گۈلمىرە شەمشىدىن ھاجى نىيازى يازمىسى
بىزنىڭ ئۆينىڭ كەينىدە بىر سۇ چىقىرىدىغان قۇدۇق بار ئىدى. بىز شۇ قۇدۇققا بېرىش يولىدا بۆلجۈرگەن ئېتىزىدىن ئۆتەتتۇق. ئەسلى قىردىن مېڭىپ ئۆتسەكمۇ بولىدىغان ئىش، بىز قەستەن چىڭقى چۈشتە ئۆمىلەپ ئېتىزغا كىرىپ، شۇ بۆلجۈرگەننى ئوغرىلاپ يەيتتۇق. كىيىملىرىمىز ھەم توپا ھەم قىپقىزىل شىرنە بولۇپ كېتەتتى. ئېتىز ئىگىسى ئالدىمىزغا چىقىپ قالسا، قولىمىزنى كەينىمىزگە تىقىۋېلىپ:«ياق، مەن ئوغرىلىمىدىم، مەن ھېچنېمە يېمىدىم.» دەپ تىنىۋالاتتۇق. خۇددى ئۇ بىزنىڭ ئاغزىمىزنىڭ چۆرىسىدىكى شالتاقلاردىن بىلەلمەيدىغاندەك....
ھە، مانا، يامىنىدىن چۈشتۇقمۇ!؟ ئۆيگە مېھمان كەلگەندە سومكىسىنى ئاقتۇرغان سىزمۇ؟ يەنى كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىپ قويغان چاپىنىنىڭ يانجۇقىدىن پارچە پۇللارنى ئېلىۋالغان سىزمۇ؟ ھەي، ھەي! ئەمدى نومۇس قىلىۋاتامسىز؟ يۈزلىرىڭىز قىزاردىمۇ؟ ئەمسە ئۇكىڭىزنى ھەم پەرزەنتىڭىزنى ياخشى تەربىيىلەڭ. ئىقتىسادتىن قىسىپ قويسىڭىز شۇنداق باشقىلارنىڭ قولىغا قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
شۇ قەدەر قىزىقاتتىمكى تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانىۋارلارغا، باغچىدا پىلنىڭ ھەيكىلى يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئۇنى شۇنچىلىك كۆزەتتىم، ئانامدىن توختىماي سوئال سورايتتىم. ئەمما، مۇشۇ سوئاللىرىم بىلەن ئانامنى زېرىكتۈردۈممىكىنتاڭ، قاپىقىنى تۈرۈپ، باشقا نەرسىلەرنى كۆرۈپ ئولتۇراتتى. ھەممە سوئاللىرىم جاۋابسىز قالدى.
ھېلىقى مۆكۈشمەك ئويۇنى ئېسىڭلاردىمۇ؟ مەن مۇشۇ مۆكۈشمەك ئويۇنى ئويناشقا ئامراق، چۈنكى مېنى ھېچكىم تاپالمايدۇ. بىر قىشلىق تەتىلدە مۆكۈشمەك ئويناپ قوشنىمىزنىڭ قوروسىدىكى تونۇرغا مۆكۈۋالدىم، باشتا قىززىقچىلىقتا چۈشۈۋاپتىمەن. كەينىدىن خېلى ساقلىسام مېنى ئىزدەپ كېلىدىغان ئادەم يوق، ئولتۇرە ئولتۇرە ئۇخلاپ قاپتىمەن. بىركەملەردە ۋاراڭ چۇرۇڭ بولۇپ كەتتى. ھەم توڭلاپ ئويغىنىپ كەتتىم. راستىمنى ئېيتسام ئىشتانغا كىچىكىنى قويۇپ بېرىپتىمەن. تونۇردىكى كۈل ۋە شوردا پاچاقلىرىم ئېچىشىپ ئويغىنىپ كېتىپتىمەن. تونۇردىن چىقسام ئانام مېنىڭ كاسسامغا نەچچىنى ئۇرىۋەتكەنىدى. بىچارە دوستلىرىم مەن بىلەن ئوينىغانغا تويۇپ، قورقۇپ يىغلاپ ئۆز ئەمەس بولۇپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ!؟
مانا ئويۇننىڭ قىززىقى! قار ياغقاندىن كېيىنلا دادىمىزغا غەلۋە قىلاتتۇق، چانا ياساپبەر، دەپ. تازا قېلىن ياغقان چاغدا، مەھەللىدىكى بالىلار بىرگە ئامبار تەرەپكە بېرىۋالاتتۇق، قاتارىغا تىزىلىپ، بىرىمىزنىڭ پېشىنى بىرىمىز تۇتۇپ چانىغا ئولتۇراتتۇق. بىر كۈچلۈكرەك بالا بىزنى ئىتتىرىپ قوياتتى. ھۇۋۋۋۋ! شۇنداق پەيزى! يىقىلىپ كەتسەكمۇ يەنە كۈلۈپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، شۇ ئېغىر تۆمۈر چانىنى سۆرەپ دۆڭگە چىقاتتۇق. بۇرنىمىزنى يەڭگىلا ياكى پەلەيگە سۈرتىۋېتىپ، قەقەچ قاتتۇرۇپ يۈرۈپ كېتەتتۇق. ئىشتىنىمىزنىڭ پۇچقاقلىرى پايتىمىلىرىمىز قارغا لىق تولاتتى. ئاخشىمىسى شۇ پاختىلىق ئىشتىمىزنى مەشكە قاقلاپ قوياتتۇق، ئەتىسى يەنە ئىسسىق كىيىپلا ئويۇنغا ماڭاتتۇق.
دادام ئىشتىن چۈشۈپ كەلسىلا، مۇشۇنداق مۆكۈۋېلىشقا ئامراق ئىدىم. ئىشىكنى چېكىلدى، مەن يۈگرۈپلا ياتاق ئۆيۈمدىكى كارىۋات ئاستىغا مۆكۈۋالىمەن. ئانام بولسا ماڭا ماسلىشىپ:«قېنى ئوغلىڭىز يوققۇ؟ سىزنى ئالغىلى بارىمەن دەپ كەتكەنتىغۇ؟» دەيدۇ، داداممۇ چاندۇرماي:«ۋوي، مەن ئەجەب كۆرمىدىمغۇ، تالادىمۇ يوق! نېمە دەيدۇ ئەمدى، مەن ئوغلۇم يوق دەپ يىغلايمەندە ئەمدى!» ئانام دادامنى ئىزدەپ بېقىڭ ئەمسە دېيىشى بىلەنلا دادام كىرىپ مېنى تېپىۋالاتتى. ئەمما بىر كۈنى، دادام ئەمسە مەن ئىزدەپ باقاي دېيشىگىلا، ئىشىكنى ئاچقان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئىچىمدە ئويلىدىمدە، ھىم، دادام مېنى ئىزدەيمەن دەپ سوغۇقتا سىرتتا يۈرمىسۇن، بولدى چىقايلا! ئۆزۈم يىغلىغان پېتى يۈگرەپ چىقتىم:«دادا، دادا، مانا مەن، مەن با!»
شۇ سەبىي چاغلاردا، بىر بىرىمىزگە بولغان ئامراقلىقنى مۇشۇنداق ئىپادىلەيتتۇق. سەت تىللار بىلەن تىللاشمايتتۇق، ساراڭ، ئەسكى دەپلا تىلىمىزنى چىقىرىپ، قولىمىزنى قۇلىقىمىزغا ئەكىلىپ، بەزىبىر ھايۋانلارنى دوراپ، قارشى تەرەپنى شۇنىڭغا ئوخشىتىپ جىلە قىلاتتۇق. بەزى نازۇك ئايىم قىزلار بولىدىغان، مۇشۇنداق قىلسىلا يىغلايدىغان...
شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى تاپشۇرۇق ئىشلە دېسىمۇ ئۇنىماي، مۇشۇ ئويۇنچۇق تىزگىنىكىنى قولىمىزدىن چۈشۈرمەي، خوندولو، سەيموگولارنى ئوينىغىنىمىز ئېسىڭىزدىمۇ؟
قول بېرىشىپ دوست بولۇشىدىغان، ئىككەيلەن سىنچىلاق بارمىقىمىزنى كىرىشتۈرۈپ ۋەدىلىشىدىغان ۋاقىتلارنى ئەسلىدىڭىزمۇ؟ مەن بىر ساۋاقدىشىم بىلەن سوقۇشۇپ قالغاندا، قولىغا بىر ئۇرۇپ قويۇپلا دوستلۇقدىن چىقىپ كەتكەنىدىم. ئەمما ئەتىسىلا يەنە قول بېرىشىپ يارىشىپ قالغان. ھازىرقى ئاتا-ئانىلارمۇ شۇنداق بولغان بولسا، بالىلار يېتىم قالمىغان بولاتتى-دە!
يېزىدىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئەتتىگەندە چىقىۋالساق قوي كالىلارنى باقىمىز دەپ، چۈشمۇ قايرىلىپ كېتەتتى. چۈنكى بىز ئۈچۈن قوي كالىلارنى بېقىش ئەڭ زور خۇشاللىق. بىرىمىز بىردىن ئىگەللىۋېلىپ، مالچى بولۇپ، ئوينايتتۇق ھەم بىلىدىغان ناخشىلىرىمىزنى ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينايتتۇق...
قونچاقلارغا گەپ قىلىش، ئۆز ئۆزىگە گەپ قىلىش دەل كىچىك بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك. مەن قونچاقلارغىلا ئەمەس، ھەتتا قوتاندىكى قويلارغىمۇ توختىماي گەپ قىلاتتىم. بىر يۇۋاش قويغا ئۈسسۈشنى مەشق قىلدۇرۇپ، ئاقىۋەت ئۆزۈمگە زىيان بولغان. بىر كۈنى دەرەخ شېخى ئەكىرىپ ئىنىمغا ئويۇنچۇق ياساپ بېرىمەن دەپ قوروغا چىقتىم، قارىسام قوي دەرەخ تۈۋىدە ئوتلاۋېتىپتۇ. قىززىقچىلىق بىلەنلا قويغا مىنىۋالدىم، ئۇ ئۈركۈپ كېتىپ مېنى يەرگە تاشلىدى-دە، قولۇمغا تازا ئۈسكىلى تۇردى. شۇ سەۋەبلىك قولۇم جەينىكىمدىن چىقىپ كەتكەنىدى. ئۆزۈمنىڭ شوخلۇقىدىن كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق!
ھەممەيلەننىڭ نەزىرىدە دادىمىز شۇ قەدەر باتۇر قەھرىمان. ئۇنىڭ قىلالمايدىغان ئىشى يوق، مەيلى بىز قانداقلا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلەيلى، ئۇ ھامان بىزنى قوغدايدۇ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنلا بارلىق قىيىنچىلىق يوقايدۇ.
يېڭى قار ياغقاندا قار ئېتىشىپ ئوينىغان چاغلىرىمىز ھېلىمۇ ئېسىمدە، قارنى ئالىقانلىرىمىزدا پومزەك قىلىۋېلىپ، بىر بىرىمىزنى قارىغا ئالاتتۇق. قوللىرىمىز سوغۇقتا قىزىرىپ، يېرىلىپ چاك چاك بولۇپ كەتسىمۇ، ئويۇندىن يالتايمايتتۇق. مەڭزىمىز ۋە قولىمىز بۇرنىمىزنى سۈرتكەندىكى ئىزلار بىلەن بۇلغىنىپ خەرىتە شەكىللەندۈرەتتى. قەستەن تېيلىغاق ئاياغنى كىيىۋېلىپ، يولدا بىرىنىڭ كەينىگە ئېسىلىۋېلىپ تېيلىپ ئوينايتتۇق.
ھەممە ئاداشلىرىم ئويناۋاتىدۇ، مەنلا دەرس تەكرارلا دەپ سولاپ قويغان شۇ ئانامدىن قورقۇپ دەرۋازىدىن مارىلاپ بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ ئولتۇرىمەن. ئون مىنۇتلا ئوينىۋالايچۇ ئانا!
بالىلىقىمىزدىكى قارا بېسىش دەل مۇشۇ، بىر ئۇزۇن كەتكەن يول، قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئاسمان. ئەتراپىمىزدا بىرمۇ ئادەم يوق، دادا، ئانا دەيسىز، ھېچ بىر سادا يوق. يالغۇز قەيەرگە بېرىشىڭىزنى بىلەلمەي يىغلاپ ئويغىنىپ كېتىسىز.
ئىشىكنى بىرى چەكتى، تېزدىن ئىشىكنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالاي! ئۇ كىرگەندىلا «بوھ!» دەپ چىقىپ ئۇنىڭ چۆچۈتىۋېتەي! مۆكۈۋالغىنىمنى دەپ قويما ھە! |