- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3137
- نادىر
- 0
- يازما
- 101
ئۆسۈش
37.9%
|
بەشىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىسھاق ( 1767 - يىلىدىن 1780 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ) . چىيەنلۇڭنىڭ 32 - يىلى ( 1767 - يىلى ) يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىسھاق ئىنانچىخان دەرىجىلىك دوروبېلىلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ . چىيەنلۇڭنىڭ 36 - يىلى ( 1771 - يىلى ) ئۇ بېيجىڭغا بېرىپ خاننى زىيارەت قىلغاندا چىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچ كۆزلۈك __ توز قانىتى سانجىلغان قالپاق ، سېرىق پەشمەت ئىنئام قىلىدۇ ۋە چيەنچىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ چىقىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ .
يۈسۈپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئىش بېجىرىدىغان كۈچلۈك ياردەمچىسىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى ، گاۋزۇڭ خان كۆپ قېتىم ھازىر << قابىل ئادەملەر بەك ئازىيىپ كەتتى >> دەپ ئاھ ئۇرغانىدى . ئىز باسار تەييارلاش ئۈچۈن ، چىڭ ھۆكۈمىتى ئىسھاقنى تەربىيىلەش قارارىغا كېلىدۇ . چىيەنلۇڭنىڭ 38 - يىلى ( 1773 - يىلى ) چىڭ ھۆكۈمىتى ئىسھاققا << ئاغلاقچى ئامبال >> دېگەن مەنسەپنى بېرىپ ، ئىلىغا ئەۋەتىدۇ . ئۇ نامدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈۋاتقان قۇمۇللۇق ئۇيغۇر دېھقانلارنى باشقۇرىدىغان بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ، ئىلى جاڭجۈنى شۈخۇدېدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىنىدۇ . ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن ( 1776 - يىلى ) ئۇ قۇمۇلغا قايتىدۇ . چىيەنلۇڭنىڭ 45 - يىلى ( 1780 - يىلى ) ئىسھاق چېچەك چىقىپ ئۆلىدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق ئېچىنىدۇ ۋە دەپنە ئىشلىرى ئۈچۈن 300 تەڭگە بېرىدۇ .
داۋامى بار
مەنبە : قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسىدىن |
|