توغۇرچىن
ئالدىنقىلار ئاچقان يوللاردا مېڭىپ، كارۋانلار يولىدا راۋان بولىدۇ. شۇ ئىز سالغۇچىلار ئاچقان يولنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەسلىك بەلكى ئەڭ بەخىتسىزلىك بولسا كېرەك. جەمئىيتىمىزنىڭ ، مىللىتىمزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، چەتئەلدە ئوقۇشنى تاللايدىغان ياشلىرىمىز كۆپىيىشكە باشلىدى. ئەلۋەتتە بۇنى ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلساق ئىجابىي تەرەپلىرى سەلبىي تەرەپلىردىن كۆپ، كىشىنى خوش قىلىدىغان ياخشى يۈزلىنىش. لېكىن يەنىلا چەتئەلدە ئوقۇش بىر قىسىم ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى كىشلەر كۆپرەك ئېرىشەلەيدىغان پۇرسەت بوپ قالدى. چۈنكى ئۇلار چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن ئىقتىسادنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىمايدۇ. تەرەققىي تاپقان كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە ئەلۋەتتە پۇل ئارقىلىق ياخشى بولغان ئوقۇش شارائىتىگە ئېرىشىش بىز قۇبۇل قىلالايدىغان ھەقىقەت. لېكىن جەمئىيتىمىزدىكى تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك ئائىلىدە چوڭ بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى يەنىلا قېيىن مەسىلە بولۇپ قالماقتا. لېكىن مەن موسكىۋادا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاش جەريانىدا بۇنىڭ يولىنى تېپىپ چىقتىم، مەن بۇ ماقالە ئارقىلىق سىلەرنى روسىيەدە ئوقۇش توغۇرلۇق پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىيەلىسەم، بىر ياشنىڭ بولسىمۇ ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولالىسام بېشىم كۆككە يەتكەندەك بولىمەن.
روسىيەنىڭ قىسقىچە تارىخى
ئۆزى بېرىپ ئوقۇماقچى بولغان دۆلەتنى چۈشىنىش ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن، روسىيىنىڭ تارىخى توغۇلۇق ئازىراق توختالماقچىمەن.
روسىيە - سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن قۇرۇلغان فىدراتسىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، قسىقارتىلىپ روسىيە ياكى روسىيە فىدراتسىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. روسىيە فىدراتسىيىسىدە 22 ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت، 46 ئوبلاسىت، توققۇز چىگرا رايون، تۆت ئاپتونۇم رايون، بىر ئاپتونۇم ئوبلاسىت بار. روسىيەدە 193 مىللەت بار ، روسلارنىڭ سانى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %81 نى ئىگلەيدۇ.
روسلارنىڭ ئەجدادلىرى بولسا سىلاۋىيانلارغا تەۋە روس قەبىلىسىدۇر، 15 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا كىنەز ئىۋان Ⅲ موسكىۋا كىنەزلىكىنى قۇرۇپ چىقتى. 1547 – يىلى كىنەز ئىۋان Ⅳ ئۆزىنى چارروسىيەنىڭ پادىشاھى دەپ ئاتاپ، تارىختىكى تۇنجى چارروسىيە پادىشاھى بولۇپ قالدى. 1721 – يىلى پېتىر Ⅰ روسىيە ئىمپىرىيسىنى قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن باشلاپ روسلارنىڭ ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە بولغان كېڭەيمىچىلىكى باشلاندى. چارروسىيەنىڭ تىئوتېرىيىسى تېز سۈرەتتە كېڭىيىشكە باشلىدى. 1917 – يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى يۈز بېرىپ، سوۋېت روسىيىسى قورۇلدى . 1922 – يىلى سوۋېت جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى رەسمىي قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئامرىكا بىلەن دۇنيانىڭ غوجىدارلىقىنى تالىشىشقا باشلىدى.
1991– يىلى 12 ئاينىڭ 25 – كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى پاچىلانغاندىن كېيىن، سوۋېت تەركىبىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر مۇستەقىللىق جاكارلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنمۇ روسىيە يەنىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنجى چوڭ ھەربىي دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. روسىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو قورال بازىسىغا ئېرىشىپ، دۇنيادىكى تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك چوڭ دۆلەت بولۇپ قالدى.
روسىيەنىڭ تېخنىكىسى
1960 – يىلى 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى بولۇپ، ئالەم كېمىسى قويۇپ بەردى، ئىككىنجى يىلى ئالەم بوشلۇقىغا ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى چىقاردى. بۇ دۇنيادىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى. روسلارنىڭ ھەرخىل ئېغىر سانائەت ۋە ھەربىي سانائىتى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تۇرىدۇ. بىز بۇ ئىلغار تېخنىكىلار كەينىدىكى روسىيە مائارىپىنىڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلغانلىقىنى، شۇ مائارىپ تۈزۈملىرى يۈرگۈزۈلىۋاتقان مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋالالايمىز ھەمدە روسلارنىڭ بىلىم ئۆگىنىش روھىنىڭ كۈچلۈكلىكىگە قايىل بولمايمۇ تۇرالمايمىز.
روسىيەنىڭ مائارىپى
روسىيە مائارىپى - يەسلى مائارىپى، ئادەتتىكى مائارىپ، ئالىي مائارىپ دەپ ئۈچ تارماققا بۆلىنىدۇ. روسلار بالا تەربىيىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، پەرزەنتىنىڭ كىچىكىدىن ياخشى تەربىيلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. موسكىۋانىڭ ئۆزىدىلا 30 دىن ئارتۇق ئونۋېرسىتېت بولۇپ، بۇ ئونۋېرسىتېتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان ئالىملار بار. روسىيەنىڭ ئونۋېرسىتېتلارنىڭ دۆلىتىمىزىدىكى ئونۋېرسىتېتلار بىلەن بولغان بىردىنبىر پەرقى شۇكى ئونۋېرسىتېتتىكى ئوقۇتقۇچى بايلىقى ناھايىتى مول. ئادەتتىكى بىر ئىنستېتۇتلاردىمۇ ئون يىگىرمە ئاكادېمىك بولۇش نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە روسىيە ئونۋېرسال كۈچ جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزىلىدۇ. سىز قايسى كەسىپتە ئوقۇماقچى بولۇڭ، شۇ كەسىپنى يولغا قويغان ۋە شۇ كەسىپتىكى داڭدارلار يىغىلغان مەكتەپلەرنى موسكىۋادىن تاپقىلى بولىدۇ. روسلار مەيلى تەبئىي پەن كەسىپلىرىدە بولسۇن، مەيلى ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىدە بولسۇن ياكى تەنتەربىيە، گۈزەل – سەنئەتكە ئائىت كەسىپلەردە بولسۇن، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتكە چۈشەلەيدىغان ئىختىساسلىقلار كۆپ مىللەت.
ئوقۇغۇچىلاردا ساقلىنىۋاتقان چەتئەلدە ئوقۇش توغرىسىدىكى ناتوغرا قاراشلار
1. "چەتئەلدە ئوقۇشقا شەرتىم توشمايدۇ" دەپ ئويلاش
نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ چەتئەلدە ئوقۇش ئۆزىگە مۇۋاپىق ئەمەستەك ۋە ئۆزىگە مۇۋاپىق كەلگۈدەك مەكتەپ تېپىلمايدىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەردە ھەرخىل تىپتىكى مەكتەپلەر بار بولۇپ، پەقەت سىز ئىزدەنسىڭىزلا ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ. موسكىۋا شەھىردىلا نۇرغۇنلىغان ھەرخىل خاراكتېردىكى مەكتەپلەر بار، مەيلى سىز ئىجتىمائىي پەن ئوقۇغان بولۇڭ، تەبئىي پەن ئوقۇغان بولۇڭ مەيلى كەسىپىڭىز نېمە بولسۇن سىز بۇ يەردە ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئوقالايسىز.
2. چەتئەلدە ئوقۇش پەقەت مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغىلا كېلىدىغان پۇرسەت
بۇ بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇپ، ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلالمىساقمۇ، كەسپىنى ياقتۇرماسلىق ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالىي مەكتەپتە كۆڭۈلدىكىدەك ئوقۇيالماي قالغان ئوت يۈرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەلدە ئۆزى ياقتۇرىدىغان كەسىپلەردە ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېىشىش مۇمكىنچىلىكىنى ئېتىراپ قىلمايمۇ بولمايدۇ.
3. چەتئەلدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى قىممەت
تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيسىنىڭ يۇقىرلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ھەمدە ھەرقانداق دۆلەتنىڭ چەتئەلدىن قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى شۇ دۆلەتتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىدىن يۇقىرى بولۇشى ھەممىمىز بىلىدىغان ئەھۋال. بۇ ئۇلارنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى كىرىم يارىتىدىغان كوزۇرلىرىنىڭ بىرى. لېكىن ئىزدەنگەن ئادەمگە بۇمۇ چوڭ مەسىلە ئەمەس. بىزدىن بۇرۇن روسىيەدە ئوقۇغان نۇرغۇنلىغان ئاكا – ھەدىلەر ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق موسكىۋادىكى مەكتەپلەرنى قايىل قىلىپ، شىنجاڭدىن بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى روسىيەلىك يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى بىلەن ئوخشاش دەرىجىگە چۈشۈرگەن. ھەتتا ياتاق پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇللىرىنىمۇ تىجەشلىك خەجلەشنىڭ يوللىرىنى تېپىپ چىققان. نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار ئەنە شۇ يول ئارقىلىق ئۆز ۋەتىنىدە ئوقۇغۇغاندەك بەھرىمان ئوقۇماقتا. روسىيەدە ئوقۇشنىڭ يەنە بىر ئەۋزەللىكى شۇكى: سىز تولۇق كۇرۇس ۋە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن ئىنتىھانغا قاتنىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئوتتۇرا مەكتەپ دىپلومى ياكى تولۇق كۇرۇسنىڭ دىپلومى(مەخسۇس كۇرۇس ئوقىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئىمكانىيتىمۇ ھەم بار) بولسىلا ئۆزىڭىز خالىغان كەسىپتىكى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇيالايسىز. تىل ئۆگىنىش باسقۇچىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالسىڭىزلا، ھەرقانداق مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشتا گەپ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە روسىيەدە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنىڭ يىل چەكلىمىسى يوق بولۇپ، ئەگەر تىرىشچانلىقىڭىز يېتەرلىك بولسا، مۇددەتتىن بۇرۇن پۈتتۈرۈپ، ۋاقىت ۋە ئىقتىسادنى تىجەب قېلىش ياخشى پۇرستىنىمۇ يارىتالايسىز. تولۇق كۇرۇس ۋە ئاسپىرانتلىقنى بەش يىل ئىچىدە تاماملاش ئىمكانىيىتىمۇ بار.
4. يېڭى تىل ئۆگىنىشتىن باش تارتىپ، ئارزۇسىنى كۆمۈپ قويۇش
دىيارىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇش جەريانىدا ئىنگلىزتىلىنى ئۆگىنىدۇ (ئەمەلىيەتتە دىيارىمىزدا خالىغان دۆلەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىمۇ چوڭ ئەمەس) . بەزى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرگىچە ئىنگلىز تىلىنى راۋۇرۇس ئۆگىنىدۇ، بەزىلەر پەقەت ئوتتۇرا سەۋىيەگە كېلىپلا توختاپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا چەتئەلدە ئوقۇش نىيتىگە كەلگەنلەر ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆپرەك ئىنگلىز تىلىدا ئوقۇتۇش قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تاللايدۇ، بۇلاردىن ئىقتىسادى ياخشىراقلىرى بىۋاستە ئامرىكا ۋە ئەنگىلىيەدىكى مەكتەپلەرنى، ئىقتىسادى تۆۋەنرەكلىرى مالايسسىيادىكى مەكتەپلەرنى نىشانلايدۇ. لېكىن مالايسىسيادىكى مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇلىمۇ بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا تۆۋەن ئەمەس بولۇپ، مەنمۇ بۇرۇن شۇ سەۋەبلىك چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇيۇمدىن يالتىيىپ قالغان، لېكىن روسىيەنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ھېس قىلىپ، شۇ يەردە ئوقۇشنى قارار قىلدىم. بىزنىڭ مەكتىپىمىز ئەگەر تىل ئۆگىنىش بولسا، روسىيىدىمۇ ئىنگلىز تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان ۋە ئىنگلىز تىلى كەسىپى بار. ئەگەر سىزنىڭ مەقسىتىڭىز بىلىم ئىگەللەش بولسا، يېڭى تىل ئۆگىنىشتەك بۇ رېئاللىقنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلالايسىز.
5. روسىيەدىكى مەكتەپتە ئوقۇپ ئالغان بۇ دىپلوملارنى دۆلىتىمىز مائارىپ ئورگانلىرى ئېتىراپ قىلىش مەسلىسى
ۋاقتىڭىز ، زېھنىڭىز ۋە ئىقتىسادىڭىزنى سەرپ قىلىپ ئالغان دىپلومنى دۆلىتىمىز ئېتىراپ قىلمىسا، بەلكى ئەپسۇسلىنارلىق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن موسكىۋادىكى نۇرغۇن مەكتەپلەر بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ھەمكارلىقى بولۇپ، روسىيەدىكى مەكتەپلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئورگانلىرى ئېتىراپ قىلىدۇ. سىز ئوقۇشقا چىقىشتىن ئىلتىماسى سۇنۇشتىن بۇرۇن ، بۇنى مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەت توربەتلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.
مەن ھەرقانداق بىر مۇھىتتا ھەرقانداق بىر ئىشقا ئۈمىد بىلەن قاراشنى،قېيىنچىلىق ئىچىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى ياندۇرۇشنى ياقتۇرىمەن. ئالدىڭىزدىكى ھەرقانداق قېيىنچىلىققا يۈزلىنىڭ. موسكىۋادا ئوقۇشنى لايىق كۆرگەنلەرگە سەمىمىي تەكلىپ بېرىشنى خالايمەن.
روسىيەگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ۋەتىنىمىزنى سۆيىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلەيدىغان ۋەتپەرۋەر ياشلار بولۇشى. پارتىيىمىزنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مېنىڭ ئۈندىدار نومۇرۇم: 1404709085