قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1983|ئىنكاس: 22

تەكشۈرۈشنامە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

1817

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   81.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12869
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 146
تۆھپە : 483
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-27 11:31:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەھبەرلەر! خىزمەتداشلار!

يۇنانلىق پەيلاسوپ سوقرات: «تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن ھايانى ياشاشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ» دەپتىكەن. شۇڭا مەن بۇ تەكشۇرۇش نامىنىڭ باش ئاخىرىدا يىغلاپ-ھاڭراپ كۆز يېشى قىلىشنى ئويلاشمىدىم. ئاھۇ-زار ئېيتىپ داد-پەريات كۆتەرەيمۇ دېمىدىم.ئىلگىرى تولا ئاڭلاپ سۈمەل بولۇپ كەتكەن ياغلىما –ياۋىداق كەپلەرنى قىلىپ ھەر-بىرىڭلارنى بىزار قىلىشنىمۇ ئويلاشمىدىم.

مۇنبەرنىڭ مۇقەددەسلىكىگە سۆز كەتمەيدۇ. لېكىن، بۇ يەرگە چىققان ئادەمدە مۇنداق ئىككى شەرت ھازىرلانغان بولىشى كېرەك. بىرى، باش-ئاخىرى تامامەن ئىجابىي ۋە ئىجادىي مەنىلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان زۆرۈر شەرت ھازىرلانغان بولىشى كېرەك. يەنە بىرى، بۇ يەردە تۇرۇش سالاھىيتىنى تامامەن يوقاتقان ياكى ئۇ سالاھىيەتكەە دەز كەتكەن بولىشى كېرەك. بۇيەردە ئولتۇرغان رەھبەرلەر ياكى خىزمەتداشلار بولسۇن ئامېرىكانىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى ھېنرى كىسىنگېرنىڭ « جۇڭگو توغرىسىدا» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنى ئوقۇغان ياكى ئوقۇپ ئۈلگۈرمىگەن بولىشىڭلار مۇمكىن، ئەسەردە ئۇ گېرمانىيەلىك مەشھۇر پەيلاسوپ كانتنىڭ «مەڭگۈلۈك تىنچلىق» دېگەن ئەسىرىدىن مۇنداق بىر جۈملىنى نەقىل ئالىدۇ. «مەڭگۈلۈك تىنچلىق مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، بىرى، ئىنسانلار تىنچلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ يەتكەندە، يەنەبىرى، غايەت زور توقۇنۇش ۋە بالايىئاپەت ئالدىدا ئىنسانلار ئۈچۈن تىنچلىقتىن باشقا تاللاش يولى قالمىغاندا.» كەمىنە مەن تىنچلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ يەتمىگىنىم ئۈچۈن مۇنبەردە تۇرۇش سالاھىيىتىمگە دەز كېتىپ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مۇنبەرگە چىقتىم.

ھازىر بۇ يەردە ئولتۇرغانلار بىرى مېنىڭ رەھبەرلىرىم، يەنە بىرى، مېنىڭ خىزمەتداشلىرىم. ماڭا نىسبەتەن قىزىلسۇ تېلىېۋىزىيە ئۇنۋېرستېتىدا ئەڭ دەسلەپ خىزمەتداش بولغانلار ئاللاقاچان دەم ئېلىشقا چىقىپ كەتتى،كېيىنكى ئەڭ ئۇزۇن خىزمەتداش بولغانلاردىن، دىلشات ئابلىز، ئايالىم پاتىگۈل ئابلەت ۋە تەدرىجى خىزمەتداش بولغانلاردىن تۆۋەندە ئولتۇرغانلارنى دەلىللىشىم مۇمكىن، ھەم شۇنىڭغا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.28 يىل بىر ئىرانىڭ تامچىسى بولىشى مۇمكىن، بىر ئەسىرنىڭ تارماق بولىكى بولىشى مۇمكىن، لېكىن، بىر ئادەمنىڭ ھاياتى جۈملىدىن ئۇنىڭ خىزمەت ھاياتىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز.دېمەك بىز بۇ ئۇزۇن جەرياندا تۇرمۇشنىڭ خاسلىقىدا، ئائىلە ئىزتىراپلىرىنىڭ تۈمەن خىل مۇھاكىمەلىرىگە ئۆز ئارا چىش يېرىشىپ كېتەلمىگەن بولساقمۇ، قىزىلسۇ رادىئو-تېلىۋىزىيە ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئورتاقلىقىدا-خىزمەت، ئوقۇتۇش ئورتاقلىقىدا، يەنە ئۇنىڭ، تەرەققىيات ئورتاقلىقىدا ھەمدەمدە بولۇپ كەلدۇق دەپ قارايمەن. خاركتېر مەيلى ئۇ تۇراقلىق بولسۇن مەيلى ئۇ ئۆزگىرشچان بولسۇن قەتئىي نەزەر، بىزنىڭ ئاساسىي ماھايەتلىرىمىز ئۆزئارا بىلىپ بولمايدىغان سىر ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت ھاياتىدا غەرىپنىڭ لېبرالىزىمىغا قارشى تۇرۇشتىن كۈنىمىزدىكى «‹بەش ئاچقۇچ›تىن قانداق ياخشى پايدىلنىش كېرەك»ھەم 17- سىنتەبىردىن كېيىن «ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قايتا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنى» نىڭ روھىنى ئۆگىنىش ماتىريالىغىچە ھەممىنى ئۆگىنىپ، خاتىرە قالدۇرۇپ، تەسىرات ماقالىسى يېزىپ كېلىۋاتقان مەندەك بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ سىياسىۋىلىكىنى بىلمەك ئەلۋەتتە تەس ئەمەس. يەنە كېلىپ ئوقۇتۇش ئۆزىنىڭ ئاشكارىلىقى بىلەن تېخىمۇ قىممەتلىك. دېمەك كەسىپچانلىق ھەرگىزمۇ يەڭ ئىچىدىكى سودا دەيدىغان نەرسە ئەمەس.يەنە كېلىپ مەن،ئىنسان تەربىيەلەشنى بۇرچ قىلغان ئ‍ىنساندا  نەچچە ھەسسە مول بىلىم بولغان بولىدۇ ، لېكىن، بىلمىلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مۇئەللىملىك سالاھىيىتىنى ھازىرلىيالمايدۇ . مۇئەللىملىكنى   تىرىكچىلىك يولى قىلغان، ئۇنۋان ئۈچۈن،مال-دۇنيا ئۈچۈن بىر بىرىنى سېسىتىدىغان ، ھەسەتخورلۇق ۋە ئ‍ادەۋەت بىلەن ئەتراپىدىكىلەرگە نەشتىرىنى سانجىيدىغان شەخس ھېچقاچان مۇئەللىم ئەمەستۇر، بەلكى ئۇ بىر مىتە . ئ‍ەڭ مۇھىمى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تويۇنغان، قەلبىدە ئىلىمگە بولغان ھۆرمەت ۋە ساداقەت بولغان ، سەمىمىيلىك بىلەن مەسئۇلىيەتنى ھەر ۋاقىت ئۆزىگە يار قىلغان مۇئەللىملا تەبئىيكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ . ئەنە شۇنداقلارنى ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى دەپ قاراش كېرەك دېگەن چۈشەنچىدىمەن.

رەھبەرلەر! خىزمەتداشلار!

ئەسلى مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىكى بۇ ئورۇندا «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىدىن ئوقۇشلۇق» نى ئۆگەنگەندىن كېيىنكى تەسىراتىمنى سۆزلىگەندە تۇرسام بۇلاتتى.ئەسلى مەن بۇ مۇنبەردە « ھىجرەتنىڭ ماھايىتى ۋە زىيىنى» نى ئۆگەنگەندىن كېيىنكى تەسىراتىمنى سۆزلىگەندە تۇرسام بۇلاتتى.ئەسلى مەن بۇ مۇنبەردە « ‹بەش ئاچقۇچ›تىن قانداق ياخشى پايدىلنىش كېرەك» لىكىنى سۆزلىگەندە تۇرسام بۇلاتتى.يەنە مەن بۇ مۇنبەردە « ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ‹ئەسەبىيلىكنى تۈگۈتۈش› تەشۋىقات تەربىيە خىزمىتى ۋە تەجىربە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ماتىريال توپلىمى»... نى ئۆگەنگەندىن كېيىنكى تەسىراتىمنى سۆزلىگەندە تۇرسام بۇلاتتى.ئەسلى مەن بۇ مۇنبەردە «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش سىتراتېگىيەلىك كۆرسەتمىسى» نى ئۆگىنىشتىن تەسىراتىمنى سۆزلىگەندە تۇرسام بۇلاتتى. يەنە مەن بۇ مۇنبەردە « يېزىقچىلىق ئىلمى»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى»، «تىلشۇناسلىق»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، « ئەدەبىيات نەزەريىسى»... قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەندە تۇرسام بۇلاتتى. يەنە مەن ئەسلى بۇ مۇنبەردە « سىنىپ باشقۇرۇشقا مۇقەددىمە»، « ئەدەبىياتنىڭ ماھايىتى ۋە رولى»، «ئىجادىيەت مائارىپى ۋە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى»،«پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ تەخىرسىزلىكى»، «ئورنىنى تولدۇرۇپ بولمايدىغان مەغلۇبىيەت»،«جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى مۇيەن»، «‹ئىزچىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە قىممىتى»،« دېھقىنىم سىز نىمىشقا باي بۇلالمايسىز»... قاتارلىق لېكسىيەلەرنى سۆزلىگەندە تۇرسام بۇلاتتى.يەنە مەن بۇ مۇنبەردە ئادەملىك ئالدىدا شارائىت، مەزمۇن، شەكىل دېگەنلەرنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىشچان نەرسە ئىكەنلىكىنى سۆزلىگەندە تۇرسام بۇلاتتى. ئامما مەن ھازىر نىمە دېيەلىشىم مۇمكىن؟ كەچۈرۈڭلا رەھبەرلار! خىزمەتداشلىرىم كەچۈرۈڭلا! ھازىر مەن بۇ مۇنبەردە تۇرۇش سالاھىيىتىمگە دەز كەتكەندە تۇرىۋاتقان بولساممۇ،كۆپ مىللەتلىك، ئاز كەم بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئېگە،قانۇن-تۈزۈم ئۈزۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقان، ئادىل،دېمۇكراتتىك دۆلەتتە ياشاۋاتقىنىمنى ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالمايمەن. مەن يەنە جۈڭگونىڭ بىرىنچى ئەۋلات داھىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ « خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك» دېگەن مەشھۇر سۆزىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى دەپمۇ قارىمايمەن.چۈنكى خەلق جۈڭگونىڭ ئۆتمىشىدە قانداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بولسا،جۇڭگونىڭ بۈگۈنىدىمۇ ئەنە شۇنداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە.باش شۇجى شى جىنپىڭمۇ « ‹ھۆكۈمەت› دېگەن سۆزنىڭ ئالدىدىكى ‹خەلق› دېگەن سۆزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك»، «كادىرلار ئاممىنى قانچىلىك مۇھىم بىلسە، ئاممىمۇ كادىرلارنى شۇنچىلىك مۇھىم بىلىدۇ»، «باشتىن- ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش بولۇش، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك»، «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» دەپ كۆرسەتتى. بۇ مەنىدە ئوقۇتقۇچىمۇ خەلقنىڭ  ئوقۇتقۇچىسى. مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپۈتىم بىلەن 28 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا ياراتقان مەنىۋى قىممەتلەرنى ئائىلەم ۋە ئائىلە ئېگىلىكىم ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى خەلق ئۈچۈن دەپ قارايمەن.شۇنى ئېتراپ قىلىمەنكى بىر ئادەمنىڭ مەنىۋى ئەمگىكى قىممەت سانىلىپ ئۇنىڭ جىسمانى ئەمگىكى قىممەت سانالمايدىغان ئىش يوق.جۇڭگو كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سۇرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، سانائەتلىشىش ئۈزۈل كېسىل ئەمەلگە ئاشمىغان، سانائەتلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىۋاتقان، يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ يېزائېگىلىك دۆلىتى. تېخى بىزنىڭ ناھايىتى كۆپ ماددىي- مەيھىشەتلىرىمىز تەكرار ۋە جاپالىق جىسمانىي ئەمگەك تەلەپ قىلىشتىن كېلىدۇ دەپ چۈشۈنىمەن.يەنە كېلىپ ماركىزىمنىڭ ئىپتىدائىلىقىدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنكى مۇكەممەللىكىگە قەدەر ۋە ھەتتا ئۈنىڭ جۇڭگونىڭ رېئاللىقىغا تەتبىقلىنىشىمۇ، ھېچقاچان ئۇنى ئىنكار قىلغانمۇ ئەمەس. 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىندىن كېيىنكى ئىشىك ئېچىۋىتىلگەن، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىنمۇ، ياكى دېڭ شياۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «پەن-تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپ چىقىرىش كۈچى» بولغاندىمۇ،ھەم ئۇ تەكىتلىگەن «ئىدىيەدە ئازات» بولۇش تەرەققىياتنىڭ يەنە بىر ئانىسى بولغاندىمۇ دۇنيانى ئەمگەك ياراتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ رېئال قىممىتىنى رەئىس ماۋ زېدۇڭدىن كېيىن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ مۇئەييەنلەشتۈردىكى ھېچقاچان ئىنكار قىلمىدى. تەرەققىيات يەرشارىنى كىچىككىنە بىر كەنتتىن كۆرە ئالقانچە مەھەللىگە ئايلاندۇرۇپ قويغاندىمۇ، ئەملىيەتتىكى جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، چوڭ دۆلەتلا ئەمەس،دەرجىدىن تاشقىرى ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەت،يەرشارىنىڭ سىياسى تەرتىپىنى يارتىشتىكى بىردىن-بىر سىياسى كۈچ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ زۆرۈر ھالقا.مەن بۇ قەدەر چوڭ ئۇقۇم ئالدىدا ئەرزۈگۈدەك ئەمەلىيتىم بولمىسىمۇ، قىزىلسۇ خەلقى ئۈچۈن،رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنۋېرىستېتى ئۈچۈن، ئوبلاستىمىزدا قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان «ئوچۇق ئۇنۋېرىستىېت» ئۈچۈن، مېنىڭ دەرسىمنى ئاڭلاشقا يۈزلەنگەن ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن، مەنىۋىيتى زەئىپ ھەر بىر يۇتدېشىم ئۈچۈن باشتىن – ئاخىر پارتىيە مەركىزى كومتېتىنىڭ ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتىكوم، خەلق ھۆكىمىتىنىڭ، مەكتىۋىمىز قىزىلسۇ رادىئو – تېلېۋىزىيە ئۇنۋېرىستېتىنىڭ تۈرلۈك سىياسەت، قانۇن – نىزام،تۈزۈم چاقىرمىللىرىغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ ۋە ئەگىشىپ كەلدىم.ئىدىيەىسى ئازات، ئۇچكە ۋەكىل بۇلالايدىغان، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىغا ئېگە،شەرەپ-نۇمۇس قارشى ئېنىق،تەرەققىياتتا ھالقىشقا يۈزلىنەلەيدىغان، يېڭىلىق يارتىشنى ماھايىتى بىلەن چۈشۈنىدىغان، كەسپىنى مۇھەببەت بىلەن سۆيىدىغان، مەكتەپتىن ھالقىپ قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ۋالىبول ھەركىتىگە تاماسىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تىرىشتىمكى؛ نوقۇل رەۋىشتىكى ئايلىقنىڭ قۇلى بولىدىغان جان باقتى مۇئەللىم،ئەسەبىي مۇئەللىم، تەرەققىياتقا دۈمبىسىنى قىلىپ ياشايدىغان زەئىپ مۇئەللىم، دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈمىگە، سىياسىسىغا قارشى مۇقام توۋلايدىغان شاتۇت مۇئەللىم بولۇشتىن دائىما يىراق تۇرۇپ كەلدىم.

خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە ئەسلىدىلا بار نەرسە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك بولمىغان ماكان بىلەن زاماندا ھەرگىز خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەك.ئەپسۇسلۇق بولغىنى مەن 7-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ سائەت 7:00 تە ئەتراپىدا بىر ئېنىقلىما سۆزنىڭ توغرا ئېيتىلماسلىقى سەۋەپلىك خاتالىق ئۆتكۈزدىم.مەن بۇنى ھەرگىزمۇ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەم يىلانغا ئېسىلغاندەك ئىش بولدى دەپ قارىمايمەن. لېكىن مەن 50 ياشقا يەتكەندىمۇ بالىلارچە ئالدۇراڭغۇلۇق ۋە تەنتەك ئىتتىكلىكنى تۈگۈتەلمىگەن ئۆزۈمدىكى سەۋەنلىكتىن بولدى، دەپ قارايمەن.2013-يىلى ئۆي سېلىشتا مەن يەنە دۆلەتنىڭ 29500 يۈئەن ئەمىن ئۆي مەبلىغىگە ئېرىشكەن، ئەينى ۋاقىتتا مەييى كەنت ئاھالىلەر كومتېتى ئاغزاكى ئىلتىماسقا يارشا يۇقارقى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، مەن ئۇنى نورمال تەرتىپلىك مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش دەپ قارىغان 2016 يىلىنىڭ ئوتتۇرسغا يېقىن دۆلەت كادىرلىرىنىڭ يۇقارقى مەبلەغگە ئېرشىشى توغرا بولمىغان، قايتۇرشى كېرەك، دەپ ھۆججەت چىقارغاندىن كېيىن ئۈچكە بۆلۈپ قايتۇردۇم. ئەمەلىيەتتە يۇقارقى مەبلەغنى بىرلا قېتىمدا بىراقلا قايتۇرۇش كېرەك بولسىمۇ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەپلىك بىراقلا قايتۇرالمىدىم ،ۋاقتىدا قايتۇرالمىدىم.ئەر-ئاياللارنىڭ بىراۋەرلىكى تەكىتلىنىپ ئەر-ئايال باراۋەرلىكى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشقان نۆۋەتتىكى ئائىلىۋى ئىجدىمائىيەتتە يەنىلا خۇددى ئىدارىدە ئىدارە باشلىقى، كەنتتە كەنت باشلىقى بولغانغا ئوخشاش ئائىلىدىمۇ ئائىلە باشلىقى بولىدۇ. پەرزەنتلىك ئائىللەردىكى ئائىلە باشلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيتى پەرزەنت تەربىيەلەشتە دەپ قاراپ، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر  ياغلىق ئارتماسلىق دېگەن سىياسەتكە بەك ئەستايىدىل قاراپ كەتمەپتىمەن. نەتىجىدە مەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوبرازىغا، قىزىلسۇ تېلېۋىزىيە ئۇنۋېرىستېتىنىڭ ئوبرازىغا مۇخالىپ ئىش قىلىپ، مەسئۇلىيتىمنى ئادا قىلالماپتىمەن.

دېمەك مەن، باغقا كىرگۈچىنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ يەڭگىللىك قىلىشتىن كۆرە، ئۇ بىر ئادەم ياكى ئادەملەر دەپ قارىساممۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگۈسىدىن بولالمىدىم، ئەمىن ئۆي مەبلىغىنى ۋاقتىدا قايتۇرالمىدىم، ئائىلە باشلىقلىق مەسئۇلىيتىمنى تۇلۇق ئادا قىلالمىدىم. شۇڭا تەشكىل بەرگەن جازانى ئۈن-تۈنسىز قوبۇل قىلدىم.

فىرانسىيەنىڭ ئىككىنچى جاھان ئۇرشى مەزگېلىدىكى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پاۋېل رېينولد (1818-1966) 1940-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى رادىئو نوتۇقىدا «تەقدىر كىشىلەرنى نىمە قىلىشنى بىلمەيدىغان ھالغا  چۈشۈرۈپ قويغان چاغدا، مەن پۈتۈن دۇنياغا فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ باتۇرلۇقىنى، جەڭچىللىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىقىنى، ۋە قۇماندانىمىزنىڭ باتۇرلىقىنى ئۈنلۈك جاكالايمەن.» دېگەن ئىدى.مەنمۇ 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن كېيىن، نىمە ۋە قانداق قىلىشنى بىلمىگەن بىر ئەھۋالدا مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن، مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىكىگىچە، ئىدارە رەھبەرلىكىدىن قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتىكوم دائىمى ھەييىتىگىچە ۋە ھەتتا ئەتراپىمدىكى خىزمەتداش، يېقىن يۇرۇقلىرىمغىچە ماڭا ۋە مېنىڭ ئائىلەمگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ياردەمدە بولۇپ، ماڭا ۋە ئايالىمغا ئۆگىنىش، ئۆزىمىزنى ئوپراتسىيە قىلىش، ئۆزگىرىش پۇرسىتى يارتىپ بەردى. بۇ جەريادا ۋىن شۇجى جۈملىدىن ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ ئۆگىنىش، ئۆزگىرىش ۋە داۋامىمىزغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئەۋەر تاجى قەرەللىك يىتەكلەپ،يول كۆرسىتىپ، ئۆگىنىش ماتىريالىمىزغا، ئۆزىمىزنى تونىشىمىزغا،ئوقۇتقۇچىلىق جۈملىدىن ئادىمىيلىك قىممىتىمىزنى تونۇشىمىزغا،تىز ئۆزگىرىپ، ئەسلىدىكى سەپكە بالدۇرراق قايتىپ كېلىشىمىزگە كۆرسەتمە بېرىپ تۇردى.

     دېمەك مەن، ئەڭ پاسسىپ ئەھۋالدا قالغاندا ھېسداشلىققا ئېرىشتىم، مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشتىم، توغرا يول كۆرسىتىشكە ئىرىشتىم،ساناقسىز ياردەمگە ئېرىشتىم. مەن بۇ ياخشىلىقلارنى رېينولدقا ئوخشاش پۈتۈن دۇنياغا جاكالاپ كېتەلمىسەممۇ، كۆپچىلىنىڭ ئالدىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.سۆيىنىش ۋە رازىمەنلىك بىلەن شۇنى يەنە تىلغا ئالىمەنكى سوۋ سوۋ چوڭ يونى تاشلاپ، خۇا رۇڭ يولىدا مېڭىپ، كۈەن يۈنىڭ كەچۈرۈمىگە نائىل بولغاندەك ئۆگىنىش قىلىپ ئۆزۈمنى ئوپراتسىيە قىلىپ، ئۆزگىرىش كەچۈرىمىگە ئېرىشتىم.

كونكىرت ئادەمدە نىشان ئېنىق بولسىلا ئۇنىڭ ئۆزگەرمىكى مۇشكۈل ئەمەس، ئەلۋەتتە. 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى «ئاپتونۇم رايوننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنى»  دىن كېيىن يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجدىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكى قايتا تونۇتۇلدى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇنداق ئالتە تەرەپتىكى خىزمەتنى نوقتۇلۇق چىڭ تۇتۇش كېرەك دەپ كۆرسەتتى.

‹1› كۆپ خىل تەتبىرنى تەڭ قوللىنىش، ئۇنۋېرسال سىياسەت يۈرگۈزۈش، ئىجدىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقۇم بولىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.

‹2› ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تىنچ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

‹3› مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى بويۇنچە نەمۇنىلىك رايۇن بەرپا قىلىش كېرەك.

‹4› دىنلار ئىناقلىقى، مۇلايىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزىم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

‹5› تەرەققىياتنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، تىز، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا قاپالەتلىك قىلىش قېرەك.

‹6› ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تىرشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

دېمەك، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى مەرگىزى كومتېت باش نىشاننى كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى كونكىرىت خىزمەت ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.شۇڭا مەن بۇندىن كېيىنكى ئۆگىنىش، خىزمەت، كىشىلىك مۇناسىۋەت، سۆز-ھەركەتتە مۇقۇملۇق ھەممىنى بېسىپ چۈشۈدۇ دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقۇملۇقنى قوغداشنى بارلىق خىزمەتلىرىمنىڭ ئالدىغا قويۇپ،يۈكسەك ھۇشيارلىقنى ساقلايمەن. ئېدىئولوگىيە ساھەسىنىڭ قەتئىي بىخەتەر بولىشىغا كۈچ قېتىپ،بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۆرشىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولدىن بەرمەيمەن. مائارىپ ئىشلىرىدا خەلىققە نەپ يەتكۈزۈشنى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ،قەلىپلەرنى ئىللىتىش ئىشلىرىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىدا چىگرانى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىدا، ھەرمىللەت ئاممىسى ئارسىدىكى ئالاقىلشىش، ئالماشتۇرۇش،ئارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەركىتىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشتە ئاۋانگارتلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇمى يۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىمەن.ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپ چىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، تەبىئىي مۇھىتنى قوغدىغانلىق بايلىقنى قوغدىغانلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ،مۇھىت بىلىمى ۋە مۇھىت ئېڭىمنى تېخىمۇ تاۋلايمەن. ئۈچ ئايلىق ئۆگىنىش شۇنى ئۈگتتى: ئۆزۈمدىكى مەۋجۇت مەسىللەرگە قارىتا باھانە ئىزدىمەي، ئالدى بىلەن ئۆزۈمدىن ئىزدەيمەن. كۆپچىلىك ئويلىشىپ باقساڭلا، بالا بولماقمۇ، نادان بولماقمۇ، ساراڭ بولماقمۇ ئاسان بولىدىكەن؛ لېكىن، تۇرمۇش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ،ئەقىل -پاراسەتتە چوڭ بولۇپ، پىشقان،سالماق ۋە ئىغىر - بېسىق بولىۋالغىلى بولمايدىكەن.

ئازاق يېزىسىنىڭ مەييى كەنتىگە «ئەلنى مايىل قىلىش»، «ئەل رايىنى بىلىش»، «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» خىزمىتىگە چۈشكەن رەھپەر ۋە خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ئەپۇ سورايمەن، ئۇلاردىن ھال سورايمەن.

رەھبەرلەر! خىزمەتداشلار!

يۇقارقىلار مېنىڭ ئىش ئورنىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ئۈچ ئايدىكى ئۆگىنىشتىن ئالغان تەسىراتلىرىم ۋە ئىرادەم. قايىل قىلارلىق بولمىغان تەرەپلىرى بولسا تەنقىت ۋە كۆرسەتمە بېرىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ ئاڭلاپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت.
ھۆرمەت بىلەن: ئىلھام ئەھمەد تاشتېكىن
2016 يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى
bagdax

6

تېما

0

دوست

651

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82832
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 181
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 04:49:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما

23

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 51
تۆھپە : 3876
توردىكى ۋاقتى: 784
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-23

قىزغىن ئەزا پىداكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 07:32:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نىمەدەپ ئىنكاس يېزىشنى بىلمىدىم تىمىنى ئوقۇپ

3

تېما

0

دوست

3863

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6277
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 1133
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 10:10:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللىرىمىز بېشىغا  ياغلىق ئارتسا (چىگسە) بولمايدىغىنى ھەممە يورتتىكى خىزمەتچى ئائىلىسىدە بار ئىشمۇ نىمە؟؟؟،ئىچىم ئاچچىق بولدى ،تەكشۈرۈشنامىڭىزنىڭ قۇبۇل بۇلىشىغا تىلەكداشمەن
bagdax

4

تېما

3

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62812
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 430
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 10:49:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدىكى ئۆزگۈرەش چوڭ ،ئۈچ ئاي سىياسىنى ياخشى ئۆگۈنۈپسىز ،سىزدىكى ئۆزگىرەش ئىدىيەسى قايىل قىلارلىق ،كەمىنە قايىل بولماي تۇرالمىدىم ،تولىمۇ ئەستايىدىل ئىكەنسىز،مىنىڭچە سىز كىشلىك مۇناسىۋەتنىمۇ ئۆگۈنۈپ قوياڭ ،ھازىر ئازتولا خۇشامەت قىلىشنى بىلمىسە جان باقماق تەس بولۇپ كەتتى ،يالغاندىن بولسىمۇ قىلىپ قويۇڭ

2

تېما

14

دوست

2867

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56316
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 865
توردىكى ۋاقتى: 230
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 12:10:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ توغرا ئېيتىلـمىغا ئېنىقلىما ھەققىدىمۇ تەپسىلىيراق خەۋەر بېرىڭ !
بىزمۇ « تەكشۈرۈشنامە » ڭىزگە ئەستايىدىل قاراپ چىقايلى ....

0

تېما

0

دوست

3508

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34915
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1086
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 12:18:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچبىر تۆۋىنامىدەك قىلمايدىغۇ.،..

4

تېما

3

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62812
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 430
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 15:12:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: تەكشۈرۈشنامە

irpan0998 يوللىغان ۋاقتى  2016-10-28 12:18
ھېچبىر تۆۋىنامىدەك قىلمايدىغۇ.،..

تۆۋىنامە دىسەك بولمايدۇ بۇرادەر ،تەكشۈرۈش نامە دەڭ (مەسخىرە ئارلاش كۈلگەن چىراي ئىپادىسى (
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )