قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1185|ئىنكاس: 2

قاسىم قىزىق لەتىىپلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

0

دوست

819

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   63.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  570
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 113
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-10 12:10:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
قاسىم قىزىق لەتىپىلىردىن
         سېنى بىللە ئېلىپ كەتسە بولامتى
  قاسىم قىزىقنىڭ بىر ئاغىنىسى بولۇپ ،ئايالى بىلەن بىر ئۆمۈر كېلشەلمەي ئۆتكەنىكەن .بىر كۈنى تۇيۇقسز شۇ ئاغىنىسىنىڭ ئايالى قازا قىپتۇ .ھازا كۈنى  
  ئۇ ئاغىنىسى ئايالىدىن ئايرىلغۇسى كەلمىگەندەك مۇنداق دەپ ھازا ئېچىپتۇ :
   -ئەي مۇرەببىم !ياش كەتتڭىزغۇ مۇرەببىم !مېنى تاشلاپ كەتتىڭىزغۇ مۇرەببىم !سىز كەتسىڭىز مەن قانداق قىلمەن مۇرەببىم !
   -سەۋرى قىلغىن ئاغىنە ،-دەپتۇ قاسىم قىزىق ،-ئايالىڭ سېنىمۇ ئېلىپ كەتسە بولامتى ؟ بىر ئۆيگە پاتمىغانلار بىر گۆرگە قانداق پاتسۇن ،ئايالىڭ باقى ئالەمدە بولسمۇ تىنچراق ياتاي دەپ سېنى ئېلىپ كەتكۈسى كەلمىگەندۇ -شۇ .
                             ئېشەككە ئېسىپ قوياي
   بىر كۈنى بىر تۇل چوكان قاسىم قىزىققا ئەھۋال ئېيتىپ كىرىپتۇ ۋە يېنىدىن بىر دانە چىرايلىق تاشلانغان تۇمارنى ئېلىپ مۇنداق دەپتۇ :
  -قاسىم ئاكا ئۆتكەندە ماڭا ئوخشاش تۇل قالغان ئاغىنەم ۋاپات بولىۋىدى كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ بۇ تۇمارنى ئۇنىڭ بوينىدىن ئېلۋالغانىدىم .مۇشۇ تۇمارنى يېنىمدا ساقلىغاندىن بۇيان بىر ئەر كىشى كىچە -كۈندۈز ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدىن كەتمەيدىغان بولۇۋالدى .تۇمارنى تاشلىۋېتىشكە ياكى باشقا بىرسىگە بېرۋېتىشكە كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ ،قانداق قىلسام بولار ؟
  -ئۇنداق بولسا بۇ تۇمارنى ماڭا بەرسىلە -دەپتۇ قاسىم قىزىق .
  -ئۆزلىرى نېمە قىلىدىلا ؟- دەپتۇ ئۇ چوكان ھەيران بولۇپ .
  -بۇ تۇمارنى ئېشىكىمگە ئېسىپ كۆرۈپ باقاي ،-دەپتۇ قاسىم قىزىق ،- ھېلىقى كىشى ئېغلىنىمۇ كىچە -كۈندۈز چۆگىلەمدىكىن .
                             دوپپىسىنى قايناتسا چىقىدۇ
       قاسىم قىزىق ۋاڭ ئوردىسىدا ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بېردە ،يېقىن بۇرادەرلىردىن بىرى قاسىم قىزىقتىن ،بۇيۇن گۆشلىرى بۇقىنڭكىدەك تۈرۈم -تۈرۈم سەمىرىپ كەتكەن قارا قورساق ساپاسز بىر بەگنى كۆرسىتىپ سوراپتۇ :
  -قاسىم ئاخۇن مۇنۇ بەگنىڭ بېشىنى كېسىپ قازاندا قايناتسا شورپىسى چىقارمۇ ؟
 -قارسىلا بۇرادەر ،-دەپتۇ قاسىم قىزىق ئۇ بەگنىڭ مايلىشىپ كەتكەن دوپپىسىنى ئىشارەت قىلىپ :
  - كاللىسىنى قايناتسا چىقمىغان شورپا دوپپىسىنى قايناتسا چىقىدۇ .
         
                                                                                    
                                                                                                      مەنبە :قومۇل ئەدەبىياتىدىن ئېلىندى
كۆرۈنمەيدىغان قىر يوق ،ئېچىلمايدىغان سر .

4

تېما

0

دوست

806

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   61.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  465
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 195
تۆھپە : 113
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-10 17:12:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا  ھا  ھا  ..... بەك قىزىقكەن.   ھەم قىزىقارلىق ھەم ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

2798

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  553
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 669
تۆھپە : 399
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-12 00:30:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست قىززىقكەن، مېنىڭچە ناسىر ئابلېز مۇئەللىم توپلىغانغۇ دەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )