- تىزىملاتقان
- 2011-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13339
- نادىر
- 1
- يازما
- 542
ئۆسۈش
  8.35%
|
"ئامىرىكا كىلىنكا ئوزۇقلۇق ئىلمى ژۇرنىلى" نىڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىنىشچە، دائىم ئەتىگەنلىك تاماق يىمەسلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتا بولۇش خەۋىپىنى يوقۇرلىتىۋېتىدىكەن.
ئاۋسترالىيە تاسمانىيە ئونۋېرستىدىكى تەتقىقاتچىلار 2184 نەپەر پىدائىي ئۈستىدە 20يىللىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، دائىم ئەتىگەنلىك تاماق يىمەيدىغانلارنىڭ ئاسان سەمىرىپ كېتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئاساسلىق قۇرساق قىسمى سەمىرىش، قاندىكى خولىسترن مىقدارى ئۆرلەشتە ئىپادىلىندىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا قىلىش ئامىللىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
بۇتەتقىقات نەتىجىسى كىچىكىدىن ناشتا قىلىشنى خالىمايدىغان، چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن كىشىلەرنىڭ 30 ياشقا يېقىنلاشقاندىلا يۈرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش يۈزلىنىشىدە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئانالىزىچە بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلىرى باركەن:
ئالدى بىلەن ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ ساغلام بولمىغان يىمەكلىكلەرنى يىيىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن، يەنە كېلىپ بەدەن چېنىقتۇرىشى يىتەرلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ سېللىلۇزا (تالالىق يىمەكلىكلەر)، ۋىتامىن، مېنرال ماددىلارنى قوبۇل قىلىشى ناھايىتى ئاز بولىدىكەن. ئۇندىن باشقا، دەلىللىنىشچە ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ بەدىنىدىكى ماينىڭ زاپاس ساقلىنىش شەكلى ئۆزگىرىپ ئاسانلا قۇرساق قىسمىغا توپلىنىدىكەن. ئاخىرىدا، ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلىنىش ۋاقتى ناھايىتى تەرتىپسىز بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنىڭ تەرتىپسىزلىكىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسىكەن.
مەنبە:ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق تورى
http://vitamin.qf4.cn |
|