بۇمەريەم سۇلتانئېزىز
شىۋىت دېپلوماتىگۇننار ياررىڭ تەرىپىدىن، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەر ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردىن توپلىنىپشېۋىتسىيەگە ئېلىپ كېتىلگەن قوليازما ئەسەرلەر، ۋەسىقىلەر ۋە باشقا بويۇملارنىڭ ئېنىقسانى ھەققىدە كونكېرت بىر سان بېكىتىش تەسرەك. شۇنداقتىمۇ شېۋىتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدادىجىتال بوشلۇقتا تارقىتىلغان گۇننار ياررىڭنىڭ ئېلكترونلۇق قوليازما بوغچىسىدىكى چاغاتايئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان، قەشقەر ۋە ئەتراپىدىكىناھىيە شەھەردىن قولغا چۈشۈرۈۋېلىنغان 600 دىن ئوشۇق يازما ئەسەرلەرنىڭ ئۆزىلا بىزگەبۇ ھەقتە مەلۇم ئۇچۇر بېرەلەيدۇ.
گۇننار ياررىڭنىڭ ئېلكترونلۇق قوليازما بوغچىسىداچاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا كۆچۈرۈلگەن مەشھۇر قەدىمكى ئىسلامىي ئەسەرلەر، ھەرخىل دىۋانلار،ئىلمىي ئەسەرلەر، خىرىستىيانلىققا دائىر ئەسەرلەردىن باشقا يەنە ئىجتىمائىي ۋەسىقەۋە يارلىق قاتارلىق ئىجتىمايى- سىياسىي ھۆججەتلەر بار. بۇ ھۆججەتلەر ئاساسەن خوجىلاردەۋرىگە دائىر يارلىق، ئۇقتۇرۇش ۋە باشقا سىياسىي ھۆججەتلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ مەزمۇنىدىنخەۋەردار بولۇش بىزنىڭ شۇ دەۋرنىڭ تىلىنىلا ئەمەس، ئىجتىمائىي- سىياسىي ۋەزىتىيىنىيېقىندىن چۈشىنىشىمىزگە، شۇنداقلا تارىخقا ۋە تارىخىي كىشىلەرگە توغرا باھالارنى بېرەلىشىمىزگەياردەم قىلىدۇ. بۇ ماقالىدە تونۇشتۇرىلىدىغىنى گۇننار ياررىڭنىڭ ئېلكترونلۇق قوليازمابوغچىسىدىكى 222 – نومۇرلۇق ساقلانمىدىن ئىبارەت. تۆۋەندىكىسى پۈتۈكنىڭ رەسىمى.
« ئىنايەتنامە»دەپ ئەرەپچە ئات قويۇلغان بۇ پۈتۈك، خاجە يەئقۇپنىڭ قەشقەر شەيىخى مىرخاجە شەيىخنىۋەزىپىگە تەيىنلەش ئۇقتۇرىشىدىن ئىبارەت. بۇ ئىنايەتنامىنىڭ ھازىرقى ئېلىپبەچە يېزىلىشىتۆۋەندىكىچە: ئوڭ بۇرجەك ئۈستى- بابا ھەزرەت مەزاد ئوڭ بۇرجەك ئاستى- بابا مەزاد تامغا: ئەلىيۇللاھ ئەززە ۋەلجەلال ئاتادار زاھىدئىبنى خاجە دانيال خاجە يەئقۇپ سول بۇرجەك ئۈستى- باسىم سۇبخانە سول بۇرجەكئاستى- زۇبدەئى ئەۋلادى- رەسۇلۇللاھ سول بۇرجەك - ھەزرەتى خاجەمپادىشاھ ئەمىر شەرىفلەرىدىن
كاشغەر مەملەكەتىنىڭ ھاكىمى ۋەئىشىك ئاغاسى بەگۇ بەگات جەمئىي ئەئالى رۇزگارۇ مەۋالى/ نامدارلارى باشلىغ چوڭكىچىك ھەممەلەرى ئەلىيۇل- خۇسۇس ئارتۇچ مەۋزىئىنىڭ ئەغيان ئەسىرلەرى/ ۋە شەيىخلەرباشلىق جەمئى فۇقراسىغا ئانداغ روشەن ۋە مۇبەرھەن بولسۇنكىم مەشھەتدەكى بابا پىرۇ-ئەنۋەرغە/ زەررە ۋار فىلۇل- جۈملە مۇناسەبەتى- سۇرى ۋە مۇناسەبەتى- مەئنەۋى بار ئۈچۈنقەدىمتىن شەيىخ بابالارى بىزنىڭ / ئابائى- كەرەم ۋە ئەجدادى- ئەزەمدىن مۇرەخخەسبولۇپ كەلگەن ئىكەن شول ئىزىنى بىلەن بىز ھەم شەيىخ خاجەنى ئارزۇيى- / مىراس ۋە قابىلىيەتشەيىخ بابالىقغا تەجۋىز قىلىپ ئەدۈك ئەلھال ئول دۇنيايى - فانىدىن ئالەمى- باقىيغائىشقال / قىلغان تەقرىبىدىن ئوغلى مىر خاجەنى بالا مەئرىفەت فەزالەت ۋە قابىلىيەتئارزۇيى رەست شەيىخ/ بابالىقغا رۇخسەت قىلدۇق بەشارتى ئولكىم
مۇشارۇنىلەيھ ھەم ياڭى چىققان مەزھەپ ۋە بىدئەت ئىشلارغا/ ئەمەل قىلماي سىپاھى ئالىقچى سالىقچىلارغا تولا ئىختىلات قىلىپ ئول تايىفەنى ئۆزىگەھامى ۋە مۇرەببى بىلمەي / ھەمىشە دىنى - مۇھەممەدى ۋە شەرىئەتى - مۇستافاۋىييەغە ئەمەلقىلىپ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈپ ئۆزىنى سەلاھ ۋە / فارسالىق بىرلەن تۇتۇپ ھىچ مەھەلدەبابا پىرۇئەنۋەرنىڭ خىزمەتلەرىدە ئىزھارى - تەقسىر قىلماي ھەق / خىزمەتىنى كەمايى-ھەققى بەجا كەلتۈرۈپ تۇرغاي بۇ ياسۇندا تۇرسا ھەر نەچۈك كىشى تەئنە ۋە تەئرىز دەۋايى/ شىراكەت قىلماسۇن بولماسا بۇ شەرەفكە كىمدە بويى- شارافەت تولا زۇھۇرغا كەلسەئاخىر شول مۇشەررەف بولماقى / لازىم جىنانچە قۇلى- مۇتەقەددىمىن ناقابىلىيەت ھەركىبەدەۋلەت غەمى رەسەد ۋەرنە زامانە دەر قابىلىيەت / بەس بۇ تاكىد ئاتۇ- ناسايىخكامىلەنى مۇشارۇنىلەيھغە شامىل تۇتۇپ توخۇ يىلى تارىخغە مىڭ / يۈز ئەللىك بەش رەببىئۇلئەۋۋەل ئايىنىڭ بەشى شەنبە كۈنى ئىنايەتنامە بىتىلدى.
ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك، بۇئىنايەتنامە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا پۈتۈلگەن يازمىلارغا خاس ھالدا تەئلىق خەت شەكلىدەيېزىلغان ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر كالېندارى بىلەنھىجرى كالېندارىنىڭ ئارىلاشمىسى بويىچە چېسلا قويۇلغان. پۈتۈك 1742- يىلى 5- ئاينىڭ10- كۈنى پەيشەنبە پۈتۈلگەن بولۇپ، دانيال خوجا ئوغلى يەئقۇپ خوجىنىڭ بۇيرۇقى بىلەنبابا ھەزرەت ئاتلىق پۈتۈكچى تەرىپىدىن يېزىلغان. پۈتۈككە ئاساسلانغاندا، قەشقەر شەيىخىپىرۇ ئەنۋەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن شەيىخلىق ۋەزىپىسى پىرۇ ئەنۋەرنىڭ ئوغلى مىرخاجىگەمىراس قالغان. بۇ پۈتۈك بىزگە كۆرسىتۇدىكى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارئۆزىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ تونۇشتۇرغان خوجىلارغا بەيئەت قىلغان بولۇپ، پەيغەمبەرنىئۇلۇغلىغانلىقى ئۈچۈن، دىنىي كىملىكتىكى شەخىسلەر بولغان خوجىلارنىڭ سىياسى ھوقۇقنىمۇ تەسىردائىرىسىگە كىرگۈزۈۋېلىشىغا كۆز يۇمغان. تارىخىي ئەمەلىيەتكە قارايدىغان بولساق،خوجىلار بولسا پۈتۈنلەي دىنىي كىملىكتىكى شەخىسلەر بولغاچقا سىياسەت بىلەن دىننىئايرىماستىن ھەم سىياسىي ھەم دىنىي كىملىككە تەڭ ئىگە بولۇش ئارزۇسى ئۇلارنى ئەڭئاخىرىدا ھەم سىياسىي كىملىكىدىن ھەم دىنىي كىملىكىدىن ئايرىۋەتكەن. چۈنكى ئۇلارسىياسىي كىملىككە ئىگە بولۇش ئۈچۈن كاپىرلارغا بېقىنغان. بۇ خىل خۇسۇسىيەت ئۇلارنىڭدىنىي كىملىكىنىمۇ زېدىلىگەن. |