قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 810|ئىنكاس: 2

بىللە ئۆگىنەيلى (دۆلەتلىك كومپيۇتېر 1.دەرىجە، 1-ھەپتە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

36

تېما

87

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 1150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 77
تۆھپە : 4326
توردىكى ۋاقتى: 928
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-23

تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-30 20:14:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-باب 1.پاراگراف :كومپيۇتېرنىڭ بۈگۈنگە كېلىش جەريانى
1.كومپيۇتېر ھەققىدە ئۇقۇم :
كومپيۇتېر بىلەن تونۇشۇڭ

كومپيۇتېر -كومپيۇتېر(Computer) ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى توپلاشتۇرۇپ ياساپ چىققان ھېسابلاش ئىقتىدارى ۋە لوگىكىلىق ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا شۇنداقلا ئاپتوماتىك كونترول قىلىش ۋە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە  بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسىنى كۆرسىتىدۇ .

كومپيۇتېر تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە :

1.ھېسابلاش سۈرئىتى تىز ،2.ھېسابلاش ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ،3.كۈچلۈك ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ،ئاپتوماتىك ئىجرا قىلىش ۋە بەلگىلىك لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە .

كومپيۇتېرنىڭ تىپلىرى :

شەكىلگە قاراپ 1.ئالاھىدە چوڭ تىپلىق ،2.چوڭ تىپلىق ،3.ئوتتۇرا تىپلىق ،كىچىك تىپلىق ۋە ،مىكرو تىپلىق .

ئۇچۇر چىقىرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش شەكلىگە قاراپ 1.رەقەملىك كومپيۇتېر ،2.تەقلىدى ھېسابلىغۇچ (ئانالوگ كومپيۇتېر) 3.ئىككىسىنىڭ بىرلەشمىسى

ئىشلىتىلىشىگە قاراپ مەخسۇس كومپيۇتېر ۋە ئاممىباب كومپيۇتېرغا بۆلۈنىدۇ .

ئىشلەتكەن سىستېما بىر ئابونتلۇق سىستېما ،كۆپ ئابونتلۇق سىستېما ،تور سىستېما بىلەن ئەمەلىي سىستېما .

بىت سانىغا ئاساسەن 4بىتلىق ،8بىتلىق ،16بىتلىق ،32بىتلىق ، 64بىتلىق كومپيۇتېر تەرەققىيات تارىخى :

1.دەۋر :1946-1957 ئېلېكتىر لامپا دەۋرى ،2.دەۋر 1958-1964 كىرىستال لامپا دەۋر ،3.دەۋر 1965-1970 ئوتتۇرا-كىچىك كۆلەمدىكى توپلاشما توك يولى دەۋرى ،4.دەۋر 1971دىن ھازىرغىچە دەرىجىدىن تاشقىرى توپلاشتۇرۇلغان توك يولى دەۋرى .

QQ截图20161030165617.jpg
QQ截图20161030165603.jpg
QQ截图20161030165712.jpg

QQ截图20161030165724.jpg


كومپيۇتېر تەرەققىيات يۈزلىنىشى :كۆلەملىشىش-مىكرولىشىش -تورلىشىش -كۆپ ئىقتىدارلىشىش -ئەقلىلىشىش .

QQ截图20161030165752.jpg


كومپيۇتېر ھېسابلاش جەھەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالى :تاڭ نۇرى ئۇچۇر كەسپى شىركىتى دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار كومپيۇتېرنى ياساپ بولدى ھەم دۇنيادا بىرىنچى دەرىجىگە يەتتى .ئۇنىڭ لەيلىمە ھېسابلاش سۈرئىتى ئاللىقاچان سېكۇنتىغا 10 تىرىللىيون قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى .

كومپيۇتېر قوللىنىش ساھەسى :1.پەن تېخنىكىلىق ھېسابلاش ،2.ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ،3.سىناق جەرياننى تەكشۈرۈش ۋە كونترول قىلىش .4.كومپيۇتېر لايىھە مائارىپ ئاساسلىق ياردەمچى دېتاللىرى :CAD、CAM、CAT、CBE、CAI、CMI. 5.سۈننىي ئەقىل (AI) 6.تور ئالاقە ۋە ئىنتېرنېت 7.كۆپ ۋاستىدىن پايدىلىنىش .

تۇنجى ياسالغان كومپيۇتېر ئىناق (ENIAC) 1946-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكىدا پىنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ياسالغان ،باش ئىنجىنىرى ئامېرىكا يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ماتېماتىك  John von Neumann ت(سۈرىتى تېگىدە)

77ecaadcta9c3ffb5ce06&690.jpg
c75c10385343fbf262790274b27eca8065388f14.jpg


قوشۇمچە :

ھېسابلاش ماشىنىسى(计算机) بىلەن كومپيۇتېر(电脑) بىرمۇ ؟

ھېسابلاش ماشىنىسى بىلەن كومپيۇتېر ئەمەلىيەتتە ئىككىسى ئىككى نەرسە كۆپىنچە ئادەم بىر دەپ قارىۋالىدۇ .ھېسابلاش ماشىنىسى پەقەت ھېسابلاش ئىلىپ بىرىشلا ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغان ئۈسكۈنىدىن ئىبارەت ئۇنىڭ رولى ئاددىي ھېسابلاش سۈرئىتىمۇ كومپيۇتېرغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئاستا تەرەققىيات بوشلۇقى كىچىك .كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدا كۆپ ھېسابلاش ئىقتىدارى يۇقىرى ھەم تەرەققىيات بوشلۇقى ناھايىتى كەڭ .بۇ ماشىنىلار تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ .

1.ھېسابلىغۇچ (计算机)،2.كومپيۇتېر (电脑)3.PC كومپيۇتېر(PC机) 4.مۇلازىمىتېر (服务器) 5.يەككە تاختىلىق ماشىنا (单板机) 6.يەككە پىلاستىنكىلىق ماشىنا (单片机)

计算机.jpg
电脑.jpg
PC机.jpg
服务器.jpg
单板机.jpg
单片机.jpg


مۇشۇنداق بىلمىگەن يەرلەر بولسا توپقا كىرىپ سورىساڭلار كىچىك بولسا توپتىلا جاۋابى چىقىدۇ چوڭ بولسا ئۆگىنىشكە تېگىشلىك زۆرۈر بولسا قوشۇمچە دەرسلىك قىلىپ سۇنۇلىدۇ .توپ نومۇرى :488397153 توپ قائىدىسى :توپقا كىرگەنلەر چوقۇم دۆلەت قانۇنىغا بوي سۇنۇپ چ چ سىنى پاكىز ساقلىشى كېرەك ،توپتىكىلەر بىر-بىرىنى نازارەت قىلسا قانۇنسىز ماتېرىيال بايقىسا باشقۇرغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويسا تامامەن بولىدۇ توپتا ياردەم سوراش ۋە ياكى يېڭى بىلىم يەتكۈزۈشتىن باشقا ھەرقانداق ئۇچۇر قوبۇل قىلىنمايدۇ ،قائىدىگە يېنىك خىلاپلىق قىلغۇچىلار سۆزلەش ھوقۇقى ئىلىپ تاشلىنىدۇ قاتتىق خىلاپلىق قىلغۇچىلار مەڭگۈ قوغلىنىدۇ ،ئېغىر خىلاپلىق قىلغۇچىلار قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ .توپقا ھۆججەت چىقىرىش ھوقۇقى پەقەت باشقۇرغۇچىلاردا بولىدۇ .شۇڭا مۇھىم دەپ قارىغان دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئىنكاستا قالدۇرۇپ قويساڭلار مەن توپقا چىقىرىپ قويسام بولىدۇ .توپقا كىرگەنلەر چوقۇم توپتىكى ئىسىمنى ئۆلچەملىك ئىسىمغا ئالماشتۇرۇۋىتىشى كېرەك ،بولمىسا 24سائەتتىن كىيىن تېپىپ تاشلىنىدۇ .ئىسىم ئۆلچىمى بولسا :تۇرۇۋاتقان ئورنى-كەسپى
bagdax

0

تېما

0

دوست

410

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82638
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 109
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-31 13:51:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يەنى 1941 ـ يىلى ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مور ئىنىستىتۇتى ئېلېكتروتېخنىكا فاكۇلىتېتى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە كورپۇس شىتابىغا قاراشلىق ئابېردىن ترايېكتورىيە(ئوق لىنىيىسى) تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرگە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى كۈنىگە ئالتە پارچە ئوت كۈچى جەدۋىلى بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان. ئەمما، بىر نەپەر ئۇستا ھېسابچىنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى 60 سېكۇنتلۇق بىر پاي ئوقنىڭ لىنىيىسىنى سۇپىرلىق كومپيۇتېر بىلەن ھېسابلاپ چىقىشى ئۈچۈنلا توپتوغرا 20 سائەت كېتەتتى، بىر پارچە ئوت كۈچى جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن نەچچە يۈز پاي ئوقنىڭ لىنىيىسىنى ھېسابلاپ چىقىشقا توغرا كېلەتتى. دېمەك، ئەينى چاغدىكى ئۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى بىر تۈرلۈك تېز ھېسابلاش ئۈسكۈنىسىنى تەقەززا قىلغان. دەل شۇ چاغدا، مور ئېلېكتروتېخنىكا ئىنستىتۇتىدىكى مورشلاي« تېز سۈرئەتلىك ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىش ھەققىدە ئەسلەتمە»دىگەن تېمىدا بىر پارچە دوكلاتنى تەييارلىغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇ دۇكلات كېيىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ENIAC ئۈسكۈنىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھىسى ئىدى. ENIAC«سانلىق قىممەتنى ئىنتېگراللاش ۋە ھېسابلاش ئۈسكۈنىسى»دېگەن مەنىدە بولۇپ، دۇنيادىكى تۇنجى ئېلېكترونلۇق ھسابلاش ماشىنىسى، يەنى كومپيۇتېرنى كۆرسىتىدۇ.

0

تېما

1

دوست

3582

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12969
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1155
توردىكى ۋاقتى: 188
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-2 19:17:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
计算机 بىلەن 电脑  بىر نەرسە، 计算机 بىلەن 计算器  ئىككىسى بىر نەرسە ئەمەس. مېنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپىم 计算机科学与技术 ئۇيغۇرچە كومپىيۇتىر ئىلىمى ۋە تېخنىكىسى دەپ تەرجىمە قىلىمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )