- تىزىملاتقان
- 2011-9-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4717
- نادىر
- 7
- يازما
- 149
ئۆسۈش
90.57%
|
باغداش تور بېكىتىگە ۋە بۇ ئشىقا جىددىي قارىغان باغداش ئىنىمغا رەھمەت! سۆزگە ئىزاھ بەرگەن يۈسۈپ ئىسھاق ئاكىغىمۇ كۆپ رەھمەت!
خەلقىمىزدە «قۇرۇق سۆز-چۆچەكتىن ساقلىغايلا ئاللاھ» دەپ دۇئا قىلىدىغان بىر ئادەت بار. قۇرۇق سۆز چۆچەك ھەقىقەتەن يامانكەن. مەن ئادەمگە ھاقارەت قىلىنغاننى كۆرگەن؛ ئەمما قىساس ئېلىش ئۈچۈن ماركا قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان بىر سۆزگە ئاتايىن شەرمەندە بىر مەنە يۈكلەيدىغان ئشىنى ئەمدى كۆرۈۋاتىمەن. بەزىلەرگە تەنقىد ئېغىر كەپتۇ.
ئۇنداق بولسا مەن «سەرخۇش» سۆزىنى قانداق قلىپ ماركا قىلىپ تاللاپ قالدىم؟
مەن شۇ ۋاقىتتا ئېنگلىز تىلىنى ئاسانراق، ئوڭايراق ئۇسۇلدا ئۆگىىندىغان بىر تۈركۈم ئۇسۇللارنى ئۆز ئەمەليىتمدىن خۇلاسىلەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا قوللانغان؛ بالىلار ئارىسدا سىناق قىلغان. كېين كىتابىنى ۋە گرامماتىكا قوللانمىسىنى تۈزۈش داۋامىدا ئسىمنى بېكىتىش ئۈچۈن بىر تۈركۈم زىيالىلارغا مەسلىھەت سالغان. بەزىلەر «ئارامى ئېنگلىز تىلى» دەپ قويۇڭ دېدى، يەنە بەزىلەر «راھەت ئېنگلىز تىلى» دەپ قويۇڭ دېدى. كېيىن بىر شېئىردا «سەرخۇش كۈلكە» دېگەن گەپنى كۆرۈپ قالدىم .ئۇنىڭغىچە ئابلەت بەرقى نىچېنىڭ شۇ ناملىق تەرجىمە ئەسىرىنى «سەرخۇش ئىلىم»Gay Science نامىدا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى(بۇ ماۋزۇ بەچچۋازلىق سۆزى بىلەن يېقىنمۇ كەلمەيدۇ).
كېيىن قۇمۇللۇق دوستۇم دىلمۇرات مەھمۇدمۇ( لوندون ئۇنۋىېرستىتى ماگستېر ئاپسرانتى، ھازىر كانادادا) بۇ سۆزنى ياقتۇردى ؛ ھەتتا «سەرخۇش ئېنگلىز تىلى»نىڭ 4-قسىمىغا، 3-قسىمىغا دەرسكە كىردى. كېين مەكتەپ ئۈرۈمچىدە كۆلەملشىپ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېستىتېى، پىداگوكىكا ئۇنىۋېرستېىدا شۆبە سىنپلار ئېچلىدى.
مەن ئېنگلىز تلىنى ئادەم بوغۇزلىغاندەك تەس ئۇسۇلدا ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن شۇنداق زېرىكەچكە، ئوقۇغۇچىلرىمغا ئاسانراق ئۇسۇلدا، ئازادە كەيپيات ئىچدە دەرس ئۆتۈشنى سىناق قىلىپ ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. كېين بۇ ئسىمنى ماركا قىلىپ قوللانغان؛ 2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسى بۇ سۆزنى 13 خىل تۈردە تىزىملاپ تەستقىلىغان. دېمەك بۇ سۆز ھازىر ماركىغا ئايلاندى. مەن 2007-يىلى ئوقۇش سەۋەبى بىلەن، ماركىىنىڭ ئىناۋىتنى قوغداش ئۈچۈن، ھەم بۇ نامنى باشقىلارنىڭ بۇلغۋەتمەسلىكى ئۈچۈن پايدىدىن كېچىپ ھەممە ئشىنى توختىتىپ تۇردۇم.
دېمەك، «سەرخۇش» سۆزىنى قەستەن «بەچچۋازلىق» قا باغلاپ چۈشەندۈرۈش يامان غەرەزلىك ئادەملەنىڭ قىلتىقى بولۇپ ئۇلار بۇ سۆزنى شۇ شەرمەندە سۆزگە باغلاش ئارقىلىق ماڭا ۋە «سەرخۇش» ماركسىغا ھۇجۇم قىلىش؛ ماركىنى سېسېتىشنى مەقسەت قىلغان. ۋاسىتسى قەبىھ. يېقىندا بۇنداق قاملاشمىىغان ئىش «ئىزدىنىش« تورىدىمۇ بوپتۇ. مەن ئىزدىنىش ھەسسىدارلىق شېركىتىنىڭ بۇ ئشىقا جىددىي قارىشىنى، مەسىلىنى ئاددىي ئويلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ كېين مەسئۇليىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان ئىش.نورمال مەنىسدە ئشىلتىلسە چاتىقىم يوق.
ئەمدى ئىككى گەپ قالدى، بۇ سۆزنى باشقىلار ئشىلەتمسۇن دېمەكچىمەنمۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئەسلى مەنىسدە، نورمال مەنىسدە ئشىلتىلسە مېنىڭ گېپىم يوق. ئەمما، قانداقتۇ ئۇنى تىل تەربيىلەش مەركىزىگە، كىتابقا ھۇجۇم قىلىش مەنىسدە سسېتىشقا تىرشسا، ماركىغا ھۇجۇم قىلسا مەن بۇ نىڭ ھېسابىنى ئالىمەن.بۇ ئەمەلىيەتتە ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقاندەكلا ئىش.
«بەزىلەر سەرخۇش نامىدا تىل كۇلۇبلىرىنى تەشكىللىگىلى تۇرۇپتۇ، بەچچۋازلىققا شارائىت يارىتىپ بەرگىلى تۇرۇپتۇ» دېگەن ھاقارەتنى قىلغان «ئاللاھخۇمار»(مەن بۇ يازارمەننىڭ ئسىمىنى ئاتىماي)نىڭ بۇنداق نائەھلىلەرچە قىلمىشنى توختىتىشنى، بۇ ئشىنى ئۇنداق ئاددي چاغلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پارس تىلىدا ئۇنداق مەنە يوقكەن؛ شۇنداق مەنىسى بولغان تەقىدىردىمۇ بىز ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۇيغۇرلار ئارسىدىكى مەنسىنى ئشىلتىمىز.
ئاخىرقى گەپ، سۆزىنىڭ ئېنگلىز تىلىدىكى ئەسلى مەنىسى «خۇشال، شادىمان» دېگەن مەنىدە. ئۇنىڭ ئاللاھخۇمار كۆپتۈرۈپ سۆزلەۋاتقان مەنىسى كېيىن پەيدا بولغان سۆز بولۇپ، كۆچمە مەنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ سۆزنىڭ« شادىمان»، «خۇشاللىق»، «كۆز چاقتىدىغان»، «رەڭگارەڭ» مەنىلىرىدە كېلىدىغان ئشىلتىلىش ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكى جۈملىلەردىن كۆرۈپ باقايلى:
بۇ بالا شۇنچلىك خۇشال ئىدى.The kid is as gay as a lark.
دالا رەڭڭگارەڭ گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن.The fields were gay with flowers.
بۇ كيىم بەك كۆزنى چاقىدىكەن، بۇ ئايالنىڭ يېشىغا باققاندا تازا ماس كەلمىگۈدەك.
The dress is too gay for the woman’s age.
ئەنۋەر جاپپار تۈزگەن «ئېنگلىزچە ئۇيغۇرچە ئەمەلىي لۇغەت»(2007-يىل نەشىرى، 292-بەت) تە بۇ سۆزىنىڭ ھەتتا «بەچچىۋاز»غا يېقىن كېلىدىغان مەنسىمۇ بېرلمىگەن. «خۇشال»، «جۇشقۇن»، «رەڭگارەڭ» دېگەن ئۈچ مەنىسىلا بېرىلگەن.
بۇ خۇددى رەخت مەنسىدىكى لاتا سۆزى بىلەن ئادەم تىللايدىغان لاتا سۆزى يېزىلىشى ئوىشاپ قالغاندەك بىر ئىش. يەنە كېلىپ سەرخۇش ئېنگلىز تىلى «Gay English » ئەمەس، «Happy English». كىتابنىڭ تېشىغا قاراڭ.بەچچۋازلىق مەنىسى بىلەن يېقىنمۇ كەلمەيدۇ.
سەرخۇشنى ئەسلى مەنىسدە ئشلەتسەك تامامەن بولىدۇ. ئەمما «ھەمجىنس، بەچچىۋاز« دېگەن بىرسۆز تۇرۇپ ، سەرخۇش سۆزنى يامىنىغا جوراش ۋە ماركىغا ھۇجۇم قىلىش شۇ ئادەمنىڭ نائەھلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تورداشلارنىڭ بۇنداق ئويۇنلارغا ۋە ئۇششاق ئادەملەرگە پەرۋا قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قالدى ئشىلار كېيىن« سەرخۇشلۇقتىن ناخۇشلۇققىچە » دېگەن يازمامدا يېزىلىدۇ.
ھەممىڭلارغا رەھمەت. |
|