پەقەت ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىز توغرا بولسىلا ئىنگلىزتىلىنى 5-6 ئاي ئۆگىنىپلا ئاددىي ھېكايىلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان، ئۆزمەقسىتىڭىزنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىپادىلىيەلەيدىغان بولۇش ئانچە قىيىن ئەمەس، مېنىڭئىنگلىزتىلىنى ئۆگىنىش جەريانىم يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىنگلىزتىلىنىئۆگىنىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش جەريانى بولۇپ كەلدى، بۇ جەرياندا، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمۇ ئېشىپ باردى، مەن بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئىنگلىزتىلى ئۆگەنمەكچى بولۇۋاتقان بىر نەچچە ساۋاقدىشىمغا ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدا ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋېدىم ئۇلار شۇ بويىچە ئۆگىنىپ، 6-7 ئايئىچىدىلا ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلغان ئاددىي ھېكايىلىرىنى ئوقۇپ زوقلىنالايدىغان بولۇپ قالدى.
گەپنى ئۇنتۇلۇشتىن باشلايلى، تىلنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنىناھايىتى كەڭ.بۇلغانلىقتىن باشتىكى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىپ بولۇپ كېيىنكى مەزمۇنلارنىئۆگىنىۋاتقاندا باشتا ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى ئۇنتۇشقا باشلاش مۇقەررەرر بولىدىغانھادىسە، بۇ چاغدا قانداق قىلىش كېرەك؟، باشتىكى مەزمۇنلارنى قايتىدىن تەكرارلاش كېرەكمۇياكى داۋاملىق يېڭى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەكمۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپنەرسىنى ئۆگىنىۋېلىشتىن ئىبارەت بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال ئاستىداداۋاملىق يېڭى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىۋېرىش كېرەك، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىز كېرەك بولغانمەزمۇن ئىككى، بىرى سۆزلەر يەنە بىرى جۈملە شەكىللىرى، مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغانداكېيىنكى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىشنىڭ.ئۆزى باشتىكى مەزمۇنلارنى تەكرارلاشتىن ئىبارەت،مەسىلەن«I am glad tosse you»، دېگەن بۇ جۈملىنى ھاسىل قىلغان سۆزلەر، بىلەن ئۇنىڭ جۈملەشەكلىنىڭ بىزنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىمىزدا قانچىلىك كۆپ قېتىمتەكرارلىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس، بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن،بىر قېتىمدا 5-6 دەرسنى بىراقلا ئۆگىنىشنىڭ ئانچە تەسكە توختاپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ھېس قىلىپ قالىسىز، مۇشۇنداق مەقسەت بىلەن ئۆگەنگەندىلا ئاندىن ئۆگىنىشتىكى بەزى ئەگرى يوللاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بىز ئاز ئۆگەنسەكئۇنتۇلىدىغان مەزمۇنى ئاز بولىدۇ بۇ تەبىئىي ئەھۋال لېكىن بۇنىڭدىن قورقۇپ ئازئۆگىنىش، ئەخمىقانىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئىنگلىز تىلىدا قايتا قايتا تەكرارلىمىغۇچە ھېس قىلىۋالغىلى، ئەستە ساقلىغىلى بولمايدىغان مەزمۇنلار بار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر كۆرۈپلا ئۆگىنىۋالغىلى بولىدىغان مەزمۇنلارمۇ بار، شۇڭا، كۆپ ئۆگەنسەك ئۇنتۇلمايدىغان مەزمۇنمۇ كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنتۇلغان مەزمۇنلارنى ئۆگىنەلمىگەن مەزمۇنلارغا قارىغاندا بىزگە خېلىلا تونۇشلۇق بولۇپ قالىدۇ، دېمەك، بىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ نەرسىنى ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئۇسۇلىنى قوللانساق، كۈلۈپ ئۇنتۇش بەدىلىگە كۆپ نەرسىنى ئۆگىنىۋالالايمىز.
ئىنگلىز تىلىدا بۇ تىلغا بولغان تونۇشلۇقىمىزنىڭ ئېشىپ بېرىشى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمىزنىڭيۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئۆگىنىشىمىزدىكى ئۇنتۇلۇشى تۆۋەنلەپ بارىدۇ، دېمەكچىبولغىنىم، ئەگەر، مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىدىغان بولسىڭىز ئۆگىنىشتېزلىكىڭىز ۋە ئۈنۈمىڭىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ بېرىدۇ، بىز، ھەربىر دەرسنى.ئادەم،تېكىستتىكى جۈملىلەر ۋە ئۇلارنىڭ جۈملە شەكىللىرى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئېسىمىزدەبولسىلا گەرچە كېيىن ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىدىغانلىقىمىزغا كۆزىمىز يېتىپ تۇرسىمۇدەرھال قورقۇپ قايتىلاپ ئۆگىنىۋېرىش ياخشى ئادەت ئەمەس، تىل، باشقا پەنلەردىن زوردەرىجىدە پەرقلىنىدۇ، باشقا پەن بىلىملىرى بولۇپمۇ ماتېماتىكا فىزىكا بىلىملىرىئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە كونكرېتلىقتىن ئابستراكتلىققا يۈزلەنگەن بولىدۇ،نىسبەتەن ئازراق، تاراق يۈز ئۈستىگە، بىرنىڭ ئۈستى ئۈستىگە بىرى قۇرۇلۇپئېگىزلىككە قاراپ تەرەققىي قىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇلاردا كەينىدىكى مەزمۇنلارنىئۆگىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئالدىدىكى مەزمۇنلارنى پىششىق ئۆگىنىشكە بولىدۇ.ئەمما تىلئېگىزلىككە قاراپ ناھايىتى ئاز تەرەققىي قىلغان بولۇپ كەڭلىككە قاراپ چەكسىز دېگۈدەك تەرەققىي قىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنى كۆپبولغىنى بىلەن ئۇنىڭ ھەر قانداق قىسمى مۇرەككەپلىككە كىرمەيدۇ، ئەگەر ياخشى بىرئوقۇتقۇچىڭىز بولسا بىرىنچى قىسىم كىتابتىن باشلاپ ئۆگىنىش ھاجەتسىز، ئەھۋالغا قاراپ خالىغان قىسىملىرىدىن باشلاپ ئۆگەنسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
كۆپلىگەن كىشىلەربىرىنچى قىسىم كىتابنى ئۆگىنىش ئۈچۈنلا بىر يىل ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ ۋاقىت سەرپقىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بىرىنچى قىسىم كىتابنىڭ رولى سۇ ئۈزۈش ئالدىدىكى بەدەنگە سۇچېچىپ ئۇنى سۇغا كۆندۈرۈۋېلىش رولىدىن پەرقلەنمەيدۇ، ھەربىر دەرسنى ئۆگەنگەندەئۆگىنىشىمىزدىكى ئاساسىي نۇقتا تېكىست بولۇشى كېرەك، تېكىست مەزمۇنى تېكىستتىكىھەر قايسى جۈملىلەرنى بىر پۈتۈن گەۋدە.قىلىپ باغلاپ تۇرىدۇ، شۇنىڭدەك ھەربىر جۈملەئىپادىلىگەن پىكىرمۇ شۇ جۈملىنى ھاسىل قىلغان سۆزلەرنى باغلاپ تۇرىدۇ، سۆزلەربولسا جۈملە تۈزۈش قانۇنىيىتى بويىچە ئورۇنلاشقان بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئەستەتۇتۇشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ، چۈنكى چوڭ مېڭە باغلىنىشسىز ئۇقۇملارغاقارىغاندا باغلىنىشلىق ئۇقۇملارنى ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېكىستمەزمۇنى تېكىستتىكى ھەر قايسى جۈملىلەرگە ئارقا كۆرۇنۇش ھازىرلاپ ئۇلارنىڭبىلدۈرگەن مەنىلىرىنى تېخىمۇ ئېلىپ قىلىپ بېرىدۇ، ئىنگلىز تىلىدىكى كۆپلىگەنجۈملىلەرنى ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەرجىمىسىمۇ كۆرۈش كۇپايە قىلمايدۇ،بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ قانداق ئارقا كۆرۈنۈشتە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىش كېرەك،سۆزلەردە بۇنداق ئەھۋاللار تېخىمۇ روشەن بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان سۆزلەر ئوخشىمىغانجۈملىلەردە ئوخشىمىغان مەھەللىلەردىكى ئۇلۇغ، يەنى ئۇلارنىڭ مەنىسىنى پەقەتجۈملىلەرنىڭ ئىچىدىلا ئىنق ھىس قىلىۋالغىلى.بولىدۇ، شۇڭا، خام سۆزلەرنى ئايرىمئۆگەنمەستىن تېكىست ئىچىدە تۇرۇپ تۇرغۇزۇپ تۇرۇپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك.
ئۆگەنگەن تېكىستلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ ئېشىپ بېرىشى بىلەن، سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇللىرى، ۋەجۈملە تۈزۈش قانۇنىيەتلىرىنى، تەدرىجىي ھالدا ھېس قىلىپ كېتەلەيمىز، بۇ چاغدا ھېس قىلغانلىرىمىزئاددىي، بولغىنى بىلەن قائىدىلەشتۈرگەندە مۇرەككەپ بىر نەرسىگە ئايلىنىدۇ، مانا بۇتىلى بىلەن گرامماتىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت، شۇڭا بۇ يەردە ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ گرامماتىكىسىدىن مەخسۇس ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ،ئىنگلىزتىلىنى ئۆگەنگەندە ئوبرازلىق تەپەككۇر ئابستراكت تەپەككۇر قارىغاندائاساسىي ئورۇندا تۇرۇش كېرەك، ئۇنى «چۈنكى....» «شۇنىڭ ئۈچۈن....» دېگەندەكلوگىكىلىق پىكىر قىلىش جەريانلىرىغا زۇرمۇ زۇر قۇيماستىن بەلكى ھېس تۇيغۇمىز بىلەنبىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك، ئەگەر بىز جۈملىلەرنى ئۆگەنگەندە ئۇلارنى ھېستۇيغۇمىز بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا يەنە شۇ جۈملىلەر تەرجىمىسىنىئارلاشتۇرماي ئۆگىنىدىغان بولساق، توغرا راۋان ئەركىن سۆزلەش سەۋىيىسىگە تېزلايېتەلەيمىز، مەسىلەن،«I m vrq hungry» دېگەن بۇ جۈملىنى، قورسىقىنىڭ بەك ئېچىپ كەتكەنلىكىنى بىرسىگەبىلدۈرۈش مەقسىتىدە تۇرغان چاغدىكى ھېس تۇيغۇدا تۇرۇپ، قايتا قايتا تەكرارلاپئۆگىنىش كېرەك، يۇقىرىدا ئىنگلىز تىلىنى تېز سۈرەتتە ئۆگىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدا ھېسقىلغانلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتۈم، ئەمەلىيەتتە ئۆگىنىش ئۇسۇلى بۇنىڭدىنخېلىلا كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقتىمۇ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەنلەرنىسىناپ كۆرۈپ باققاندىن كېيىن بۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويغان نۇرغۇنلىغانمەزمۇنلىرىنى ھېس قىلىپ قالىسىز، ئەلۋەتتە ياخشى ئۇسۇل پەقەت نىسبىي.لېكىنئىشىنىمەنكى بۇ مەسلىھەتلەر سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ شەرت شارائىتى ۋە روھىي ھالەتخاراكتېرىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشىڭىزغا ئازراق بولسىمۇتۈرتكە بولالايدۇ.
ئاپتورى: دىلشات ھېۋىزۇللا
ئەسەر مەنبەسى: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى1989-يىلى 10-ساندىن ئىلىندى |