قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1055|ئىنكاس: 28
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خام خيال - شاخلىتىپ سېتىش - ھالەكەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

4

دوست

4286

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1875
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 536
تۆھپە : 1065
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-19
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
يېقىندىن بېرى دىيارىمىزدا ھەر خىل، ھەر ئېقىمدىكى شاخلىتىپ سېتىش، شەكلى ئۆزگەرگەن شاخلىتىپ سېتىش، ئۈندىدار شاخلىتىپ سېتىش قاتارلىق ھەر تۈردىكى كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان شاخلىتىپ سېتىش ۋە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قىلمىشلىرى ئەۋج ئېلىپ قالدى. نۇرغۇنلىغان ئاق قارىنى پەرق ئېتەلمىگەن ئامما، ھەتتا بىر كېچىدىلا باي بولۇش خام خىيالىدا بولۇۋاتقان خېلى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرمۇ، بۇ شاخلىتىپ سېتىش تۈرلىرى داۋراڭ سېلىۋاتقان مەۋھۇم پايدا شېرىن چۈشىگە مەست بولۇپ بىلىپ بىلمەي بۇ قانۇنسىز قىلمىش قاينىمىغا كىرىپ ئۆزىنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىشكە باشلىدى.

75d35d4.jpg


    بۇنىڭغا يېقىندا غۇلجا ساقچىلىرى پاش قىلغان ۋە سوت مەھكىمىسى ئالدىغا 17 يىللىق كەينىگە ئىككى يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان «ساختا  شياڭگاڭ چاۋفېڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتى» نامىدىكى ئالاھىدە چوڭ شاخلىتىپ سېتىش دېلوسى ( چېتىشلىق سوممىسى 20 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ). غۇلجا شەھىرىدە يېقىندا يۈز بەرگەن، ھازىرچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، ساختا ئۆي - مۈلۈك سودىسى نامىدا ئېلىپ بېرىلغان قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ئالدامچىلىق دېلوسى ( چېتىشلىق سوممىسى 80 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن) قاتارلىقلار بۇنىڭ تۈپ مىسالى بولايدۇ.

    يېقىندىن بېرى يەنە نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن يەنە نۇرغۇن يېڭى تۈرلەرنى سورىدى ۋە ئىنكاس قىلدى. بىرلىرى دەيدۇ«يېڭى تۈر چىقىپتىمىش،بوۋاينى شاش يېگىن قىلارمىز، موماينى 18 ياش قىز قىلارمىش، ئالدىن پۇل تۆلەپ ئەزا بولارمىش »، بىرسى دەيدۇ«دۇنياۋى چوڭ بانكا يېڭى تۈرىمىش، يۈز نەچچە يۈەن بىلەن ئەزا بولۇپ پايچىك بولىمىش، ئەزا ئەكىرىپ تەرەققىي قىلسا ئۆسۈمسىز قەرز بېرىمىز»، بىرى دەيدۇ«نەچچە مىڭ كۈي تۆلەپ ئەزا بولۇپ، دوستلىرىنى ئەكىرىپ تولدۇرۇپ، ماشىنىغا ئېرىشەرمىش، بىكار  ئولتۇرۇپ » ... ھەر خىل، ھەر ياڭزا، رەڭگارەڭ كۆپىنچىسى بىزمۇ چۈشەنمىگەن زامانىۋى تېخنىكا، زامانىۋى سودا ئەندىزىسى ، زامانىۋى پەن تېخنىكا ... بىلەن بېزەلگەن.

    توۋا دەپ قالدىم. ئادەملەر ھەممىسى «تەر ئاققۇزماي پۇل تېپىش» ، « بىر كېچىدە بېيىش» خام خىيالىغا پېتىپ قالدىمۇ نېمە؟ نەدىمۇ «ئاسماندىن بىكارغا ئالتۇن ياغسۇن»؟، «بىر چاتىقى بولمىسا، قۇيرۇق ياتامدۇ تاشتا.

    شاخلىتىپ سېتىشنىڭ يىرىگىنىشلىك يېرى ئەركىنلىكنى بوغۇدۇ، مال مۈلۈكنى ئالداپ قاچىدۇ. قورقۇنۇچلۇق يېرى شۇكى، ئۇ قارا قولىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرى، قېرىنداشلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، دوست – بۇرادىرلىگە قارىتىدۇ ۋە مۇشۇ مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىدۇ. ھەر خىل ھەر ياڭزا ، رەڭگە رەڭ ئالدامچىلىق بىلەن قىلتاق قۇرىدۇ. ئادەمنى ئادەمگە ئۇلاپ، سىز مۇداپىيىلىنىشكىمۇ ئامالسىز قالىسىز.  

    كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى شاخلىتىپ سېتىش ئالدامچىلىقىغا ئالدىنىپ، ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكى يېقىنلىرىنى باشلاپ ھالاكەت يولىغا مېڭىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قاتار شاخلىتىپ سېتىشقا دائىرى ماقالە مەزمۇنلارنى تەييارلىدۇق. كۆپچىلىكنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    شاخلىتىپ سېتىش دېگەن نېمە؟

    مەھسۈلات سېتىش ياكى تەۋسىيەلەش نامى بىلەن (ئەمەلى تاۋار ياكى مەۋھۇم تاۋارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئەزا تارتىپ ئەكىرىپ،ئەزالىق بەدىلى ياكى مەھسۇلات سېتىش شەكلى بىلەن ، قاتمۇ قات پىرامىدا شەكىلدە ئەزا كۆپەيتىپ، قوشۇن تەشكىللەپ، پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان، ئاز بىر قىسىم كىشىلەر مەنپەئەتلىنىپ، ئاخىرىدىكى كۆپ قىسىم قاتناشقۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى كاپالەت قىلىنمايدىغان، سودا قىلمىشى شاخلىتىپ سېتىش دېيىلىدۇ.

    شاخلىتىپ سېتىشتا تەشكىللىگۈچى ياكى تىجارەت قىلغۇچى ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئەزا توپلاپ،ئەزا سانىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. تەۋسىيە قىلغان ئەزا سانىنىڭ ئاز كۆپلۈكى ياكى سېتىش نەتىجىسىنىڭ ئاز كۆپلۈكىگە قارىتا ھەق بېرىش تۈزۈمىنى قوللىنىدۇ. ياكى ئەزالارنى تارتىپ ئەكىرىپ، بەلگىلىك ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرۇش شەرتى ئاستىدا بۈ تۈپقا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    ئالاھىدىلىكى: ئاز قىسىم ئەڭ ئالدىدا قاتناشقان ئاكتىپ مەبلەغ سالغۇچى ۋە باشلامچىلارلا كۆپ مەنپەئەتلىنىپ، ئارقىدىن قاتناشقان  كۆپ قىسىم قاتناشقۇچى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ.

    باشلىنىش قىسمىدا تەرەققىياتى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىلەر كۆپرەك بولۇپ، ۋاقىت ئۈزارغانسىرى ئاخىرىدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشى 0 گە قاراپ چەكسىز يېقىنلىشىپ ماڭىدۇ.

    زىيانلىق تەرىپى:

    جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىدۇ،جەمئىيەت ئىناقلىقىنى بۇزىدۇ.

    كۆپ مىقداردىكى مىللىي دارامەت ۋە ئىستېمال دارامىتىنىڭ سىرتقا ئېقىپ يەرلىك ئورۇنلارنىڭ ئىستېمال ئىقتىسادىنىڭ زور دەرىجىدە چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    تۆۋەندە مەن سىلەرگە رەسىملىك سىخىما ئارقىلىق 100 يۈەن دىر  قىلغان، ئۈچ ئەزا توپلاشنى شەرت قىلغان بىر شاخلىتىپ سېتىش سېخىمىسىنى تەمىنلىدىم. بۇ سىغىمىدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، بۇ شاخلىتىپ سېتىش 9 قەۋەت داملاشسىلا چېتىشلىق ئادەم سانى 9829 غا چېتىشلىق مەبلەغ بىر مىليونغا يېتىدۇ.

    پەقەت 100 يۈەننى بىرلىك قىلساق، ئۇنداقتا 1000 يۈەن ياكى 10 مىڭ يۈەن بىرلىك قىلىنسىچۇ؟

    شاخلىتىپ سېتىش قوللىنىدىغان تاكتىكىلار:

    1. ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش.

    ئەزا سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ھەرخىل قىزىقتۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ئۈزلۈكسىز ئەزا كۆپەيتىدۇ، مۇرىت توپلايدۇ.

    2. تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشان ئوبيېكتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ بېكىتىش.

    ئۇلارئۇزۇن مۇددەتلىك تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق نىشان ئوبيېكتلارنى تاللاش تاكتىكىلىرىنى تۈزۈپ چىققان، ئاۋۋال ئەزالارنىڭ دوستلىرى، ئۇرۇق تۇغقانلىرى،ساۋاقداشلىرى، يۇرتداشلىرى، كەسىپداشلىرى، دىنداشلىرى، قولۇم خوشنىلىرى قاتارلىقلارنى تۈرگە ئايرىپ ئىشنى شۇلاردىن باشلايدۇ.

    3. شېرىن سۆز تاكتىكىسى

    ئۇلار خەت يېزىش، تېلېفون ئۇرۇش،چاقىرىتىش،بىۋاسىتە زىيارەت قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن نىشانغا يېقىنلايدۇ ۋە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ئالدى بىلەن شىركەت، نەزەرىيە، تۈزۈم قاتارلىقلارنى تىلغا ئالمايدۇ،يەنى شاخلىتىپ سېتىشنى تىلغا ئالمايدۇ. نىشاننىڭ پىسخىكىسى، ئالاھىدىلىكى، ئارقا كۆرۈنىشىنى ئىگىلەپ ئۇلارنىڭ ئېھتىياج ئەۋزەللىكىگە ھۆكۈم قىلغاندىن كىيىن شېرىنسۆز، شېرىن ۋەدە، شېرىن كەلگۈسىلىرىنى سۆزلەپ باشقىلارنى قىزىقتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوقۇشلىقىغا مۇنداق سۆزلەر يېزىلغان، سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا قانچە ھاياجانلانسا،  ئىنتۇناتسىيەمۇ شۇنچە يۇقىرى بولۇشى كېرەك، سۆز سۈرىتىمۇ شۇنچە تېز بولۇشى كېرەك...

    3. ئۇلار ئامالنىڭ بېرىچە بىر قىسىم ئاز ساندىكى ئۈتۈق قازانغۇچىلارنى كۆز  كۆز قىلىپ نىشاننى شېرىن خام خىيالغا چۆمدۈرىدۇ.

    4. يۈقىرى ئۈنۈم، يۈقىرى كىرىم، يۈقىرى پايدا  نىسبىتى بىلەن ئېزىقتۇرۇش.

    ئۇلار سىزنىڭ ئالدىڭىزغا يېقىن كەلگۈسىدىكى سىز رەت قىلىپ بولمايدىغان پايدىنى ئالدىڭىزغا كىنو لېنتىسىدەك تىزىدۇ. ئۆزىنىڭ ئالدىن تەشۋىقات ئۈچۈن تەييارلىغانئۈتۈق قازانغۇچىلىرىنى سىزگە كۆز- كۆز قىلىدۇ.سىزنى ھېچقانداق كۈچىمەيلا مىليونېر بولۇشقا ئىشەندۈرىدۇ ياكى سىزگە ناھايىتى چوڭ مەنپەئەت يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ.

    5. مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. سىزنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. مېڭە يۈيىدۇ.

    6. كانىدەك چاپلىشىۋىلىش.

    سىزنىڭ كەينىڭىزگە كانىدەك چاپلىشىۋىلىپ سىزگە توختىماي مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلاردا خىجىل بولۇش، تاتىنىش بولمايدۇ.

    7. مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بارىدۇ.

    سىزگە ھەر خىل تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ،ھاجانلاندۇرۇپ، پىسخىكىلىق غىدىقلاش ئېلىپ بېرىپ سىزنى روھلاندۇرىدۇ. سىزدە بىرخىل ئۈمىدۋارلىق، قارغولارچە چوقۇنۇشنى شەكىللەندۈرۈپ، مېڭىڭىزنى يۇيىدۇ. سىز بۇ تۈرگە قىزىقتىڭىزمۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە توسۇشى سىزگە كار قىلمايدۇ.

    8. بىۋاسىتە سېتىشنىڭ قانۇنلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ سىزنى ئۆزىنىڭ پائالىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىگىگەئىشەندۈرىدۇ.

    شاخلىتىپ سېتىشنىڭ دائىم ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل چارىلىرى

    1. كىشىلەردە بۇ تۈرگە قاتناشسىڭىز ئاسانلا پۇل تېپىپ باي بولالايسىز دېگەن ئوينى شەكىللەندۈرىدۇ.

    نۇرغۇن ئادەملەر ئۇرۇق- تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن شاخلىتىپ سېتىشقا قاتنىشىدۇ ۋە مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.  ئۇلار سىزگە بۇ تۈرگە قاتناشسىڭىز سىز تېزلا باي بولالايسىز  دەيدۇ. ھەم سىزنى باش دىروكتورلار بىلەن ئۈچراشتۇرىدۇ. باش دىروكتورلارنىڭ ھەممىسى ئالى ماشىنا ھەيدەيدۇ، داڭلىق سائەتلەرنى تاقايدۇ، داچىلاردا ئولتۇرىدۇ، كاستۇمبۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيگەن بولىدۇ. سىز ئەترەتكە قوشۇلۇپ ئۇتۇق قازانسىڭىز مۇشۇنداق بولىسىز دەيدۇ.  ئەمەلىيەتتە بۇ ئاتالمىشدىروكتورلار بولسا ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تەمىنلىگەن پۇل بىلەن ئۆزىنى نىقاپلىغان بولۇپ، بۇ تاشقى كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق سىزنى باي بولۇشنىڭ شېرىن خىياللىرىغا باشلاپ كىرىدۇ. كىشىلەرنىڭ باي بولۇش ئارزۇسى ۋە تەقەززاسى ۋەئاچكۆزلىكىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ.

    2. بۇ تۈر قانۇنلۇق، دۆلەت رەھبەرلىرى ئارقا تىرەك بولغان نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش تۈرى دەپ جار سالىدۇ.

    بۇ تۈر بولسا ئىنسانىيەتنىڭ روھى مەدەنىيىتىنى قايتا ئويغىتىش، بىز ئەڭ ئېسىل مەھسۇلاتلارنى ساتىمىز دەپ جار سالىدۇ. سىز ئۇلاردىن قانداق ئېسىل مەھسۇلاتىڭىز بار؟ دەپ سورىسىڭىز، ياكى بۇ مەھسۇلاتنىڭ ھەقىقىي ئېسىل مەھسۇلات ئىكەنلىكىگە قانداق ئىسپاتىڭلار بار؟ دەپ سورىسىڭىز ئۇلار دائىم تېمىنى ھەقىقىي ئىسپاتتىن قاچۇرۇپ، سىزگە بىر قىسىم مەۋھۇم ۋەدە ۋە مەۋھۇم ئاساسلارنى كۆرسىتىدۇ.

    ئۇلاردىن سىز بىۋاسىتە سېتىش ئىجازەتنامىسى، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى قاتارلىق قانۇنى ئاساسلارنى تەلەپ قىلسىڭىز ئۇلار بۇ ئاساسلارنى كۆرسىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ھەممىلا ئادەم ، بىر ئىشخانىنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئىجارە توختامى، كىملىك، بىر قانچە پارچە رەسىم، شۇنداقلار بىر قاتار ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، نەچچە مىڭ يۈەن بىلەنلا بېجىرگىلى بولىدىغان شىركەت رەسمىيىتى قاتارلىق بىر قاتار دائىملىق ئاددىي كىنىشكا ئارقىلىق سىزنى قانۇنلۇق شىركەت ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرمەكچى بولىدۇ. ئالدىن تەييارلىۋالغان فىلىم، رەسىم، ئاۋاز ھۆججىتى قاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن بۇ تۈرنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ تۈرنى دۆلەت رەھبەرلىرى قوللىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يېڭى تۈرى دەپ جار سالىدۇ. بۇ بىر يېڭىچە سودا ئەندىزىسى، يېڭىچە پۇل مۇئامىلە ئىلىمى دەپ سىزنى مۇرەككەپ مەزمۇنلارغا ئەكىرىپ قايمۇقتۇرىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە شىركەت تىجارەت كىنىشكىسى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك ئەڭ ئاددىي تىجارەت رەسمىيەتلىرى بولۇپ، ئۇ پەقەت بۇ شىركەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، قانۇنى ۋەكىلىنى، بانكا ھېساباتىنى ۋە تىجارەت كىنىشكىسىدە تىزىملاتقان تۈرلەر ئارقىلىق تىجارەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر ئالاھىدە تۈرنى نورمال ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يەنە بىر قاتار قانۇنى ئىجازەتنامە بولۇش كېرەك. مەسىلەن :

    يېمەك ئىچمەك سېتىش ئۈچۈن، يېمەك ئىچمەك يۈرۈشتۈرۈش ئىجازەتنامىسى، يېمەك ئىشلەپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى، ساغلاملىق دورىلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كۆك دوپپا ئىجازەتنامىسى، دورا ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن دورا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ... قاتارلىق بىر قاتار قانۇنى ئىجازەتنامە بولۇشى كېرەك. بىۋاسىتە سېتىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىۋاسىتە سېتىش ئىجازەتنامىسى بولۇشى كېرەك. بىۋاسىتە سېتىش ئىجازەتنامىسى يەنە تېخى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بېرىلمەيدۇ. بەلكى رايونلار بويىچە بېرىلىدۇ، ئىچكىرى ئۆلكىدە بېرىلگەن بىۋاسىتە سېتىش ئىجازەتنامىسى بىلەن شىنجاڭدا بىۋاسىتە سېتىش ئېلىپ بارسا قانۇنسىز بولىدۇ.

    3. ئاز دەسمايە، غايەت زور پايدا، پەقەت %30 پىرسەنت باجنى يۇقىرىغا تاپشۇرسىڭىزلا بولدى

    ئادەتتە سىز بۇ يېڭى تۈرگە كىرسىڭىز سىز بەلگىلىك مىقداردا تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرىسىز ياكى بەلگىلىك مىقداردا مەھسۇلات سېتىۋالىسىز. سوممىسى ھەر خىل ئۆلچەمدە بولىدۇ. ئۇلار سىزگە بۇ بىرخىل مەبلەغ سېلىش، سىز مەبلەغ سالغاندىلا ئاندىن كۆپ پايدىغا ئېرىشەلەيسىز دەپ چۈشەندۈرىدۇ ھەم سىزنىڭ %30 ئەتراپىدا دۆلەتكە باج تاپشۇرىسىز دەپ قايمۇقتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ پۇللار يۇقىرى دەرىجىدىكى باشلامچىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشىدۇ.

    4. پايدىنى كۆپچىلىك بىرلىكتە كۆرىمىز، بىز پايدىنى ئاۋام خەلققە ئۆتۈنۈپ بېرىمىز...

    ئۇلار يېڭى قاتناشقان ئەزالارغا نىسبەتەن بەكمۇ قىزغىن، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار بىز پايدا بولسا كۆپچىلىك بىلەن تەڭ تاپىمىز، شىركەت پايدىنى كۆپچىلىككە ئۆتۈم بەردى دېگەندەك بىر قاتار سۆزلەر بىلەن سىزگە ئۆزلىرىنىڭ ئالىيجانابلىقىنى يەتكۈزىدۇ.

    5. بۇ تۈر بولسا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ بىر خىل يېڭى شەكلى

    ئۇلار شاخلىتىپ سېتىشنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىشەندۈرۈش، سىرلىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار دائىم ئۆزىنىڭ شاخلىتىپ سېتىش تۈرىنى زامانىۋى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. ئۇنى زەنجىرسىمان تىجارەت، ياكى قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى دەپ نىقاپلايدۇ. نەچچە يۈز ياكى نەچچە مىڭ يۈەن مەبلەغ سالسىڭىزلا نەچچە ئونمىڭ ھەتتە نەچچە يۈز مىڭ تاپالايسىز دەپ سىزنى قىزىقتۇرىدۇ. شاخلىتىپ سېتىشنىڭ ئەپتى بەشىرىئاشكارا بولغانسېرى ئۇلار ھازىر كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇشقا ئاسان بولۇش ۋە كىيىنكى داۋانىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھازىر بارغانسېرى ئاز سوممىلىق مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئېلىپ چىقىۋاتىدۇ. ئاز سوممىغا ئادەم تاپماق ئاسان، كىيىن ئاشكارىلىنىپ قالسىمۇ داۋا قىلىدىغان ئادەم ئىنتايىن ئاز چىقىدۇ.

    6. ساقچى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپ بىز بىلەن ھەمكارلاشقان.

ئۇلار دائىم ئۆزىنىڭ يېڭى تۈرىنى ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم بىر تۈرلىرى ياكى ھۆكۈمەت قانۇن ئورگانلىرىنىڭ مەلۇم تۈرلىرىگە باغلاپ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى، سىزنىڭ داۋا قىلسىڭىزمۇ ئاقمايدىغانلىقىنى دەپ تەھدىت سالىدۇ.

    7. ھازىرقى زامانىۋى تېخنىكا، زامانىۋى دېتال، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە ئىلىمى ئارقىلىق ئۆزىنى نىقابلاپ سىرلىقلاشتۇرۇپ سىزنى ئۆزىڭىز بىلمەيدىغان مۇرەككەپ بىلىم قۇرۇلمىسىغا باشلاپ ئۆزلىرىنى غايىۋى، ئىلاھىي قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

    يىغىپ ئېيتقاندا سىز شاخلىتىپ سېتىشنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ ئىشنىڭ دەسلىپىدىلا ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ئىشنىڭ بېشىدىلا ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قېچىپ، مۇداپىئە قىلمىسىڭىز، سەللا ئۇ ئىشقا چۆكۈپ كەتتىڭىزمۇ؟ سىزنى ھەر خىل ئۇسۇل، رەڭلەر بىلەن ئىشەندۈرۈپ مېڭىڭىزنى يۇيۇپ سىزنى پاتقاققا چوڭقۇر پاتقۇزىدۇ. سىز ھەر قانچە ئەقىللىك بولسىڭىزمۇ، سىزدە ئازراقلا ئاچكۆزلۈك ياكى تېز، ئاسان باي بولۇش ئىستىكى بولسىلا سىزنى ئۆز چاڭگىلىغا ئالىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ قانداق بولۇپ كىرىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلمەي قالىسىز. باشقىلار ھەر قانچە نەسىھەت قىلسىمۇ كاللىڭىزدىن ئۆتمەيدۇ. سىز ۋە سىزنىڭ ئاتالمىش ئۇستازلىرىڭىزدىن باشقىلار دۆت، ھاماقەت، سەۋىيەسىز، جاھاننىڭ ئارقىدا قالغان بولۇپ بىلىنىدۇ. بۇ باسقۇچقا كەلگەندە سىزنى قۇتقۇزىدىغان دارا يوق. سىز ھالاكەتنى كۈتىۋىلىڭ.

داۋامى بار ...

تاشپولات بىلال ئەلقۇت

ئىلى دەريا چوڭ بازىرى تور سودا سۇپىسىدىن تاشپولات بىلال ئەلقۇت
bagdax

1

تېما

13

دوست

4550

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1386
توردىكى ۋاقتى: 158
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-20
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
نىيۇسكى دەپ بىژنىمە بامىش
ئۇمۇ شۇلار بىلەن بىر جاڭگالدىنمۇ يا؟

2

تېما

2

دوست

787

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12765
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 217
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تىمنى مەن ناھايتى قوللايمەن.بۇنى قاقۇن ئۇرۇنلىرى ۋاختىدا قول تىقىپ توسمىسا ئۇلار ۋابادەك تارقاۋىردۇ.مىنىڭ ئەڭ كاللامدىن ئۆتمەيدىغنى خېلى ئاڭ سەۋيەسى يوقرى سانىلدىغان ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى -خىزمەتچىلەر.نەچچىسنى ئۇچراتتىم مەن چۈشەندۈرسەم شاخلىتىپ سېتىش بولسا نىمىشقا ھۈكۈمەت توسمايدۇ؟كەتسە مەندىن مىڭ نەچچە يۈزكوي كىتدۇ مەيلى ئەمەسمۇ دىگنى
مىنى ئەڭ نەپرەتلەندۈرگىنى ئۇيغۇرلار ئىقتىساد جەھەتتىن كۈندىن كۈنگە قىينىلۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە قاراپ تۇرۇپ بىر-بىرسىنى قۇيۇشقا قانداقمۇ ۋىجدانى چىدغىنى،ھەرقېتىم ئويلىساملا شۇلارغا بىر قېتىم لەنەت ئۇقۇيمەن.تېخى جىق ئادەم تاپسا ماشىنا ئەپبىرەمىش،سەنيا،دۈبەيگە ھەقسىز ساياھەتكە ئاپرامىش،دەپ كەلسەم گەپ جىقتى

2

تېما

2

دوست

787

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12765
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 217
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-20
يەر
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئېنىقلا ھارام ،قانۇنسىز قىلمىشى بومىسا شۇلار بىلدۇ،لىكىن ئۈزى قۇيلۇپ بولوپ زىينىنى تولدۇرۋېلىش ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇققان ،دوس-يارەنلىرگە ھۇجۇم قىلدۇ،جەمئىيەتتە ئىشەنىچ كىرزىسى يۈزبىرۋاتقان مۇشۇنداق چاغدا بۇ ئاپەتنىڭ جەمئىيتىمىزنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسگە سالدىغان زىينىنى مۆلچەرلىمەك تەس...
بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىم ئۇرۇندا تۇردىغنى شۇ ئەگەشكۈچلەرنىڭ ئۇنۋىىرسال ساپاسى ۋە توغرا بولغان تۇرمۇش،ئىقتىساد قارشى
bagdax

2

تېما

2

دوست

787

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12765
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 217
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-20
5#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
دوختۇرخاننىڭ قويمىچلىقنى كۈتۈرەلمەيۋاتقاندا،ھېلقى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرنىڭ قىممەتلىكى ،تېخى ئەڭ ئاز دىگەندە ئۈچ تۆت باسقۇچ ئىچشى كېرەكلىكى،
مۇشۇ يەردىمۇ نەچچىسى بۇنداقلاردىن ھېلى سەكرەپ چىقدۇ

4

تېما

10

دوست

9331

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   86.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2826
توردىكى ۋاقتى: 723
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-15
6#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئىشقىلىپ بۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كاللىسىنى ساق، ساغلام دەپ قاراش پۈتۈنلەي خاتا!

2

تېما

2

دوست

787

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12765
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 217
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-20
7#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرنىڭ بىر ئىككى يىلدا ماركا ئۆزگەرتىپ ،شەكىل ئۆزگەرىپ تۇرشى بۇ ھەممە كىشگە ئېنىق بولغان ھەقىقەت.
ئوغىرنىڭ يۈركى پوك-پوك

2

تېما

2

دوست

787

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12765
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 217
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-20
8#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ما بىر ئەزا تاپسا بىر نەچچە يۈزكوي شىرىنكانە ئايرىيدىغان ۋاكالەتچى گۈرۈپپىلىرغىغۇ گەپ قىلسىمۇ بېكا،تاكى قۇلغا سۇغۇق تۈمۈر تەگكىچە قۇرۇق سەپسەتىسنى سېتىۋىردۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )