- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 17806
- نادىر
- 9
- يازما
- 463
ئۆسۈش
19.52%
|
چېن جېرۇ ئۆزىنىڭ جالاپ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان . چېبن جېرۇنىڭ نەۋرىسى جاۋ جىچىڭنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە ، چېن جېرۇنىڭ ئەسلىمە يېزىشنى باشلىغان ۋاقتى 50 -يىللار بولۇپ ، ئەينى چاغدا چوڭ قۇرۇقلۇڭ جياڭ جيېشىغا ئائىت بىر كىتاب نەشىر قىلغان . كىتابتا چېن جېرۇ جالاپ دېيىلگەن . چاۋشيەن ئۇرۇشى ۋە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئايرىلىپ كېتىش تۈپەيلىدىن ، چېن جېرۇ ئەسلىمە يېزىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن . كېيىن شياڭگاڭغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىنلا ئۆز پىلانىغا تۇتۇش قىلغان .
چېن جېرۇنىڭ ئېيتىشىچە ، جياڭ جيېشى ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالغان چاغدا بىرىنچى خوتۇنى ماۋمۇمىي بىلەن توي قىلىپ بولغان ھەمدە يەنە بىر كىچىك خوتۇنىمۇ بولغان .
« بىر ئادەمنىڭ مۇھەببىتى ئۇنىڭ شۇ مۇھەببەتكە قوشقان تۆھپىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ » جياڭ جيېشى چېن جېرۇ بىلەن شېرىن ئاي ئۆتكۈزگەن جەرياندىمۇ ، تولىمۇ كەسكىن ھالدا بۇ سۆزنى قىلغان . ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ بىر بارمىقىنى كېسىپ ، چېن جېرۇغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان . كېيىن جياڭ جيېشى شىمالى ئالدىنقى سەپكە كەتكەن . ئالدىنقى سەپكە بارغاندىن كېيىنمۇ چېن جېرۇغا مۇھەببەت خەتلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي يېزىپ تۇرغان .
ئۇلار 1921 - يىلى شاڭخەيدە توي قىلغان بولۇپ ، جياڭ جيېشى ئۇ چاغدا بۇرۇنقى جۆرىسى ماۋ فامىللىك بىلەن ئاجراشقان بولسىمۇ ، بىراق ئۇ ئايال يەنىلا « بىرىنچى خانىم » لىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىۋەرگەن .
جياڭ جيېشىدا جىنسى كىسەللىك بولغىنى ئۈچۈن چېن جېرۇ بىلەن يەتتە يىل ئۆي تۇتۇپمۇ پەرزەنت كۆرمىگەن .
جياڭ جيېشىنىڭ چېن جېرۇدىن پەرزەنت كۆرمەسلىكىگە ، ئۇنىڭ شاڭخەيدىكى پاھىشخانىدا سۆزنەك كىسىلىنى يۇقتۇرىۋېلىپ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقى سەۋەپچى بولغان .
چېن جېرۇنىڭ بېقىۋالغان قىزى چېن سىشىڭ 70 -يىللاردا ئوغۇللىرى جاۋ جىچىڭ چاۋ جىچىڭ خوتۇنى چىڭ نى ئېلىپ شياڭگاڭغا كەلگەن . چاۋ جىچىڭ چېن جېرۇ 1962 - يىلى شاڭخەيدىن شياڭگاڭغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقاندا ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەن . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە جياڭ جيېشى چوڭ قۇرۇقلۇقتا مەغلۇپ بولۇپ تەيۋەنگە چېكىنىدىغان چاغدا جياڭ جىڭگوغا چېن جېرۇنى تەيۋەنگە بىرگە ئېلىپ كېتىشنى ئېيتقان بولسىمۇ چېن جېرۇ رەت قىلغان .
چاۋ جىچىڭنىڭ ئەسلىشىچە ، ئۇ كىچىك چېغىدا جياڭ جيېشىنىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىغا قايتىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلغان . كېيىن ئۇنىڭ ئانىسى چوڭ ئانىسىنىڭ ئىشىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىنلا جياڭ جيېشىغا ئۆچ بولۇپ كەتكەن . چاۋ جىچىڭ : « مەن ھازىر توي قىلىپ ، خوتۇنۇمنىڭ مۇھەببىتىنى چوڭقۇر چۈشەندىم . شۇنداقلا چوڭ ئانامنىمۇ چۈشەندىم » دېگەن .
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا چېن فامىللىك ئاكا - ئۇكىلار چۇڭ ئانىسىنىڭ توي قىلغان چاغدىكى نۇرغۇن سۈرەت ، خەت _ چەك ۋە ئىسپاتلارنى بايقىغان . ئۇلار قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرىۋەتكەن . ئەمما قىزىل قوغدىغۇچىلار بۇ ئىشنى بىلىپ قالغاچقا ، ئاكا - ئۇكا ئىككىسى ئايرىم - ئايرىم قامالغان . گەرچە ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ ، چاۋ جىچىڭدا چېن جېرۇنىڭ نۇرغۇن ماتېرىياللىرى ساقلىنىپ قالغان ، بۇ ماتېرىياللار ئۇلار جياڭ جيېشىغا يازغان خەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن . ئۇ جياڭ جيېشىغا يازغان خېتىدە ، جياڭ جيېشىنىڭ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان . خېتىدە يەنە جياڭ جيېشىنىڭ ئاجىرىشىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا باشتىن - ئاياغ ئىقتىسادى جەھەتتە ياردەم قىلىمەن دېگەن قەسىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئەيىپلەنگەن . جياڭ جيېشى باشقىلار ئارقىلىق چېن جېرۇغا ھەر ئايدا ئازراق قوشۇمچە ياردەم بېرىشكە ماقۇل بولغان . چېى جېرۇ ئۇنى رەت قىلغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئەسلىمىسىنى نەشىر قىلدۇرۇش قارارىغا كەلگەن .
ئۇ كىتابنى تەھرىرلىگەن پروفېسسورنىڭ قارىشىچە ، بۇ كىتابنى بىر خىل خەت قاتارىدا ئوقىغاندا ئانچە مۇۋاپىق بولمايدىكەن . چۈنكى چېن جېرۇ بۇ كىتابنى يازغان چاغدا چوڭقۇر ، مۇرەككەپ ھېسيات بىلەن يازغان . لېكىن ، بۇ ئەسلىمىنىڭ جۇڭگونىڭ ھازىرقى تارىخىدىكى ئاساسلىق شەخسكە ھەمدە ئۇنىڭ قارا نىيىتىگە قارىتا ئاشۇنداق زور بەدەللەرنى تۆلىگەن بىر ئايالنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا پروفېسسور بېسىمنىڭ يەنە ئىزاھلىشىچە ، سۇڭ مېيلىڭ 1942 - يىلى بىر چەت ئەل مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ جياڭ جيېشى بىلەن بولغان نىكاھىنىڭ مۇۋاپىق كىلىشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ، توي كىچىسى جياڭ جيېشى سۇڭ مېيلىڭغا جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئىتىراپ قىلغان .
شياڭگاڭدا چېن جىرۇ كاسۋىۋان جىستون كوچىسىدىكى بىر قۇرۇدا ئولتۇرغان بولۇپ ، 1971 - يىلى يۈرەك كىسىلى بىلەن يەككە - يىگانە ھالدا ئالەمدىن ئۆتكەن . ئۇ شۇ يىلى 66 ياش ئىكەن . ئەتىراپتىكىلەر ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن بىلگەن .
( چېن جېرۇ شياڭگاڭدا )
( تۈگىدى )
( «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» دىن ئېلىندى . « باغداش » تورىغا خاس . |
|