قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 546|ئىنكاس: 3

دەرەخ بولۇپ كەتسەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

1

دوست

3009

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3913
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 271
تۆھپە : 780
توردىكى ۋاقتى: 294
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-25 18:57:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرەخ بولۇۋالسام ، ئارزۇيۇم شۇكى يەنىلا « دەرەخ » بولۇۋالسام . ئىگىز - تىك قىيادىكى ، ئادەم چىقالمايدىغان قورام تاش ئۈستىدىكى « دەرەخ » بولۇۋالسام .

   جۇدۇن - چاپقۇن ، شىۋىرغان ، قارا قۇيۇندا  سۇنغان بىر « دەرەخ » بولۇۋالسام . قاقشال بولسىمۇ مەيلى ئىدى  « دەرەخ » بولۇۋالسام .   كاۋاك بولسىمۇ « دەرەخ » بولۇۋالسام ، قاداقلىق بولسىمۇ « دەرەخ » بولۇۋالسام ، قوۋزاقلىرى چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ « دەرەخ » بولۇۋالسام ، شاخ - شۇمبىلىرى سەت بولسىمۇ « دەرەخ » بولۇۋالسام ، يوپۇرمىقى كۆركەمسىز بولسىمۇ « دەرەخ » بولۇۋالسام .

ئادەم زاتى قېشىمغا كېلەلمىسە لېكىن مەندىن ھوزۇر ئالىدىغان « دەرەخ » بولۇۋالسام . چاك - چاك يېرىق بولسىمۇ دەرەخ بولۇۋالسام ، ئارزۇيۇم شۇكى « دەرەخ » بولۇۋالسام …

   قارلىق تاش بىلەن يالغۇزلا قالغان ، بۇلۇت ئارىسىدا تىكەندەك قالغان ، ھەيۋەت بولمىسىمۇ « دەرەخ » بولۇۋالسام ، قار- مۇز ئارىسىدا قالغان « دەرەخ » بولۇۋالسام .

   قۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ مەيلى « دەرەخ » بولۇۋالسام ، ئەگرى - بۈگرى بولسىمۇ مەيلى « دەرەخ » بولۇۋالسام ، ھېچنىمە دەپ ئاتالمىساممۇ مەيلى ، « دەرەخ » بولۇۋالسام ، ئارزۇيۇم شۇكى « دەرەخ » بولۇۋالسام .

   زاڭلىق قىلماڭلار « دەرەخ » بولۇۋالسام ، تىللاپ سالماڭلار « دەرەخ » بولۇۋالسام ، سېغىنىپمۇ كەتمەڭلار « دەرەخ » بولۇۋالسام ، ئېچ ئاغرىتماڭلار دەرەخ بولۇۋالسام ، سۇسىز قالساممۇ « دەرەخ » بولۇۋالسام ، پايدام بولمىسىمۇ دەرەخ بولۇۋالسام ، ئارزۇيۇم شۇكى  « دەرەخ » بولۇۋالسام …

   كۈلمەڭلار دوستلار « دەرەخ » بولۇۋالسام ، زىيىنىم يوقتۇر « دەرەخ » بولۇۋالسام ، شۇڭا تەشنامەن « دەرەخ » بولۇۋالسام…

   ئۇچار قۇشلارغا ماكان بېرىمەن ، قار - يامغۇرغا قۇچاق ئاچىمەن ، ساپ ھاۋادىن ئەركىن تىناتتىم ، ھەم ئۇنىڭغا جۆرمۇ بولاتتىم ، ئارزۇيۇم شۇكى « دەرەخ » بولۇۋالسام …

   دوستۇم بولساڭ مەدەتكار بولغىن ، تىلەكلەرگە يەتكىلى قويغىن ، پايدامنى بىر يەتكۈزىۋالاي ، شاخ - شۇمبامدىن « سەنئەتكار » بولغىن ، قوۋزاقلىرىمدىن « دورا  » ياسىغىن ، يىلتىزلىرىمغا سۇلار تېمىتقىن ، ئارزۇيۇم تەكرار « دەرەخ » بولىۋالسام …

   بىلال مۇھەممەتتۇرسۇن( ئىبراھىمى)

2016.10.25.
bagdax

66

تېما

7

دوست

6636

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   32.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34629
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 132
تۆھپە : 2012
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-22

تېما ماھىرى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-26 11:19:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرگىزمۇ ئىچى كاۋاك دەرەخ بولماڭ شامالدا ئۆرۈلۈپ كىتىسىز،قەد كۆتۈرۈپ ئۆسۈۋىردىغان دەرەخ بولماڭ كىشىلەر كىسىپ تاشلايدۇ،

13

تېما

7

دوست

8438

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72597
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 2681
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-24

قىزغىن ئەزا تەشۋىقات ماھىرى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-26 11:24:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غايىۋەنە ئارزۇكەن بۇنداق ئارزۇلار پەقەت ئېغىزدا شۇنداق دېيىلىدۇ ئەمما ئەمىليەتتە كىچىككىنە قۇربانلىق ئۈچۇن ۋايساش،زارلىنىش ھەممە يەرنى قاپلايدۇ.
شېخىڭىزنى ئىشلەتكەننىڭ ئاۋال سېپىڭىزنى ئىشلەتكۇسى كېلىدۇ، يىلتىزگە كەلسەك ئۇ بىر پۇتلىكاشاڭ ئاۋارىچىلىكتىن دېرەك بېرىدۇ،بەزىلەر ئۈچۇن ئۇ ئەخلەتتىنمۇ بەكرا كىشىنى بىزار قىلدىغان نەرسىگە ئايلىندۇ.ئۇنى قومرۇپ تاشلاپ ئۇرنىنى توشقۇزماقمۇ ئاسان ئەمەس كېسىپ بۇلۇپ يېلتىز بولمىغان بولسا ئىدى دەپ ئويلاپمۇ كېتدۇ...
ھاياتلىق شۇنداق رەھىمسىز .

0

تېما

2

دوست

495

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   97.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81709
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-2 12:15:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز  نىمە دىگەن ئالىيجاناپ،يېزىش ئۇسۇلىڭىز بۇلىدىكەن،ئارزۇلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشقاي.
bagdax
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )