- تىزىملاتقان
- 2016-4-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-10-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4595
- نادىر
- 0
- يازما
- 465
ئۆسۈش
86.5%
|
چىنلىق ھەققىدە ناخشاكىشىلىك تۇرمۇشتا زىددىيەتتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. ئادەتتە «ئۇلار دۈشمەنلىشىپ قالدى» دېگەن جۈملىگە قارىغاندا «ئۇلار دۈشمەنلىشىپ كەتتى» دېگەن جۈملىنىڭ مەنىسى سەل چوڭقۇر بولۇشى مۇمكىن. يەنى «ئۇلار دۈشمەنلىشىپ قالدى» دېگەن جۈملە بىلەن «ئۇلار دۈشمەنلىشىپ كەتتى» دېگەن جۈملە گەرچە ئوخشاش ئۇقۇمنى ئىپادىلىسىمۇ، ئەمما ئالدىنقىسىغا قارىغاندا كېيىنكىسىنىڭ مەنىسى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئالدىنقىسىدا ئىككى كىشىنىڭ مۇنداقلا دۈشمەنلىشىپ قالغانلىقى ئىپادىلەنسە، كېيىنكىسىدە ئىككى كىشىنىڭ قاتتىق دۈشمەنلىشىپ قالغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. ئىككى كىشىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق دۈشمەنلىشىپ ئۆچەكىشىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن چاغدىكى ئەھۋالنى «ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق بولۇشۇپ كەتمەك» دېگەن ئىدىيوم بىلەن ئىپادىلىسە، ئىككى كىشىنىڭ ئۆچەكىشىپ قېلىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەنلىك مەنىسى تولۇق ئىپادىلىنىشى مۇمكىن.
بەلكىم مۇنداق ئەھۋالنى ئىپادىلەشتە ئۇيغۇر تىلىدا مەنىسى بۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك ئىدىيومنىڭ بولۇشى ناتايىندۇر. چۈنكى، «ئاق تاغلىق» ۋە «قارا تاغلىق» دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسى پەقەتلا ئىككى كىشى دۈشمەنلىشىپ ئۆچەكىشىش باسقۇچىغا ـــ بىرى يەنە بىرىنى غەزەپ چىشلىرىنى بىلەپ «چايناپ پۈركىۋېتىش» باسقۇچىغا يەتكەن چاغدىكى ھالەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. مۇنداق قورقۇنچلۇق ھالەتنى باشقا ئىدىيوم ياكى سۆز بىلەن ئىپادىلىسە، ئۇقۇم مۇكەممەل ئىپادىلەنمەيدۇ. يەنە تېخى بۇ قاراشنى بۇ ئىككى سۆزنىڭ كېلىپ چىقىش جەريانى ـــ ئارقا كۆرۈنۈشىمۇ يېتەرلىك ئىسپاتلايدۇ. مەسىلەن، «ئاق تاغلىق» ۋە «قارا تاغلىق» سۆزلىرىنىڭ ئىدىيومغا ئايلىنىپ خەلقىمىز ئارىسىغا كەڭ تارقىلىشى مۇشۇ سەۋەبتىندۇر. ئۇنداقتا «ئاق تاغلىق» ۋە «قارا تاغلىق» سۆزلىرى، توغرىراقى «ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق بولۇشۇپ كەتمەك» دېگەن ئىدىيوم قالداق كېلىپ چىققان؟ بۇ ئىدىيومنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇنداق بىر تارىخىي ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك: 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بۇخارادىن كاشغەرگە كەلگەن ئىشان مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئىمام كالان ۋە ئىسھاق ۋەلى ئاتلىق ئىككى ئوغلى بولغان. مەخدۇم ئەزەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن مەزكۇر ئاكا- ئۇكا ئىككىيلەن تەسەۋۋۇپ تەلىماتىنى ۋە ئۆزلىرى ياقلايدىغان دىنىي ئەقىدىلەرنى كەڭ تارقىتىش مەقسىتىدە ھەر قايسىسى ئۆز ئەتراپىغا مۇرىت توپلايدۇ. كېيىنچە، بۇ ئاكا- ئۇكا ئىككىيلەننىڭ مۇرىتلىرى كۆپىيىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئىككى چوڭ دىنىي مەزھەپنى شەكىللەندۈرىدۇ.ئىمام كالان ئۆز مەزھىپىگە «ئىشقىيە» دەپ ئات قويىدۇ، ئىسھاق ۋەلى باش بولغان مەزھەپ «ئىسھاقىيە» دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىنچە، خەلق ئارىسىدىكى ئىمام كالاننىڭ ئىشقىيە مەزھىپىگە مۇرىت بولغانلار ۋە ئۇلارنى ياقلايدىغانلار «ئاق تاغلىق»لار دەپ، ئىسھاق ۋەلىنىڭ «ئىسھاقىيە» مەزھىپىگە مۇرىت بولغانلار ۋە ئۇلارنى قوللايدىغانلار «قارا تاغلىق»لار دەپ ئاتىلىدۇ (ئىزاھات: مەزكۇر «ئاق تاغلىق»لار ۋە «قارا تاغلىق»لار دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە مۇنداق چۈشەندۈرۈشمۇ بار.
مەسىلەن، ئىمام كالاننىڭ ئىشقىيە مەزھىپىدىكىلەر ئۆز زامانىسىدا ئۆزلىرىنىڭ پىرىنى دوراپ بېشىغا ئاق سەللە ئورىغان؛ ئىسھاقىيە مەزھىپىدىكىلەر بولسا قارا سەللە ئورىغان. نەتىجىدە، «سەللە» كەلىمىسى ئەينى زامان ئوتتۇرا ئاسىياسىدا ئورتاق ھالدا تۈركچە «تاقىي» ئىبارىسى بىلەن ئاتالغاچقا، ئاق سەللىلىكلەر ئۆزلىرىنى «ئاق تاقىيلىقلار» دەپ ئاتىغان، قارا سەللىلىكلەر بولسا «قارا تاقىيلىقلار» دەپ ئاتىغان. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەزكۇر «ئاق تاقىيلىقلار» ۋە «قارا تاقىيلىقلار» ئاتالغۇسى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش قىلىپ، «ئاق تاغلىقلار» ۋە «قارا تاغلىقلار» بولۇپ قالغان). بۇ ئىككى مەزھەپ تارىختا دىنىي تەسىر دائىرىسى تالىشىپ ئايىغى ئۈزۈلمەس نىزا- جاڭجاللارنى قىلغان. شۇنىڭدىن بۇيان، «ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق بولۇشۇپ كەتمەك» دېگەن بىرىكمە سۆز ئىككى ئادەم ياكى ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى قىلچە ئەھمىيەتسىز ئىناقسىزلىقنى كۆرسىتىدىغان ئىدىيوم بولۇپ قالغان (پىروفېسسور ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىنىڭ «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى ۋە لېكسىكا تەتقىقاتى» ناملىق كىتابىنىڭ 137 ـــ 138- بەتلىرىەە قارالسۇن).
ھەقىقەتەن 16- ئەسىردىن تاكى يېقىنقى زامانغىچە ئاق تاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ دىنىي ۋە سىياسىي تەسىر دائىرىسى تالىشىپ، ھېسابسىز جەڭگى- جېدەللەرنى قىلغان. بۇ جەڭگى- جېدەللەرنىڭ كاساپىتىدىن خەلقىمىز مىسلىسىز زىيانلارنى تارتقان، ئەدىبلىرىمىزنىڭ كۆزلىرىدىن يۇم- يۇم ياش ئاققۇزۇۋەتكەن. شۇنىڭغا، خەلق ئارىسىغا «ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق بولۇشۇپ كەتمەك» دېگەن ئىدىيوم كەڭ تارقالغان ۋە خۇددى باشتا دېگىنىمىزدەك ئارازلىشىپ، دۈشمەنلىشىپ، ئۆچەكىشىپ كەتكەن ئىككى كىشىنىڭ غەزىپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى ئىپادىلەيدىغان ئىدىيوم بولۇپ قالغان. مۇنداق قورقۇنچلۇق ئەسەبىي ھالەتنى ئىپادىلەشتە بەلكىم بۇنىڭدىن كۈچلۈك ئىدىيوم يوق بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىدىيوم بىزگە كىشىلەرنىڭ ئىناق- ئۆم ياشىمىسا، بەلكى ئارازلىشىپ- دۈشمەنلىشىپ- ئۆچەكىشىپ، تەرەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتسە، مۇقەررەر ھالدا مىسلىسىز ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭغا مۇنداق ئېغىر ئاقىۋەتكە قالماسلىق ئۈچۈن ئۆم- ئىناق ياشىشىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىر جانلىق دەرسلىك سۈپىتىدە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. «ئاق تاغلىق» ۋە «قارا تاغلىق» بولۇشۇپ كەتكەنلەر پېشانەڭلەرنى راسا بىر سىيلىۋېتىپ، «تاقىيلىق»لارنى مېھىر بىلەن قۇچاقلىغايسىزلەر. شۇ چاغدا ئەندىشە ئىچىدە سوقۇۋاتقان يۈرىكىڭلەر مەردانە سادادا سوقۇشقا باشلايدۇ. لېكىن، يۈرەكنىڭ مۇنداق سوقۇشى قەلبنىڭ مىسلىسىز چىنلىقىغا باغلىقتۇر. |
|