- تىزىملاتقان
- 2016-4-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-2-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2450
- نادىر
- 0
- يازما
- 66
ئۆسۈش
15%
|
تۇداخۇن تۆركۈلنىڭ توقاي تەۋەسىدە تۇغۇلۇپ تېرىس، تارباغاتاي، تاشكەنت تەربىيىلەش تۈگۈنلىرىدە تەنتەربىيە تەلىماتلىرىدا تەربىيەلەنگەن.
تەربىيىلەش تاماملانغاندا تەشكىلنىڭ تەقسىماتىنى توغرا تونۇپ تەۋەيىمىزگە تەقسىملەنگەن.
تەقسىملەنگەندىن تارتىپ تا تۈنۈگۈنگىچە تىرىشىپ- تىرمىشىپ تەنتەربىيە تەلىماتلىرىنى توغرا تەييارلاپ تەربىيە لەنگۈچىلەرگە تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن تىكتاك توپ، تارشا توپ، تۆمۈر توپ، تۈرلى توپ، تاق تورنەك، تۆپىگە تاقلاش، تۈز تاقلاش، تانا تارتىش، تېخنىكىلىرىنى توغرا تەپسىلىي تونۇتقانلىقتىن تولۇق، تۇلۇقسىزلاردىكى تۆركۈل، تېتىر، تېرىس، توقايلاردىن تۇرسۇنجان، تۇرغۇنجان، تۇرسۇنئاي، تۇرسۇنگۈل، توختاخۇن، تالىپجانلار تەنتەربىيە تېخنىكوملىرىغا تونۇشتۇرۇلدى.
تۇداخۇن تۈن تۇمانلىرى تارىماستىلا تەربىيلەنگۈچىلەرنى تەربىيلىسە، تۈن تەڭگىچە تەنتەربىيەنىڭ تۈرلى تەرەپلىرىنى تەھلىلەپ «تەنتەربىيە تەننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەيدۇ» «تىكتاك توپ تېخنىكىسىنى تەربىيلەنگۈچىلەرگە تونۇشتۇرۇش تېخنىكىسى» « تەپەككۇرىڭىزنى تىزلىتىشتە تەنتەربىينى تاللاڭ» تېمىلىرىدىكى تەلىماتلارنى تەھرىرلەرگە تۇتۇپ، تاراتقۇلاردا تاماشابىنلرغا تونۇشتۇرۇپ تەبىئىي تالانتىنى تونۇتتى.
تۇداخۇن تاراتقۇلاردىن تەڭرىتاغ تەۋەسىنىڭ تەنتەربىيە تېخنىكىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى تىڭشىغىنىدا تىترەپ تىنىدىن تەر تامچىلايتى،تەشۋىشتە تىپىرلايتى.
تۇداخۇن تەۋەيىمىزنىڭ تەنتەربىيە تەجرىبە تەئەللۇقاتىنىڭ تولۇقسىزلىقىنى تەمىناتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى توغرا تونۇپ، تىرىكمەستىن ، تېرەككە تۈز تۆمۈرنى تانىدا تېڭىپ تاق تورنەك تۈزۈپ تەربىيەلەنگۈچىلەرگە تورنەك تېخنىكىسىنى تونۇشتۇرغانلىقى تەربىيچى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى تەسىرلەندۈرگەنتى.
تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى تۇداخۇننىڭ تۆھپىلىرىدىن تەسىرلىنىپ تەقدىرلەش تەرەپتارىدا تەڭرىتاغ، تارىم، تەكلىماكانلاردىكى تەنتەربىيە تەربىيچىلىرىگە تىپلاشتۇرۇش تەلىپىنى تۇتقاندا تۇداخۇن تەئەججۈپلەنگەن تۈستە تەمكىن تۇرۇپ: تۆھپىسنىڭ تېخى تولىمۇ تۆۋەنلىكىنى، تەنتەربىيە تەرەققىياتىنى تىزلىتىشكە تالانتلىق تايانچلارنى تەربىيلەشتە تىنىمسىز تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
تەربىيلىگۈچىلەر، تەربىيلەنگۈچىلەر تۇداخۇننىڭ تۇرمۇشنىڭ تىنىچ،تىنىنىڭ تۈزۈك تۇرىشىنى، تېخىمۇ تىرشىپ تەنتەربىيە تالانتىنى تونۇتىشىنى تىلەيدۇ!
ئاتۇش
ئىلاۋە: تۇداخۇن ياسىن ئاتۇش شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تالانتلىق تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى.
ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بىرى ئاتۇشنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. |
|