در. ئەلقەم تۇرسۇن
ئەگەر، ھامىلدار ئاياللار تاماكا چەكسە، ياكى باشقىلار ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەتراپىدا تاماكا چەكسە، تاماكىنىڭ ئىسى ھامىلىدار ئايالنىڭ ئۆپكىسى ئارقىلىق يۈرەك- قان تۇمۇر سېستىمىسىدىن پايدىلىنىپ تۆرەلمىگە يېتىپ بېرىپ، تۆرەلمىنىڭ مېڭە تەرەققىياتىغا ئەكىس تەسىر يەتكۈزىدۇ. تۇغۇلغان بوۋاق ئەقلىي قابىلىيەت جەھەتتە ۋە ئىجتىمائى مۇناسىۋەت قابىلىيىتى جەھەتتە ئەكىس تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇ ھادىسىلەر ھامىلدار ۋاقتىدا تاماكا ئسى شۈمۈرگەن ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرىدە بايقالغان. بىز ياپۇنىيەدە بۇنى چاشقانلاردا تەتقىق قىلىپ ماقالەئىلان قىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقتىدا، بۇساھەدىكى تەتقىقاتقا يېڭى ئەتراپلىق چۈشەنچىلەرنى قوشتى دەپ تۇنۇشتۇرۇلغان ( پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى 1 ۋە 2).
ھازىر بىزدە ئېلىكتىرونلۇق تاماكا چېكىش ئەۋج ئېلىپتۇ. ئادەتتىكى تاماكىنىڭ ئىچىدە 4000 خىلدىن ئارتۇق تەركىب بولۇپ، 600 نەچچە خىلى راك پەيدا قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇچۇچان بولغان نىكوتىن ياكى تاماكا ئىشقارى دىيىلىدىغان ماددا بولۇپ، ئۇ تاماكا ئىسىدا مەۋجۇت بولىدۇ. تاماكىغا خۇمار بولۇش مۇشۇ تاماكا ئىشقارىدىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، ئېلىكتىرونلۇق تاماكا دېگەن نەرسە دەل مۇشۇ نىكوتىندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، سىز ئۇنىڭدا چېكىدىغىنىڭىز ساپلا نىكوتىن بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى نىكوتىن مىقدارى شۇنداق يۇقىرى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى بىر قېتىم چەكسىڭىز، ئەسلىدىكى تاماكىدىن بىراقلا نەچچىنى چەككەنگە باراۋەر بولىدۇ. ئىنتايىن زىيانلىق. لېكىن كىشىلەر بۇ ئېلىكتۇرونلۇق تاماكىنى چەكسەك، ئاۋۇ راك پەيدا قىلىدىغان 600 نەچچە تەركىپتىن ساقلىنىمىز دەپ ئويلايدۇ. ھەم، بۇ ئېلىكتۇرونلۇق تاماكىنى چىكىپ، ئاستا-ئاستا تاماكا تاشلايمىز دەپ ئويلايدۇ. بۇ ئىنتايىن ھاماقەت قاراش. چۈنكى، نىكوتىن دەل خۇمار قىلغۇچى ھەم راك پەيدا قىلغۇچى! ئېلىكتۇرونلۇق تاماكىنى ياسىغۇچىلار بۇنى چەككۈچىلەرگە قەتئى دىمەيدۇ. بۇ بىر ئاشكارا مەخپىيەتلىك. تاماكا تاشلاشقا ياردەم قىلىدىغان باشقا دورىلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشى ( پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى 3).
ئەگەر مۇشۇ ئېلېكترونلۇق تاماكا ھامىلدارئاياللارنىڭ ئەتراپىدا چېكىلسە، ئۇلارنىڭ تېخى تۇغۇلمىغان پەرزەنتىگە كېلىدىغان تەسىرى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى تەقدىرىنى تۇغۇلماي تۇرۇپلا ناچار قىلىپ بېكىتىپ قويىدۇ. يەنى، ئۇلارنى (ھاياتىدا) دىققىتىنى يىغالمايدىغان، ئەنسىز، باشقىلار بىلەن نورمال چىقىشىپ ئۆتەلمەيدىغان، توغرا تەدبىر بەلگلىيەلمەيدىغان، يەنى تۇرمۇشىدىكى مەلۇم ئىش-ھەرىكىتى بىلەن ئۇنىڭ ياخشى نەتىجىسنى باغلىيالمايدىغان ھەم تۇرمۇشىدىكى مەلۇم ئىش-ھەرىكىتىنى بىرەر يامان ئاقىۋەتكە بىھۇدە باغلىۋېلىپ، ئۇ ئىشنى قايتا سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ھالەتتە بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ھادىسىلەر ھامىلدار ۋاقتىدا تاماكا ئسى شۈمۈرگەن ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرىدە بايقالغان ھەم ھامىلدار ۋاقتىدا نىكوتىن بېرىلگەن تەجىربە چاشقانلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىدە بايقىدۇق. ھەم، ھامىلدار ۋاقتىدا نىكوتىن بېرىلگەن تەجىربە چاشقانلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مىڭە ھۈجەيرىسىنىڭ ئازلاپ كېتىدىغانلىغىنى بايقىدۇق ( پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى 4 ۋە 5 ۋە باشقا ماقالە).
شۇڭا تەشەببۇس قىلىنىدىغان نوقتا: بۇ يازمىنى ئوقۇغان ياشلار، چوڭلار ۋە زىيالىلار ئۈلگە بولۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى تاماكا چېكىشنى تاشلىشىمىز، شۇنداقلا ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەتراپىدا تاماكا چېكىشنى زىيانلىق دەپ بىلىپ، پۈتۈن جەمىيەتتە بۇنداق ھادىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەيىبلىشىمىز ۋە چەكلىشىمىز، بۇ ئارقىلىق ھامىلدارئاياللارغا ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئاڭسىز پۇشايمانلىق زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىشقا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.
تاماكا تاشلاشتاقىينالغۇچىلار ، تۆۋەندىكى دورىنى سىناپ باقسا بولىدۇ. ئاپتۇر تۆۋەندىكى"ئۆپكە " دىگەن ياپۇنچە ژورنالدىن، تاماكا تاشلاشقا ياردەم بېرىدىغان varenicline دىگەن دورىنى تونۇشتۇرۇپ، ماقالە يېزىشقا تەكلىپ قىلىنغان ( پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى 6). بۇ دۇرا 商品名为畅沛) 伐尼克兰) ھازىر بىزدىمۇ بار ئىكەن. تاماكا تاشلاشتا قىينالغۇچىلار ، بۇ دورىنى سىناپ باقسا بولىدۇ. قىسمەن كىشىلەردە ئېغىر ئەكىس تەسىرى بولغاچقا (يەنى ، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش تۈيغۇسى پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا) ، چۇقۇم دوختۇر بىلەن مەسلىھەتلەشكەن ئەھۋال ئاستىدا ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. دۇرىنىڭ بىزدىكى ئۇچۇرى :
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
https://booklive.jp/product/index/title_id/40001726/vol_no/013 .6
|