قارا دۆۋە، لاپچۇققا سەپەر ئايدىڭ
«ئىز»،«ئويغانغان زېمىن»، ئەسئەت سۇلايمان، بىزنىڭ سىنىپتىكى پەزىلەتئاي، يەنە تېخى ئاچام قومۇلدا پىراكتىكا قىلغانلىرىدا ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى تىكىپ سوۋغا قىلغان ئوماق قول سومكىلىرى (بۇ سومكىلارنى تا ھازىرغىچە سۆيۈنۈپ سىلاپ كېتىمەن)، كىچىكىمدىن زېرىكىپ كەتكەنلىرىمدە ئوقۇيدىغان «قومۇل نەزمىلىرى»، قومۇلغا بېرىشنىڭ ئالدىدا ئوقۇغان«قومۇل،تۇرپان ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» مېنىڭ قومۇل توغرىسىدىدىكى بىلىشىم ئىدى. دوستلىرىم سىلەر بىلمەيسىلەر، مەن «ئىز»لارنى ئوقۇپ قانچە كەلگۈم كەلگەن يۇرتقا قەدەم قويغىلى مانا ئۈچ كۈن بولدى. تۇنجى قەدەم شۇنچە ئاددىي بولدىيۇ، لېكىن ئاددىيلىق تۈپكى ھاياجاننىڭ يىلتىزى بولغاچكىمىكىن، ھاياجاندىن بىر مىنۇتمۇ يىراق تۇرالمىدىم. مانا، ئالدىمىزدا تۆمۈر خەلىپىلەر چىيەن دارىننى مات قىلغان جاي ـ ئاقچۇق سېيى! يۈرىكىم سېلىپ كېتىپ بارىدۇ. «ئىز»دىكى ۋەقەلىكلەر بىر-بىرلەپ تىزىلىپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. ھاياجاننى باس، دىلئارام، تەمكىنلىك كېرەكقۇ ئاخىر!
بىز بۈگۈن قومۇل ۋىلايەتلىك تىل-يېزىق خىزمىتى، قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى زۆھرە تالىپ، قومۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېلشات ئاكا، بىزنىڭ بۇ مېھرى تارتىشلىق مەكتەپنى 1992-پۈتتۈرگەن جۇشقۇن، پاراڭچى ئاكىمىز سادىر پالگان(بۇ بىز ئالتە تەنتەك پالگان دېگەن سۆزنى قېتىپ توۋلايتتۇق)، مۇلايىم ئەمما قىزىقچى شوپۇر ئەمەت ئاكىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى تەڭ تالىشىپ ئىچىدىغان لاپچۇق، قارا دۆۋە( يەرلىكلەر قاراتۈۋى دېيىشىدىكەن) گە بېرىپ، ئۇيەرنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىدىن يېزا باشلىقىنى تاپتۇق. يېزا باشلىقى زۆھرە خانىمغا چاقچاق قىلىپ:« سىز دائىم كېلىپ تىلىمىزنى تۈزەپ تۇرۇڭ، بولمىسا تىلىمىز بۇزۇلۇپ كېتىدىكەن»دېدى. بۇ سەمىمىي چاقچاقتىن ھەم سۆيۈندۇق ھەم مەسئۇلىيىتىمىزنى تاپتۇق. ئۈچ كۈندىن بۇيان ئىزچىل دىققەت قىلدىم، بۇ يەردىكىلەر قومۇلنى، قومۇللۇقلارنى،قومۇللۇقلارنىڭ تىلىنى، يەنى قومۇلنىڭ ھەرنەرسىسىنى تەتقىق قىلدىغانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىكەن. زىيالىلار، باشلىقلار ۋە ھەتتا دېھقانلار ئۇلارغا يېقىندىن ياردەم قىلىدىكەن، شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن. مانا ھازىرمۇ بىزنى قومۇل شېۋىلىرىنى تەتقىق قىلدىكەن دەپ ئاڭلاپ يەرلىكتىكى بىر توپ كىشىلەربىر كىشىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارچە، قومۇل شېۋىلىرى قومۇل مۇقاملىرىدا، ناخشىلىرىدا، قوشاق- بېيىتلىرىدا گەۋدىلىك ئىكەن. بۇ ئەلنەغمىچىلەر رامىزان يۈزىسىدىن بىزگە «رامىزان» ئېيتىپ بەرمەكچى بولدى. رامىزان توۋلاش قومۇلدا تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادەت بولۇپ، زوھۇر ۋاقتى ئەرلەر داپ بىلەن بېيىت توۋلاپ، كىشىلەرنى رامىزانغا چاقىرىدىكەن. «زامىزان»نى ئېيتىپ بەرگەن كىشى رامىزان تۇتقاچقا ئاغزى قۇرۇپ كەتتى. لېكىن يەنىلا شۇنچە ئىشتىياق بىلەن بىزگە خىلمۇخىل خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بەردى. تۆۋە، ناخشا شۇنچە كىچىككىنە يۈرەكتىن ۋولقاندەك ئېتىلىپ چىقىدىغان نېمىكەن! نېمىشقىكىن بىزگە ناخشا توۋلاپ، داپ چېلىپ بەرگەن ھېپىزغا ھەربىر قارىسام، پىشانىسىدىن ئېرىق ھاسىل قىلىپ ئېقىۋاتقان تەرلىرىنى كۆرسەم، ئىچىم ئېچىشتى ھەم ھەيران قالدىم. بۇ تەرلەرنى چوڭقۇر مەنىلەرگە ئىگە قىلغۇم كەلدى. بۇ تەرلەر ماڭا قاننى ئەسلەتتى. تەر قانمۇ؟ تەر-قان، قان –تەر! ئەلنەغمىچىلەر ئاشۇ تەرلەر، قانلار دەستىدىن ناخشا توۋلايدىغاندۇ، يۈرىكىدىن مۇڭ-زار ئېتىلىپ چىقىدىغاندۇ! سېزىشىمچە، قومۇل خەلق ناخشىلىرى ئادەملىرىنىڭ شۇنچە مەردانە،روھلۇق، جانلىق بولۇشىغا قارىماي، رېتىمى ئاستا، مۇڭلۇق ئىكەن. بۇ ناخشىلاردىكى مۇڭ نەدىن كېلىدىغاندۇ؟ ئۇلارنىڭ تاپالمايۋاتقان، ئېرىشەلمەيۋاتقان بىرەر نەرسىسى بارمىدۇ؟ بىر ئادەم، بىر توپ، بىر خەلق نېمىشقا شۇنچە مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئېيتىدۇ؟
مەن بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىغا قىيالمايمەن، ئىلىمگە، ئوقۇتقۇچىلىرىمغا قانمايمەن. بېيجىڭ راھەت جاي. ئەمما، ھەققىي ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىن يىراق. قانداقكىن كۆڭلۈم يۈرىكىمۇ، خەلقىمۇ، يۇرتىمۇ، غايىسىمۇ ئۆزىمۇ، ئىشقىلىپ ھەممە نېمىسى بار مۇشۇ يۇرتلارنى، مۇشۇ ئەلنەغمىچىلەرنى تارتىپ تۇرىدۇ.
مەن دېھقان بالىسى، ئەمما بۇنداق دېھقان ئەلنەغمىچىلىرىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. مەن ئۇلارنى بىلىشىم كېرەك، ئۇلارنىڭ يۈرىكىنىىڭ نېمە ئۈچۈن سوقۇۋاتقانلىقىنى بىلىشىم كېرەك.
قىزىق بىر ئىش، مەن داپقا ھەيران قالدىم، ئۇ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى زىيادە تېز سوقتۇرىدىكەن، شۇنچە مۇڭلۇق ناخشىلاردىن ئېزىلگەن يۈرەككە جان كىرگۈزىدىكەن. مانا ھازىر ناخشا جانلىنىپ كېتىپ، داپ قاتتىق ئۇرىلىۋىدى، ئىچىمدىن بىر كۈلكە كەلدى، كۈلدۈم. داپ ـ كۈلكە!
چېچىنى ئىككى ئۆرىۋالغان، قومۇل دوپپىسىنىڭ تۆپىگە يېشىل ياغلىق ئارتىۋالغان ياشانغان ئانىمىز بىزگە ئۇسۇل ئويناپ بېرىۋاتىدۇ. خۇشاللىقتىن بۇ خەتلەرنى يازغاچ كۈلۈپ كېتىپ بارىمەن، داپنىڭ ھەر بىر ئۇرۇلىشىدا قولۇمدىكى قەلەم بىر تىترەيدۇ، جانلىنىدۇ. ھەممىمىز شۇنچىلىك مۇڭلۇقلۇق ئىچىدە ھاياجانلىنىۋاتىمىز، ھەركەتلىنىۋاتىمىز. ئاھ، مۇڭغا يوشۇرۇنغان ياق، مۇڭغا بوي بەرمىگەن خۇشاللىقتا ياشايدىغان خەلقىمىز! راۋاپلار شۇنچىلىك جانلىق چېلىنىۋاتىدۇ، غىرجەك ھامان بىر مۇڭلۇقلۇقنى توشىۋاتىدۇ، داپ يۈرەكنى سوقتۇرۇپ، ئۇنى ئۆز قەپىسىگە پاتقىلى قويمايۋاتىدۇ. ناخشىلارنىڭ تېكىستىنى ئېنىق پەرق قىلالمىدىم، ئەمما داپ ئۇرغان كىشىنىڭ ھەربىر ھاياجىنىنى سېزىپ ئېلىۋاتىمەن، تۆۋە خۇدايىم، بۇ داپ ئۇرۇۋاتقان ھېپىز داپنى ھاياجانلىنىپ قاتتىق ئۇرغانلىرىدا ئاغزىدىن شۇنداق تاتلىق، بەھوزۇر كۈلكە تۆكۈلۈپ چىقىدىكەن، كۈلىدىكەن. نېمىشقا بۇ ئادەم شۇنچە خۇش بولىدىغاندۇ؟! بىلىپ تۇرىمەن، بۇ ئادەمنىڭ ئاغزى قۇرۇپ كەتتى، قورسىقى ئېچىپ ئۈچەيلىرى تارتىشىپ كەتتى، لېكىن ناخشىنى بارغانسېرى ھاياجانلىنىپ توۋلاپ، داپنى تېخىمۇ چىڭ ئۇرىۋاتىدۇ. ناخشاـ يۈرەكتىن ئېتىلغان ۋولقان! ئاھ، يۈرىكى ۋولقان خەلقىم!
بىز ئۆيىگە كىرگەن ئادەم بەك ساددا، ئاق كۆڭۈل كۆرۈندى، بۇ ئۆيدىكى ئايال زاتىلار ئەتىگەندىلا قومۇلغا چىقىپ كېتىپتىكەن، بۇ ئادەم بىز كەلسەك نېمە ئىش قىلىشىنى بىلمەي تەمتىرەپ، يادىغا كەلگەن ئىشلارنى خۇشاللىق بىلەن قىلىپ يۈرەتتى. ئېگىز ئادەملەر ئاقكۆڭۈل، ئۆي ئىشلىرىغا قولى ئانچە كەلمەيدىغان بولسا كېرەك. بۇ ئادەمنى ھەر كۆرسەم ئىچىمدىن تاتلىق بىر كۈلكە كېلىدۇ، ھېچكىمگە تۇيدۇرماي ئۆزەمچە تەبەسسۇم قىلىمەن.
بىزگە لاپچۇق بىلەن قارا دۆۋىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ئەھۋالىنى دەپ بەرگەن ئادەم ئىزچىل بىر خىل قىياپەتتە غىرجەك تارتىۋاتىدۇ. غىرجەك زادى قايسى مۇڭ بىلەن تارتىلىدۇ، قانداق كەيپىيات تەلەپ قىلىدۇ، بۇلارنى ئويلاپ ئەقلىم لال بولدى.
بىز ئۈگەنگەن مۇقام تېكىستلىرى ئايرىم بىر دۇنيا ئىكەن، ئۇلار مەندىن ھاياجاننى ئەمەس، ئۈگىنىشكە بىر ئىشتىياقنى، ئىجتىھاتنى تەلەپ قىلغانىدى. ئەمما قومۇل مۇقاملىرى ئورۇندىلىۋاتقان بۇ سورۇن ھاياجاننى، جانلىقلىقنى، شوخلۇقنى، سورۇندىكى كىشلەرنىڭ كەيپىياتىنى تەلەپ قىلىدىكەن. ھېپىزنىڭ ناخشا تېكىستلىرى «ئاچىل»غا كېتىپ بارىدۇ، يۈرىكى ھاياجانغا كېتىپ بارىدۇ. ئۇسۇل ھېپىزلارنىڭ يۈرىكىنى ياشارتىدىكەن.
ھېپىزلاردىن، مۇقامچىلاردىن بەك سۆيۈندۈم، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقۇم كەلمىدى، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى ئېيتىۋاتقان مۇقامنى بەك سۆيىدىكەن، ھەممىسى ئاشۇ مۇقاملارنى ئېيتالايدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىكەن، ئادەم ئۆزى پەخىرلىنىدىغان ئىشلارنى قىلسا، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟! ئۇلارغا يۈز مىڭلاپ تەشەككۈر ئېيتىمەن. ياشاڭلار، قومۇل ئەلنەغمىچىلىرى!
بىز بۇ ئۆيدىن ھېپىزلارنىڭ تاتلىق كۈلۈپ ئۇزىتىشلىرى بىلەن ئايرىلدۇق.
توغرا، مەن يوللارنىڭ تەسۋىرىنى يېزىشىم كېرەك. بۇ يوللار كەڭ سايلىقتىكى يوللار. ئويلاپ قالدىم: بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز مۇشۇنداق قاقاس زېمىنلارنى كۆكەرتىپ ياشىغان ۋە بىزگە مىراس قىلغان. بۇ جاي قانچە قاقاس بولمىسۇن، ئۇنى ئاتىلىرىمىز بىزگە بەرگەن، بىز پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئۇنى ئاسرىشىمىز، بالىلىرىمىزغا قالدۇرۇشىمىز كېرەك.
قارا دۆۋىگە بېرىشتىن ئىلگىرى مەن بۇ يەرنى بەك سىرلىق، پانىي، كىشىلىرى بەك دىنپەرەس، ناۋادا بىز بۇ قىياپەتلىرىمىز بىلەن بارساق، ئۇلار بىزنى قوغلىۋېتىدىغاندەك ئويلاپتىكەنمەن. بىر كۈرۈنۈشتە بىلىنگەن قارا دۆۋە ماڭا پىكىرلىرىمنىڭ قارا دۆۋىلىكلەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەمكەن، دېگەن يۆنلىشنى تېپىۋېلىشىغا سىگنال بەردى. ئىچىمدە تەنتەكنىڭ خىيالىنى قىلىپ قويغىنمغا كۈلۈپ قويدۇم ھەم بۇ يەر توغرىسىدا ئىلگىرى جىقراق ماتېرىيال كۆرۋالمىغىنىغا خىجىل بولدۇم.
تۇيغۇ توپلىمى بولغان قارا دۆۋە، لاپچۇقتىن قايتىپ بىزنى باشلىغانلاربىلەن خوشلاشتۇق، كەچتە بالىلار بىلەن كۆرگەن بىلگەنلىرىمىز ئۈستىدىن شۇنچىلىك قىزغىن پاراڭ سېلىشتۇق. ئادەملەر بۇنداق چاغلاردىنمۇ بەك بەخت تاپىدىكەن.
قارادۆۋە، لاپچۇق، ئاڭلاۋاتامسىلەر، كىم لاپچۇق، قارادۆۋە دېسە، قەلبىمنى شېرىن بىر سېزىم چۇلغىيدىغان بولدى. بۇ سېزىمنى بەرگەنلىكىڭلارغا رەھمەت.
شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئۇنىمىغىنىمىزغا قويماي تۈن پەردىسى تالادىكى بىر كۈنگە خاتىمە بەردى. ئەمما كۆڭۈلدىكى بىر كۈن تېخىمۇ جۇلالانماقتا، ئۇيقۇدىن بىدار كۆزلەرگە قانسىمان تەرلەر ساھىبى ھېپىزلار، سىرلىق ۋە تارتىشلىق بۇ يۇرتلار كېلىۋالماقتا. جىسمىم بۇ يۇرتلاردىن ئايرىلغان بىلەن، كۆڭلۈمدە بۇ يۇرتلار قېلىپ قالدى.
قارا دۆۋە، لاپچۇق، ئاقكۆڭۈل، يۈرىكى ۋولقان قومۇل كىشىلىرى ئامان بولغاي!
|