مۇسۇلمان بولغاننىڭ نىمە پايدىسى بار؟
[align=justify]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!
مۇسۇلمان دىگەن نىمە ؟ قانداق ئادەمنى مۇسۇلمان دەيمىز ؟ مۇسۇلمان بولغاننىڭ نىمە پايدىسى بار؟ دىگەنلەر توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ ؟ ....................
مۇسۇلمان دىگەن اللەنىڭ پۈتۇن كائىناتنى -پىلانىتلارنى -سان ساناقىسىز يۇلتۇزلارنى ، يەر شارىنى ، قۇياشىنى ، كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەيدىغان ھاۋانى ، ئىنسانلارنى ئالدى بىلەن تۇپراقتىن ئەۋلادلىرىنى مەنىدىن ياراتقانلىقىغا ئىشەنگەن .....
ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ ئىككى مۇرىسىدە ياخشى يامان ئىشلىرىنى خاتىرلەپ تۇرىدىغان ئىككى پەرىشتە بارلىقىغا ، ۋە اللەنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنى مەدھىيلەپ تۇرىدىغان، رۇكۇ قىلغان سەجدە قىلغان ھالەتتە تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدىغان سان-ساناقىسىز پەرىشتە بارلىقىغا ئىشەنگەن ....................
شۇ ئازغۇن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن نوھ ئەلەيھىسسالام -ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام -لوت ئەلەيھىسالام -داۋۇت ئەلەيھىسسالام -سالىھ ئەلەيھسىسالام مۇسا ئەلەيھىسسالام -ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيىھسسالامغا (اللە ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) ئوخشاش نۇرغۇن پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەنگەن...........
، زەبۇر -تەۋرات-ئىنجىل -قۇرئان كەرىمگە ئوخشاش كىتابلارنىڭ اللەنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ........
ياخشىلىق ۋە يامانلىقىنڭ اللەنىڭ تەقدىرى بويىچە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن .............
قىيامەت كۇنى -دىن كۈنى - ھىساپ كۈنىگە ئىشەنگەن ، يەنى ئالدىمىزدىكى يىللارنىڭ مەلۇم بىر جۈمە كۈنىدە اللەنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىسراپىل ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈر چىلىشى بىلەن ھەممە ئادەمنىڭ ئۆلىدىغانلىقى -بىر مەزگىلدىن كىيىن ئىككىنىچى قېتىم سۈر چېلنىشى بىلەن تۇنجى ئىنسان ئادەم ئەلەيھسسالامدىن تارتىپ قىيامەت كۈنىگىچىلىك دۇنيادا ياشىغان ھەممە ئىنساننىڭ مەھشەر مەيدانىغا بىرىپ قىلمىش- ئەتمىشلىرىدىن ھىساب بىرىدىغانلىقىغا ، ياخشىلارنىڭ جەننىتى بولۇپ جەننەتكە كىرىدىغانلىقىغا -يامانلارنىڭ دوزاققا كىرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن .............
مانا مۇشۇنداق اللەغا -اللەنىڭ كىتابلىرىغا ، پەرىشتىلىرىگە ، پەيغەمبىرلىرىگە ، ياخشىلىق ۋە يامانلىقىنڭ اللەنىڭ تەقدىرى بويىچە بولىدىغانلىقىغا ، قىيامەت كۈنىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، شۇنداقلا اللەنىڭ ناماز ئوقۇش ، رۇزا تۇتۇش - زاكات بىرىش ھەج قىلش ، ئايال كىشى ھىجابلىنىشقا ئوخشاش بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداپ ماڭغان كىشىنى مۇسۇلمان دەيمىز .
ئەمدى مۇسۇلمان بولغاننىڭ نىمە پايدىسى بار؟ دېگەن گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك اللەنىڭ ناماز ئوقۇش ، روزا تۇتۇش - زاكات بېرىش ھەج قىلش ، ئايال كىشى ھىجابلىنىشقا ئوخشاش بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداپ ماڭغان مۇسۇلمان بەندىلىرىگە بىرىدىغان مۇكاپاتى قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ بەزى ھەدىسلىرىدە يەتكۈزۈلگەن .
اللە قىيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ مۇئمىن-مۇسۇلمان بەندىلرىگە بىرىدىغان مۇكاپاتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ ........
(ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر (يەنى ھۆرلەر) بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ.(سۈرە بەقەرە25- ئايەت)
اﷲ ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەرنى ۋە مەرۋايىتلارنى زىننەت بۇيۇملىرى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ.(سۈرە ھەج 23-ئايەت)
تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلەر، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلەر، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلەر ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلەر بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە-پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟ .(15) (سۈرە مۇھەممەد 15-ئايەت)
ئۇلار (يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ، پەقەت (پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا بەرگەن) سالامىنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن-ئاخشامدا (كۆڭلى تارتقان يىمەك-ئىچمەكلەردىن) رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ .(62) (سۈرە مەريەم 62-ئايەت)
(ئۇلارغا) «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىللە خۇشال-خۇرام ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار» (دېيىلىدۇ).(70) ئۇلارغا ئالتۇن لېگەنلەردە (تائام)، ئالتۇن جاملاردا (شاراب) تۇتۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر.(71) سىلەر (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى) ئەمەلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر.(72) جەننەتتە نۇرغۇن (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇنىڭدىن يەيسىلەر.(73)(سۈرە زۇخرۇف 70-71-72-73- ئايەتلەر)
يەپغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم مۇنداق دىگەن: جەننەتتىكى بىر تال قامچىنىڭ ئورنى، بۇ دۇنيادىن ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشىراقتۇر. (چۈنكى، ئۇ جەننەتنىڭ ئىچىدۇر). بۇخارى،مۇسلىم، تىرمىزى، ئىبنى ماجە توپلىغان سەھىھ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن سالىھ، ياخشى مۇتتەقى بەندىللىرم ئۈچۈن، جەننەتتە كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، ئىنسان قەلبىگە خوتۇر چۈشۈپ باقمىغان نەرسىلەرنى تەييارلاپ قويدۇم، ئەگەر خالىساڭلار؛« ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن اﷲنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نىئمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.»دىگەن ئايەتنى ئۇقۇڭلار.سۈرە سەجدە 17-ئايەت.بۇخارى،مۇسلىم، ئەھمەد، بەيھەقى، نەسەئى، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.
................................................................................................
خوش بۇ تىمنى كۆرگەن تورداش مۇسۇلمان بولغاننىڭ پايىدىسنى ئاز تۇلا بولسىمۇ چۈشنىۋالغانسىز .
[align=justify]مەنبە: مەن
|