قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1041|ئىنكاس: 10

دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

651

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82832
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 181
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 04:06:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


باغداش تورى مەخسۇس خەۋىرى:

2016-يىلى 26-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىلەر ئەتراپىدا، مىھرىبان ساقچىلار خەيرى-ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان ئەپەندى، جىددىي ئىشلار پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇمىجىت توقسۇ ئەپەندى، شىنجاڭ ئوتتۇز ئوغۇل كارخانىچىلار مۇنبىرىنىڭ مەسئۇلى تاھىر ئىمىن ئەپەندى ۋە سەفىيە شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ساخاۋەتچى كارخانىچى ئامىنە خانىم قاتارلىقلار بىرگە ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۈچ ياشلىق پەرىشتە قىزىمىز پەرىزەنى يوقلاپ كېلىپ، 36 مىڭ 600 يۈەن نەق پۇلنى پەرىزەنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇردى، بۇ بىر جۈپ ياش ئاتا-ئانا توختىماستىن ساخاۋەت ئىگىلىرىگە رەھمەت ئېيتىۋاتاتتى، ئەسلىدىنلا ئوماق قىزىنىڭ كېسەل ئازابى تارتىۋاتقىنىغا چىدىماي يۈرەكلىرى ئېزىلغان پەزىلەت بولسا ساخاۋەت پۇلىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن ھېچبىر تونۇشمايدىغان بۇ سۆيۈملۈك «ناتونۇش» كىشىلەرنىڭ بەس-بەستە ياردەم قوللىرىنى سۇنۇشىدىن چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتنى ھېس قىلىپ تېخىمۇ ئېزىلىپ يىغلاۋاتاتتى...


ئوماق قىز پەرىزە ئەمدىلا ئۈچ يېرىم ياشقا كىرگەن بولۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقىنىغا بىر ھەپتە بولدى. ئاپىسى پەزىلەتنىڭ دېيىشىچە پەرىزە ئىككى ئاي بۇرۇنلا قان پىلاستىنكىلىرى زىيادە كەمچىل بولۇش سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرىنىڭ قان پىلاستىنكىسى تەقدىم قىلىشى بىلەن پەرىزەنىڭ ھەر تۈرلۈك سالامەتلىك كۆرسەتكۈچى نورماللىشىپ، «ئاق قان كېسىلى بولىشى مۇمكىن» دېگەن قاراشمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنغانىدى. بىراق ئويلىمىغان يەردىن نەچچە كۈن بۇرۇن پەرىزەدە توساتتىن چىرايى ئاقىرىش، قىززىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، نەتىجىدە ئاق قان كېسىلى دىياگنوزى قويۇلدى. بۇ بىر جۈپ ياش ئاتا-ئانا شۇم خەۋەردىن ئۆزلىرىنى يوقىتىشتى.


نەچچە كۈن بۇرۇن پەزىلەت ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە «قان پىلاستىنكىسى تەقدىم قىلغۇچىلارنى ئىزدەشمۇراجىئەتنامىسى» ئېلان قىلغانىدى. ئېغىر كېسەللىكلەرنى كۆزىتىش ئۆيىنىڭ كۈنلۈك چىقىمى 7000 يۈەندىن ئاشاتتى. ياش دادا مەردان شىنجاڭ گېزىتى باسمىچىلىق مەركىزىدە ئىشلەيدىغان بولۇپ، پەزىلەت ئائىلە ئايالى ئىدى، ئىككەيلەننىڭ يەنە بىر كىچىك قىزى بار بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىللىك داۋالىنىشتىلا بارلىق مال-بېساتى تۈگەپ، نۆۋەتتىكى داۋالىنىش زور سوممىسى بېشىنى قاتۇرىۋاتاتتى.


25-ئۆكتەبىر سائەت 12 لەردە، ئاپتونۇم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆھرەت شاۋكەت «شىنجاڭ ياشلىرى تور ساخاۋەت توپى» دا ھەر قايسى پىدائىيلار ئەترىتى، ساخاۋەت كوللىكتىپلىرىنى «پەرىزە قىزىمىزغا ئىئانە يىغىشقا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇش» قا چاقىرىق قىلدى.

مىھرىبان ساقچىلار خەيرى-ساخاۋەت ئەترىتىتۇنجى بولۇپ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، ساخاۋەتچى ساقچىلار مەسئۇلى، يەنى تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى تۇرغۇنجان تۇرسۇن بىرىنچى ۋاقىتتا بۇ ئۇچۇرنى ساخاۋەتچى ساقچىلار توپىغا يوللىدى، ئىگەللىنىشچە بۇ ساخاۋەت توپى پۈتكۈل شىنجاڭدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى ۋە قوراللىق قىسىم ساقچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، شۇ كۈنىلا 15 مىڭ يۈەن ئىئانە يىغىلغانىدى. تۇرغۇنجان تۇرسۇن بارلىق ساخاۋەتچى ساقچىلارغا ۋاكالىتەن : «بۇ بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز» دېدى.


شۇ كۈنى كېچىسى جىددىي ئىشلار پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇمىجىت توقسۇ ئەپەندى يېرىم كېچىدە «ئانا مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭ، مېنىڭ ياشىغۇم بار !» تېمىسىدىكى مۇراجىئەتنامىنى تەييارلاپ، كېچىچە 216 توپقا يوللاپ، تاڭ ئاتقىچە بولغان قىسقىغىنە ۋاقىتتا 52 مىڭ يۈەن يىغىلدى.


ساخاۋەتچى كارخانىچى، سەفىيە شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، پەرىشتە سۈپەت ھەدىمىز ئامىنە خانىم ئىئانە سوممىسىنىڭ كەملىگەنلىكىنى ئاڭلاپ جەمئىي 23 مىڭ 230 يۈەن ئىئانە قىلدى.


شۇ كۈنى كېچىسى سائەت 11 لەردە شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى «قېرىنداشلار» جامائەت پاراۋانلىقى فوند جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇربىيە مەمەت «قىزىم ئەمدىلا ئۈچ يېرىم ياشقا كىردى، پەرىشتەمنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىڭلار !» تېمىسىدىكى مۇراجىئەتنامىنى ئېلان قىلدى، ئويلىمىغان يەردىن قىسقىغىنە 15 سائەتتە 300 مىڭ يۈەن يىغىلدى. بۇ مۇراجىئەتنامىنى يوللىغان نۇربىيە مەمەت مۇنداق دېدى : «مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كۈچى ھەقىقەتەن چەكسىز ئىكەن، بۇ قېتىملىق ئىئانە يىغىشقا ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق ۋە باشقا ھەر مىللەتتىكى قېرىنداشلار بىردەك قاتناشتى، ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئاكتىپ كۈچ قوشتى».

تاكى 27-چېسلا سائەت 13:00 كە قەدەر، جەمئىي 450 مىڭ ئىئانە يىغىلدى.


مېھىر-مۇھەببەت دولقۇنى پەسەيمىدى

پەرىزە قىزىمىزغا ساخاۋەت پۇلىنى تاپشۇرۇپ، خوشلاشقاندىن كېيىن قايتىشقا تەمشەلگىنىمىزدە شۇ قەۋەتتە تۇرۇشلۇق يەنە بىر جىددىي ياردەمگە موھتاج مىسكىنلەرنىڭ مەسئۇل دوختۇرى، جىددىي ئىشلار پىدائىيلار ئەترىتى جىددىي پەرىشتىلەر توپىنىڭ مەسئۇلى ئارزىگۈل دوختۇر يەنە بىر ئائىلە مىسكىنلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئابدۇمىجىت توقسۇ ئەپەندى بىلەن ئامىنە خانىمغا يەتكۈزدى.


خوتەن لوپتىن كەلگەن بۇ ئەر-ئايال ئىككەيلەن قىزىنىڭ قورسىقىدىكى ئۆسمىنى داۋالىتىش ئۈچۈن پۈتكۈل مال-بىساتىنى سېتىپ تۈگەتكەنىدى.


بالىنىڭ تەلتۆكۈس ساقىيىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولۇپ، پەقەت ئىقتىساد مەسىلىسىلا بار ئىدى، بالىنىڭ كېسىلىنى تەلتۆكۈس داۋالىتىش ئۈچۈن، ئەر-ئايال ئىككەيلەن تاماق يېمىگىنىگە ئۈچ كۈن بولغانىدى.


بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن سەفىيە شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئامىنە خانىم 15 مىڭ يۈەننى بالىنىڭ داۋالىنىش كارتىسىغا سېلىپ بەردى، ھەمدە ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ تاماق خىراجىتى ئۈچۈن يەنە 2000 يۈەن نەق پۇل تۇتقۇزدى، جىددىي ئىشلار پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇمىجىت توقسۇ ئەپەندىمۇ بەش مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.


ئامىنە خانىم بۇ بىر ئائىلىگىمۇ ياردەم قولىنى سۇنغاندىن كېيىن : «ئىگىمىز بىزنى بۈگۈن مۇشۇنداق كاتتا ئىشلارغا ئۇچراتقۇزدى،ئەسلىدە بىزنىڭ تەلىيىمىز بار ئىكەن. ھەممە ئىنسان پۇل تاپالايدۇ، ھەم پۇلغا مەڭگۈ تويمايدۇ، بىراق ھەقىقىي ھاجەتمەن قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنغىنىمىزدا قەلبىمىز ئالەمچە تويىنىدۇ» دېدى.


ئامىنە خانىم بىلەن ئابدۇمىجىت توقسۇ ئەپەندىنىڭ بالىنىڭ داۋالاش كارتىسىغا پۇل ئۇرغان ھېسابات تالونى.


ئاخىرىدا بارلىق ئاق كۆڭۈل، ساخاۋەتخۇمار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردىمىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى :

ئوماق پەرزەنتىڭىزنىڭ ساغلاملىقى، ئائىلىڭىزنىڭ تىنچ-ئامانلىقى، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخت-سائادىتى، چوڭلارنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن بولسىمۇ پەرزەنتىڭىزنى ئەخلەت يېمەكلىك، ئەخلەت ئىچىملىكلەردىن يىراق قىلىڭ !
bagdax

4

تېما

33

دوست

3549

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38521
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1110
توردىكى ۋاقتى: 441
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 13:20:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئوماقلارنى كۆرگىنىمدە ئىچىم شۇنچىلىك سىيرىلدى . بىرقۇر كىيىمنى كېيىمىگىنىمىزگە ، ئىككى - ئۈچ كۈن غورىگىل تاماق يىگىنىمىزگە ھېچنىمە بۇلۇپ قالمايمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق تورداشلارنىڭ بۇنداق ئەھۋاللارغا يۇلۇققاندا ئۆزلىرىنىڭ ئاز بولسىمۇ ساخاۋەت قولىنى سۇنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
قىسقىغىنا ھاياتىمىزدا ئۆمرىمىزنى ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلساق ئىككىلا دۇنيادا ئۆكۈنمەيمىز . چۈنكى ئىنسان ئۆزىنىڭ  قاچان ، قانداق ۋاقتتا ، قانداق جايدا جان تەسلىم قىلىشنى بىلمەيدۇ .

ياخشلىق ھەممىمىزگە يار بولسۇن !!!!!

5

تېما

25

دوست

790

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82630
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 15:02:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخاۋەتچى كارخانچىلار.ساقچى ئوفىتسىرلار،ھەرساھەدىكى تىجارەتچى قېرىنداشلاردىن شۇنداق سۇيۇندۇم ...ھەم سىلەردىن پەخىرلەندىن ...ئوماق قىزنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشىغا تىلەك داشمەن ...ئىچىم ئەجەب سىرىلدى.  

3

تېما

46

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 3277
توردىكى ۋاقتى: 368
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-26

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 20:21:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر ئەمەس ئەركەك دىگەن مۇشۇنداق بولىدۇ
bagdax

3

تېما

46

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 3277
توردىكى ۋاقتى: 368
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-26

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 20:46:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە باشقىلارغا مىھىر بىرىش ئارقىلىقمۇ خوشاللىق تاپقىلى بولىدۇ.

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

9781

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3024
توردىكى ۋاقتى: 774
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 20:59:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا مىھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەل.
ساخاۋەتچى قىرىنداشلار  خەلق سىلەرنى  ئۇنتىمايدۇ.

4

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 1295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 4224
توردىكى ۋاقتى: 1363
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-11

قىزغىن ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-28 22:02:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ساخاۋاتچى قېرىنداشلارنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت بەرگەي . ئوماق قىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرگەي . دۇنيا مېھرى - مۇھەببەتكە تولغاي . ئامىن .

0

تېما

3

دوست

2392

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49959
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 717
توردىكى ۋاقتى: 342
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-29 04:17:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالمىچە يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ .
ئىشلىرىڭلار بەرىكەت تاپسۇن ئوغلانلار !! سەن ئەلگە بىر غۇنچە بەرسەڭ ، ئەل ساڭا گۈل دەستە بىرىدۇ .
ئاپىرىن سىلەرگە ئەركەكلەر !!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )