تۇرمۇش سۈپىتىمىزنىڭ ئۆسىشى ،يىمەك –ئىچمەكلىرىمىزنىڭ موللىشىشى ،ئىقتبىسادىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى بىزگە يىڭى ئۆزگىرىش ۋە يىڭى ئىستىمال ئادەتلىرىنى ئىلىپ كەلدى.
بۇ ئۆزگىرىش ۋە يىڭىلىقلارنى بىزنىڭ ئىچىمىلىك بازىرىمىزدىن كۆرۈپ يىتەلەيمىز . مەيلى چوڭ تىپتىكى تاللا بازىرى ،مەيلى كىچىك دۇككان ،ۋە ياكى تىز تاماقخانا ،رىستۇرانلارغا كىرەيلى . رەت- رەت پۇكەيلەرگە تىزىلغان ،شۇنداق رەڭلىك ، چىرايلىق ،نەچچە يۈز خىل ئىچىملىكلەر سىزنى بىر قاراتماي قالمايدۇ .
بۇ ئىچىملىكلەرنىڭ ئىسمى ،تۈرى ،تەركىۋى نەچچە يۈز خىل بولۇپ ، ئەڭ ئاددىسى ،مىنرال سۇدىن باشلاپ ،سودا سۈيى ،مىۋە ئىچىملىكى ، قۇۋۋەت ئىچىملىكى ،ۋىتامىنلىق ئىچىملىك ،قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ .بۇنىڭ ئىچىدە ،چەتئەللەردىن ئىمپورىت قىلىنغان ئىچىملىكلەر ،شىنجاڭدىكى كارخانىلار ئىشلەپ چىقارغان ئىچىملەر بولۇپ ،تۈرى يۈز خىلغا يىقىنلىشىدۇ .
ئۇيغۇرتىلىدىكى تىلىۋوزور ئىسستانسىلىرىدە قۇيۇلۇۋاتقان ئېلانلارنىڭمۇ كۆپ قىسمى ،مۇشۇ ئىچىملىكلەرنىڭ ئېلانى بولۇپ،ئۇبدانراق سەپ سالساق ،ھەر ھەپتىدە دىگۈدەك بىرخىل ئىچىملىكنىڭ يىڭىلىنىپ بازارغا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز . ئۈشبۇ ئىچىملىك ئېلانلىرى ئۆز نۆۋىتىدا شۇنداق چىرايلىق ئىشلىنىش بىلەن بىرگە ،سەنئەتلەشتۈرۈلۇپ ،ئاشۇ تۈردىكى رەڭلىك ئىچىملىكلەرنى، تىخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۋەتكەندەك قىلاتتى .
يەنە شۇنداق دىققەت قىلساق ،ھەر بىر ئىچىملىككە ،بىر داڭلىق ئارتىس ۋەكىل بولۇپ ،ئېلان قىلىشىپ بەرگەن،ۋەكىل بولۇپ ئىچىشىپ بەرگەن ،بەزى يەرلەردە تىخى كۆپتۈرۈپمۇ قۇيۇلغان ئىدى.
ئۈشبۇ ئىچىملىكنى ئىچكەندىن كىيىن ،مۇسكۇللۇق بۇلۇپ كەتكەن ،ۋىتامىنلىرى تولۇقلىنىپ ساغلام بولۇپ كەتكەن ،ئورۇقلاپ چىرايلىقلىشىپ ،زىلۋا بولۇپ كەتكەن ،ئەقىللىق بولۇپ كەتكەن دىگەندەك .
مانا مۇشۇنداق رەڭدار ئېلان ۋە ئىسىل ئىچىملكلەر بىزنى ئۆزىگە قاراتماي قالمىدى .تۇرمۇشىمىزغا ،داستىخنىمىزغا ، ئولتۇرۇشلىرىمىزغا. ساياھەت سەپەرلىرىمىزگە يىقىن ھەمرا بولۇپ قالدى . قاراشقا بۇ بىر ياخشى ئىشتەك ،ياخشى تۇرمۇشنىڭ ئىپادىسىدەك كۆرىنىدۇ .لىكىن ئىچىملىكنىڭ كۆپلىكىگە ،ئىچىلىشىنىڭ نۇرمىدىن ئارتۇقلىقىغا ،خەجلىگەن پۇللارغا قاراپ ئويلانماي بولمايدۇ . بىز زادى نىمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا كۆپ ئىچىملىكلەرنى ئىچىمىز ؟
1: بەزىلەر دەيدۇ ،ئۇسساپ كىتىپ ئىچىمىز . ئەمەلىيەتتە ،يۇقارقى ئىچىملىكلەر ئۇسسۇزلۇقنى باسالمايدۇ. يالغان بولسا سىناپ بىقىڭلار ،ئىچكەنسىرى ئىچكىڭلارنى كەلتۈرىدۇ .چۈنكى يۇقارقى ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىۋىدە ،مۇئەييەن مىقداردا شىكەر،ۋە رەڭ كىرگۈزگۈچ ،ۋە باشقا تەركىپلەر بولىدۇ .شۇڭا ئۇسسۇزلۇقنى بىسىپ كىتەلمەيدۇ .بەدەنگە سۇ تولۇقلاش مەقسىتگە يەتكىلى بولمايدۇ . مىنىڭچە ئەڭ ياخشى ئۇسسۇزلۇق ئىچىملىكى –سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ مىكىن.
2: بەزىلەر دەيدۇ ،سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن ئىچىمىز . ئىچىملىك ئېلانلىرىنى كۆرگەن كىشىلەر ئىشىنىپ كىتىدۇ .ئىچىملىك ساغلاملىققا پايدا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ .بۇنى مۇنداق ئىسپاتلايلى . ھەممەيلەن ئىنسانچىلىقتا ئاغرىپ تۇرىمىز ،دوختۇرخانىلارغا بىرىپ تۇرىمىز .مەيلى زۇكام بولايلى ،مەيلى ئۆت ياللۇغى ،ئاشقازان ياللۇغى ،بۇرۇن ياللۇغى ،سىرىتقى زەخمە ،چوڭ كىچىك ئوپراتسىيە ،مەيلى قانداق ئاغرىق بولسۇن .دوختۇرلار ئىچىملىكدىن پەرىز قىلىڭ دىمەي قالمايدۇ .يالغان بولسا دوختۇرغا كىرگەندە سوراپ بىقىڭ ،‹نىمىدىن پەرىز تۇتۇمەن؟› دەپ ھەتتا بەزى بىمارلارغا ئىچىملىكنى قەتئى ئىچمەڭ دەيدۇ . بىز بىلمەيمىز .دوختۇرلار بىلىدۇ . ئەگەر ئىچىملىكلەر سالامەتلىككە پايدىلىق بولسا ،دوختۇرلار بىزگە ئۇنى تەۋسيە قىلغان بولاتتى .
‹ ھەر كۈنى پالانى ماركىلىق ۋىتامىنىلق قۇۋۋەت ئىچىملىكدىن 1 قۇتا ئىچىپ بىرىڭ › ‹ پوكۇنى سودا سۈيىدىن بىر ئىستاكان ئىچىپ بىرىڭ › دىگەندەك .ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس .يۇقارقى ئىچىملىكلەر ئاز مىقداردا ئىستمال قىلىنسا ،سالامەتلىككە تەسىر قىلمىغاندەك تۇرغان بىلەن،داۋاملىق كۆپ مىقداردا ئىچىلسە ،سالامەتلىككە پايدىسىز بولۇپلا قالماي ،سالامەتلىكىمىزنى ئىغىر زىيانغا ئۇچرىتىشىمىز مۈمكىن .
3:بەزىلەر دەيدۇ ،قۇۋۋەت، ۋىتامىن تولۇقلاي دەپ ئىچىمىز .مەن بۇنىڭغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن .بىر ئاغىنەم بار ئىدى . ھىلىقى مۇسكۇل چىقىرىدىغان ئىچىملىكنى بىر ئاي ئىچتى . لىكىن مۇسكۇلى پەقەتلا چىقىمىدى .بۇ ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىۋىدە مەلۇم دەرجىدە ۋىتامىن ،قۇۋۋەت ئىلمىنىتلىرى بولسىمۇ لىكىن ئىچىملىك ئىچىش ئارقىلىق بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش توغرا ئەمەس دەپ قارايمەن .ھەم مۇتەخەسسسلەرنىڭمۇ ئىچىملىك ئارقىلىق قۇۋۋەت ۋە ۋىتامىن تولۇقلاش تەۋسىيەسىنى ئاڭلاپ باقمىدىم .
ھازىر بىر بوتۇلكا ئىچىملىكنىڭ باھاسى 4يۇەندىن 8يۇەنگىچە دىسەك ،مۇشۇ پۇلغا ،ياڭاق ،بادام ،ئۈرۈك مىغىزى ،سۈت تۇخۇم ئىلىپ يەپ ،ھەركەتنى ياخشى قىلىپ بىرەيلى ،سىزنىڭچە قايسسى ياخشى .ھە ؟
4:بەزىلەر دەيدۇ ، چولپانلارنى دوراپ ئىچىمىز . سەنئەتچى ئارتىسنى شۇنداق چوڭ بىلىمىز .ئۇلارغا ئىچىملىك ئېلانىغا چىقتى . تىلىۋوزۇردا ئىچىپ ماختاپ بەردى . بىزدە چاتاق يوق . شۇنى دوراپ ئىچىمىز .ئۇلار سالامەتلىككە زىيانلىق نەرسىلەرنى ئېلان قىلىپ چىقسىمۇ ،ئىچەمدۇقكىن دەيمەن . ھەتتا بەزىلەر شۇ چولپاننى دەپ ، شۇ چولپان داڭلىغان ئىچىملىكنىلا ئىچىدىكەن .ھەم ئۆزىنى بىرخىل بەخىتلىك خۇشال ھىس قىلىدىكەن .
5: داستىخانلىرىمىزنى موللاشتۇرۇش ،ئولتۇرۇشلارنى قىزىتىش ،ئۈچۈن ئىچىمىز . بۇنىڭمۇ خىلى ئاساسى بار .ئەمما سورۇنلرىىمىز نى ئىچىملىك بىلەن ئەمەس ،ياخشى پىكىرلىك پاراڭلار بىلەن ،دوسلۇق ،مىھرىبانلىق ،سەمىمىيەت بىلەنمۇ رەڭلدارلاشتۇرغىلى بولامدىكىن تاڭ .
يۇقارقى ئاساسى سەۋەپلەردىن باشقا نۇرغۇن ئىستىمالچىلار ،سەۋەپسىزلا ئىچىملىك ئىچىدىغان بولۇپ ،ئۇلار بۇ توغرۇلۇق ھىچنىمىنى ئويلاپ قويمايدىكەن .مىنىڭ سوراپ كۆرۈشۈمگە قارىغاندا ،بەزىلەر كۈندە 7-8 بوتۇلكا ئىچىملىك ئىچىۋىتىدىكەن . بەزىلەر كەم بولغاندا بىرەر بوتۇلكا ئىچىپ قويۇدىكەن . ئەلۋەتتە ئىچمەيدىغانلارمۇ ئازراق بار ئىكەن .
دىمەكچى بولغۇنۇم . بازاردىكى ئىچىملكلەرنىڭ بولۇشى ،ئۇنى مۇۋاپىق ئىچىپ تۇرۇش ياخشى ئادەت .ئەمما رايونىمىزدىكى ئىچىملىكلەرنىڭ مىقدارى ،ئىشلەپچىقىرىشى ،ئىمپورىت قىلىنىشى ،ھەددىدىن زىيادە . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ئىچىلىش نىسپىتىمۇ بىر قەدەر يۇقۇرىمكىن دەپ قارىدىم . .
يەنە بىر مەسىلە خەلقىمىزنىڭ ئىچىملىكنى ئىچىپ بولغاندىن كىيىنكى ،قۇرۇق بوتۇلكىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئىلمى ئەمەس .قالايمىقان تاشلاش سەۋەبىدىن ،مۇھىت كىرزىسى بولۇۋاتىدۇ .بۇنداق بولسا ،خەلقىمىز پۇل خەجلەپ ،ئىچىملىك ئىچىپ ،سالامەتلىكىگە تەسىر يىتىپ ،مۇھىتنى بۇلغاپ ،كەلگۈسىمىزنى نابۇت قىلىۋالغاندەك بولۇپ قالمىسۇن دەيمەن .
شۇڭا ھۆرمەتلىك كارخانىچى دوست ،سودىگەر دوست ،مىنىڭچە ئىچىملىك بازىرى تويۇندى .كارخانا قۇرۇپ ،سودا قىلاي دىسىڭىز ،ئىچىملىك ساھەسىدىن باشقا بىر تۈرنى تاللاپ ،مەبلەغ سىلىپ باقسىڭىز دەيمەن.
ھۆرمەتلىك ئىستىمالچى دوست .ئىچىملىكلەرنى مۇۋاپىق ئىچسىڭىز ،ياخشى ئىستىمال ئادىتىنى يىتىلدۈرسىڭىز .ئىچىملىكنى ئىچىپ بولغاندىن كىيىن قۇرۇق بوتۇلكىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلسىڭىز دەيمەن .
ئاتاۋۇللا ئەداخۇن
2016-يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى |