قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1626|ئىنكاس: 3

ياش ئۆسمۈرلەردىكى روھىي كېسەللەرنىڭ مەنبەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5069
توردىكى ۋاقتى: 1843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 19:08:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياش ئۆسمۈرلەردىكى روھىي كېسەللەرنىڭ
مەنبەسى ۋە داۋاسى


[align=justify]
ياش-ئەۋلادلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغان، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىدىغان، جەمئىيەتنىڭ ياراملىق بىر ئەزاسى بولىشى ئۈچۈن ئۇلارنى توغرا پىرىنسىپ ئاساسىدا يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، يامان غەرەزلىك، ناچار ھەمراھلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش، ياخشى، تەقۋادار، ئەخلاقلىق كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش بەك مۇھىمدۇر.

ياشنىڭ كىچىكلىكى ياشلىق ۋە ئۆمۈرنىڭ باشلىنىشىغا ئىشارەتتۇر، چۈنكى بۇ ياشتىكى ئەۋلادلارنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى بىر قەدەر ئاز، پەرق ئېتىشى ئاجىز، تەسىرلىنىشى تېز، ئەجەبلىنىشى كۆپ، باشقىلارغا ئوخشىۋېلىشى ۋە ئۆزگىرىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ، يېقىندىن يار-يۆلەكتە بولمىغاندا، كۆپىنچە ھالللاردا ئۇلار ئۆزلىرىگە مەنپەئەتلىك بولغان نەرسىلەر بىلەن ماسلىشالمايدۇ.

ياش ئوغۇل-قىزلار بىرەر شەخستىن ئەجەبلەنسە، ئۇ كىشىگە ئەگىشىدۇ، تەلىم ئالىدۇ، ھەر ۋاقىت ئۇنى ياد ئېتىدۇ، كېيىم-كېچەك، گەپ-سۆز، ھەرىكەت-شەكىللەردە مەزكۇر كىشىگە ئوخشاش بولۇشقا تېرىشىدۇ.


جەمئىيەتنى كۈزۈتۈپ مىللەتنى توغرا ۋە مەنپەئەتلىك يوللارغا يېتەكلەپ تۇرىدىغان يېتەكچىلەر ئۆز رولىنى يوقىتىپ قويغان ۋاقىتتا، جەمئىيەتكە يامان نىيەتلىك، ناچار-رەزىل ئۈلگىلەر  سوقۇنۇپ كېرىپ، ياشلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، كۆيۈمچان، سەمىمى تەربىيىچىلەرنىڭ تەسىرى ئاجىزلىشىش نەتىجىسىدە ياخشى-سالىھ  باشقۇرغۇچىلارنىڭ رولى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا ياش ئوغۇل-قىزلار ئارىسىدا ئەخلاقى بۇزۇقچىلىق ئاشكارا بولىدۇ. مىللەت ۋە خەلق
 كۆرۈپ باقمىغان ۋە ئادەتلەنمىگەن غەيرى ئادەتلەر مەيدانغا چىقىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەر-كوچىلىرىدا ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان قىز-ئاياللار، ئاياللارنى تەقلىد قىلىدىغان بىنورمال ياشلار كۆپىيىدۇ، ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەت، كېيىم-كېچەك ھەتتا ھەيئەت-شەكىللىرىمۇ قىز-ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ، قۇلاقلىرىغا ھالقا، قوللىرىغا بىلەيزۈك ۋە بويۇنلىرىغا زەنجىر ئېسىۋالىدۇ، لەۋلىرىنى پارقىرتىپ، تېرىلىرىنى بوياپ، يۈزىنى قىزارتىپ، تار، نىپىز ھەتتا ئەۋرەتلىرى ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان چاكىنا كىيىملەرنى كىيىدۇ. بىر-بىرىنى ناچار-رەزىل لەقەم ۋە غەيرى ئىسىملار بىلەن ئاتايدۇ.

نۇرغۇنلىغان ياشلار  قاۋاقخانا، ھاراقخانا ۋە شوپاڭخانىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن، ياشلىق دەۋرىگە قەدەم باسا-باسماستىن تۈرلۈك زەھەرلىك چېكىملىك، ئىچىملىك ۋە چەكلەنگەن پاھىشە ئىشلارغا بېرىلىپ كەتكەن. يېتەكچىسىز، كۆزەتكۈچىسىز قالغان قىز-ئوغۇللار ئارىسىدا قالايمىقان ئارىلىشىش، ئولتۇرۇش-قوپۇش ھالەتلىرى ئەۋج ئالغان، قىز-ئاياللار ئوغۇللار-ئەرلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدىغان، ئۆز-ئارا چاقچاقلىشىدىغان، قەلىبلەرنى نەپرەتلەندۈرىدىغان، نېرۋىلارنى بۇزىدىغان بىر شەكىلدە سۆزدە غىلجىڭلىق ۋە  ھەرىكەتلىرىدە نايناقلىق كۆرۈلمەكتە.


جەمئىيەتتىكى ياشلارنىڭ يېتەكچىلىرى، ئائىلە باشلىقلىرى ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىپ، قىز-ئوغۇل ياش ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى تۈرلۈك شەكىلدىكى ماددىي-مەنىۋىي  بۇزۇلۇشتىن ساقلاشقا كىچىكىدىن تارتىپ مۇستەھكەم ئۇل ھازىرلاش ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىدە گۈزەل ئەخلاق، ئېسىل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت يۈكسەك بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىشى لازىم.

سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇسۇلمان تىجارەتچىلەر ئەقىدىنى بۇزىدىغان، ئەخلاق-پەزىلەتنى ۋەيران قىلىدىغان، نەرسىلەرنىڭ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك.  مىللەت ئىچىدىكى ئىقتىساد ئىگىلىرى مائارىپقا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تەلىم-تەربىيە ساھەسىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش نەتىجىسىدە ياش-ئەۋلادلارنى يۇقىرى سەۋىيە بىلەن تەربىيەلەپ، مىللەتنىڭ جاھالەت  ئېڭىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىشىغا ئاساس سېلىشى مەزكۇر بايلارنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان ئىمانى ۋە مىللى بۇرچىدىن ئىبارەتتۇر.
[align=justify][align=justify]مەنبە: بىر قېرىندىشىمىز . 

0

تېما

0

دوست

629

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5654
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 12:25:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياش- ئۆسمۇرلەرنى ياخشى تەربىيلەش چوڭلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇليىتى، ئۆزىمىزنىڭ باللىلىرىغىلا ئەمەس پۇتۇن مىللەت باللىرىغا كوڭۈل بولۈشىمىز كېرەك، چۇنكى ئۇلارمىللەتنىڭ كەلگۇسى،سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ئەتىمىز،  ئىلگىرى بىر ئوقۇتقوچىمىز دائىم ھازىر ئوغۇللىرىمىزنىڭ ساپاسى يوق، قىزلىرىمىزنىڭ ۋاپاسى يوق بوپكەتتى دەيدىغان، ئەخلاقلىق ياخشى بالىلارمۇ كۆپ، لېكىن ھاياسىز، ئەخلاقسىزلارمۇ كۈندىن- كۈنگە كۆپەيمەكتە،ئەلۋەتتە خەقنىڭ بالىسىنى ھەي ئۇكام، سېنىڭ بۇ قىلغىنڭى بولمىدى ،ئۇنداق قىل، مۇنداق قىل دەپ تەربىيە بەرگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۆزىمىزنىڭ ئەدەپ- ئەخلاقىمىز بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بولساق بولىدۇ، كىچىكلەر ھامان چوڭلارنى دورايدۇ ئەمەسمۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

2

دوست

6939

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   38.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  530
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1272
تۆھپە : 1267
توردىكى ۋاقتى: 592
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 10:05:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى gunqaدە2012-03-09 12:25يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ياش- ئۆسمۇرلەرنى ياخشى تەربىيلەش چوڭلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇليىتى، ئۆزىمىزنىڭ باللىلىرىغىلا ئەمەس پۇتۇن مىللەت باللىرىغا كوڭۈل بولۈشىمىز كېرەك، چۇنكى ئۇلارمىللەتنىڭ كەلگۇسى،سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ئەتىمىز،  ئىلگىرى بىر ئوقۇتقوچىمىز دائىم ھازىر ئوغۇللىرىمىزنىڭ ساپاسى يوق، قىزلىرىمىزنىڭ ۋاپاسى يوق بوپكەتتى دەيدىغان، ئەخلاقلىق ياخشى بالىلارمۇ كۆپ، لېكىن ھاياسىز، ئەخلاقسىزلارمۇ كۈندىن- كۈنگە كۆپەيمەكتە،ئەلۋەتتە خەقنىڭ بالىسىنى ھەي ئۇكام، سېنىڭ بۇ قىلغىنڭى بولمىدى ،ئۇنداق قىل، مۇنداق قىل دەپ تەربىيە بەرگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۆزىمىزنىڭ ئەدەپ- ئەخلاقىمىز بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بولساق بولىدۇ، كىچىكلەر ھامان چوڭلارنى دورايدۇ ئەمەسمۇ.  

پىكرىڭىزنى قوللايمەن ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرىغىلا ئەمەس پۇتۇن مىللەتنىڭ بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك......

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 19:27:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى يوللىغان خەتلەر مېنىڭ كومپىيۇتىرىمدا نۇرمال كۆرۈنمەي قالدىغۇ ، بۇ مېنىڭ كومپىيۇتىرىمدىكى مەسلىمۇ ياكى باشقىلارنىڭكىدىمۇ شۇنداق كۆرىنىۋاتامدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )