- تىزىملاتقان
- 2011-9-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 932
- نادىر
- 0
- يازما
- 34
ئۆسۈش
86.4%
|
بۇ مەزمۇن 13قەۋەتتىكى sebirدە2012-03-25 17:30يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
دېگەنلىرىڭىزگە پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ كېتەلمەيمەن. مەن بۇ تېمىدا پەتىۋا تۈسىنى ئالغان بىرەر قۇرنى كۆرمىدىم. باشتىكى قۇرلار تېما ئېگىسىنىڭ ئىسلامغا بولغان تونۇشى، گۈزەل ھېس تۇيغۇلىرى ئىكەن. تەپەككۇر قىپتۇ. تەپەككۇرمۇ ئىبادەت ھېسابلىنىدىغۇ؟! كېيىنكىلىرى قۇرئان كەرىمدىن ئېلىنغان ئېنىق دەلىلكەن. سىزگە يەنە قانداق كىتابنىڭ ئىسمى لازىم؟ قۇرئاندىن ئېلىنغان دەلىلگە قىيامەتتە ئىگە بولۇش كېتەمدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ:"ئاللاھ تائالا مىنىڭ سۆزۈمنى، ھەدىسىمنى ئاڭلىغان، بۇنى ياخشى ئۆزلەشتۈرگەن، يادىلىغان ۋە باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەن كىشىنىڭ يۈزىنى نۇرلاندۇرسۇن!" دېگەن ئىكەن. (ئىمام بۇخارى 7-نومۇرلۇق، ئىمام مۇسلىم 71-نومۇرلۇق ھەدىس)
.......
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
ھەر ھالدا ئادەتتىكى ئادەم پەتىۋا بەرسە بولمايدىغىنىنى چۈشۈنۈپسىز. باشقا ئىلىملەرمۇ ئوخشاش . ئىلىمنىڭ تىگى ئۆز ئەھلىدىن بولىشى كىرەك .يەتكۈزگۈچى شۇ ئەھلىنى كۆرسۈتۈپ قويىشى كىرەك . مەسىلەن فىقھىدىن سۆزلىمەكچى بولسىڭىز ، ھەنەفى فىقھىسى بار . ئەقىدە بابىدا ماتۇرۇدى ئىقىمىدىكىلەر بار ...........................................................دىگەندەك
دىمەكچى بولغىنىم دىنى گەپ قىلماقچى بولسىڭىز گىپىڭىزنىڭ تۈرىنى بىلىشىڭىز كىرەك. بىر ئىشنى ھالال ھارام پەرز مەكرۇھ دىگەندەك تۈرگە ئايرىماقچى بولسىڭىز بۇ فىقھى بابى بۇنىڭدا فىقھى ئالىملارغا مۇراجەت قىلىسىز . دىمەكچى بولسىڭىز ئاستىغا ئۇنى يېزىپ قويىسىز. ئىشەنىچ توغىرسىدا (ئاللاغا ، ئاللانىڭ سۈپەتلىرىگە بىر ئادەمنىڭ كاپىر مۇسۇلمانلىقىغا .................. دىگەندەك ) گەپ قىلسىڭىز تەۋھىد كىتاپلىرىغا مۇراجەت قىلىسز . بۇنىمۇ دىمەكچى بولسىڭىز بۇنى ئالغان كىتابلارنى كۆرسىتىپ قويىسىز دىگەندەك .
مەن شەخسەن يوقىرقىدەك شەكىلدە مۇسۇلمان( سۈپەتلىرىنى ،ئەمەللىرىنى ،ۋە مۇكاپاتلىرىنى )بايان قىلىشنى تازا توغرا تاپمىدىم . ئەدەبىيات ئۇسلۇبى ئېلىپ قالغاندەك . ئەمەلىيەتتە مەندە ئۇنى باھالىغىدەك سالاھىيەت يوق . پەقەت شەخسى قارىشىم .
سىزگە دەيدىغان بىر نۇقتا قۇرئاندىن ئېلىنغان دەلىلگە قىيامەتتە ئىگە بولۇش كېتەمدۇ؟ دىگەن گېپىڭىزگە قارىتا : قۇرئاندىن دەلىل ئېلىش سالاھىتى پەقەت مۇجتەھىتتىلا بار. بىزنىڭ جاۋابكار بولىدىغىنىمىز دەلىلگە ئەمەس، دەلىل ئالغىنىمىزغا. بىز ئەسلى ئۇنىڭ ساھىبى ئەمەس. ھەدىسنى ياخشى كەلتۈرۈپسىز . مەن يەتكۈزۇشكە قارشى پىكىر بەرمىدىم بەلكى ئۇنىڭ ئۇسلۇبىغا . ئاللا خاتالىقلىرىمىزنى كەچۈرسۇن !!! |
|