قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4077|ئىنكاس: 25

نۇرۇزنامە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىنسان دىگەن نىم

99

تېما

16

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  410
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4201
تۆھپە : 2436
توردىكى ۋاقتى: 1278
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 12:18:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش ئولىمالىرى،شائىرلىرى،پەيلاسوپلىرى ئىشقىلىپ ماھارىتى بارلىكى كىشىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ نۇرۇزنامە ئوقۇشىنى ئۆمۇد قىلىمەن.
نەۋرۇز ھارپىسىدا باغداشتىكى شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى ئاڭلاش،ئۇلۇغلاش ھەممىمىزگە نېسىپ بولسۇن.نەۋرۇز بىز تۇركى مىللەتلىرىنىڭ مىللى بايرىمى ،بۇ بايرامغا ،ئاتىللانىڭ جەسۇر روھى،ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ مەردانە نەپسى سىڭگەن،ۋەتەن ئوغلانى ،ئۇيغۇر ئاتىسى مەھمۇد قەشقىرى بۇ كۇننى ئۆز قەۋمى بىلەن ئۇلۇغ پىكىرلەرنى رۇياپقا چىقىرىپ ئۆتكۇزگەن،تارىخ قىسمەتلەرگە باي،كەينىمىزگە قارىساق تالاي ئوتيۇرەكلەرنىڭ ھەسرىتى كۆڭلىمىزنى تولىمۇ يېرىم قىلىدۇ،ئالدىمىزغا قارىساق قاپقار تۇمان پارلاق قوياشنى توسۇپ كۆڭلىمىزنىڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى ئۇمۇدسىزلىككە باشلايدۇ،خۇددى نازىنىن قىز ئۆز مەشۇغىنىڭ ئالدىدا قىزىرىپ تۇرغان ۋاقىتتا ئاشىغى كاپپىدە قولىنى تۇتىۋالغاندىكى ھاياجانلىق ھىسياتتەك تەبىئەتنىڭ سۆيگۇسى باھارنى چىللايدۇ،مەنمۇ ساپ ئىمانىم بىلەن،ۋىجدانىم بىلەن باھارنى چىللايمەن،بارلىق تور ئەھلىمۇ باھارغا تەشنا،باھارغا تەشنالىق دەل نەۋرۇزغا تەشنالىق ،نەۋرۇز بايرىمى دەل مىنىڭ چوڭ ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلغان كۇنى،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تورداشلار نەۋرۇزغا ئاتاپ مۇشائىرە قىلىشىپ باقايلى.
مەن ئالدى بىلەن ئۆزەم ئۆتكەن يىلى يازغان شىئىرلارنى يوللاي.
خىيالىم بۇلۇت- ئاسمان قوينىدا،
تاتلىق پۇراق پۇرايدۇ ھامان،
جەسەتتەك تاقىر گاداي دەرەخلەر،
ئۆزگىرەپ پارتىلار شۇنچىلىك ئاسان.


ئاسمان كۆك،دىنپىر،سايراممۇ كۆك،
ئوغۇز شاھىنىڭ بايرىغىمۇ كۆك،
بوز تۇپراق نىگاھ قاراپ كۆككە،
شۇندىلا ئۈنىدۇ زېمىندا كۆك.


جاناننىڭ كۆزىدە بەلكىم توپان بار،
مەجنوننىڭ چىھرىدە بەلكىم گۇمان بار،
كىم قالدى دۇنيادا قۇپقۇرۇق-يالڭاچ،
چۇشەنگەن كىشىدە بەلكىم ئىمان بار.


2


قارىسام ئەتراپقا ،
كۆز ياشلىرىم قۇرۇپ كىتىپتۇ،
نىمجان تىلەكلىرىم ،
شۇنچىلىك ئازاپ،
ياپراق كۆرۇنمەس،
مۇدھىشتۇر ئالەم،
يا بىر پۇراق،يا بىر مەنا يوق،
زېمىن چايقىلىپ ئاستا،
ئۆز-ئۆزىدىن بىزار ،
قېنى ئىزگۇ،قېنى ئۈز جانان،
مەيىن شامال،
يازنىڭ ھىدىنى چىمدىم ئېلىپ،
زەيتون دەرىخدىن خەۋەر بىرىپ،
ئۆتتى ئاستا لېۋىمنى سىلاپ،
بەلكىم نوھمۇ شۇنداق،
سۆيۇنگەندۇ مەندەك،
نۇرۇز مىھرىدىن،
جانان چېھرىدىن


                                -كۆكتۇرۇك
نۇرۇزنامە



ئاسمان-زىمىن نەۋرۇز پۇرايدۇ
تۇپا ھىدى يامغۇر پۇرايدۇ
دەرەخلەردە بىخلار ھاياتلىق
كۆڭلۈللەردىن ئاقلىق پۇرايدۇ
 
بىر دان ئىدۇق، مىڭ دانە بولدۇق
غەمخانە كۆڭۈل كۆڭۈل سورايدۇ
تۇرنىلاردىن سورايمەن باھار
ئۇلار مەندىن يازنى سورايدۇ.
 
توپا يوللار سۇلارغا سالام
باھار كەلسە گۈلگە ئورايدۇ
ھەممە ئادەم نەۋرۇز كۈنىدە
بىر-بىرىگە گۈلگۈن قارايدۇ
 
گۈللەر، تاغلار، يولغۇنلار ھەتتا
قۇتلۇق كۈندە ئايەم پۇرايدۇ
قۇملۇقلاردا باھارنىڭ ھىدى
تەشنالىقتا سۇنى ئويلايدۇ
 
دەريا كۆللەر كۆكلەيدۇ بۈگۈن
پاك زىمىنغا سالام يوللايدۇ
رىسالەتنىڭ كۆڭۈل سوۋغىسى
ھەممەيلەندىن ئەھۋال سورايدۇ
                                    -ئايتاراتى

71

تېما

0

دوست

6187

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1558
تۆھپە : 832
توردىكى ۋاقتى: 541
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 12:35:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسمان كۆك،دىنپىر،سايراممۇ كۆك،

بۇ مىسرا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭغۇ دەيمەن ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6317
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 14:04:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر دان ئىدۇق، مىڭ دانە بولدۇق
غەمخانە كۆڭۈل كۆڭۈل سورايدۇ
تۇرنىلاردىن سورايمەن باھار
ئۇلار مەندىن يازنى سورايدۇ.

ھەقىقەتەن ئېسىل!!ئېسىل چىقىپتۇ!!

145

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5789
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 2670
تۆھپە : 2695
توردىكى ۋاقتى: 2345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 14:10:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتۇقچە ھېسياتقا بېرىلمەي ،سەۋىرچان بولساڭلار دەيمەن . شەخسىيتىمگە قويۇپ بەرسە ،بۇ بايراملارنى داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزسەم دەيمەن .ئىنساننىڭ شەخسىيتى ئاجىزدۇر !ئىنسانىيەتنى ئەڭ توغرا يولغا يىتەكلىگۈچى ئىسلام ئەبەدىلئەبەت كۈچلۈكتۇر !

0

تېما

0

دوست

742

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3511
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 184
تۆھپە : 105
توردىكى ۋاقتى: 187
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 14:51:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
imar
بۇرادەر  ،سىزمۇ ھىسياتقا بىرىلمەڭ .  ئىككى ھەرەمنى ئىشخال قىلغان سەئۇد جەمىتىنىڭ ئاتالمىش  ئۆلىمالىرى پەيغەمبىرىمنىڭ قەبىرىسنى چىقىشقا ئۇرۇنغاندا ئەينى ۋاقىتتىكى ئالىملار ھاياتىنىڭ خەۋىپە ئۇچۇرشىغا قارىماي  بۇ قەبىرىنى ھەزىرتى ئەلى ياسىغان سىلەر ئۇنىڭدىنمۇ ئالىممۇ دەپ ئىيتىپ توسۇپ قالغان . ئىران فەتىھ قىلىنىپ ئۇ يەرلەر دىنىمىزنىڭ نۇرى بىلەن يورۇتۇلغان زامانلاردا زاماننىڭ ئەڭ كاتتىلىرى بولغان چاھارىيارلار ھايات ئىدى ھەم نورۇز ئۇ جايدا بايرام سۇپىتىدە قۇتلۇقلىناتتى ، دىنىمىزىنىڭ مەرىپىتى بىلەن ئەمەس   سەئۇدىنىڭ پادىشاھىنىڭ سىياسى ئىھتىياجىغا ماس پەتىۋا چىقىرىش بىلەن ئاۋارە بولۇپلا قالماي قەدىم دىنى كىتاپلىرىنى قەستەن ئۆزگەرتىش بۇرمىلاش ئارقىلىق  مەشھور  بۇ سەئۇدى جەمەتىنڭ ۋاھابىلىرى دىگەن گەپلەرگە ھاياجانلىنىش سادىلىق ۋە بىچارىلىكتۇر بزىگە   ئۆزلىرىنىڭ كاللىسىن دىن چىقىدىغان  ئاتامىش ئالىملارنىڭ پەتىۋاسى ئەمەس  چاھارىيارلار ئۈلگىدۇر

0

تېما

0

دوست

742

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3511
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 184
تۆھپە : 105
توردىكى ۋاقتى: 187
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 14:58:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۈزنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن ئالاقسى يوق بۇ  بىر ئۆرىپ ئادەت ،بۇنى  ئىمام ئزەمنىڭ ئۇستازى بولغان ئابابۇكرى سىدىق ئارقىلىق  دىنغا چىتىۋىلىش شىئەلەرنىڭ مەينەت قىلىڭلىرىدىن ،تۈرۈكلەر نورۇزنى دىنغا چىتىۋالماي دۇنياۋى بايرام يەنى باھار بايرىمى سۇپتىدىلا تەبرىكلەپ كىلىۋاتىدۇ  . كەڭ تورداشلار نورۇزنى تەبرىكلەيمىز دەپ ھاراق، رەڭلىك ئولتۇرۇش ۋە باشقا بارلىق شەرىئىتىمىز كۆتۇرمەيدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىنى ھەر زامان تەكىتلەيمىز

دىنىم ئىسلام مىللىتىم ئۇيغۇر

11

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3877
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3748
تۆھپە : 2909
توردىكى ۋاقتى: 520
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 18:03:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى imarدە2012-03-20 14:10يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئارتۇقچە ھېسياتقا بېرىلمەي ،سەۋىرچان بولساڭلار دەيمەن . شەخسىيتىمگە قويۇپ بەرسە ،بۇ بايراملارنى داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزسەم دەيمەن .ئىنساننىڭ شەخسىيتى ئاجىزدۇر !ئىنسانىيەتنى ئەڭ توغرا يولغا يىتەكلىگۈچى ئىسلام ئەبەدىلئەبەت كۈچلۈكتۇر !

http://player.youku.com/player.php/sid/XMzY4NTM0MTYw/v.swf  
 
  كەچۈرۈڭ دىنىمىزدا قانچە مەزھەپ بار ؟بۇقايسى مەزھەپتىىن كەن ؟سىزقايسىنڭغا تەۋە؟

0

تېما

0

دوست

742

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3511
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 184
تۆھپە : 105
توردىكى ۋاقتى: 187
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 18:03:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
imar
باشقىلارنى ھاياجانغا ئەگەشمەسلىكە نەسىھەت قىلىۋاتقان ئادەم بىردىنلا ھاياجانلىنىپ مەنتىقىسز سۆزلەپ كىتىپسىزغۇ ؟ بۇرادەر ساقسىز بەدەننى ئىسىل كىيىم قۇتقۇزالمايدۇ .ئىمانڭىزنى سەئۇدىدا تىكىلگەن سەللىڭىز بىلەن ناماشە قىلشقا ئالدىرماي ئۆزڭىزنى ھاياجاندىن قۇتقۇزۇپ ئاندىن باش ئاخىرى بار چاك باسىدىغان گەپ  قىلىشنى ئۆگىنىڭ  .
ئاللاھ سىزگە گۈزەل ئەخلاق بەرسۇن !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )