بارغان بولۇپ، ئەمەلىي كۈچى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زورايدى. تۇغلۇق تۆمۈرخان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شەھەرلەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، چوڭ ئوغلى ئىلياس خوجىنى سەمەرقەنتتە تۇرۇپ پۈتكۈل ماۋارائۇننەھر رايۇنىنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتتى. ئارقىدىنلا يەنە موڭغۇل بارلاس قەبىلىسىنىڭ ئاقسۆڭىكى تېمۇر (يەنى كېيىنكى چاغلاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تېمۇرىيە خانىدانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، »ئاقساق تېمۇر« دەپمۇ ئاتالغان)نى ماۋارائۇننەھر رايونىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەپ، بۇ رايۇننى ئاساسلىق باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىپ، ئۆزى خانلىقنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايۇنغا قايتىپ كەتتى. 1363-يىلى (ھىجرىيە 764-يىلى)ئوتتۇرا ئاسىياغا لەشكىرىي يۈرۈش قىلىپ قايتىش سەپىرىدە كېسەل بولۇپ، 33 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

    شۈبھىسىزكى، تۇغلۇق تۆمۈرخان تەخىتتىكى مەزگىل شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن باسقۇچى بولۇپ، ئۇ ئاخىر چاغاتاي خانلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم غايەت زور بىر خانلىقنى قۇرۇپ چىقتى. توغلۇق تۆمۈرخان قۇرغان شەرقىي چاغاتاي خانلىقى چىڭگىزخان »ئالتۇن جەمەتى«نىڭ ئەۋلادى پادىشاھلىق قىلغان. موڭغۇل قەبىلىلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھەم غەربىي يۇرتتىكى باشقا مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق تەشكىللەنگەن چېچىلاڭغۇ سىياسى بىرلەشمە گەۋدە ھېسابلىنىدۇ.  ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىقتىسادىي شەكىل بىردەك ئەمەس، قەبىلىلەرنىڭ تەشكىللىنىشى مۇرەككەپ بولۇپ، تۈرلۈك ئىجتىمائى زىددىيەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. بۇنىڭ ئىچىدە خان جەمەتىدىكىلەر بىلەن دوغلات قەبىلىسىدىكى ئەمىرلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت تولىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىدى. توغلۇق تۆمۈرخان تەخىتتە ئولتۇرغان كېيىنكى مەزگىلدە، ئىچكى ۋەزىيەتتىكى داۋالغۇش تاشقى قىسىمدىكى كۈچلۈك قوشنىلارنىڭ تەمەسىنى قوزغىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان بارلاس جەمەتىنىڭ ئەزاسى تېمۇر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كونا قوۋمىنى ئەتراپىغا توپلا ئىش تېرىپ، چاغاتاي خانلىرى ئەۋلادىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا قارشى چىقتى. بىر قاتار جەڭلەر ئارقىلىق 1389-يىلىغا كەلگەندە، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ كەنجى ئوغلى خىزىر خوجا يايلاقتا قول ئاستىدىكىلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ خانلىقنى تىزگىنلەش ھوقوقى يەنە يېڭىباشتىن چاغاتاي خان ئەۋلادلىرىنىڭ قولىغا قايتىپ كەلدى. 15-ئەسىرگە كەلگەندە ئىجتىمائى، ئىقتىسادىي شەكىلدىكى بۆلۈنۈش ۋە ئىچكى نىزا تۈپەيلىدىن، شەرقىي چاغاتاي خانلىقى ئاخىر شەرقىي ۋە غەربىي ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى.

    دەل شۇ تۇغلۇق تۆمۈرخان تەخىتتىكى چاغدا ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكتىن، خانلىق زېمىنىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشكەنىدى. شۇڭا، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن مەقبەرە ياسىتىلىپ »مازار«دەپ ئاتالدى.

0019b91ed7cc120c333e43.jpg

2-رەسىم:تۇغلۇق تۆمۈرخان مازارىنىڭ ئەگمە دەرۋازىسى

    تۇغلۇق تۆمۈرخان مازارى ش ئۇ ئا ر ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 40 كىلومتېر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، قورغاس چېگرا ئېغىزىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى 10 كىلومېتىر نېرىسىدىكى يېزا ئىگىلىك 4-شى61-تۈەن7-لىيەنى دائىرىسدە، يېنىدا ئالمالىق قەدىمىي شەھىرى بار. ئۇ نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى پەقەت بىرلا جايدا ساقلىنىپ قالغان يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ ئىسلامچە ئىمارەت ھېسابلىنىدۇ. 1957-يىلى 1-ئايدا ش ئۇ ئا ر لۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىرىنچى تۈركۈمدە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى دەپ بېكىتىلگەن. 2001-يىلى 6-ئايدا گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى دەپ بىكىتىلگەن.

    قەبرە مازار شەكلىدە بىنا قىلىنغان بولۇپ، تەكشىلىكتىكى شەكلى پاراللېلپېپىدقا ئوخشايدۇ. كەينى قۈنپېتىشقا، ئالدى كۈنچىقىشقا قارايدۇ. شەرقتىن غەربىكىچە ئۇزۇنلۇقى 15 مىتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 10.7 مېتىر، ئېگىزلىكى 13.35 مېتىر، ئۆي ئىچىنىڭ تۆت تېمىغا ھېچقانداق ياغاچ تۈۋرۈك ۋە توغرا لىم قۇيۇلمىغان، تورۇسى گۈمبەزلىك بولۇپ، ساپ خىشتىن قۇپۇرۇلغان. لىم-تۈۋرۈكسىز گۈمبەزلىك ئىمارەت ھېسابلىنىدۇ. ئۆي ئىچىنىڭ تۆت تېمى كەڭ، 2-قەۋىتى خىرە دەھلىز، تۆت بولۇڭدا بىردىن يان ئۆي بار. ئىچىدە پەلەمپەي بولۇ، خىرە پەلەمپەينى بويلاپ ماڭسا، مازارنىڭ تۆپىسىدىكى تەكشى كەتكەن، ئۈستى ئۇچۇق بالىخانغا چىققىلى بولىدۇ. ئالدى تېمىغا كۆك، يېشىل، ئاق، بىنەپشە رەڭ قاتارلىق 26 خىل ئۆلچەمدىكى سىرلانغان خىش چاپلىنىپ، تۈرلۈك پاسوندىكى گېئومېتىرىيەلىك شەكىل ۋە ئۆسۈملۈك، گۈل-گىياھ نۇسخىلىرى ھاسىل قىلىنغان. رەڭلەر ئەپچىللىك بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان، نەپىس ۋە كۆركەم بولۇپ، قۇيۇق ئىسلام ئۇسلۇبىغا ئىگە.

    مەقبەرىنىڭ ئىشىك ماڭلىيى ئۈستىگە ۋە ئىككى تەرىپىگە بىر قۇردىن تىك يۆنىلىشتە ئەرەبچە چىرايلىق يادنامە ئۇيۇلغان. يېشىپ ئوقۇغاندىن كېيىن، توغرا ماڭلايغا »قۇرئان كەرىم« نىڭ 26-27-ئايىتىدىكى مەزمۇنلار؛ ئەگمە ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرىپىگە: »بۇ يەردە ئۇلۇغ سۇلتان ياتىدۇ. ئۇ قىلغان ئۇلۇغ ئىشلار شاپائەتلىك دېڭىز-ئوكيانغا ئوخشايدۇ. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى ئىدى. ئۇ زېمىنىمىزنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىدى. ئۇ ئاللاھ ياراتقان، سانسىزلىغان دۈشمەنلىرىنى يەڭگەن قەھرىمان ئىدى. ئۇ ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇلغان، ئەڭ قەدىرلىك سۆزلەرنىڭ يەتكۈزگۈچىسى ئىدى. ئۇ تىنىچ، ئاسايىشلىق بۇلىقى ئىدى. ئۇ ئىسلامنىڭ شان-شەرىپى ۋە غورورى ئىدى! بۇ تۆت چوڭ خەلىپىگە يېقىندىن ئەگەشكەن. ئۆلىمالارنى ھۆرمەت قىلغان ھەم كىشىلەرنىڭ ئىززەت-ئىكرامغا سازاۋەر بولغان توغلۇق تۆمۈر خان مەقبەرىسىدۇر«دىگەن ئىبارىلەر، ئەگمە ئىشىكنىڭ سول تەرىپىگە: »توغلۇق تۆمۈرخان نامىغا ئاتالدى، بۇ گۇناھكارلار مەغپىرەت تاپىدىغان جاي، بىزنىڭ مۇھەممەد تۇغلۇق تۆمۈر خاننىڭ خانىشىنى زامانىمىزدىكى بىلقىس دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ئەقىللىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك، ئۇ بىزدەك ئاددىي كىشىلەرنىڭ چەكسىز شان-شەرىپىدۇر. ئۇ بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئاياللار ئارىسىدا تەڭدىشى يوق بىر ئۇلۇغ ئايال. ئۇ دەل بىزنىڭ بىتپال خانىشىمىز. ئۇنىڭ شانۇ-شەۋكىتى مەڭگۈلۈك بولغاي، پاكلىق يار بولغاي، ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۈزەل پەزىلەتلىرى شەرق-ۋە غەربكە مەشھۇر«دېگەن ئىبارىلەر ئۇيۇلغان.

    مەنبە: شىنجاڭ ھەققىدە ھىكايىلەر ناملىق كىتابنىڭ 4-قىسمىدىن ئېلىندى.
bagdax

0

تېما

0

دوست

84

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79797
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-6
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-26 23:55:06 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى مۇنازىرىلەر بولۇنغۇسى دەپ ئويلايمەن.

20

تېما

90

دوست

5933

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74715
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 2058
توردىكى ۋاقتى: 267
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-27

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-27 00:08:11 |ئايرىم كۆرۈش
alfatiha يوللىغان ۋاقتى  2016-9-26 23:55
ياخشى مۇنازىرىلەر بولۇنغۇسى دەپ ئويلايمەن.

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ناتۇنۇش، ھەممىز باغداش ئۈچۈن كۈچ چىقارايلى، باغداشنىڭ سىزگە ياخشى تەسىر قالدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

4

تېما

54

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 4044
توردىكى ۋاقتى: 1306
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-27

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-27 00:10:20 |ئايرىم كۆرۈش
تارىخى بىلىملەردىن خەۋەردار بولغان ياخشى ،رەھمەت سىزگە ...
ئەمما ،تۇغلۇق تۇمۇرنىڭ ھاياتىنى ئىسلام دىنى بىلەن باغلاپ كۆككە كۆتۈرۈش ئۇيغۇرلار تارىخىغا قىلىنغان ھاقارەت ...
bagdax
sarlaxkar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-27 00:12:05 |ئايرىم كۆرۈش
قۇبلايخان 85-يىللىرىغۇ دەيمەن تولۇقسىز تارىخى كىتابلىرىمىزدا بار شەخىس ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئەقلىمىز كىچىك بولغاچقا ئانچە قىزىقماپتىكەنمىز. بۈگۈن بۇ شەخىسنى قايتا ئۇچرىتىپ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم.

1

تېما

1

دوست

3383

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72687
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1002
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-24
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-27 00:19:49 |ئايرىم كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2016-9-27 00:10
تارىخى بىلىملەردىن خەۋەردار بولغان ياخشى ،رەھمەت سىزگ ...

تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ قايسى خاتالىقىنى دېمەكچى؟

0

تېما

19

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36797
يازما سانى: 287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3999
توردىكى ۋاقتى: 347
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-18

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-27 00:43:23 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SANHON تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-9-27 00:47  
putin يوللىغان ۋاقتى  2016-9-27 00:10
تارىخى بىلىملەردىن خەۋەردار بولغان ياخشى ،رەھمەت سىزگ ...

ماڭ قاراڭ ‹‹پۇتىن ›› ئىنىم   بۈگۈن سىزنى ئويلاپ تۇرسام ماۋۇ تىمىدا ئۇچۇرشۇپ قالدۇق !سەۋەبى مۇنداق :
قۇربانبىك ناملىق تورداش بۇيىل كىرگەندىن  بۇيان  ‹‹ئۇيغۇرلار ۋە گىن خەرىتىسى››گە ئائىت كۆپلىگەن تىمىلرنى  يوللاپ مۇنبەردە كۈچلۈك بەس مۇنازىرە قوزغىدى !!!بەزىسىگە  سىزمۇ ئىشتىراك قىلدىڭىز ...مېنىڭ سىزگە بۈگۈن تەۋسىيە قىلماقچى بولغان ئىنكاسىمنىڭ مەقسىدى :
بۇ قۇربانبىكنىڭ ‹‹J بولسا پەيغەمبەر ئىبراھىمنىڭ ئۇرۇقى، ئۇ يەنە J1,J2 دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ J1 بولسا ئەرەبلەرنىڭ ئۇرۇقى، J2 بولسا ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇقى يەنى ئىسرائىل ئۇرۇقى.،ئۇيغۇرلارنىڭ گىن گورۇپپىسىدا   J2نىڭ نىسپىتى  34%لىك نىسپەتنى ئىگەللەيدۇ .....دەپتۇ !!!مېنىڭ قۇربانبىكتىن
مۇقام ۋە J2 (قۇربانبېك)
./forum.php?m ... 71715&fromuid=36797
دىگەن تىمىنىڭ #68-بەتتە  سورىغان سۇئالىم :
قۇربانبىك ئەپەندى سىزنىڭچە ،ئۇيغۇرلارنىڭ گىن گورۇپپىسىدا  34%لىك  J2نىڭ(J بولسا پەيغەمبەر ئىبراھىمنىڭ ئۇرۇقى، ئۇ يەنە J1,J2 دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ J1 بولسا ئەرەبلەرنىڭ ئۇرۇقى، J2 بولسا ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇقى يەنى ئىسرائىل ئۇرۇقى.) نىسبىتى قانداقمۇ 76%لىك باشقا گىن نىسپەتلىرىنىىڭ يىغىندىسىنى  بېسىپ چۈشۈدۇ ؟؟سىز 34% لىك  J2گىنىنى  ئەكىلىپ  , 10نەچچە مىليۇنلۇق  پۈتۈن سۈرۈك ئۇيغۇرنىڭ ئەجدات كىلىپ  چىقىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ....!دىگىنىڭىز   چەكتىن ئاشقان بىمەنىلىك  بولمامدۇ ؟100ئادەمگە 34ئادەم ۋەكىللىك قىلامدۇ ياكى 76ئادەممۇ ؟
سىزنىڭچە ھازىرقى پۈتۈن سۈرۈك ئۇيغۇرغا مۇشۇ  34% لىك  J2گىنىنى  ئەكىلىپ  ‹‹تاج ››قىلىپ كەيدۈرۈش ھەمدە    مۇشۇنداق ھۆكۈم قىلىشنىڭ نىمە زۆرۈريىتى ۋە ئەھمىيىتى بار؟؟؟
بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنۋېرسال تەرەققى قىىلىشىغا نىمە ئەھمىيىتى بار ؟
دەپ ئىنكاس يازدىم !

تورداش ‹‹پۇتىن ›› ، قۇربانبىكنىڭ يۇقارقى مەسىلدىكى ‹‹ئۇيغۇرنىڭ ئابا-ئەجدادىنى   ئوتتۇرا شەرىقتىكى بەنى ئىسرائىلغا باغلاش ›› بىمەنە يەكۈنىگە  بولغان سىزنىڭ  ئۆزگىچە پىكرىڭىزنى ۋە ئادىل مەيدانىڭىزنى بىلىپ باقماقچى ؟قېنى قۇربانبىككە قارتا قانداق رەددىيە -پىكرىڭىز بار ؟   
ماۋۇ تىمىدا سىزدىن سورايدىغىنىم :
سىز ۋاپات بولغاندا مىيىتىڭىزنىڭ قانداق پائالىيەتلەر بىلەن بىر تەرەپ بولىشىنى ئارزۇ قىلسىز ؟

0

تېما

0

دوست

781

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79040
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 232
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-20
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-27 00:55:30 |ئايرىم كۆرۈش
SANHON يوللىغان ۋاقتى  2016-9-27 00:43
ماڭ قاراڭ ‹‹پۇتىن ›› ئىنىم   بۈگۈن سىزنى ئويلاپ تۇرسام  ...

ئۆلگەندىن كىيىنكى ئىشلارنى ھىچكىم ھەقىقى بىلمەيدۇ، شۇڭا ئۆلگەندە مېيىتنى بىر تەرەپ قىلىش مىنىڭچە سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك ئۇنداق بەك مۇھىم ئىش ئەمەس، ئەنئەنە بويىچە قىلىمىز شۇ. بولدى تۈگىدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )