- تىزىملاتقان
- 2014-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-10-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13422
- نادىر
- 0
- يازما
- 1323
ئۆسۈش
100%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا obzorqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-10-17 18:17
angiz يوللىغان ۋاقتى 2016-10-16 20:15
بۇ تاماقلارنىڭ ئاتىلىشى نېمە؟ قانداق ئېتىلىدۇ؟ مىنىڭ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ئۈستىگە يايغان ئۇن يېپىلغان تائام « قومۇل ياپمىسى » - دەپ ئاتىلىدۇ . قۇمۇل ياپمىسىنى تائاملارنىڭ شاھى - دەپ تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ . ياپمىنى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ يەپ كۆرسىڭىز بۇ تەرىپكە قايىل بولماي تۇرالمايسىز . بۇ تائامنىڭ ئاساسلىق خۇرۇچى گۆشت بىلەن ئۈستىگە يېپىلغان يايما ئۇن ، ئاندىن سەيە ( ياڭيۇ ، بەرەڭگە ) ، زەدەك ( سەۋزە ) ، تاتلىق ياڭيۇ ، ياش ( چامغۇر ) ، كاۋا ، قىزىلچا ... تېتىتقۇ قاتارلىقلار .
قومۇل خان ئېشى ( يەنى نەزىر ئاش ) ئاساسلىق قۇربان ھېيىتتا مەخسۇس ئېتىلىپ نەزىر تارتىلىدۇ . ئاساسلىق خۇرۇچى گۆشت . گۆشنى پۇشۇرۇپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن ، يۇپقا يېيىلغان ئۇننى قۇرۇتۇپ ، ئۇششاق تۈگۈر قىلىپ ئۇۋىلاپ شورپىسىغا سېلىپ پۇشۇرىلىدۇ .
كۆچە ئاش ( نەۋرۇز ئېشى ) __ بەلكىم ھەممە يەردە ئورتاق بولۇشى مۇمكىن . بىراق قۇمۇلدا ، قۇربان ھېيىتتىن كېيىنكى ئۇلۇغ ئۆشرە ئايدا بىر ئاي ، ھەممە ئائىلىدە كۆچە نەزىرى قىلىش قاتتىق ئومۇملاشقان . بەك باياشات ئايلارنىڭ بىرى .
يارما ئاشمۇ خان ئېشىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا تەييارلىنىدۇ . بۇ ئاش قۇمۇلنىڭ قارادۆۋە يېزىسىدا ، توي مۇراسىم ، نەزىرلەردە مەخسۇس ئېتىلىدىغان ، ئومۇملاشقان يەرلىك تائامى .
ئۈندۈرمە ئاش ( نەزىر نان ) نىڭ ئاساسلىق خۇرۇچى ، بۇغداينى نەمدەپ ، يېڭىدىن ، تەكشى كۆك چىقارغاندىن كېيىن ، يېيىپ ، ياخشى قۇرۇتۇپ ، تاش تىگمەندە مۇخسۇس ئۇششاق تۈگرە قىلىپ تارتىپ تەييارلىنىدۇ . ( ئېتىش ئۇسۇلىنى ئۇقمايدىكەنمەن ) . ئېتىش شەكلى قويۇق بىلەن سۇيۇقنىڭ ئارىلىقىدا ، قوشۇق بىلەن ئىچىلىدۇ . بۇ تائام ھەر ئەتىيازدا ئېتىلىدۇ . مۇزدەك ھەم يېقىملىق ھەم بىرخىل تاتلىق بولۇپ . بۇ تائامنى ئىچەلمەي قالغانلا شۇ بىر يىل ئارماندا ئۆتۈدۇ .
كەم ياكى ئارتۇق بولۇپ قالغان تەرەپلىرىنى بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويغايسىزلەر . اللەقا ئامانەت .
|
|