- تىزىملاتقان
- 2014-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-10-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4665
- نادىر
- 1
- يازما
- 94
ئۆسۈش
88.83%
|
«بالدۇر ئويغانغان ئادەم »نى ئىككىنچى ئوقۇپ تۈگەتتىم. شائىرنىڭ مەن بىلەن تەڭ دېمەت چېغىدا قىلغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلدىم.
1933-يىلى 13-مارت...
شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بوينىغا قېلىچ ئۇرغان جاللات زەھەرخەندىلىك بىلەن:
— مانا ئاچىل !دېدى.
شائىرنىڭ ئەتلىك، خۇددى خانىقا تۈۋرۈكىدەك يوغان بوينى بىر قىلىچى بىلەن ئۈزۈلۈپ چۈشكىنى يوق.شائىر بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ:
—گۈل ئاچىل!— دېدى.
بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىدە ياڭراتقان ئۇلۇغۋار جاراڭلىق ساداسى ئىدى.بۇ سادا پۈتۈن شەھەرنىڭ ھەربىر كوچىسى، ئۆي ئىمارىتى، دەل دەرەخلىرى ،ھەر بىر ئادەملەرگىچە مەڭگۈ ئۇنتۇلماس يادنامە بولۇپ سىڭگەنىدى.دۇكان يوچۇقىدىن قاراپ تۇرغۇچىلار بۇ ۋەھشەتكە چىداپ تۇرالماي، كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى. شائىرنىڭ جەڭگىۋار سۆزى ،جاراڭلىق تاۋۇشى تېخى ئاخىرلاشمايلا« گاچ،گاچ»قىلىپ يەنەئىككى قېتىم چېپىلغان قىلىچ ئاۋازى ئاڭلاندى.خەلق تاقەت قىلىپ تۇرالماستىن كۆزىنى ئاچقاندا، شائىرنىڭ بېشى مۇبارەك تېنىدىن جۇدا بولغان، شەھەر كوچىسى قىپقىزىل قانغا بويالغانىدى!...«بالدۇر ئويغانغان ئادەم ».
ئۆچمەس يۇلتۇز(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر خاتىرىسىگە)
(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر1901/02/09-1933/03/13 )
«يازتۈنى»دە قىش كىچىسىدەيۇلتۇزبولدۇڭ ئۆچمەيدىغان،
لىكىن يوقتۇرئۆچمەس «چىراق»ياكى يۇلتۇزكۆچمەيدىغان.
«ئايرىلمىغىل»ۋىجداندىن دەپ خىتاب قىلغان ئىدىڭ بىراق،
خائىن يۈرەك«مۇزلىدى»قاندا لەيلەپ چۆكمەيدىغان.
«گۇناھ»بولدى «ئاچىل»«ئويغان»«ئۇيغۇرۇم»دەپ قىلغان خىتاب،
لىكىن بىزگە«ئۈزۈلمەس ئۈمىد»بولدى ئۆلمەيدىغان.
«رۇزى موللا»شىڭ جاللاتقا «باردۇر»ئاچچىق غەزەپ-نەپرەت،
«ۋىجدان ئازابى»قويدى خائىنغا ئىغىرگۇناھ ئۆتمەيدىغان.
«ئىستىمەس»نۇر«قايدىسەن»دەپ،شۇڭا دەرتلەربىزدەتۈگىمەس،
«نەقىلاي»«باقى ئاكامنىڭ دەردى»«باردۇر»تۆكمەيدىغان.
«غەزەپ ۋەزار»دەيدىغان«يەنەبىرسى بولسىچۇ»كاشكى،
«بىزكۈتكەن كۈنلەر»كېلىپ،بولاتتۇق بىزكۈتمەيدىغان.
ئۇنۇتمايدۇ ئۇيغۇر يىگىتى«ئۇيغۇرقىزى»مەڭگۈگەسېنى،
يۇلتۇزسەن كۆچتۈڭ پەقەت،مەڭگۈقەلىبدەئۆچمەيدىغان.
(چۈشەندۈرۈش:
1. 13-مارت شائىرقەتلى قىلىنغان كۈن ،شائىرنىڭ ۋاپاتىغا بىغىشلايمەن.
2.شائىرنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى ئىككى كۇپلىتلىق غەزەل شەكىلدەيېزىلغان بولغاچقا ،مەنمۇ شۇخىل شەكىلنى قوللاندىم.
3.قوش تىرناق ئىچىدەكەلگەن سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى شائىرنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ماۋزۇسى ،قالغان بىرنەچچىسى باشقىلارنىڭ شائىرغائاتاپ يازغان شېئىرلىرىنىڭ ماۋزۇسى.
4.قەلەم ئىگىسى شەخىسنىڭ شائىرغابولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇنى يازدىم ،قاملاشمىغان جايلىرى بولساتوغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىدقىلىمەن.)
—ئاچيول.
2015-يىل12-مارت. نەنجىڭ.
|
|