1. قوياش سېستىمىسى ھەققىدىكى كىلاسسىك قاراش
1-رەسىم: كوپېرنىك ۋە ئۇنىڭ نەزرىدىكى قوياش سېستىمىسى
ھازىرقى قوياش سېستىمىسى ھەققىدىكى ئومۇمىلاشقان قاراشلار كوپىرنىكنىڭ قوياش مەركەز تەلىماتى ئاساسىدا تىكلەنگەن.كوپىرنىك تەلىماتنىڭ تەشەببۇسى شۇكى،قوياش جىم تۇرىدۇ ۋە پىلانىتلار ئۇنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدۇ.
كوپېرنىكتىن كىيىن ئاز بولمىغان ئالىملار قوياش مەركەز مەۋقەسىدە تۇرۇپ قوياش سېستىمىسىنى تەكشۈردى ۋە ئاز بولمىغان ئۇچۇرلارغا ئىرىشتى.قوياش سېستىمىسى ھەققىدىكى بىلىم ئىزچىل بېيىپ ۋە يېڭىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.تۈۋەندىكىسى قوياش سېتىمىسىدىكى چوڭ پىلانىتلارغا ئالاقىدار 1980-يىللاردىن ئىلگىرىكى پارامېتىرلار جەدىۋىلى.
2-رەسىم: پىلانىتلار جەدىۋىلى.«قىسقىچە فىزىكا لوغىتى»(ئۇيغۇرچە) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993-يىلى نەشىرى 198-بەتتىن ئېلىندى
2.قوياش سېستىمىسىنىڭ ھەقىقى ھەركەت ھالىتى
نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسى كوپىرنىكنىڭ "قوياش جىم تۇرىدۇ" دىگەن يۇقۇرقى مەۋقەسى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ،نىيوتۇن زامانىسىدا قوياش ۋە قوياش سېستىمىسىنىڭ سامان يولىدىكى ھەركەت تىرايىكتۇرىيىسى ھەققىدە چۈشەنچە يوق ۋە بۇنداق چۈشەنچە ئومۇمىلاشمىغان ئىدى.لىكىن بىز ھازىر قوياشنىڭ ئەسلا بىرنۇقتىدا جىم تۇرمايدىغانلىغىنى،قوياش ۋە بارلىق پىلانىتلارنىڭ سامان يولى تىرايىكتۇرىيىسىدە سىكونتىغا 250كىلومېتىرلىق تېزلىك بىلەن ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى بىلدۇق.
قوياشنىڭ جىم تۇرمايدىغانلىغى، قوياش ھەركىتى ھەققىدىكى ئىلمى يەكۈننى ئەڭ دەسلەپ ئەنگىلىيە ئاستىرومى ۋىلگېلىم .خېرشېل 1783-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ. نىيوتۇن تارتىش كۈچىئىدىيىسىنى 1687-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ بۇ ئىككى خىل قاراشنىڭ ئارىسىدا 94يىل پەرىق بار.
3-رەسىم:قوياش سېستىمىسىنىڭ سامان يولىدىكى دۇلقۇنسىمان ھەركىتى
ھازىر مەلۈم بولدىكى،قوياشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8پىلانىتنىڭ سامان يولىدىكى تىرايىكتۇرىيىسى بىر سېلىندىر سېفرالى شەكلىلىك يايسىمان تىرايىكتۇرىيە.يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بۇ دولقۇن شەكىللىك ھەركەت.ئۇلارنىڭ ھەركىتىدىن دولقۇن ئۇزۇنلىغى،چاستۇتا،ئامپىلىتۇدا ھەممىسلا قۇرۇلىدۇ.ئۇلارنىڭ ھەركىتى تەكشىلىكتە سېنۇس ئەگرى سىزىغى ياسايدۇ.يەنە كېلىپ بۇ سىنوس ئەگرى سىزىغى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلسا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر يايسىمان تىرايىكتۇرىيە.يەنى سىنوس ئەگرى سىزىغىنى تەركىپلىگۆچى،ئۈزەك قىلغان يايسىمان تىرايىكتۇرىيە.
قوياش سېستىمىسىنىڭ سامان يولى تىرايىكتورىيىسىدىكى تېزلىكى 250كىلومېتىر ھەر سىكونىت.بۇ تېزلىكنىڭ ئالدىدا پىلانىتلارنىڭ قوياش ئوربىتىسىدىكى تېزلىكى ھېچقانچە گەپ ئەمەس.مىركوررىنىڭ ئوربىتىدىكى تېزلىكى ئەڭ تېز بولۇپ 47.89كىلومېتىر ھەر سىكونىت .پىلانىتلارنىڭ ئورنى قوياشتىن قانچە يىراق بولسا ئوربىتىدىكى تېزلىكى شۇنچە كىچىك بولىدۇ.نېپتوننىڭ ئوربىتىدىكى تېزلىكى 5.43 كىلومېتىر ھەر سىكونىت.
(پىلانىتلارنىڭ ئوربىتا تەرتىۋى بويىچە تىزىلدى)
1.مېركوررى:47.89 كىلومېتىرھەر سىكونىت. 2.ۋېنىرا:35.03 كىلومېتىرھەر سىكونىت. 3.يەر شارى: 30 كىلومېتىرھەر سىكونىت. 4.مارىس: 24.16 كىلومېتىرھەر سىكونىت. 5.يوپېتىر: 13.06 كىلومېتىرھەر سىكونىت. 6.ساتورىن: 9.64 كىلومېتىرھەر سىكونىت. 7.ئوران : 6.86 كىلومېتىرھەر سىكونىت. 8.نېپتون : 5.43 كىلومېتىرھەر سىكونىت.
3.مەسىلىلەر ۋە تەشەببۇس
نىيوتون تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى تۇرغۇزغاندىن كىيىن پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدا مىسىلسىز ئىلگىرلەشلەر بولدى.ھالبۇكى،ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىغا ۋە چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ھازىرقى ئىلىم-پەن بىلىملىرى ۋە تارتىش كۈچى ئىدىيىلىرى ئارقىلىق چۈشەندۆرگىلى بولمايدىغان ئاز بولمىغان مەسىلىلەرمۇ پەيدا بولدى.بۇ مەسىلىلەرنى سىتاتىكىلاپ چىقىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەخسۇس تېما.بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدەئالەمنىڭ كېڭىيىشى، ئاي شارىنىڭ يەر شارىدىن بارغانسىرى يىراقلىشىشى،ئاۋانگارىت-10،ئاۋانگارىت 11- ئالەم كۆزۈتۈش ئۈسكۆنىلىرىدە كۆرۆلگەن تارتىش كۈچى غەيرىلىگى ،تارتىش كۈچى نەزەريىسىنىڭ بەزى تەجرىبە نەتىجىلىرىنى چۈشەندۆرۆپ بىرەلمەسلىكى قاتارلىقلارنى مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىش مۆمكىن.
بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ كۆرۆلىشى ئاز بولمىغان تەتقىقاتچى،ئالىملاردا تارتىش كۈچى ئىدىيىسىدە يوچۇق بار دىگەن تۇيغۇغا كەلتۈردى.ھازىرتارتىش كۈچى نەزەريىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش تەرەپدارلىرى نىسبەتەن كۆپ بولۇپلا قالماي،ھەتتا تارتىش كۈچى نەزەريىلىرىدىن ۋاز كېچىپ ئورنىغا يېڭى نەزەرىيە تىكلەش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارمۇ مەيدانغا كەلمەكتە.
نىمە ئۈچۈن تارتىش كۈچى نەزەريىلىرى بىرلىككە كىلەلمەيدۇ،نىمە ئۈچۈن بۇ نەزەرىيەلەردە يوچۇق كۆپ؟
بۇنىڭ سەۋەپلىرى ھەرخىل بولۇشى مۆمكىن.مىنىڭچە يادرۇلۇق سەۋەپنىڭ بىرى تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ئاساسلانغان ئالەم ۋە قوياش سېستىمىسى ھەققىدىكى بىر تەرەپلىمە تونۇشتىن ئىبارەت.
ئارىستوتېل ۋە پېتولمىلارنىڭ يەر مەركەز تەلىماتى كوپېرنىك تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ،قوياش مەركەز تەلىماتى تىكلەنگەندىن كىيىن پەقەت قوياش بىلەن يەرنىڭ ئورنىلا ئالماشتىكى،يەنىلا ئالەم كېڭەيمەيدۇ ۋە تارايمايدۇ،دەپ قارايدىغان تۇرغۇن ئالەم مودىلى تارتىش كۈچى نەزەريىلىرىنىڭ تىكلىنىش جەريانىدا ئارقا كۆرۆنۈش بولدى.نىيوتۇننىڭ ئالەم مودىلىنىڭ تۇرغۇن ئالەم بولىشىدىن ئەجەپلەنمىسەكمۇ بولىدۇ.چۈنكى ئېينىشتېيىن نىيوتۇندىن شۇنچە كىيىن ياشاپ تۇرۇغلۇق 1917-يىلى يەنىلا تۇرغۇن ئالەم مودىلى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ.نىيوتۇن 1727-يىلى ئالەمدىن ئۆتۆدۇ.ئۇنىڭ زامانىسىدا قوياشنىڭمۇ سامان يولى ئوربىتىسىدا ھەركەت قىلىدىغانلىغى ھەققىدە بىلىش يوق ئىدى.خېرشىل قوياشنىڭ سامان يولىدا ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋاقتىدا (1783-يىلى) نىيوتۇننىڭ ۋاپات بولغىنىغا 66 يىل بولغان ئىدى.ھەيران قالارلىغى ئېينىشتېيىن خېرشىلدىن كىيىن ياشاپ تۇرۇپمۇ ئالەم تۇرغۇن بولىدۇ دەپ قاراپ ئوخشاش خاتالىقنى تەكرارلايدۇ.دىمەك ،نىيوتۇن دەۋىر چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن خاتاغا يول قويغان بولسا،ئېينىشتېيىن بېپەرۋالىق ياكى ناتوغرا تاللاش سەۋەبىدىنخاتاغا يول قويغان.كۆرۆنۈپ تۇرۇپتىكى،نىيوتۇن،ئېينىشتېيىن تارتىش كۈچى ئىدىيىلىرى ئالەم تۇرغۇن،قوياش ئورنىدا تۇرۇدۇ دەپ قارايدىغان ئىدىيىۋى ئارقا كۆرۆنۈشنىڭ مەھسولى.
ھازىر بىز قوياشنىڭ پىلانىتلار بىلەن بىرلىكتە سامان يولى ئوربىتىسىدا سىكونتىغا 250كىلومېتىر تېزلىكتە ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى بىلدۇق.ھالبۇكى،بۇنداق ھەركەت شەكلى ۋە بۇنداق تېزلىك نىيوتۇن،ئېينىشتېيىن تارتىش كۈچى نەزەريىلىرىدە ئويلۇشۇلمىغان.مېنىڭچە،مانا بۇ تارتىش كۈچى نەزەريىلىرىدىن تولا چاتاق چىقىشىدىكى بىر يادرولۇق سەۋەپ!
مەن يۇقۇرقى پاكىتلارنى كۆزدە تۇتۇپ،قوياش سېستىمىسىنىڭ ھەقىقى ھەركەت ھالىتىگە ئاساسەن قوياش ۋە پىلانىتلار ھەركىتىنى دولقۇن شەكىللىك ھەركەت دەپ قاراپ،ئۇلارنى دولقۇن نەزەرىيەلىرىنىڭ مېتۇدىنى قوللۇنۇپ تەسۋىرلەپ كۆرۈشنى تەشەببۇس قىلىمەن.بۇنداق ئەمگەكنىڭ كىۋانىت مېخانىكىسى بىلەن كىلاسسىك فىزىكىنى ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن بىرلەشتۆرۈشتە مۇئەييەن ئۈنۆمى بولىشى مۆمكىن،دەپ ئويلايمەن.
بىر قانچە يىل ئىلگىرى ماھىرجان مىنىڭ تەلىۋىمگە ئاساسەن يەر شارىنىڭ سامان يولى ئوربىتىسىدىكى تىرايىكتۇرىيىسىنى سىزىپ چىققان ئىدى.تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ گىراپىك ۋە ماھىرجاننىڭ بۇ گىراپىكقا يازغان ئىزاھلىرىنى(ماھىرجاننىڭ ئىزاھلىرى يېشىل رەڭدە بوياپ قويۇلدى) بۇ يەرگە قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى زۆرۆر تاپتىم:
ناۋادا سامان يولىدا قۇياش سىستېمىسىنىڭ ھەركىتىنى كۆزەتسەك ، قۇياش سىستېمىسىنى يۆتكىلىش تېزلىكىنىڭ سېكونتىغا 250 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز. ئۇھالدا يەرشارىنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىۋاتقان پەيتتىكى ھەركەت تىرايېكتورىيسىنى سىزساق بىردانە بوشلۇقتىكى بۇرمىسىمان ۋېنت ترايېكتورىيسى پەيدا بولىدۇ، بۇ سترولۇق شەكىلنى 2 ئۆلچەملىك تەكشىلىككە ئەكرىپ ئانالېز قىلسا ئاددى بىر دانە كىلاسسىك فىزىكىدىكى دولقۇن پەيدا بولىدۇ. دولقۇن تېزلىكى دەل قۇياش سىستېمىسىنىڭ يۆتكىلىشى تېزلىكى ، دولقۇن ئۇزۇنلىقى بىرلىك دەۋىردىكى يەنى 365.6 كۈن دىكى تاماملىغان مۇساپىسى بولىدۇ. دولقۇم گىرافىكى ئېنىق قىلىپ تۆۋەندىكىدەك بېرىلدى:
بۇ دولقۇن گىرافىكى ئوبرازلاشتۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئامپىلتۇدا كۆرۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئېگىزلىتىپ لاھىيلەپ قويدۇم، ئەممەلىيەتتىكى دولقۇن شەكلى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك :
ئەمەلىيەتتىكى دولقۇن گىرافىكى بولسا دولقۇن ئۇزۇنلىقى ناھايىتى ئۇزۇن بولغان، ئامپىلتۇدىسى كىچىك بىردانە دولقۇندىن ئىبارەت.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار 1-رەسىمدىكى دولقۇن گىرافىكىدا بېرىلدى.
مىنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشىمدا ئىككى مەقسەت بار: 1.تورداشلارنى بۇ ئۇچۇر ۋە كۆز قاراشلاردىن خەۋەردار قىلىش.تېما جامائەتچىلىك بىلەن يۆز كۆرۈشسىلا مەن بۇ مەقسەتكە يەتكەن بولىمەن.
2.بۇ بىر تەتقىقات تېمىسى.مەن ماتىماتىكا بىلمىگەنلىگىم ئۈچۆن ئەمەلى ھېساپلاش ۋە گىراپىكلارنى سىزش قاتارلىق ئىشلارنى قىلالمايمەن.شۇڭا ئىلمى تەۋەككۈلچىلىك روھىغا ئىگە كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ بۇ تېمىنى ئورتاق تاملاشنى خالىسا ئىشتىراك قىلىشىنى قارشى ئالىمەن ۋە ئۈمت قىلىمەن. بىزنىڭ ۋاقتىمىزنى بېھۇدە ئىسراپ قىلىۋىتىپ بارغان ئىشلار ئاز ئەمەس.ئۇرۇنسىز تالاش - تارتىشلارنىڭ ئورنىغا قول سېلىپ ئىشلەپ باقساق مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۆپ قالساق ئەجەپ ئەمەس. ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىدا مەغلۇپ بولغان تەقدىردىمۇ بۇنداق مەغلۇبىيەت ئەھمىيەتلىك،گۈزەل ۋە شەرەپلىك مەغلۇبىيەت ھېساپلىنىدۇ!
پايدىلىنىش: قوياش سېستىمىسىنىڭ سامان يولى سېستىمىسىدىكى ھەقىقى ھەركەت تىرايىكتۇرىيىسى
2016.10.26
ئەسكەرتىش: ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنى خالايدىغانلا بولسا ئىنكاس قالدۇرسا بولىدۇ.
|