<ئەلىجان ئاقسوپا ناخشا كېچىلىكى> ئۆتكۈزىلىدۇ
[align=justify]
يېتىلىۋاتقان ياش ناخشىچى ئەلىجان ئاقسوپا نورۇز مۇناسىۋىتى بىلەن يۇرتى قومۇل دىيارىدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى ، تور بېكىتىمىزنىڭ ئەلىجاندىن ئىگەللىشىچە ئەلىجان بۇ قېتىمقى ناخشا كېچىلىكىگە تەييارلىق قىلىۋاتقىلى ئىككى يىلدىن ئاشقان بولۇپ كېچىلىككە ئاساسلىق ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئىجادىيەتلىرى ،شۇنداقلا ياشلار ئارىسىدىكى يېتىلۋاتقان ئىجادىيەتچىلەرنىڭ نادىر ئەسەرلىرى ،ۋە زامانىۋى ئۇسلۇپتا ئاكوردلاشتۇرۇلغان قومۇل ئاھاڭلىرىنى تەييارلىغاندىن باشقا يەنە بىر قىسىم كەسپداشلىرىنى بۇ قېتىمقى كېچىلىككە تەكلىپ قىلىپتۇ .
باغداش تورىدىكى بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن ئەلىجان ناخشا كېچىلىكىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !!!
بېلەت سېتىش ئورۇنلىرى :
تۆتكوچا سودا كوچىسى دەۋر رېستۇرانى ئاستى <ئوكيان>ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى شەھەر ئايلانما يولى <ئوكيان >ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى تۆتكوچا سودا كوچىسى <قىزىل ياپراق>ئۈن-سىن مەركىزى تۆتكوچا <ئەلھايات> مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى
|