ئەگەر، كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىگە «تۇنجى كومپيۇتېر قاچان بارلىققا كەلگەن؟» دېگەن سۇئالغا جاۋاب بەرگۈزمەكچى بولساق، ئىزدەش موتورىنى ئېچىپ بۇ سۇئالنى كىرگۈزسەك ھەر خىل جاۋابلارغا ئېرىشىمىز. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى:دۇنيادىكى تۇنجى كومپيۇتېر 1946-يىلى ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن ئېلېكتېرونلۇق سانلىق قىممەت ئىنتېگرال كومپيۇتېرى، قىسقارتىلىپ ENIAC دەپ ئاتىلىدۇ. دېگەندەك جاۋابلارغا ئېرىشىمىز.
ئەمەلىيەتتە، بۇ سۇئالنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى يوق. ENIAC بولسا پەقەتلا بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر خىل جاۋاپ، خالاس. تارىختا كىشىلەر بۇرۇنلا ئاپتوماتىك ھېسابلاش ئۈسكۈنلىرىنى ياساپ سىناپ باققان.
(پاسكال ئىجاد قىلغان مېخانىكىلىق كومپيۇتېر)
كۆپ يىللىق تەرەققىيات نەتىجىسىدە ئاندىن كومپيۇتېرنىڭ بۈگۈنكى ھالىتى بارلىققا كەلگەن. كۆپ خىل تۈردىكى كومپيۇتېرلارنىڭ ھەممىسى «تۇنجى كومپيۇتېر»ھېسابلىنىدۇ. گەپ سىزنىڭ «كومپيۇتېر»غا قانداق ئېنىقلىما بېرىشىڭىزدا.
ئەگەر، ھېسابلاشقا ياردەم بېرەلەيدىغان نەرسىلەرنى كومپيۇتېر دېسەك، ئۇ ھالدا قەدىمكى زاماندىكى چوتمۇ بىر خىل كومپيۇتېر ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئۇ پۈتۈنلەي قول بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. 17-ئەسىردىن 20-ئەسىرگىچە بولغان نەچچە يۈز يىل مابەينىدە، بىر تۈركۈم توكسىز ئىشلەيدىغان كومپيۇتېرلار بارلىققا كەلدى. بۇ كومپيۇتېرلارنىڭ توك يولى تاختىسى يوق، پەقەتلا مېخانىكىلىق چىشلىق چاقتىن تەركىب تاپقان.
ئەڭ دەسلەپكى ئېلېكتىرونلۇق كومپيۇتېرنىڭ بىر قانچە خىل توك يولى تاختىسى
17-ئەسىردىكى فىرانسىيەدە پاسكال ئىسىملىك «ھەممىگە قادىر ئادەم» ئۆتكەن، ئۇ ماتېماتىك، فىزىك ھەم پەيلاسوپ، ئاقار جىسىملار دىنامىكىسى ئالىمى، شۇنداقلا ئېھتىماللىق نەزەرىيەسىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى، پاسكال ئىچىگە چىشلىق چاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. پۇرژىنا ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان قۇتا ياساپ چىققان. لېكىن بۇ تۇنجى «مېخانىكىلىق كومپيۇتېر» ئاددىي بولغان قۇشۇش، ئېلىش ئەمىلىنى ھېسابلىيالايدىغان بولۇپ، سەۋىيەسى يەسلى بالىلىرىنىڭ ئىقتىدارىىچلىك ئىدى. كېيىن گىرمانىيە ماتېماتىكا ئالىمى لېيبنتس قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش ئەمەللىرىنى ئىجاد قىلدى. مېخانىكىلىق كومپيۇتېرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتتى. ئەنگلىيە ماتېماتىكا ئالىمى بابباگې (Charles Babbage ). رنىڭ19 -ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا، دىففېرېنسىيال ماشىنىسىنى ياساپ چىقتى. بۇ ماشىنا بىر قىسىم ماتېماتىكىلىق فۇنكىسىيەلەرنى ھېسابلىيالايدىغان بولدى. گەرچە بابباگې ئىقتىدارى تېخىمۇ تولۇق بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد دىففېرېنسىيال ماشىنىسىنى ياساپ چىقىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىردا مۇۋاپپىقىيەت قازىنالمىدى.
كېيىن كىشىلەر مېخانىكىلىق چىشلىق چاققا تايىنىپ ھېسابلاش ئېلىپ بارغاندا، ھېسابلاش ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، كومپيۇتېرنى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن باشقا بىر يول ئېچىش لازىملىقىنى ھىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېر ياساپ چىقىلدى. ئېلېكتىر كۈچىگە تايىنىپ خىزمەت قىلىش چىشلىق چاققا تايىنىپ خىزمەت قىلىشقا قارىغاندا تېز بولغانلىقى ئۈچۈن ئېلېكتىرونلۇق كومپيۇتېر تېخىمۇ كۈچلۈك ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى ئايروپىلان، توپ ئوقى قاتارلىقلارنىڭ ئۈچۇش تىرايېكتورىيەسى نۇرغۇن مۇرەككەپ ھېسابلاشلار ئارقىلىق ئېرىشىلگەچكە ئېلېكتىرونلۇق كومپيۇتېرنىڭ تەرەققىياتىغا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. دۇنيادىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى رەقەملىك كومپيۇتېر «مارك1-نومۇر»نى مىسالغا ئالساق. ئۇ 72 گۇرۇپپا مەلۇماتنى ساقلىيالايدۇ. ھەربىر گۇرۇپپا مەلۇمات 23 خانلىق ساندىن تەركىب تاپقان. بىر قېتىملىق قۇشۇش ئەمىلىنى ھېسابلاش ئۈچۈن 300 مىللىسېكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ. كۆپەيتىش ئەمىلىنى ھېسابلاش ئۈچۈن 6 سېكونت، بۆلۈش ئەمىلىنى ھېسابلاش ئۈچۈن 15.3 سېكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ. قارىماققا بۇ سۈرئەت بىرقەدەر ئاستا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھېسابلاش تېخنىكىسىدىكى تارىخىي خارەكتىرلىك بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ كۆپ مىقداردىكى ھېسابلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بەردى.
ئۇنداقتا ئېلېكتېرونلۇق كومپيۇتېرنىڭ ئىجادچىسى كىم؟ بۇنىڭغا قارىتا ھەر خىل جاۋابلار بار. 1936-يىلى ئەنگلىيەلىك ماتېماتىكا ئالىمى تۇرىڭ (Turing)، تۇنجى بولۇپ بىر خىل پېروگرامما ۋە مەلۇمات كىرگۈزۈشنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرى ئاستىدا، نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كومپيۇتېرنىڭ دەسلەپكى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كېيىن بۇ ئۈسكۈنە ئورتاق ئىشلىتىدىغان تۇرىڭ ماشىنىسى دەپ ئاتالدى. 1938-يىلى تۇنجى رېلىي ئارقىلىق خىزمەت قىلىدىغان كومپيۇتېر «1-Z» مەيدانغا كەلدى. لېكىن رېلىي مېخانىكىلىق قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، پۈتۈنلەي ئېلېكترونلۇق دېتال ئەمەس ئىدى. 1942-يىلى ئاتاناسوف (Atanasoff) بىلەن بېررى (Clifford Berry)تۇنجى ۋاكۇئۇم لامپا ئىشلىتىلگەن كومپيۇتېرنى ئىجاد قىلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرىپىنى ئېلىپ «ABC»دەپ نام قويۇلدى. لېكىن ABC پەقەتلا سىزىقلىق تەڭلىمىلەر گۇرۇپپىسىنىلا يېشەلەيدىغان بولۇپ، باشقا خىزمەتلەنرى قىلالمايتتى. تۇرىڭنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا، 1943-يىلى ئەنگىلىيەدە پىروگرامما تۈزۈپ ھەرخىل ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلالايدىغان كومپيۇتېر COLOSSUS بارلىققا كەلدى ھەمدە مەخپىي شىفىرنى يېشىشكە ئىشلىتىلدى.
(لېيبنتس كەشىپ قىلغان كومپيۇتېرنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخسى)
ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىدىغان ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى كومپيۇتېر 1946-يىلى ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئۇنۋېرىستېتىدا بارلىققا كەلگەن ENIAC كومپيۇتېرىدۇر. گەرچە ئۇ بۇرۇن تىلغا ئېلىنغان ماشىنىلارغا قارىغاندا كېيىنرەك بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھازىرقى كومپيۇتېرلارنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. شۇنداقلا تۇرىڭ ماشىنىسى بىلەن تەڭ ئۈنۈملۈك تۇنجى كومپيۇتېردۇر. ھازىرغا نىسبەتەن. ENIACنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارى كىچىككىنە ھېسابلىغۇچ ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانغۇنلارغا يەتمىسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك ھېسابلىناتتى. ENIACنىڭ ھەجىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بىر نەچچە ئېغىز ئۆيچىلىك كېلىدۇ. پۈتۈن گەۋدىسىنى ئېلېكتىر سىمى ۋە ۋاكوئوملۇق لامپا قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ توك سەرپىياتىمۇ ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. ئۇ خىزمەت قىلغاندا پۈتۈن شەھەردىكى ھەممە ئائىلىلەرنىڭ چىرىغى غۇۋالىشىپ قالىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە ENIAC نىڭ پىروگراممىسىنى لايىھەلەش قول ئارقىلىق ۋېكليۇچاتېلنى يۆتكەش، ئېلېكتىر سىمىنى ئۇلاش ئارقىلىق ئۇرۇنلىنىدىغان بولغاچقا، پىروگراممىنى بىر قېتىم ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىر ھەپتە ۋاقىت كېتەتتى. ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىنژېنېرلار پىروگرامما بىلەن سانلىق مەلۇماتنى ساقلىغۇچنىڭ ئىچىگە ساقلاپ قۇيۇشنى ئويلاشتى. ماتېماتىك ۋون نېئۇمان (Von Neumann) بۇ ئىدىيەنى ماتېماتىكىلىق تىل سېستىمىسى ئارقىلىق بايان قىلدى ھەمدە پىروگرامما ساقلايدىغان كومپيۇتېر مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كېيىن بۇ كومپيۇتېر كىشىلەر تەرىپىدىن «ۋون نېئۇمان كومپيۇتېرى»دەپ ئاتالدى.
(ھەجىمى چوڭ ENIAC)
ھازىر كىشىلەر ئۇمۇمىيۈزلۈك ھالدا تۇرىڭ بىلەن ۋون نېئۇمانلارنى ھازىرقى زامان كومپيۇتېر نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىم ئاساس سالغۇچىلىرى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئالدىنقىلار تۇرىڭ ماشىنىسىنىڭ نەزەرىيەۋى مودېلىنى تىكەپ، ھېسابلاش نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇردى.؛ كېيىنكىلەر ھازىرقى زامان كومپيۇتېرىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. لېكىن كومپيۇتېرنىڭ تەرەققىياتىنى ئاددىيغىنە قىلىپ مەلۇم بىر ئادەم ياكى مەلۇم بىر ماشىنىغا يىغىنچاقلىغىلى بولمايدۇ. تارىختىكى ھەربىر ئىجاد قىلىنغان كومپيۇتېر كومپيۇتېر تارىخدىكى بىرىنچى دەپ ئاتىلىشقا مۇناسىپ، ئۇ ئىنسانلار ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ.
(ۋون نېئۇمان)
(ئامېرىكىلىق يادرو فىزىكا ئالىمى ئوپپېنخېيمېر)
مەنبە: «يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
|