قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2099|ئىنكاس: 0

ئۇلار ھاياتىڭىزدا قانچىلىك جاپا چەكتى كۆرۈپ باقايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

1

دوست

1990

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4908
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 454
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 22:30:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلار ھاياتىڭىزدا قانچىلىك جاپا چەكتى
كۆرۈپ باقايلى



[align=justify][align=justify][align=justify]1.سىز دۇنياغا ئىڭەلەپ تۇغۇلغان شۇ كۈنى ،ئانىڭىزنىڭ تولغاق ئازابىدا ئاچچىق ئىڭىرلاپ يىتىپمۇ ، دۇنيادىكى ئەڭ كەم تىپىلىدىغان مېھىر -سۆيگۈنىڭ تەبەسسۇمىنى ،ئۇنىڭ چېھرىدىن كۆرەلمىدىڭىز .دادىڭىزنىڭ سىرتتا تىتىلداپ تۇرۇپ ،سىزنىڭ يىغلىغان ئاۋازىڭىزدىن ھاياجاندا يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ سوقۇشلىرىنى سىز ئاڭلىيالمىدىڭىز.
2.سىز تۇنجى قەدەمنى بىسىپ ،تەمتىلەپ ،ئاۋايلاپ ماڭغىنىڭىزدا ،ئانىڭىزنىڭ سىزنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇپ ،قولىڭىزنى يېتىلەپ ، بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن مىڭىشنى ئۆگەتكىنىنى ،يىقىلىپ كەتكىنىڭىزدە سىز بىلەن تەڭ قۇشۇلۇپ يىغلىغىنىنى سىز كۆرەلمىدىڭىز.ئەشۇ چاغ دادىڭىزنىڭ ئايىقىڭىزنىڭ چىققىنىنى كۆرۈپ دەررۇ ،سىزگە چىرايلىق خۇرۇم بەتىنگە ئالغىلى يۈگرۈپ ئۆزى يالغۇز كېتىپ قالغىنىنى سىز بىلمىدىڭىز.
3.سىز بوۋا-مومىلىرىڭىزغا ئەركىلەپ ،تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ شوخلۇق قىلىپ بېرىۋاتقاندا ، دادىڭىزنىڭ سىزگە ئەكىلىپ بەرگەن سانسىز ئويۇنچۇقلىرىنىڭ كۆپلىكىنى سىز بىلمىدىڭىز ، ئۇيۇنچۇقلارنى غەمسىز ئويناۋاتقىنىڭىزدا ،دادىڭىزنىڭ يىنىڭىزدا سىزگە ئىچى كۈيۈپ قاراپ ياتقىنىنى ،ئانىڭىزنىڭ سىزنىڭ تامىقىڭىزنى ئاۋۋال تەييارلاپ سىزگە يىگۈزۈش ئۈچۈن ئوچاق ئالدىدا پەرۋانە بولۇپ ،قايناقسۇنى قولىغا تۆكۈپ يۈرگىنىنى سىز بىلمىدىڭىز.
4.سىز يەسلىدە پاكىزە ،چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ ،كىچىك دوستلىرىڭىز بىلەن ھەممىنى ئۇنتۇپ ،ئوقۇتقۇچىڭىزدىن ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىنىۋاتقان غەمسىز پەيتىڭىزدە ،ئاپىڭىزنىڭ سىز ئۈچۈن سەكپارە بولۇپ ،ئىشتىن بالدۇر قېچىپ ،كىيىم كىچەكلىرىڭىزنى يۇيۇپ ، ئەتىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىمەن دەپ باشلىقىدىن تىل ئىشتىپ ،تەنقىد يىگىنىنى، باشلىقنىڭ ئالدىدا قىزىرىپ يەرگە قاراپ تۇرۇپمۇ ،سىزنى سېغىنغانلىقىنى ،سىزنىڭ ئەندىشىڭىزنى قىلغانلىقىنى ،دادىڭىزنىڭ بولسا كىچە -كۈندۈز چارچاپمۇ توختىماستىن ماشىنا ھەيدەپ ،خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ،سىز ئۈچۈن كۆپرەك ئويۇنچۇق ،كۆپرەك كىيىم ئېلىپ ،سىزنى ياخشى يىگۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ ،جېنىنى پىدا قىلىۋاتقىنىنى سىز بىلمىدىڭىز.
5.سىز باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا بالىلار بايرىمى ،سەھنىگە چىقىپ پىئونىر بولغىڭىزدا ،ئاپىڭىزنىڭ ئالدىراش ئىشتىن چۈشۈپ سىزنىڭ سەھنىگە چىققىڭىزنى ئەڭ كەينىدىكى رەتتە بوينىنى سوزۇپ قاراپ ،كۆزىگە ھاياجان ياش ئالغىنىنى سىز كۆرمىدىڭىز.دادىڭىزنىڭ سىزنىڭ بىر سۇڭلۇق سۈرىتىڭىزنى پۇل قاپچۇقىغا سېلىپ ،سېغىنغاندا ،ئۇنى چىقىرىپ سۆيۈپ قويىدىغانلىقىنى سىز بىلمدىڭىز.
6.سىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ،ئاتا ئانىڭىزنىڭ ئوقۇش بىسىمىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۆينى تاشلاپ ،مەكتەپ يېنىدىن ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ئېلىپ ، ئۆي كۆچكىچە قانچىلىك جاپادا ھارغىنىنى سىز كۆرمىدىڭىز .
7.سىز مەكتەپتىن يېنىپ كىلىپ ، يالغۇز ئۆيدە جىمجىت ئولتۇرۇپ دەرس تەكرارلاۋاتقىنىڭىزدا ئۇلارنىڭ نىمىشقا ئاۋازىنى چىقىرىپمۇ سۆزلەشمىگىنىنى ،تىلىۋىزورنىمۇ تۈزۈك ئېچىپ كۆرمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سىز بىلمىدىڭىز .
8.سىز ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ ،چاقىرىق قەغىزىنى خۇشال كۆتۈرۈپ كەلگىنىڭىزدە ئۇلارنىڭ سىز بىلەن تەڭ خۇشاللىققا چۈمۈپ ئولتۇرۇپ ،سىزنى ئالى مەكتەپكە ئۇزاتقۇچە ،سىزگە چاندۇرماڭ بىردىنبىر ئۇلارنىڭ زىمىنى بولغان ئۆينى ئەرزىنىغا سىتىۋىتىپ ،سىزنىڭ ئوقۇش پۇلىڭىزنى تەييارلىغىنىنى سىز بىلمىدىڭىز .
9.ئالى مەكتەپكە چىقىپ ،ساۋاقداشلىرىڭىز ئارىسىدا قاتاردىن قالماي كىيىپ -ئىچىپ ، يۈرگىنىڭىزدە دادىڭىزنىڭ زىيادە چارچاشتىن قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغىنى سىز بىلمىدىڭىز ، تەتىلدە قايتىپ كەلگىنىڭىزدە ،قايغۇرغىنىڭىز پەقەتلا ئانىڭىزغا جۆر بولۇپ يىغلىشىپ بەردىڭىز ، ئانىڭىز سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزنىڭ يېرىم يولدا توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن ،سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزغا تەسىر يېتىپ ،روھى بىسىم ئېلىپ كەلمەسلىكى ئۈچۈن ،قولىڭىزغا كۆپرەك پۇل تۇتقۇزۇپ ،مەكتەپكە بالدۇر يولغا سالغىنىنىڭ سەۋەبىنى سىز چۈشىنىپ يىتەلمىدىڭىز .
10.ئالى مەكتەپنى ئانىڭىزنىڭ ئېرىنمەي ،تېرىكمەي تاپىلاشلىرى ، تۈگىمەس نەسىھەتلىرى بىلەن ئاران پۈتتۈردىڭىز .ئەمما خىزمەتكە چىقىشتا مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۇدا نەچچە قېتىم ئۆتەلمەي ، باشقا شىركەت ۋە ئورۇنلاردا ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرۇشنى نومۇس قىلىپ ،ئۆيدە بىكار يېتىپ ،ئانىڭىز ئىجارىسىنى ئاران تۆلەپ ، مىڭبىر ئۆلۈپ ،مىڭبىر تىرىلىپ ئېچىۋاتقان دۇكانغا ياردەملەشمەي ،كۈندە تورخانىدا ،ئاللىكملەر بىلەن توردا قۇرۇق پاراڭلىشىپ كۈننى ئۆتكۈزدىڭىز. ئەنە شۇ چاغلاردا ئانىڭىزنىڭ دادىڭىزنى سېغىنىپ ،غىمىڭىزنى يەپ ، يالغۇز ئولتۇرۇپ كۆز يىشى قىلغىنىنى سىز كۆرمىدىڭىز .
11.ئانىڭىزنىڭ دادىڭىزنىڭ دەپنە پۇلىدىن بانكىغا قىپقالغان ئازغىنە دەپنە پۇلىدىن ئېلىپ بېرىپ باشلىقلارنىڭ ئۆيىگە خۇپىيانە بېرىپ ، بىچارىلەرچە يىغلاپ ،سىزنىڭ خىزمەت ئىشىڭىز ئۈچۈن يالۋۇرغىنىنى سىز كۆرمىدىڭىز .
12.خىزمەت ئىشىڭىز ھەل بولغاندا ،سىز ئاللىقاچان جەمئىيەتتىكى ناچار ئادەملەرنىڭ كەينىدە يۈرۈپ كەيىپچىلىكتە ئۆگىنىپ قالغان ئاق تاماكىدىن ۋاز كىچەلمىدىڭىز . خۇمارىڭىز تۇتقان كېچىلىرى ئۆيگە قايتماي ،ياتاق- مېھمانسارايلاردا ھەمرا خېنىملار بىلەن كەيىپ- ساپادا دۇنيادىكى ئەڭ مېھرىبان ئىنسان بولغان يىگانە ئانىڭىزنى ئۇنتۇپ ، ئۇنىڭ بىر كېچە كىرپىك قاقماڭ ، ئۆيدە تەنھا تۈنەپ چىققانلىقىنى سىز ھېس قىلالمىدىڭىز .
13. زەھەر سىزنى بارغانسىېرى مەھىشەتكە باشلاپ بېرىپ ، سىزنى ئاخىرى خىزمىتىڭىزدىن ئايرىدى ،قولىڭىزغا كويزا سېلىنىپ ،زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئەمگەك بىلەن تەربىيلەش ئورنىغا يول ئالغاندا ، ئانىڭىزنىڭ چەكسىز دەرت -ئەلەمگە تولغان ھەسرەتلىك يۈرىكىنى سىز كۆرەلمىدىڭىز .
14. سىز ئەمگەك بىلەن تەربىيلىنىپ ،قاتتىق خۇمارىڭىز تۇتۇپ ،تىترەك ئولىشىپ ،پەيلىرىڭىز تارتىشىپ قالغاندا ،بۇ دۇنيادا سىزنىڭ بىردىنبىر غىمىڭىزنى يەيدىغان ئەڭ ئۇلۇغ ،مېھرىبان ئانىڭىزنىڭ بۇ دۇنيادىن يالغۇز كۈلبىدە ئەنە شۇنداق تەنھا پېتى جىمجىت كۆز يۇمغىنىنى سىز كۆرەلمىدىڭىز .

مەنبەسى -نادىرلار تورىغا مەنسۈپ.
قەلەم تەۋرەتكۈچى: كامالى ئېھتىرام بىلەن كاۋكاز .
2012-3-14

بىر كەم دۇنيا ،كىمىنى تولدۇرۇپ ياشا!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )