قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 990|ئىنكاس: 0

تۆتىنچى ئەۋلاد ۋاڭ يۈسۈپ ( داۋامى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

38

تېما

0

دوست

3137

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  220
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 744
تۆھپە : 465
توردىكى ۋاقتى: 444
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-8 20:40:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    چيەنلۇڭنىڭ 25- يىلى ( 1760 - يىلى ) نىڭ باشلىرىدا ،  چىڭ ھۆكۈمىتى  ئىنانچىخان يۈسۈپ بىلەن خوتەنلىك خوجىس بېلىگە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 40 بەگنى باشلاپ ، پايتەختكە كېلىپ خاننى زىيارەت قىلىشنى تاپشۇرىدۇ . گاۋزۇڭ خان ئۇلارنى << نۇرانە ساراي >> دا قوبۇل قىلىپ ، خاس تون ، تەڭگە ئىنئام قىلىدۇ ، راھەتباغدا بىرنەچچە قېتىم زىياپەت ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالىدۇ . خان ئاندىن يۈسۈپ ۋاڭنىڭ قۇمۇلغا قايتىپ ، بىر يىل دەم ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ ؛ يەنە  يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىنىسى ئابدۇللانى ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەيدۇ .
    چيەنلۇڭنىڭ 26- يىلى ( 1761 - يىلى ) 11 - ئايدا  يۈسۈپ ۋاڭنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى توشىدۇ ، چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى قەشقەرگە مەسلىھەتچى ئامباللىققا  تەيىنلەيدۇ . ئىمىن خوجا تۇرپانغا دەم ئېلىشقا كەتكەنلىكى ئۈچۈن ، يەكەننىڭ ئىشلىرىنىمۇ يۈسۈپ ۋاڭ ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ . بۇ مەزگىلدە چىڭ ھۆكۈمىتى يۈسۈپ ۋاڭغا قاتتىق ئىشىنىدۇ . جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئامبال يامۇللىرىدا ئىشلەيدىغان تەرجىمانلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يۈسۈپ ۋاڭ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر كۆرسىتىدۇ . يەرلىك ۋاڭ - گۇڭ ، ئاقسۆڭەكلەر ھەرقانچە ئەسكىلىك قىلسىمۇ ، يۈسۈپ ۋاڭنىڭ كارى بولمىسىلا ، ئۇنى ھېچكىممۇ سۈرۈشتە قىلالمايدۇ . بەزى ئىشلار گاۋزۇڭ خاننىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە ، ئۇنى سۈرۈشتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىچە ، ئەھۋال ئىنكاس قىلغان ئادەمگە قاتتىق كايىپ : << ئۇلۇغ خان ئادەملەرنى ئىشقا سالغاندا ، ئۇلارنىڭ قابىلىيىتىدىن پايدىلىنىدۇ . سىلەر بۇنداق تۆھمەت ، پىتنە - پاساتلارنى قەيەردىن تېپىپ كەلدىڭلار ؟ تەرجىمانلارنىڭ ھەممىسىنى قۇمۇللۇق ، تۇرپانلىق دەپ ، ئۇلارنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىساق ، كۆز - قۇلۇقىمىز ئېتىلىپ قالمامدۇ ؟ بۇ ئۆسەك سۆزلەر كاززاپلاردىن چىققان ! >> دەيدۇ . گاۋزۇڭ خاننىڭ قانات ئاستىغا ئېلىشى ۋە يول قويۇشى بىلەن ، يۈسۈپ ۋاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېڭى ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ خورىكى تېخىمۇ ئۆسۈپ كېتىدۇ . ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبېگى  ئابدۇللا بەك زالىم ، نەپسانىيەتچىل بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىشلەتكەن ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز ئەبلەخلەر ئىدى . ئۇلار ھەممىلا يەردە قاقتى - سوقتى قىلاتتى . خالىغانچە ئەسكىلىك قىلاتتى . دەرتكە چىدىمىغان ئۈچتۇرپان خەلقى ئاخىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ . گاۋزۇڭ بۇنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ خەلقنى قاتتىق ئەزگەنلىكىدىن بولغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ ، ئاشۇ پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاش ئۇياقتا تۇرسۇن ، بەلكى قوشۇن ئەۋەتىپ خەلقنى باشتۇرىدۇ . ئىلى سانغۇنى مىڭرۇي ئۈچتۇرپانغا باستۇرۇپ كىرىپ ، قوزغىلاڭنىڭ يولباشچىلىرىنى قىرغىن قىلىدۇ . 10 مىڭدەك پۇقرانى ئىلىغا كۆچۈرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، ئۈچتۇرپان قۇرۇق شەھەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ .  قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن ، مىڭرۇي خەلقنىڭ غەزىپىنى بېسىش ئۈچۈن ، جايلاردىكى بەگلەرنى تەڭشىمەكچى بولغاندا ، گاۋزۇڭ خان قوشۇلماي ، ئۇنىڭغا : << بەگلەر بىزنىڭ ئىتائەتمەن كونا ئادەملىرىمىز ، ۋەقە تۇغۇلسا، ئۇلار خېلى كۈچ چىقىرىپ خىزمەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ ئۇششاق - چۈششەك پايدىنى كۆزلەيدىغان ئىشىغا كەلسەك بۇ ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش ، شۇنداق ئىكەن ، بۇنداق ئىشلارنى ئۇلاردا سادىر بولمايدۇ دېگىلى بولامدۇ ؟ مەكتۇبىڭىزدا دېيىلگەندەك ئىشلار بولۇۋاتىدۇ ، دېگەن تەقدىردىمۇ ، ئېنىق پاكىت يوق تۇرسا ، ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىشىنىپ كەتكىلى بولسۇن ؟ >> دەپ رەددىيە بېرىدۇ .
         چيەنلۇڭنىڭ 31- يىلى ( 1766 - يىلى ) يۈسۈپ ۋاڭ يەكەندىن قۇمۇلغا قايتىپ كېلىدۇ . بۇ چاغدا قۇمۇلدا ئادەم كۆپىيىپ قالغانىدى . يۈسۈپ ۋاڭ چىڭ ھۆكۈمىتىدىن قۇمۇلدىن 500 ئائىلىنى ئىلىغا كۆچۈرۈپ ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قوشۇلىدۇ . يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىسھاق قۇمۇل كۆچمەنلىرىنى باشلاپ ئىلىغا بارىدۇ . ئىسھاق ئىلىدىن قايتىپ كەلگەندە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەيجى ئەمىلىگە ئېرىشىدۇ . چيەنلۇڭنىڭ 32- يىلى ( 1767 - يىلى ) 12 - ئايدا يۈسۈپ چوڭ ئوغلى ئىبىراھىم بىلەن بىللە بېيجىڭغا خاننى زىيارەت قىلىشقا كېتىۋېتىپ ، سەنشىنىڭ لىڭشى ناھىيىسىگە كەلگەندە ، يۈسۈپكە چېچەك چىقىپ ، داۋالاش كار قىلماي ۋاپات بولىدۇ . ئىبىراھىم جەسەتنى قايتۇرۇپ كېلىۋېتىپ گەنسۇنىڭ پىڭلياڭ  ناھىيىسىگە كەلگەندە ، چېچەكنى يۇقتۇرۇۋېلىپ ، ئۇمۇ قازا تاپىدۇ . يۈسۈپ ئاتا - بالا كېسەل بولغاندا ، گاۋزۇڭ خان تېۋىپ ، دورا ئەۋەتىدۇ . ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ، دەپنە ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن 500 سەر تەڭگە ئىنئام قىلىدۇ . يۈسۈپنىڭ ئايالىغىمۇ  500 سەر تەڭگە نەپەقە بېرىدۇ .
        زىگۇاڭگې سارىيىدىكى 50 تۆھپىكارنىڭ سۈرىتى ئىچىدە يۈسۈپ ۋاڭنىڭمۇ سۈرىتى بولۇپ ، ئۇنىڭغا مۇنداق مەدھىيە ئوقۇلغان :
        يۇرتنىڭ سەركەردىسى ، قۇمۇلنىڭ ئىنانچىخان دەرىجىلىك بېلىسى يۈسۈپ ئۆز جەمەتى ئارىسىدىكى ئابرويلۇق زات ، ئۇزۇندىن بۇيان يۇرت سوراپ كەلگەن ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىزگە مەلۇم قىلىپ تۇرغان ، ئالتە شەھەرنى بويسۇندۇرغان ، ئىككى تەنتەكمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىغان ، ئۈچتۇرپاننى بىرلىكتە باستۇرۇپ ، تىنچلىق ئورناتقان .


            داۋامى بار
     
         مەنبە : قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )