قانۇنى يول
ئىنگلىزچىسى ئۆگەنگىنىم ۋە بۇ تىل ئارقىلىق قىينالماستىن كىتاب ماتېرىيال ۋە خەۋەر كۆرىدىغان بولغىنىمغا 10 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ئەزەلدىن ھەر تۆت يىلدا ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتنىڭ سايلام مۇنازىرىسىنى ئاڭلاشقا قىزىق قىزىقىپ باقمىغان ئىدىم.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدا كۆچمەنلەر، دىنى رادىكاللىقنىڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ ھەتتا 2016 يىللىق پىرېزىدېنت سايلىمىدا سايلام نەتىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالەتكە كېلىشى مېنى بۇ نۆۋەتلىك پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ مۇنازىرىسىگە قىزىقتۇرۇپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئېرىقچىلىق مەسىلىسىگە، كۆچمە ئاھالىلەر مەسىلىسىگە ۋە ئىسلام دۇنياسىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش نىيىتىدە بۇ مۇنازىرىنى نەق مەيدان كۆرسىتىشىنى دۈشەنبە كۈنى سەھەر خۇددى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنى ساقلىغانغا ئوخشاش ساقلىدىم.
دەرۋەقە بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان پۈتۈن مۇنازىرە مەن قىزىقىدىغان مەسىلىلەرگە تېگىپلا قالماي يەنە مىنىڭ بەزىبىر مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشۇمغىمۇ مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى ۋە مىنىڭ بۇ ماقالىنى يېزىشىمغا سەۋەب بولدى.
1.ئىشسىزلىق مەسىلىسى
مۇنازىرە ئىشسىزلىقنى قانداق ھەل قىلىش تېمىسىدا پاراڭ بىلەن باشلاندى. ھىلارىنىڭ قارىشىچە ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يۇقىرى كىرىملىكلەردىن كۆپ باج يىغىش ۋە بۇ باج مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا قاتلام ۋە ئۇششاق تىجارەتچىلەرگە پايدىلىق بولغان ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىمكانىيەتلىرى ۋە سىياسەتلىرىنى تۈزەش كېرەككەن، چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئىش قىلالايدىغان كارخانىلار پەيدا بولۇپ، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ئۇ كارخانىلار ھەل قىلىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ ئىپادىسىنى زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىغا ئائىت بەرگەن چۈشەندۈرۈشىگە ئوخشىتىپ قالدىم. ئۇ بۇ باج ئىسلاھاتىنى ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا پۇرسەت يارىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنى يېڭى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىش دېگەن ئىدى. ئەجەبا ھىلارىمۇ زۇڭلى لى كېچياڭغا ئوخشاش كۆلگە كىچىك بېلىقلارنى كەڭرى قويۇۋېتىپ كېيىن چوڭ بېلىق تۇتماقچىمۇ؟ بۇ مىنىڭ نەزىرىمدە مەنتىقىغا ئۇيغۇن توغرا ئىش ئەمما ھىلارى مۇنازىرىدە بۇ شەكىلدە گۈللەنگەن ئامېرىكا ئىگىلىكىنىڭ خەلقئارا سودا نىسبەتەن ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى ئامېرىكا ئېكسپورتىنى %30 ئاشۇرغانلىقىنى ئىپادىلىگەندە ترامپ ئۇنىڭغا ناھايىتى قاتتىق تەگىدى، سەۋەب تىرامپنىڭ قارىشىچە ئامېرىكا ياسىمىچىلىق سانائىتى خەلقئارا سودا سەۋەبلىك سىرتقا ئېقىپ كېتىۋېتىپتۇ دەل مۇشۇ سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىق سانائىتىنىڭ خوجايىنلىرى باشقا دۆلەتلەرگە زاۋۇت قورغان. تىرامپ يەنە ھىلارىغا تېخىمۇ كەسكىن ھۇجۇم قىلىپ ئەگەر ئۇ سايلانسا يۇقىرى كىرىملىك خوجايىنلاردىن ئادەتتىن تاشقىرى باج يىغىپ ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۋىتىدۇ. بايلار قاچقانچە ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىق سانائىتى تۆۋەنلەپ ئىشسىزلىق ئارتىۋېرىدۇ. ئەمما مىنىڭ نەزىرىمدە تەرەققىيات دېگەن تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمگەكتىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمگەككە قاراپ يول ئىلىش. تىرامپ ئېيتقاندەك ياسىمىچىلىق سانائىتى ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىش ئورنى يارىتىدۇ ئەمما بۇ سانائەتنىڭ جۇڭگو قاتارلىق تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمگەك بازىرىغا يۆتكىلىشى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىلىقلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمگەكلەرنى قىلىشىغا ئىمكان يارىتىدۇ. بۇ خۇددى ئۆي ئىشلىرىنى كىرئالغۇ، سۈمۈرگۈچ قاترلىقلار قىلسا ئاياللارنىڭ ۋاقتىنى تېخنىكا سالمىغى تېخىمۇ يۇقىرى بالىلار مائارىپ ياكى باشقا ئۇلار قىزىققان قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشقا قارىتىپ مېڭىشىغا ئوخشايدۇ. شۇڭا مەن تىرامپنىڭ مەن سايلانسام كارخانىلاردىن زور دەرىجىدە باج كېمەيتىمەن. ھىلارىغا ئوخشاش ئۇلارنى بۇلىغاندەك باج ئىلىپ ئۇلارنى قاچۇرىۋەتمەيمەن دېگەندەك سۆزلىرىنى تىرامپنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ كىچىكلىكى، تەرەققىيات كۆز قارىشىنىڭ تارلىقى دەپ تونۇپ ئانچە توغرا تاپمىدىم ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى قوللىغۇچىلارنىڭ ئىشسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان كۆك ياقىلىق ئاق تەنلىكلار ۋە قىرىلار ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئەگەر ھىلارى ۋە ئۇنىڭ قابىل يولدىشى ئالما تېلېفونىغا ئوخشاش سەئۇدىنىڭ نېفىتىدىن ياخشى سېتىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنى كۆپلەپ بەرپا قىلىپ بۇلارغا قىلىدىغان ئىش تېپىپ بەرمىسە بۇ ئىشسىزلار ئامېرىكىنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت بولغىدەك.
2.تىرورىزىمغا قارشى كۈرەش
تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تېمىسىدا تىرامپنىڭ قارىشىچە ئوتتۇرا شەرقتىكى قورقۇنۇچلۇق تېررورچى تەشكىلاتنى ۋە تېررورىزمنى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قورال كۆتۈرۈپ كىرىشى پەيدا قىلغان. بۇ گەپ ماڭا ياراپ كەتتى ، دېمىسىمۇ جېدەلنىڭ چوڭى باشقىلارنىڭ ئىشىغا بېشىنى تىقىۋىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئامېرىكا 90-يىللاردا ئوتتۇرا شەرقتە قورال سۆرەپ يۈرگەندىن كېيىن ئوتتۇرا شەرقتىكى شىئە سۈنئىي دىنى مەزھەپ جېدىلى ئاستا ئاستا پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن بىرلىشىپ ئىسلام، يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان دۇنيالىرى ئوتتۇرىدىكى جەڭگە، ئارقىدىن رۇسىيە ۋە جۇڭگوغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ غەرب شەرقنىڭ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىغا تەرەققىي قىلىپ كەتتى . لېكىن بۇ ئۇرۇشىنىڭ مەسئۇلىيىتى تىرامپ تەۋە بولغان دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان چوڭ كىچىك بۇشلار ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، بۇنىڭ نەچچە يىل دۆلەت سېكرېتارى بولغان ھىلارى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بولسۇن ؟ گەرچە تىرامپ مۇنازىرە جەريانىدا ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتىن ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى ئىشلارنى ئوڭشاپ چېكىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ھىلارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوباما رەھبەرلىك قاتلىمى قوشۇنى ئوتتۇرا شەرقتىن بالدۇر چېكىندۈرۈپ تېررورچىلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا بىۋاسىتە سەۋەب بولدى دەپ ئۇنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ بۇنى توغرا كۆرمىدىم. چۈنكى خاتا ئىشنى قانچە بالدۇر ئاياقلاشتۇرسا شۇنچە ياخشى. ئوباما قاتارلىقلار خاتا قىلمىدى . گەرچە قورقۇنۇچلۇق تېررورچىلار ئوتتۇرا شەرقتە باش كۆتۈرۈپ پۈتۈن دۇنياغا ئاپەت بولغان بولسىمۇ ئوتتۇرا شەرقنىڭ بۇ ۋەزىيىتى ئەسلىدىلا بۇ جۇغراپىيىدە مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك بولغان تۈركىيە ،ئىران ۋە رۇسىيەنى ئوتتۇرا شەرقىنىڭ سەھنىسىگە چىقاردى. پەقەت تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئىتتىپاقلىشىپ رايوندا مۇناسىپ تەڭپۇڭ ۋەزىيەت ياراتقاندىلا ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى تىنچلىققا يۈزلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا تىرامپنىڭ ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتىن بالدۇر چېكىنىپ تېررورچىلارغا پۇرسەت ياراتتى دەپ ھىلارىنى ئەيىبلىشىنى توغرا كۆرمىدىم.
3.جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى
بۇ تېمىدا ھىلارىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى بىر تەرەپتىن دۆلەتتىكى ئىرقى مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۆز-ئارا چۈشىنىش، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساقچىلار بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ ئورنىتىش يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەتتىكى ئېقىپ يۈرگەن قورالنى كونترول قىلىش بولدى. ئامېرىكىدا پۇقرالارنىڭ قورال ئىلىپ يۈرۈش ھوقۇقى بار، ھىلارىنىڭ پىكىرىچە قورال ساھىپلىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكە تەرتىپ بىلەن باشقۇرۇش ۋە بۇ تەرتىپ بويىچە قورالغا ساھىپ بولسا جەمئىيەتكە خەتەر ئىلىپ كېلىدىغان ئادەملەرگە قورال بەرمەسلىك ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. تىرامپ كۆز قارىشىنى مەن ساقچىلارغا كۆپرەك ھوقۇق بېرىش يولى قانۇننىڭ نوپۇزىنى تۇرغۇزۇش ۋە بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتكە تەرتىپ ئورنىتىش ئىكەن دەپ چۈشەندىم. ئۇنىڭ ساقچىلارغا گۇماندارنى توختىتىپ ئاختۇرۈشنى قوللىشى مېنى بىئارام قىلدى. گەرچە ئۆزى بىۋاسىتە دېمىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ مېتودىنى باشقىلارنى قورقۇتۇش بىلەن جاھاننى ئوڭشاشتىن پەرقسىز دەپ قارىدىم. قورقۇتۇش بىلەن باشقۇرۇش ئوتتۇرا ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان مەنتىقە، مەدەنىي جەمئىيەتتە بولۇپمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاش مۇشۇنداق قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىش سەۋىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى دۆلەتتە ساقچىلارغا ھوقۇق بېرىش، ساقچىلارنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ تىلغا ئېلىنىشى بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. لېكىن تىرامپنىڭ قارشىسىدا ھىلارىنىڭ ئېرىقچىلىقنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىدە داۋاملىق مەسىلە بولۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئېرىقچىلىق ۋە مەلۇم دىنغا بولغان بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ بۇ دۆلەتتە زىددىيەتلەرنىڭ كۈچەيتىشتە مۇئەييەن رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، كەينىدىن ساقچىلارنىڭ مۇسۇلمان ياكى كۆچمەنلەردىن ئىبارەت ئاسان گۇمان پەيدا قىلىدىغان ئادەملەرنى ئاقتۇرۇشىنىڭ بۇ زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئادەمنى سۆيۈندۈرگۈدەك سىياسىي ساپا.
4.سۇيىقەست نەزەرىيەسى
تىرامپ مۇنازىرە داۋامىدا يالغان، ئويدۇرما، ئۇنداق ئەمەس، بۇ تۆھمەت دېگەندەك ئىبارىلەرنى بەكمۇ كۆپ ئىشلەتتى. ھەتتا مۇنازىرىدىن كېيىن مىنىڭ مىكروفونۇم ئىشلىمىدى، قەستەن شۇنداق قىلدىمۇ يوق بىلمىدىم دېدى. ئۇنىڭ بۇ ئىپادىلىرىدىن بىر تەرەپتىن كۈلگۈم كەلدى يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق ئويغا چۆكتۈم. كۈلگىنىمنىڭ كېلىشى ئامېرىكىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوبدانلا بازىرى بولىدىغان سۇيىقەست نەزەرىيەسىنىڭ خېرىدارلىرى بولىدىكەن. بۇرۇن سۇيىقەست نەزەرىيەسى ئاممىۋى ئۇچۇرلار يېتەرلىك بولمىغانچە شۇنچە كۈچەيسە كېرەك دەپ چۈشىنەتتىم تىرامپنىڭ سۇيىقەست نەزەرىيەسىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆزىنىڭ مەلۇم سىرلىق كۈچلەرنىڭ قۇربانى كۆرسىتىشكە قارىغاندا ئۇنىڭ ئاجىزلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىتتىمۇ كۈچلۈك رول ئوينايدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالدىم. يېقىندىن بۇيان دىيارىمىزدىكى شىركەتلەرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى يوقتىن بار بولۇپ خېلى كۆپىيىپ قالدى، بەزىلەر بۇنى داۋراڭ سېلىش دەپ تازا قوبۇل قىلىپ كەتمەيدىكەن، مېنىڭچە ئۇچۇرلاردا ئورتاقلىشىش زامانىۋى جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم قەدىمى. ئۇچۇرلار قانچە كۆپ بولسا كىشىلەر شۇنچە ساغلام قارار چىقىرالايدۇ ھەم ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى نامەلۇم كۈچلەرگە باغلام مەسئۇلىيەتتىن قىچىش ئىمكانىمۇ شۇنچە تارلىشىدۇ.
خۇلاسە تىرامپ ماڭا بىر پايدا بارمۇ زىيانمۇ دەيدىغان ئاددىي ئۆلچەمدە ئىشلارغا باھا بېرىدىغان تىجارەتچىلەردىن باشقا ئادەم كۆرۈلمىدى. ئۇ ھىلارىنىڭ ئېغىر بېسىق، پىشقان قىياپەت ۋە پوزىتسىيەسى ئالدىدا كىچىك بالىغىلا ئوخشايدىكەن، بۇ كىچىك بالا ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ دادىسىنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك كۆيۈنمەي باشقىلارغا ئىش بېرىپ ئۆزىگە بەرمەيۋاتقانلىقىدىن نارازى، بۇ ئوخشىتىشتا مەن ئۇنى ئامېرىكىغا «شەن مېنى تاشلىۋەتتىڭ شىنى مەن ھەقىقىي دادا قىلىپ ياشاپ چىقىمەن» دەۋاتقاندەك بىلىندى. ئەجەبا بۇ تىرامپنىڭ ئامېرىكىنى قايتا ئۇلۇغ قىلايلى دېگەن شوئارىنىڭ ماھايىتىمۇ؟ ! قارىغاندا ھىلارى پىرىزدېنت بولۇپ سايلانسا تىرامپ ۋە تىرامپلارنى ئامېرىكىغا لايىق پۇقرالاردىن قىلىپ چىقىپ بىر چوڭ مەسىلە بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە تىرامپ پىرىزدېنت بولۇپ سايلانسا ئامېرىكا ھازىرقىدىن كىچىكلەپ باشقا ئۇششاق دۆلەتلەرگە ئوخشاش پىرىزدېنتلارنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەمما ھەقىقىي ئۇلۇغ دۆلەت باشلىقلىرىنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدۇ چۈنكى بۇ دۆلەتنىڭ خەلقى تولىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ...