ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاسىيانىڭ غەربى قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا ئەزەربەيجان، ئەرمىنىيە ۋە تۈركمەنىستان بىلەن چىگرالىنىدۇ، ھەمدە كاسپىي دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ، غەربتە تۈركىيە، ئىراق بىلەن، شەرقتە ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن چىگرالىنىدۇ، جەنۇبى بولسا ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى دۆلەتلەر بىلەن پارس قۇلتۇقى ۋە ئومان قولتۇقى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئومومىي يەر مەيدانى 1 مىليون 636 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر (شىنجاڭنىڭ يەر زېمىنى بىلەن تەڭ) بولۇپ، زېمىن جەھەتتە دۇنيا بويىچە 18-چوڭ دۆلەت ھېساپلىنىدۇ. زېمىنىنىڭ كۆپ قىسىمى ئىگىزلىككە جايلاشقان. دېڭىز قىرغىقى ئۇزۇنلۇقى 1830 كىلومېتىر. پايتەختى تېھران، نوپۇسى 13 مىليون 413 مىڭ (2010-يىللىق) بولۇپ، ئىراندىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ھېساپلىنىدۇ. ئومومىي نوپۇسى 75 مىليون 330 مىڭ (2011-يىللىق) بولۇپ، پارىسلار (فارسى) ٪51، ئەزەربەيجانلار ٪24، گىلاكىلار بىلەن مازاندارانىلار ٪8، كۇردلار ٪7، ئەرەبلەر ٪3، بېلۇجلار (بالۇچى) ٪2، لۇرلار ٪2، تۈركمەنلەر ٪2 ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا لاك، قاشقاي، تات، سېگان، براخۇي، ھازارا، قازاق (نوپۇسى 5700) ۋە ئۇيغۇر (نوپۇسى 5600) قاتارلىق مىللەت- قەۋىملەر بار. پارىس تىلى ئىراننىڭ رەسمىي تىلى بولۇپ، ٪65 ئاھالە ئانا تىلى قاتارىدا، قالغان ٪35 ئاھالە ئىككىنچى تىل قاتارىدا ئىشلىتىدۇ. تۈركىي تىللار ئىراندىكى ئىككىنچى چوڭ تىل ھېساپلىنىدۇ. پارىس تىلى ھىندى-ياۋرۇپا تىللىرى سېستىمىسىنىڭ ھىندى-ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسى ئىران تىللىرى تارمىقىغا كىرىدۇ. ئەزەربەيجان ۋە تۈركمەن تىللىرى بولسا ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىنىڭ تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى ئوغۇز تىل تارمىقىغا كىرىدۇ. ئىراننىڭ ٪98.8 ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. تەخمىنەن ٪90- ٪95 ئاھالە شىئە مەزھىپى، ٪4- ٪8 ئاھالە سۇننىي مەزھىپىگە تەۋە. قالغانلىرى باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىران ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمكى دۆلەت بولۇپ، مىس قۇراللار دەۋىرىدىكى ئېلام دۆلىتى ئەڭ دەسلەپ شەھەرلەشكەن ئەللەردىن ھېساپلىنىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىلىدىكى قەدىمكى يازمىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى مېسوپوتامىيەنىڭ تارىخى بىلەن پارالېل كېلىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2800-يىللىرىدىكى ئېلام دۆلىتى ئانشاننى مەركەز قىلغان ئىران ئىگىزلىكىدىكى بەگلىكلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىللىردىن كېيىن، ئېلام دۆلىتى سۇسانى مەركەز قىلىپ، تاكى مىلادىدىن بۇرۇنقى 550-يىلى ھەمخامانىشيە (ئاچېمېنىد) ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغانغا قەدەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 625-يىلى مەدا پادىشاھلىقى ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا، كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبى ۋە غەربى قىسىملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. ئىمپېراتور كۇرۇسنىڭ رەھبەرلىكىدە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 559-يىلى ئىران خەلقى ھەمخامانىشيە (ئاچېمېنىد) ئىمپېرىيىسى قۇرۇپ چىقىدۇ، كېيىن كۇرۇش ئوغلى كامبوجىيە ئىمپېرىيە دائىرىسىنى مىسىرغىچە كېڭەيتىدۇ. كامبوجىيە ئۆلگەندىن كېيىن، دارىيۇسⅠ ئۆزىنى خان دەپ جاكارلايدۇ، ھەمدە سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ئىنسانلار تارىخىدىكى زېمىنى ئەڭ كەڭ ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئىمپېرىيەگە ئايلاندۇرىدۇ. مەزكۇر ئىمپېرىيە مىلادىدىن بۇرۇنقى 330-يىلى ماكىدونىيە ئىمپېراتورى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن گۇمران بولىدۇ. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ۋاپاتىدىن كېيىن، ماكىدونلار (گرىك) سېلۇكىيە ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 312-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 63-يىلى)نى قۇرىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 238-يىلى ئارساسى سۇلالىسى قۇرىلىدۇ، كېيىن ئۇلار سېلۇكىيە ئىمپېرىيىسىنى مۇنقەرز قىلىپ، پارتىئان ئىمپىريىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. مەزكۇر ئىمپېرىيە يەرلىك پارىسلار قۇرغان ئۈچىنچى ئىمپېرىيە بولۇپ، جەمئىي 500 يىلغا يېقىن ھۆكۈم سۈرىدۇ. مىلادى 224-يىلى ئەردەشىرⅠ پارتىئان ئىمپېرىيىسىنى يىقىتىپ، ساسانىلار سۇلالىسى (مىلادى 224-يىلىدىن 651-يىلىغىچە)نى بەرپا قىلىدۇ، ھەمدە دۆلەتنى ئىقتىسادى ۋە ھەربىي جەھەتتىن كۈچلەندۈرىدۇ. 632-يىلى ئەرەبلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ، ئەل قادىسىيە ئۇرۇشىدا ساسانىلارنى مەغلۇپ قىلىپ، پېرىسىيە (پارىسلار) رايونىنى ئىسلاملاشتۇرۇش قەدىمىنى باشلايدۇ. گەرچە ئەرەبلەر ھاكىمەتنى قولىغا ئالغان بولسىمۇ، ئۈزلۈكسىز قارشلىققا ئۇچراپ، ئەرەب ئەمىرلەر ئۆلتۈرىلىدۇ. ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريانلار بىلەن، 9-ئەسىردە پېرىسيە ئاساسەن ئىسلاملىشىدۇ، 10-ئەسىردە زور تۈركۈمدىكى زوروئاستېر مۇرتلىرى سوپى مەزھىپى ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، پېرىسيەنىڭ ئىسلاملىشىشى تاماملىنىدۇ. ئۇمەييە خەلپىلىكى (مىلادىن 661-يىلىدىن 750-يىلىغىچە) ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغلاردا، ئۇمەييەلەر ئەرەب بولمىغان خەلقلەرنى كەمسىتىدىغان ۋە چەتكە قاققانلىقتىن، پارسلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، پارس مىللىتىدىن بولغان سانغۇن ئابۇ موسلېم، ئۇمەييەلەرنى دەمەشىقتىن قوغلاپ، ئابباسلار خەلپىلىكى (مىلادى 750-يىلدىن 1258\1513-يىلغىچە) نىڭ باغداتنى ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئابباسلار خەلپىلىكى دائىم دىگۈدەك پارسلاردىن ۋەزىرلەرنى تەيىنلەيدۇ. پارس ئەمىرلەر بولسا مەلۇم جەھەتتە ئۆزئەركلىككە ئىگە بولىدۇ. 822-يىلى، خوراسان، تاھىر ئەمىرلىرى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، يېڭى پېرىسىيە سۇلالىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. سامانىلار سۇلالىسى (819-يىلدىن 999-يىلغىچە) ۋاقتىدا، پارسلار رەسمىي ھالدا مۇستەقىللىققا ئېرىشىدۇ. مىلادى 1218-يىلى، شەرقىي خارازىم ئۆلكىسى ۋە خوراسانلار چىڭگىزخاننىڭ دەھشەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. بۇ جەرياندا، ئىران ئاھالىسىنىڭ يېرىمى قىرىپ تاشلىنىدۇ. قانلار دەريا بولۇپ ئېقىپ، كېسىلگەن باشلاردىن پرامىدا ياسىلىدۇ. بەزى تارىخچىلارنىڭ تەھلىلىچە، چىڭگىزخان 10 مىليوندىن 15 مىليونغىچە ئاھالىنى قىرىۋەتكەن بولۇپ، ئىراننىڭ نوپۇسى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگىچىمۇ چىڭگىزخان ھۇجۇمىدىن ئىلگىرىكى ھالەتكە يېتەلمىگەن. كېيىن تېمۇرىيلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرايدۇ. 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، "قارا ئۆلۈم" دەپ ئاتىلىدىغان كېسەللىك تۈپەيلىدىن ئىران ئاھالىنىڭ ٪30ى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئىراننىڭ شىئە مەزھىپىدىكى ھاكىمىيىتى سافاۋى سۇلالىسى (مىلادى 1501-يىلدىن 1722-يىلغىچە) مەزگىلىدە بارلىققا كېلىدۇ. 1722-يىلى، خوتاكىلار باشچىلىقىدىكى پۇشتۇلار سافاۋى سۇلالىسىنى مەغلۇب قىلىدۇ. لېكىن 1735-يىلى نادىر شاھ پۇشتۇلارنى ئىسفاھان شەھىرىدىن غەلبىلىك ھالدا قوغلاپ چىقىرىپ، ئافشار سۇلالىسى (1736-يىلدىن 1799-يىلغىچە)نى قۇرىدۇ. نادىر شاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىمۇ ئۇزاققا بارماي، 1747-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. 1750-يىلى كەرىم خان باشچىلىقىدىكى زاندىيە سۇلالىسى (1750-يىلدىن 1794-يىلغىچە) قۇرۇلۇپ، ئىراننى تېنچ ۋە گۈللەنگەن دەۋىرگە ئېلىپ كىردى. قاجار قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاغا مۇھەممەدخان زاندىيە سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، قاجار سۇلالىسى (1794-يىلدىن 1925-يىلغىچە)نى قۇردى. بۇ سۇلالە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان مەزگىلدە، بىر قانچە قېتىم چاررۇسىيە بىلەن ئۇرۇشۇپ، چاررۇسىيە ۋە ئەنگلىيەگە زېمىنىنىڭ يېرىمىنى تارتقۇزۇپ قويدى. 1870-1871-يىلىدىكى پېرىسىيە چوڭ ئاپىتىدە، 2 مىليون كىشى ئۆلۈپ كەتتى. ئاپەت جەريانىدا، ئەتراپتىكى خوشنا دۆلەت ۋە رايونلارغا ئوخشاش مۇستەملىكە ھالەتكە چۈشۈپ قالماي، ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالدى. 1925-يىلى، رىزاخان قاجار سۇلالىسىنى ئاغدۇرىۋېتىپ، شاھ بولدى، ھەمدە پەھلەۋىلەر سۇلالىسىنى قۇردى. رىزاشاھ ئىراندا دەسلەپكى سانائەتلىشىشىنى يولغا قويۇپ، تۆمۈريول ياسىدى، ھەمدە مائارىپ سېستىمىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، رىزاشاھ تەخت ئورنىنى ئوغلى مۇھەممەد رىزا پەھلەۋىگە بوشۇتۇپ بەردى. 1978-يىلى 1-ئايدا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى پارتىلاپ، مۇھەممەد رىزا پەھلەۋىگە قارشى نامايىش قوزغالدى. 1979-يىلى 1-ئايدا پەھلەۋى چەتئەلگە قېچىپ كەتتى. چەتئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن روھۇللاھ ھۈمەينى تېھرانغا قايتىپ كەلدى. شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى پەھلەۋى سۇلالىسى گۇمراھ بولدى، ئىران ئارمىيىسى بىتەرەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ھەمدە 4-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي تۈردە "ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى" قۇرۇلدى. ئىنقىلابنىڭ بۇ خىل غەلبىسى دۇنيا ئەھلىنى تاڭ قالدۇردى. سادام ھۈسەيىن رەھبەرلىكىدىكى ئىراق ئارمىيىسى 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن، ئىران- ئىراق ئۇرۇشى پارتىلىدى. دەسلەپكى مەزگىلدە، ئىراق قوشۇنى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، 1982-يىلىدىن باشلاپ، ئىران كۈچلىرى غالىب كېلىپ، ئىراق قوشۇنىنى ئىراق چىگىرىسىنىڭ ئىچىگىچە قوغلاپ كىردى. لېكىن، ھۈمەينىنىڭ ئىراقتىكى شىئە ئەرەبلىرىگە بولغان ئىسلام ئىنقىلابى تەشۋىقاتى بىلەن، ئۇرۇش يەنە 6 يىل سوزۇلۇپ، 1988-يىلى ئاياقلاشتى. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئىككىلى تەرەپ ئۆلگەن ئادەملىرىنى "شېھىت" دەپ ئاتىدى. دۇنيا بويىچە 2-چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت. ئۇنىڭدىن باشقا كان بايلىقلىرىمۇ خېلى مول. لېكىن سۇ مەنبەسى كەمچىل. پولات تاۋلاش، ئېلېكتر، توقۇمچىلىق، يېمەكلىك پىششىقلاش ۋە ئاپتوموبىل ياساش قاتارلىق سانائەت كەسىپلىرى بار، لېكىن ئاساسى ئاجىز. كۆپ قىسىم سانائەت ماتېرىيالى ۋە زاپچاسلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ. يېزا-ئىگىلىكىدە ئىشلەپچىقارغان ئاشلىقلىرى ئۆزىنى قامدىيالمايدۇ، چارۋىچىلىق كەسىپىمۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ. ئىمپورت- ئېكىسپورت ماللىرىنىڭ ٪80ى دېڭىز يولى ئارقىلىق توشىلىدۇ. ئىراننىڭ 2010-يىللىق GDP قىممىتى 357 مىليارد 221 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، دۇنيا بويىچە 29-ئورۇندا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قىممەت 4484 دوللار بولۇپ، دۇنيا بويىچە 91-ئورۇندا تۇردى (جۇڭگو 90-ئورۇندا). پۇل بىرلىكى-رىيال. |