- تىزىملاتقان
- 2011-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7628
- نادىر
- 2
- يازما
- 305
ئۆسۈش
52.56%
|
ياشار كامال ۋە مەمەت ئاۋاق
تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ تىن قىسقارتىپ مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار ئېلىندى
ياشار كامال تۈركىيىنىڭ مۇشۇ ئەسىردىكى دۇنياۋىي تەسىرگە ئىگە مەشھۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى. 1922-يىلى ئاداند ئۆلكىسىنىڭ گوكەچلى (مەمىتە) يېزىسىدا نامرات ئائ.ىلىدە دۇنياغا كەلگەن.بەش يېشىدا دادىسىدىن يېتىم قالغان. ئوتتۇرا مەكتەپتە پەقەت بى يىللا ئوقۇپ، تىرىكچىلىك تۈپەيلى ئوقۇشتىن چېكىنگەن. ئۇ جان بېقىش ئۈچۈن زېمىندارلارنىڭ قورۇقلىرىدا يىلقىچى، پۈتۈكچى بولغان ھەم ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى، غەۋۋاس، مىراپ، موزدوز بولغان، كۆمۈر گازى شىركىتىدە خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 40 خىلدىن ئارتۇق ئۇششاق كەسىپ بىلەن شوغۇللانغان. كېيىن مۇخبىر بولۇپ يېزىقچىلىق ھاياتىنى باشلىغان.
ياشار كامال 1951-يىلىدىن 1963 يىلىغىچە تۈركىيىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىت "جۇمھۇرىيەت گېزىتى" دە مۇخبىرلىق قىلىپ، نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازغان. شۇنداقلا نۇرغۇن رومان ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ تۈركىيە ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغان. 1952-يىلى ئۇنىڭ چوقۇر ئوۋا تۈزلەڭلىكىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تۇنجى ھېكايىلەر توپلىمى "پىژغىرىم ئىسسىق" نەشىر قىلىنغان. 1955-يىلى ئۇنىڭ " دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قورۇقتا يەتتە كۈن" ناملىق ماقالىسى مۇخبىرلار جەمىيىتى تارقاتقان ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى يەنە ئۇنىڭ "تۈنىكىچىلىك" ۋە "مەمەت ئاۋاق" (1- ۋە 2-قىسىملىرى) ناملىق رومانى نەشىر قىلىنغان. "مەمەت ئاۋاق" (تۈرۈكچىسى" ئىنجۇ مەمەت" ) دۇنياغا كېلىپلا ناھايىتى كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىغان. بۇ كىتابنى كىتابخانلار، بولۇپمۇ دېھقانلار بەسلىشىپ ئوقۇشقان. ھەتتا بىر كىشى ئۈنلۈك ئوقۇپ، باشقىلار زەڭ قويۇپ ئاڭلاشقان. قىزغىن دەتالاش ۋە مۇھاكىمە قىلىشقان. بەزىلەر " مەمەت ئاۋاق بىزنىڭكىگە كەلگەن، بىز ئۇنى كۆرگەن، بىللە تاماق يېگەن" دېيىشكەن، بەزىلەر ھەتتا "مەن مەمەت ئاۋاقنىڭ نەۋرىسى"، "مەن مەمەت ئاۋاقنىڭ پالانچى تۇققىنى" دەپ ئاپتورغا خەت يازغان.
بۇ روماننىڭ 3-ۋە 4- قىسىملىرى كېيىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە بۇ تۆت قىسىملىق رومان 39يىلدا پۈتكەن. بۇ رومان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە يەنى 20-30- يىللاردىكى دېھقانلار بىلەن زېمىندارلار ئوتتۇرىسىدىكى ھايات-ماماتلىق كۆرەش تەسۋىرلەنگەن. زېمىندارلارنىڭ ياۋۇز، ئاچكۆز، شەپقەتسىز، زالىم خارەكتىرى ۋە ئەنسىز روھى دۇنياسى، دېھقانلارنىڭ ساددا، ئۆزگىرىشچان، مېھرىبان مىجەز خارەكتىرى، توروس تاغلىرى ۋە چوقۇر ئوۋا تۈزلەڭىكىنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسى بەكمۇ ئىنچىكە ۋە جانلىق سۈرەتلەنگەن. دىئالوگلار بەكمۇ ئىخچام، ئوبرازلىق يۇمۇرلۇق ھەمدە يەرلىك پۇرىقى كۈچلۈك قىلىپ يېزىلغان. ئەسەرنىڭ باش پېرقەھرىمانى مەمەت ئاۋاقنىڭ ئوبرازى ئىنتايىن گۈزەل ۋە مۇكەممەل يارىتىلغان بولۇپ، كىشىنى ئۆزىگە بەك مەھلىيا قىلىدۇ. ئۇنىڭ بەخىتسىز ئەمما جەڭگىۋار ھاياتى، ئۆزگىچە مىجەز خارەكتىرى كىشىدە ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇرىدۇ.
شۇ سەۋەبتىن "مەمەت ئاۋاق" تۈركىيەدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادا قىزغىن قارشى ئېلىندى. ھازىرغىچە بۇ ئەسەر 30 خىلغا يېقىن تىل يېزىققا تەرجىمە قىلىندى ھەم 100 قېتىمدىن ئارتۇق نەشىر قىلىنىپ دۇنيادىكى بازارلىق كىتاب بولۇپ قالدى. تۈركىيىدىكى مەشھۇر يازغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن باھالاش، مۇكاپاتلاش ھەيئىتى بۇ ئەسەرنى "تۈركىيىنىڭ ئەڭ ئېسىل رومانى" دەپ باھالىدى. ھەمدە تۈركىيىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال "ھاياتلىق" نىڭ رومان مۇكاپاتىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ئەسەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ- پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن "دۇنياۋىي مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ بىرى" دەپ كۆرسىتىلدى. 78-يىلى فىرانسىينىڭ "ئەڭ ياخشى چەت ئەل ئەسەرلىرى مۇكاپاتىغا" ئېرىشتى. 82-يىلى دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلەر فىرانسىينىڭ پارىژ شەھىرىگە يىغىلىپ پۈتۈن دۇنياغا مەمەت ئاۋاق 30يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ رومان; دەپ بايانات ئېلان قىلىشتى ھەمدە ياشار كامالغا دېر دوكا دۇنيا ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بەردى. ئۇنىڭ ئىسمى دېر دوكا فوندى جەمىيىتى بىناسى ئالدىدىكى تاش تۈۋرۈككە ئالتۇن ھەل بېرىپ يېزىلدى. بۇ رومەن يەنە لوندوندا خەلقئارا كىتاپ ئوقۇش كۇلۇبى تەرىپىدىن ;84-يىلى ياز پەسلىدىكى ئەڭ ئېسىل رومان دەپ باھالاندى. ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەكك، مۇشۇنداق بىر دۇنياۋىي مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرتىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈلگەنلىكى ئالاھىدە قۇتلۇقلاشقا ئەرزىيدىغان چوڭ ئىش.
زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ماقالىنىڭ بىرقىسىم يەرلىرىلا بېسىلدى.
كوپپىيۇتېر ئالدىدا: مەشئەل 20
تورداشلارنىڭ بۇ ئەسەر توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن! |
|