دىققەت قىل دوستۇم ، دىققەت قىل ، قېشىڭدىكىگە دىققەت قىل ، ئۆيۈڭدىكىگە دىققەت قىل ، ھەمسايەڭگە دىققەت قىل ، مەھەللەدېشىڭغا دىققەت قىل ، يۇرتلىقىڭغا دىققەت قىل ، ئۇلارغا ئەستايىدىللىق بىلەن دىققەت قىل . ئۇلاردا نۇرغۇن ھېكمەت ، نۇرغۇن ھۈنەر ، نۇرغۇن پاساھەت ، نۇرغۇن كارامەتلەر بار ، ئۇلاردا ھەقىقىي چىنلىق ، ساۋاپلار بار .
ئۆز ئىشى ، ئۆز ھۈنىرى ، ئۆز مەشغۇلاتلىرى بىلەن يۇرتۇڭنى گۈللەندۈرگەن . نەققاشلار نەقىشلىرىنى چەككەن بولسا ، ياغاچىچىلىرى گۈزەل تۈۋرۈكلەرنى تىكلىگەن ، ئويمىچىلىرى كارامەتلەرنى ئويۇپ ، تىككۈچىلىرى يارىشىملىق كېيىمىڭنى تىككەن ، ئاشپەزلىرى تېتىملىق تاماقلىرى بىلەن جاھان ئەھلىنى ھەستە قالدۇرغان بولسا ، خىلمۇ - خىل ھۈنەر - كەسىپلىرى بىلەن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ، ھۆسۈنگە - ھۆسۈن ، يوللىرىڭگە گۈل ئۈندۈرگەن .
ئۇلارغا دىققەت قىل ، ئەستايىدىل دىققەت قىل . ئۇلارنىڭ چېھرىدىن نۇر ، تۇرقى - قىياپىتىدىن مېھرىبانلىق چىقىپ تۇرىدۇ . ئۆز ھۈنەر - كەسىپلىرىگە پەرھات - شېرىنگە ئاشىق بولغاندەك ئاشىقلىق بىلەن قارايدۇ . ئۆزىنىڭ جېنىدىن ئارتۇق كۆرگەن ھۈنەر - كەسىپلىرىنى تەرەققىي تاپقۇزۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ . ئەشۇ كەسپى ئۈچۈن قان - تەرىنى ئاققۇزۇپ ، ھەر بىر قەدەملىرىنى شۇنىڭ ئۈچۈن تەۋرىتىدۇ . ھۈنەر - كەسىپلىرىنى ئۆزىنىڭ ھاياتى ، ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدەك كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا چىن دىلىنى بېرىدۇ ، ئىخلاسىنى تەقدىم ئېتىدۇ .
ئۇلارغا مېھرىڭ بىلەن ، ھەقىقىي ئىنسانلىقىڭ بىلەن دىققەت قىل ، ئۇلارغا سەمىمىي كۆزلىرىڭ ، سەمىمىي ھېسسىياتىڭ بىلەن دىققەت قىل ، ئۇلارغا تۇققانلىرىڭغا قارىغان كۆزۈڭدە قارا ، شۇندىلا ئۇلاردىكى سېھىرنى ، ئۇلاردىكى مېھىرنى ، ئۇلاردىكى خىسلەتلەرنى بايقىيالايسەن . ھەقىقىي چىن سەزگۈلىرىڭنى ئىشقا سېلىپ ئۇلارغا دىققەت قىل ، ئاندىن ئۇلاردىكى ئادىمىيلىك ، ۋاپا ، چەكسىز ئىشەنچلەرنى كۆرەلەيسەن . ئۇلارغا يەنە دىققەت قىل . ئۇلاردىكى چىداشچانلىق ، ئىنتىلىش ، كەلگۈسىگە بولغان غايىنى كۆرەلەيسەن . ھۇجۇدىدىكى تەپچىپ تۇرغان خىسلەتلەرنى ، ماھارەتلەرنى ، دائىم ئالغا بېسىشقا قىززىققان قىياپەتلەرنى كۆرەلەيسەن . ئادەمنى ھالسىرتىدىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغاندىمۇ تەمكىنلىك بىلەن ئۆز تۇرمۇشلىرىنى يېقىملىق ، رېتىملىق ، تەرتىپلىك ئالغا باستۇردىغان جاسارەتلەرنى كۆرەلەيسەن . بۇ جاسارەت سېنى تېخىمۇ جانلىقققا ، تېتىكلىككە باشلايدۇ .
دىققەت قىل دوستۇم ، دىققەت قىل . ئەقلى ھۇشۇڭ ، راستچىللىقىڭ بىلەن دىققەت قىل . ئەشۇلارنىڭ سۈپەتلىرى ساڭا مۇھىمدەك بىلىنمىگەن بىلەن ئەشۇ سۈپەتلەر ساڭا كېرەكتۇر . بەلكىم نۇرغۇنلىرى سەندە يوق ياكى بولۇپمۇ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن . ئۇلاردىكى جېمى خىسلەتلەر سەن ئۆگىنىشكە ، سەن تەرىپلەشكە ، شۇنداقلا مەدھىيىلەشكە لايىق . چۈنكى ئۇلار سېنىڭ قېرىندىشىڭ ، سېنىڭ ھەمسايەڭ ، سېنىڭ دوستۇڭ ، سېنىڭ قەۋمىڭ ، يۇرتدىشىڭ . ئۇلارنىڭ نامى ، شۆھرىتى داغدۇغا پەيدا قىلمىغان بىلەن ئۇلاردىكى ئەشۇ ئۆگىنىشكە ، تەرىپلەشكە تېگىشلىك ئاجايىباتلار سەن ئۈچۈن گۆھەردىنمۇ قىممەتلىك . سەن ئۈچۈن بىباھا . ئۇلار شۆھرەت ، نام - ئاتاق قوغلاشمايدۇ ، ئۇلاردىن تەمەسىمۇ يوق . مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا سەن ئۆگىنىشكە ، قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئىشتۇر .
دىققەت قىل دوستۇم ، دىققەت قىل . ئۇلارغا مېھرىڭ بىلەن دىققەت قىل. شۇندىلا سەن ئۇلاردا ئۇخچۇپ تۇرغان سەمىمىي سەرگۈزەشتىلەرنى سىزىسەن، ھەقىقىي ساپ بولغان ئادىمىيلىكنى، ئىنسانىي بۇرۇچنى، تىز پۈكمەس روھنى، ئىزچىللىقنى، ساڭا ئەڭ لازىم بولىدىغان ئۆلگىلەرنى كۆرىسەن.
يەنە سەن ھاياتقا ، ھاياتىڭغا بەرگەن يەشمىلىرىڭنىڭ ساددىلىقىنى ھېس قىلىسەن. شۇندىلا سەن ئەتراپىڭدىكى ھەممىگە ، بارلىق ئىنسانلارغا كۈلۈپ قارايدىغان ، ئۇلارغا سەمىمىي ، چىن ئىخلاسىڭ بىلەن سۆزلەيدىغان، ئۇلاردىن ئۆگىنىدىغان ھەم ئۆگىتىدىغان ، ئىنسانىيەتكە ، ئەلگە تۆھپە قوشۇدىغانلاردىن بوولالايسەن …
دىققەت قىل، دوستۇم دىققەت قىل، سەمىمىيەت، راستچىللىق بىلەن دىققەت قىل…
بىلال مۇھەممەتتۇرسۇن (ئىبراھىمى)
(قەشقەر)
2016-10-29 |