جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى 27-ئۆكتەبر خەۋىرى: باغداش تورى تەرجىمىسى
يېقىندا «دۇبەي تىلەمچىلىرىنىڭ ئايلىق كىرىمى 470 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن» دېگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار توردا كەڭ تارقالدى. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، سودا ۋىزىسى ياكى ساياھەت ۋىزىسى ئېلىپ دۇبەيگە بارغان نۇرغۇن كىشى كوچىدا تىلەمچىلىك قىلغان ۋە ھەر كۈنى 9000 مىڭ دەرھەم (تەخمىنەن 16 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) پۇل تاپقاق. نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن قىزىقچىلىق قىلىپ، خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، دۇبەيگە بېرىپ تىلەمچلىلىك قىلغۇسى كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنداقتا دۇبەيدە تىلەمچىلىك قىلسا راستىنلا شۇنداق كۆپ پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟ مۇخبىر يېقىندا دۇبەي ساقچى ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلاشقان، ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، دۇبەيدە ھەقىقەتەن تىلەمچلىك قىلىپ جان باقىدىغانلار بار ئىكەن، ئەمما تىلەمچىلىك قىلىش بۇ جايدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ چەكلەنگەن ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، شۇڭلاشقا ساقچىلا ئىزچىل بۇ خىل تىلەمچىلىك قىلىش ھەرىكىتگە قاتتىق زەربە بېرىپ كەلگەن.
دۇبەي ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۇبەي ھۆكۈمىتى بىلەن ساقچى تەرەپ ھازىر ھەمكارلىشىپ بىر تۈرلۈك كەسپىي تىلەمچىلەرنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، 1- پەسىلدە دۇبەي ساقچىلىرى جەمئىي 59 تىلەمچىنى قولغا ئالغان. ئىگىلىنىشىچە، قولغا ئېلىنغان بۇ تىلەمچىلەرنىڭ ھەممىسى چەتئەللىكلەر بولۇپ، ھېچقايسىسى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پۇقراسى ئەمەسكەن. |