خىيالىم ، خىيالىمنى ئىزدىدى . خىيالىم ، خىيالىمنى باغرىغا باستى …
خىيال ئىچىدىكى ئويلىنىش ، تىڭىرقاش ، كەلگۈسىگە بولغان گاڭگىراش ئەۋج ئېلىپ كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇلار قايناپ ئىنتايىن گۈزەل بولغان كەلگۈسىلەرنى رەتلەپ ، تىزىپ چىققانمۇ بولدۇم . ئۆزۈم كۈلۈپ ، ئۆزۈم مەمنۇن بولۇپ ، راھەتلىنىپمۇ قالدىم . تەتۈرسىچە خىياللارنى قىلغاندا بولسام تەنلىرىم تىترەپ ، قورقۇنۇچ باستى ، چۈشلىرىم بۇزۇلدى . ھەتتا ئۆيۈمدىن تالاغا چىقىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان بولۇپ كەتتىم .
ياخشى خىيال ، يامان خىيال ، ئارلاشما خىيال مېنى بىر دەم يىغلىتىپ ، بىر دەم كۈلدۈرۈپ ، بىر دەم ھالسىراتسا ، بىر دەم گۇماندا قالدۇردى …
خىياللىرىم بۇزۇلغاندا بۇزۇلدى ، گۈزەللەشكەندە گۈزەللەشتى ، غۇۋالاشقاندا غۇۋالىشىپ ، ئېنىق بولغاندا ئىنىق بولدى . خىياللىرىم بەزىدە ئۈزۈك ، بەزىدە تولۇق بولدى . نىيەتلىرىم خىياللىرىمدا قاناتلاندى ، بەزىدە ئېسىل خىياللارنى قىلسام ، ناپاك خىياللارنىمۇ قىلىپ ئۈلگۈرگەبمۇ بولدۇم . تۈزىتىشكە تېگىشلىك خىياللارنى خىيالىمدا تۈزەتتىم ، ھەسسە قوشۇشقا تېگىشلىك خىياللارغا خىيالىمدا ھەسسە قوشتۇم . خىيال ئىچىدە خىيال قىلدىم ، خىيالىمغا رەڭلەر قوشتۇم .
خىيالنىڭ ئىشىك دەرىزىسى يوقمۇ قانداق ، تۈرلۈك ئاجايىپ خىياللارنى ، غارايىپ خىياللارنى ، كارامەت خىياللارنى ، چەكسىز كەتكەن خىيال دېڭىزىمدا خىيال قىلدىم .
خىيال دۇنياسىدا ياشاپ ، خىيال كەپتىرى بىلەن بىللە بىر دەم ئۇچسام ، بىر دەم ئۈزدۈم ، بىر دەم ماڭسام ، بىر دەم يۈگۈردۈم . يۈگەنسىز خىيال تۇلپارى مېنى ھەر قاياقلارغا ، يىراقتىن - يىراقلارغا ئېلىپ چاپتى . ھارمايدىغان ، چارچىمايدىغان خىياللىرىم دائىم ھەرىكەتتە .
گۈزەللىككە گۈزەللىك ، ياخشىلىققا ياخشىلىق قوشالايدىغان خىياللىرىم پىژغىرىم ئىسسىقتا ياغقان يامغۇردەك تەنلىرىمگە راھەت - ھوزۇر بېغىشلاپ ھەيۋىتىنى كۆرسەتمەكتە .
خىيالغا كۆنۈپ قالدىم ، خىيالغا دوست بولۇپ ، خىيال بىلەن بىللە يۈگەنسىز ، تىزگىنسىز قالغان ياۋا ئاتلاردەك ئاللا قاياقلارغا چاپتىم .
بىر دەم كەڭ دالىدا ، بىر دەم ئورمانلاردا ، بىر دەم كائىناتتا ، بىر دەم بۇلۇتلار ئارىسىدا چېپىۋەردىم . ئەشۇ گۈزەل خىيال دېڭىزىدا ئويناقشىغان بېلىقلاردەك ، ھاۋادا موللاق ئاتقان ئەركە كەپتەردەك ، شۇڭغىغان بۈركۈتتەك ، قارا قۇيۇندەك ، مەيىن شامالدەك كەپسىز توشقانلاردەك ئويناقشىپمۇ خىيال قىلدىم .
خىياللىرىم ھەممىدىن مۇستەسنا ، خىياللىرىم قورقماس ، خىياللىرىم چەكسىز بىر دۇنيا . خىيالىمنىڭ ماۋزۇسى يوق ، خىيالىمنىڭ باھاسى يوق ، خىيالىمنىڭ دائىرىسى يوق ، خىيالىمغا توساقلار يوق شۇڭا ئەركىن خىيال قىلىمەن ، گۈزەل ئەتىنى خىيال قىلىمەن ، پارلاق كەلگۈسىنى خىيال قىلىمەن ، ھەۋەسلىرىمنى خىيالغا تاشلاپ ، مەڭگۈ شۇنداق خىيال قىلىمەن .
خىيالىمنى بۇزمىغىن ، خىيالىمنى بىلمىگىن ، خىيالىم بىلەن گۆش - قاندەك ، بولۇپ ئۆتەي كۆرمىگىن . خىيال قىلىمەن ، خىيال قىلىۋاتىمەن …
ب م ( ئىبراھىمى )
2016.10.26. |