ھازىرقى كىشىلەر كومپيۇتېردىن ئايرىلالماس بولۇپ قالدى. ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ دەرسلىك يۇمشاق دېتالى تۈزىدۇ. فوتوگراف ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سۈرەتلەرنى بېزەيدۇ. بانكا ئۇ ئارقىلىق ھېساباتنى باشقۇرىدۇ. ئايرودۇرۇم ئۇ ئارقىلىق نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلارنى تەرتىپكە سالىدۇ. كىشىلەر كومپيۇتېر ئارقىلىق ناخشا ئاڭلاشنى، تورغا چىقىشنى ياكى ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنداقتا كومپيۇتېر نېمىگە تايىنىپ مۇشۇ ئىشلارنى قىلالايدۇ؟
بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، كومپيۇتېرنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارى ھېسابلاش، يەنى ئاددىي ئارىفمېتىكىلىق ھېسابلاش ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاش بولۇپ، كومپيۇتېر ئارقىلىق ھەرقانداق بىر ئىشنى قەدەم -باسقۇچلۇق ھېسابلاشقا ئاجرىتالايمىز. كومپيۇتېر پەقەت ھېسابلاشقا تايىنىپلا بارلىق مۇرەككەپ ئىقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا، كومپيۇتېرنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى تېز ھەم ئاسان خاتالاشمايدۇ.
مەسىلەن، سۈرەتتىكى مەلۇم بىر ئورۇننى تېخىمۇ يۇرۇقراق قىلماقچى بولساق، ئۇنداقتا كومپيۇتېرغا تاپشۇرىدىغان ۋەزىپىمىز ئەمەلىيەتتە سۈرەت ئۈستىدىكى مۇشۇ ئورۇنلارنىڭ پىكسېل رەڭ قىممىتىنى مەلۇم قانۇنىيەت بۇيىچە يۇقىرى كۆتۈرۈپ قۇيۇشتىنلا ئىبارەت. بۇ ئورۇنلاردا نەچچە ئون مىڭ دانە پىكسېل بولغان بولىدۇ. كومپيۇتېر نەچچە ئون مىڭ قېتىملىق ھېسابلاش ئەمىلىنى نەچچە مىكرو سېكۇنتتىلا ھېسابلىيالايدۇ. ئەمەلىيەتتە ھازىرقى شەخسىي كومپيۇتېرلارنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى ھەر سېكونتىغا مىليارد قېتىم ھېسابلاش سەۋىيەسىدە بولۇپ، نەچچە تۈمەن قېتىم ھېسابلاش ھېچقانچە چوڭ مەسىلە ئەمەس.
مەسىلەن، توردىن مەلۇم بىر سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماقالىنى ئىزدىگەن ۋاقتىمىزدا، كومپيۇتېرنىڭ ۋەزىپىسى بولسا بىز كىرگۈزگەن ھالقىلىق سۆز بىلەن توردىكى بارلىق ماقالىلەردىكى سۆزلەرنى سېلىشتۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان سېلىشتۇرۇش دەل ئېلىش ئەمىلىنى بېجىرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، كومپيۇتېر نۇرغۇن قېتىم ئېلىش ئەمىلىنى بېجىرىش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلايدۇ. توردىكى ماقالە ۋە سۆزلەرنىڭ مىقدارى ناھايىىتى كۆپ بولغاچقا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنچىۋالا كۆپ ئېلىش ئەمەلىنى بېجىرىش ئۈچۈن نۇرغۇن كومپيۇتېر ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
مۇشۇلارغا ئاساسلانغاندا، كومپيۇتېرنىڭمۇ ھېچقانداق بىر سىرلىق ئىقتىدارى يوق. ئۇنىڭ قىلىۋاتقىنى پەقەتلا ئالدىن بەلگىلەنگەن قەدەم-باسقۇچ بۇيىچە ھېسابلاش ئېلىپ بېرىش ھەمدە ئەڭ ئاددىي بولغان قوشۇش ۋە ئېلىش ئەمىلىنى ھېسابلاشتىن ئىبارەت. لېكىن يەنىلا ئاخىرقى ھېسابتا ناھايىتى چوڭ ۋەزىپىلەرنى تاماملىيالايدۇ. بۇنى ھەتتا مىسىرنىڭ ئەلئېھرامى بىلەن جوڭگۇنىڭ سەددىچىن سېپىلىنى سېلىشقا ئوخشاتساق بولىدۇ. خالىغان بىر دانە كېسەكنى تىزىش چوڭ گەپ ئەمەس، لېكىن سانسىز كېسەكلەرنى تەرتىپلىك تىزىش، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ مۆجىزىسىگە ئايلىنىدۇ.
مەنبە: «يۈزمىڭلىغان نېمەئۈچۈن»دىن ئېلىندى. |