قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1554|ئىنكاس: 32

ئا.مۇھەممەتئىمىن: ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى (8)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

94

دوست

6435

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74715
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 2230
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-16

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا تېما يوللاش چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-30 22:55:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
10-باب، ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئەت پەلسەپىسى ۋە سوپىزملىق
ئىدىيە ئېقىمىنىڭ ئاساسىي نامايەندىلىرى

«فېئودالىزمغا قارشى تۇرغۇچىلار پۈتۈن ئوتتۇرا ئەسىر داۋامىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى. شارائىتىنىڭ بىردەك بولمىغانلىقىغا ئەگىشىپ، ئۇ بەزىدە سوپىزم شەكلىدە، بەزىدە ئاشكارا دەھرىيلىك شەكلىدە، بەزىدە قۇراللىق ئىسيان شەكلىدە ئىپادىلەندى.» _ ف.ئېنگېلس


1.ناسىر خۇسرەۋ ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقىي قاراشلىرىنىڭ تەسىرى

     ئابباسىيە خەلىپىلىكىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ھالاكەت بوھرانى تەپەككۇر سەھنىسىدىكى زىلزىلىنى كۈچەيتتى. تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرى بىلەن ئىسلام ئەقىدىلىرىنى مەنتىقىلەشتۈرۈش، پەلسەپىۋىلەشتۈرۈش خاھىشى ئارىسىدىكى كۈرەش ئۆتكۈرلىشىشكە باشلىدى. گەرچە ئىمام مۇھەممەد غەززالىي (1058-1111) ئىسلامىيەتنى پەلسەپىلىك ھالەتكە كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنسىمۇ، ئۇمۇ سوپىزمىلىق تۇيغۇ ۋە ئىدراكتىن خالىي بولالمىدى.

     ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى پامىر تىپىدىكى خەلق_ تاجىك خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەپەككۇرلىرى ئالدى بىلەن ناسىر خۇسرەۋ، ئۆمەر ھەييام بۇ بىر داۋالغۇش دەۋرىنىڭ ئىلغار قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىشتا ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشتى.

     ئەبۇ مۇئىنىددىن ئەل قۇبادىيانىي ناسىر خۇسرەۋ (1004-1088) ئوتتۇرا ئاسىيا تاجىك خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، ئېنسىكلوپېدىك ئالىمى، كۆرۈنگەن ئىنسانپەرۋەر، راتسىئونالىست مۇتەپەككۇر شائىرى بولۇپ، ئۇ ھازىرقى تاجىكىستاننىڭ شەرتۈز رايۇنى قۇبادىيان دېگەن يېرىدە ھاللىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.

     ناسىر خۇسرەۋ ياشىغان دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلىك ئۇيغۇر خانىدانلىقىى _ قارخانىيلارنىڭ ئىلىكخانلىقىغا قارايدىغان ئىدى. مەھمۇد غەزنەۋىي ھىندىستانغا يۈرۈش قىلغاندا قارخانىيلار قوشۇنى خۇراسانغا باستۇرۇپ كىرىپ، بەلىخنى ساراسىمىگە سالغانىدى. بۇ چاغدا ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا ئەبۇلقاسىم پىردەۋسىي (934-1025)، ئەبۇلقاسىم ھەسەن ئىبنى ئەھمەد ئۇنسۇرىي (960-1039)، ئەبۇل ھەسەن ئەل فەررۇخىي (؟ _ 1038)، ئەبۇ نەجىم مەنوچىھرىي ( ؟- 1041) ئەبۇ پەزىل بەيھەقىي (995-1086) ۋە ئەبۇئەلى ئىبنى سىنا (980-1037)، ئەبۇ رەيھان برۇنىي (973-1048) قاتارلىق ئالىم-شائىر، مۇتەپەككۇر ۋە تارىخچىلار ياشىغانىدى. دەۋلەتشاھ سەمەرقەندىينىڭ «تەزكىرە تۇش- شۇ ئەرا» (شائىرلار تەزكىرىسى) ناملىق ئەسىرى ناسىر خۇسرەۋنىڭ ئىبنى سىنا بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلىقى ھەققىدە رىۋايەت بارلىقىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ.

ئۇ دەسلەپ بەلىخ شەھىرىدە، كېيىن مەرۋىدە ئوقۇدى. ئەدەبىيات، پەن ۋە پەلسەپە، جۈملىدىن دىنىي ئىلىمنى ئۆگەندى. ئوقۇشنى تاماملىغان ناسىر خۇسرەۋ باج-سېلىق ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى. ئۇ خەلقنىڭ جاپالىق ھاياتى بىلەن ھەر تەرەپلىمە تۇنۇشۇش ئارقىلىق، ئەينى زامان فېئودال جاھالىتى ۋە چىرىكلىكى توغرىسىدا بىۋاستە ئەمەلىي خەۋەردار بولۇپ، ئۆز ئەمەلدارلىقىدىن ۋاز كەچتى. ئۇ دەسلەپكى ساياھىتىنى تۈركىستان ۋە ھىندىستانغا قاراتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن 1045-يىلىدىن باشلاپ يەتتە يىللىق چوڭ سەپەرگە دۇچ كەلدى. ناسىر خۇسرەۋ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىراز، كىچىك ئاسىيا، ئىسفاھان، غىلان، خۇراسان قاتارلىق جايلارنى كېزىپ، ئۇ يەرلەردىكى ھەرخىل مىللەتلەر ۋە قەبىلىلەر بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتى. ناسىر خۇسرەۋ مىسىردىكى چېغىدا ئىسمائىلىزم تەرەپدارلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۇلارغا خەيرىخاھلىق بىلدۈرگەنىدى. ( شىئە مەزھىپى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن ئىسمائىلىزم، شىئەلەرنىڭ يەتتىنچى ئىمامى ئىسمائىلنى ھەقىقىي ۋە ئاخىرقى ئىمام دەپ قارايتتى. ئۇلار 9-ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن فېئوداللىق زۇلۇمغا قارشى كارامەتچىلەر دەپ ئاتالغان خەلق تۇغىنى كۆتۈرۋېلىپ، كەڭ ھېسداشلىققا ئېرىشكەن.)

ناسىر خۇسرەۋ نىشاپۇر، سىيىستان قاتارلىق جايلاردا ئىسمائىلىزم تەرغىباتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، فېئودال روھانىيلارنىڭ سۈيقەستىگە ئۇچراپ، شەھەرمۇ شەھەر قېچىپ يۈرۈش ۋە ئاقىۋەتتە ئون نەچچە يىللىق سەرسانلىق-سەرگەردانلىق تەقدىرىگە دۇچ كەلدى. دەۋلەتشاھ سەمەرقەندىي ناسىر خۇسرەۋنىڭ ئابۇلھەسەن ھەررەقانىي ناملىق شەيخ ۋە ئەبۇ سالىھ سەلجوقىي ناملىق قازىكالان بىلەن مۇنازىرىلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ناسىر خۇسرەۋ سەرسانلىق-سەرگەردانلىقتىن پەقەت بەدەخشان تاغلىرىدىكى كوھىستان تاغ تاجىكلىرى ئارىسىدىلا ئەمىنلىك تاپتى. تاغ تاجىكلىرى بۇ مۇتەپەككۇرنى ئۇلۇغلاپ «سۇلتان» ، «پادىشاھ» دەپ ئاتاشتى. ۋەھالەنكى، ئۇ ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋە سەلجوقنى ئەمەلدارلار تەرىپىدىن «دەھرىي»، «تەنسۇخ» دەپ بەدكەردىلىكتە ئەيىبلەنگەنىدى. ئۇ يۇمغۇن ناملىق تاغلىق يېزىدا تىنىچ ئىجادىيەت مۇھىتىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇنىڭ قەبرىسى پامىردىكى ئەنە شۇ يۇمغۇن تاغلىق كەنتىگە مەڭگۈ ماكانلاشتى.

ناسىر خۇسرەۋ (تەخەللۇسى «ھۆججەتى») تۆۋەندىكى ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن:
  «سەپەرنامە»، «زادۇل-مۇسافىرىن»(مۇساپىرنىڭ ئۇزۇقى) ناملىق ئەسەرلەر ناسىر خۇسرەۋنىڭ ساياھەت ۋە سەرگەردانلىق ھاياتىدا كۆرگەنلىرى ئاساسىدا يېزىلغان. زور تارىخىي ئېتنولوگىيىلىك ئېتنىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.

«ۋەجھى دىن » (دىن ھۆججەت-دەلىللىرى)، «جامئىۇل-ھېكمەتەين» (ئىككى ھېكمەتنىڭ قۇشۇلۇشى)، پەلسەپە ۋە دىن مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان بۇ ئەسەردە كائىنات، ئىنسان، ئىنسان تەپەككۇرى، ئۆتمۈشتىكى پەيلاسوپلارنىڭ كۆز قاراشلار تارىخى، ئىسمائىلىزم ئەقىدىلىرى سۆزلەنگەن.

«روشەننامە» 32 بابتىن تەشكىل تاپقان شېئىرىي پەلسەپىۋى-دىداكتىك ئەسەر بولۇپ، مۇھىمى ئالەمنىڭ سەمەرىسى بولغان ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ئەقىل-ئەخلاق مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختىلىدۇ. ئۇ ئالەم بىر دەرەخ، ئىنسان ئۇنىڭ مېۋىسى، بۇ مېۋىنىڭ كۆركەملىكى ۋە لەززىتى ئەقىل بىلەن ئەخلاق پەزىلەتتە دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ئەسەرنىڭ «دەرمەزەممەتى شۇئەر» (شائىرلارنىڭ خارلىقى)ناملىق بىر شېئىرىدا مەدھىيىۋاز ساراي شائىرلىرىنىڭ سۆز ۋە نۇتۇق سەنئىتىنىڭ قىممىتى ۋە پاكلىقىنى بۇزغانلىقى ھەققىدە توختالغان.

«سائادەتنامە» 30 بابتىن تەشكىل تاپقان شېئىرىي ئەسەر، بۇ ئەسەردە ناسىر خۇسرەۋ تۈرلۈك ئىجتىمائى قاتلاملار ئۈستىدە، ئۇلارنىڭ ئەخلاق-ئەدەپ ئەھۋالى ئۈستىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان. ئاپتۇر زالىم پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنى، ئالدامچى ۋە سوتخورلارنى قاتتىق قارىلاپ، دېھقانلار ۋە ھۈنەرۋەنلەرنى ئۇلۇغلايدۇ. ئۇ كىشىلەرنى ياخشى خىسلەتنى ئىگىلەپ، يامان خۇسۇسىيەتلەردىن چەتلەشكە دەۋەت قىلغان.

ناسىر خۇسرەۋ «كەنزۇل-ھەقايىق» (ھەقىقەت خەزىنىسى) ناملىق نەسرىي ئەسەر يازغانلىقى مەلۇم. دەۋلەتشاھ سەمەرقەندىينىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ناسىر خۇسرەۋ 30مىڭ بېيىتتىن ئارتۇق قەسىدە، غەزەل، قىتئە، روبائىيلار يېزىپ، ھېكمەت ۋە نەسىھەتنى تەۋسىيە قىلغان.

  ناسىر خۇسرەۋ ئۆز دەۋرىنىڭ ئېنسىكلوپېدىستى، مۇتەپەككۇرى، شائىرى سۈپىتىدە ماددا، تۆت زاتنىڭ مەڭگۈلۈكى، دۇنياۋى ئەقىلنىڭ رولى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئۇتۇقى ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەن. ئۇ بىلىشنىڭ چەكسىزلىكى، ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ زور كۈچىنى ئېتىراپ قىلىپ، راتسىئۇنالىزملىق پۇزىتىسىيىدە تۇرغا. ئىلغار پەلسەپىلىك پرىنسىپال مەسىلىلەرنى دىن ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە تەتبىق قىلىپ، فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ جاھالىتىنى تەنقىد قىلدى. ناسىر خۇسرەۋ ئەخلاق مەسىلىلىرىدە مېھنەتكەش خەلقنىڭ-خۇلق ئادەتلىرىنى ھىمايە قىلىپ، ئالىي ئەخلاق-پەزىلەتلەرنى ماختىدى. ئىدېئال جامائە ھەققىدە خىيال سۈرۈپ، ئۇنى «ئىدېئال رەھبەر، ئىدېئال ھاكىم بىلەن باغلاپ تەلقىن قىلدى»(م.خەرۇللايوۋ: «ئويغىنىش دەۋرى ۋە شەرق مۇتەپەككۇرى»1971-يىلى، تاشكەنت ئۆزبېكچە نەشرى. 287-بەت). ئۇ مۇنداق يازغان:

«سەن ياراتقان ئۆزۈڭدەك ئىنسان تۇرسا،
قىمار تاۋكاسىدا ئۇشۇق بولمىسا.
مەسخىرە قىلغاندەك ئۆز ئەسىرىڭنى،
نېمىشقا شەيتاننى ياراتتىك خۇدا.
ئۆزگىمۇ سۇئالىم مېنىڭ بار يانا،
ۋە لېكىن تۇرىمەن سۆزلىمەي مانا.»

(گ. غاپوروۋ:«تاجىك خەلق تارىخى»1985-يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 252-بەت)
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«نېمىشقا ئۇلۇغلار ئىلىمسىز نادان،
ۋاپاسىز دۇنيادا مەن ئوققا نىشان.
گەر تەكشى ئايلانسا پەلەك ئىزىدا،
ئاي قەسرى بولمامتى مەن ئۈچۈن ماكان.


QQ截图20161029232005.png


بىلىم-نۇر، روھ-بايلىق، ئارتۇقى بولماس،
ئۇلۇغ ئەقىل ئېيتار جەڭ قىلساڭ ھامان.
ۋاقىت قوشۇنى، ئالەم خەنجىرىگە،
ئىشەنچ ھەم بىلىمىڭ قوشۇنى قالغان.»

(دەۋلەتشاھ سەمەرقەندىي: «تەزكىرە تۇش-شۇئەرا»31-بەت.)


ئۇ ئىشەنچ ۋە بىلىمنى ئىككى گۆھەر سۈپىتىدە مۇنداق تىلغا ئالغان.

«يەتتە گۈمبەز تامىنىڭ نەقىشى ئېرور ئىككى گۆھەر،
كائىناتتا نېمە بولسا ھەممىدىن يۈكسەك تۇرار.»


ناسىر خۇسرەۋ ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى-ئىجتىمائى-ئەخلاقىي قاراشلىرىنى ئەبۇ نەسىر فارابىي ۋە ئىبنى سىنانىڭ پانتېئىزمىلىق، راتسىئۇنالىزمىلىق ۋە گۇمانىزمىلىق قاراشلىرى ئاساسىدا ئىزاھلىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى بۇ ئۇلۇغۋار مۇتەپەككۇرلارنىڭ ۋارىسى ھېسابلىغانىدى.

ناسىر خۇسرەۋ ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئالەمنىڭ ئۇلۇغ ئۇتۇقى دەپ قارىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«ئادەمدە تەۋەززۇ ئەقىلدىن دېرەك،
ئۇلۇغلۇق ھىممەتتىن تاپىدۇ بېزەك.»
«ئەقىلنىڭ ئالتۇندىن ئارتۇقلۇقى بار،
ئالتۇن بىلەن ئادەم بولالماس ھۇشيار.»


ناسىر خۇسرەۋ ئەقىلنىڭ قۇدرىتىنى ئىلىمگە باغلاپ، مۇنداق دەيدۇ:
«ئۆزۈڭنى بىلىم بىلەن بېزەت ھەر مەھەل،
پەقەت كىمخاپ كىيگەن ئەمەستۇر گۈزەل.»
«مىڭ خەنجەرلىك ھېچكىم بىلىمدان بولماس،
بىلىمگە مىڭ خەنجەر كۈچى تەڭ كەلمەس.»
«ئىلىم بىلەن يېتىش مۇمكىن بۇرادەر،
زەررىدىن ھالقىپ تا قۇياشقا قەدەر.»


ناسىر خۇسرەۋ ئۆزىنىڭ سىياسى-ئىجتىمائى قاراشلىرىنى ئادالەت ۋە جاھالەت-زۇلۇم بىلەن تەققاس قىلغان ھالدا جاكارلىدى. ئۇ ئادالەتنى جاھاننىڭ تەرتىپى، ئالەمنىڭ تاجى دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:


«ئەدىل-پاك ئەقىلنىڭ ۋارىس، جىلاسى،
ئەقىل_ ئاپتاپ، ئەدىل _ ئۇنىڭ زىباسى. »
«يىرتقۇچ بۆرە بولسا ئۆلۈمگە لايىق،
زالىم ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر، خالايىق!»

«جاھالەت ئەھلىگە سەن قىلما سۆھبەت،
بۇ ئىشتىن جېنىڭغا يېتىدۇ زەخمەت.»
«زېرەكلەر سۆھبىتى قىلار بەختىيار،
نادان گېپىدىمۇ دائىم زەرەر بار.»


ناسىر خۇسرەۋ ئەمگەكنى، ئەمگەكچى خەلقنى قەدىرلىگەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم بىر تېمىسى خەلقنى كۈيلەش بولدى. ئۇ مۇنداق يازغان:

«جاھان شادلىقنىڭ ئاساسى دېھقان،
ئۇنىڭدىن ئېتىزلار ھەم باغۇ بوستان.
ئۇنىڭدىن ياخشىراق ئالەمدە نېمە،
بۇ ئىشتىن يادىكار ئادەم نەسلىگە.»
«كاسىپتىن شاد-خۇرام ھۆر يوق جاھاندا،
ھۈنەردىن ياخشىراق دۇر يوق جاھاندا.»



ناسىر خۇسرەۋ ئەخلاق-پەزىلەت مەسلىسىدە توختالغاندا، ياخشىلىق-يامانلىقتىن ئىبارەت ئاساسىي ئېتىكىلىق كاتېگورىيىنى بىر قاتار ئەمەلىي ئەخلاق-پەزىلەت مەسىلىلىرى بىلەن كونكرېتلاشتۇرغان. ئۇ مۇنداق ھېكمەت دۇردانىلىرىنى تىلغا ئالغان:


«ياخشىلىق سەن بىزنىڭ قولىمىزدا، باق،
كىم يامانلىق قىلماس- يۇلتۇزى پارلاق.»
«رەنجىمىسۇن دېسەڭ ھېچكىمنىڭ جېنى،
بىئازارلىق خەزىنىنىڭ يول پاسىبانى.»
«سېنىڭ _مىنىڭ قولۇمدا يۇرۇق يۇلتۇز بولماقلىق،
يۇلتۇزىمىز يۇرۇقتۇر ئىزدىمىسەڭ يامانلىق.
«بېرەلمىسەڭ بىراۋ دەردىگە دەرمان،
دەرد ئۈستىگە دەرد قوشما ھېچقاچان.»
«كېلىشمەيدۇ ئەسلا ئىنسان زاتىڭغا،
يېقىلغاننى تاشلاپ مىنسەڭ ئېتىڭغا.»


ئۇ ھەسەتخورلۇقنى يامان ئادەت سۈپىتىدە قاتتىق سۆككەن.


«بېرىلمىگەيسەن ھەسەتكە زىنھار،
ھەسەتتە يا چەك يوق ۋە ياكى مىقدار.»


ناسىر خۇسرەۋنىڭ ئىلمىي-پەلسەپىۋى ئىدىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا-يېقىن شەرق ئىلغار پەلسەپىۋى ئىدىيىلەر تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ نامى تاجىك خەلقى ئارىسىدا، جۈملىدىن شىنجاڭدا ياشىغۇچى تاجىك خەلقى ئارىسىدا ھېلىمۇ زور ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىللە ئۇيغۇر پەلسەپىۋى قاراشلىرى ۋە ئۇيغۇر روھىيىتىگە چەمبەرچاس باغلانغانىدى. بۇ يىپەك يولى ئوتتۇرا بەلۋېغىدا ياشىغان ئۇيغۇر ۋە تاجىك خەلقلىرى مەنىۋى ئالاقىلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىكلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇيغۇر مەدرىسلىرىدە، جۈملىدىن بۇخارا، سەمەرقەنت مەدرىسلىرىدە تەربىيلەنگەن كۆپلىگەن ئالىم-ئەدىبلەر ناسىر خۇسرەۋ ئىدىيىلىرىدىن ئوزۇقلانغان ۋە ئىلھاملانغان.

2.ئۆمەر ھەييام تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرىنىڭ تەسىرى

QQ截图20161029200344.png

غىياسىدىن ئەبۇل فاتېھ ئۆمەر ئىبنى ئىبراھىم ئەل ھەييامى ئەننىشاپۇرى 1048-يىلى 18-مايدا نىشاپۇر شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1131-يىلى 4-دېكابردا 83 يېشىدا نىشاپۇر شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن (م.ئىسكاكوۋ:«ئۆمەر ھەييام توغرىسىدا مەلۇمات» <«ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاننىڭ ئۇلۇغ ئالىملىرى»، 1965-يىلى، ئالماتا، روسچە نەشرى، 119-122-بەتكە قارالسۇن>). ئۇ ئۆزىنى رۇبائىيلىرى ۋە ئەسەرلىرىدە «ھەييام» (چېدىرچى)دېگەن تەخەللۇسى بىلەن ئاتىغان. ئۇ ئېھتىمال ئۇنىڭ ئاسترونوم سۈپىتىدە ئالەم «چېدىرى» نى كۆزىتىدىغانلىقىنى ياكى پەيلاسوپ سۈپىتىدە ئالەم «چېدىرى» نى ئىزاھلايدىغانلىقى ۋە ياكى شائىر سۈپىتىدە پەلسەپىۋى رۇبائىيلار ئارقىلىق ئالەم توغرىسىدا «بېيىت» («بېيىت»سۆزى ئەرەبچە چېدىر دېگەن سۆزلەردىن ئېلىنغان) تۈزىدىغانلىقىغا قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۆمەر ھەييامنىڭ ئۇيغۇر پەلسەپە ئىدىيە تارىخىدا مۇھىم مەنبەلىك تېماتىكا سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنىشى ئاساسسىز ئەمەس، ئەلۋەتتە بىر تەرەپتىن، نىشاپۇر شەھىرى خۇراسان، ئىران چېگراسىغا جايلاشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ئەينى زاماندىكى سۇلتان مەسئۇت ھۆكۈمرانلىقىدىكى خۇراسان-غەزنەۋىيلەر ئىمپېرىيىسىنىڭ، 1040-يىلى توغرۇل بەگ باشچىلىقىدىكى سەلجۇقىيلار تەرىپىدىن غۇلىتىلغان. ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي 1055-يىلى باغداد شەھىرىنى سەلجۇقىيلار ئىشغال قىلغان. پامىردىن ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغىچە، كافكازدىن يەمەنگىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيىدە سەلجوقىيلار ئىمپېرىيىسى شەكىللەنگەن دەۋردە تۇغۇلدى ۋە ياشىدى. غەزنەۋىيلەر ۋە سەلجۇقىيلار ئوتتۇرا ئاسىيا ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن شەكىللەنگەنىدى. شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، ئۆمەر ھەييام ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خۇراساننىڭ مەرۋى، بەلىخ، بۇخارا ۋە سەمەرقەنت قاتارلىق شەھەرلەردە ئوقۇدى. خىزمەت قىلدى ۋە ياشىدى. ئۇ نىشاپۇر مەدرىسىدە نەسىرىدىن شەيخ مۇھەممەد مەنسۇر (1104-يىلى ۋاپات قىلغان)دىن تەلىم ئالغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئەسىر شەھەرلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر-ئوغۇز ۋە تاجىك ئالىملىرى مۇسا خارەزمىي، ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد فارابىي، برۇنىي ئەسەرلىرىنى ۋە ئىلاھىيەت ئىلىملىرىنى ئۆگەندى. «ئۆمەر ھەييامنىڭ ئالىم بولۇپ يېتىشىشىگە ئۇنىڭ پېشىۋالىرى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرى كۈچلۈك بولغان» (يۇقىرىقى كىتاب،121-بەت).
QQ截图20161029200722.png


   توغرۇل بەگدىن كېيىن سۇلتان ئالىپ ئارسلان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى جالالىدىن مەلىك شاھ دەۋرىگە كەلگەندە گۈللىنىپ چېكىگە يەتكەن سەلجوقىيلار ئىسفاھان شەھىرىنى پايتەخت قىلغانىدى. سەلجۇق سۇلتانلىرى پايانسىز زېمىننى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئۆز سارىيىغا ئالىملار ۋە مەسلىھەتچىلەرنى توپلىغانىدى.

ئۆمەر ھەييام ئىلگىرىكى ساۋاقدىشى مەلىك شاھنىڭ باش ۋەزىرى، مەشھۇر «سىياسەتنامە» ناملىق ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى، تاجىك ئالىمى نىزامۇل مۈلىك (1017-1092)نىڭ تەكلىپى بىلەن 1074-يىلى مەلىك شاھ ئوردىسىغا كىلىپ ئاسترونومىيە رەسەتخانىسى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا باشلىدى. ئۇ بۇ خىزمەتنى 17 يىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە «زىجى مەلىك شاھى» (مەلىك شاھ نامىدىكى ئاسترونومىيە جەدىۋىلى)نى يېزىپ چىقتى ۋە سەلجوقىيلار كالېندارى «تەقۋىمى جالالى» نى تۈزدى. 1092-يىلى سېنتەبىردە مەلىك شاھ (1072-1092) قازا قىلدى. ئۆكتەبىردە باش ۋەزىر نىزامۇل مۈلك سۈيقەست بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۆمەر ھەييام ھامىيسىز قالغانلىقى ۋە خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك مەككە-مەدىنىگە ھەج قىلىش باھانىسىدە ئىسفاھادىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ئوتتۇرا-يېقىن شەرقنى ئايلىنىپ، ئاخىر ئۆز يۇرتى نىشاپۇرغا كىلىپ، تولىمۇ نامراتلىقتا ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىنى يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ كۆپلىگەن رۇبائىيلىرى ئۇنىڭ مۇشۇ مەزگىللىرى يېزىلغان. ئۇلۇغۋار ئالىم ۋە شائىر ئۆز يۇرتىدا ئىز-دېرەكسىز ۋاپات قىلغانىدى.

QQ截图20161029223821.png

ئۆمەر ھەييامنىڭ 50 پارچە ئەتراپىدا ئەسەر يازغانلىقى مەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ بىر قىسمىلا زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلىگەن. ئۆمەر ھەييامنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرى «رىسالەتۇل-قەۋن ۋەتتەكلىف»،«كائىنات ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرى»، «رىسالە فىئۇل ۋۇجۇد» (مەۋجۇدىيەت ھەققىدە رىسالە)، «رىسالە فى كۇللىياتى ۋۇجۇد» (مەۋجۇدىيەتنىڭ ئۇمۇملۇقى ھەققىدە رىسالە»، «ئېۋكىلىد كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدىكى مۈشكۈللۈكلەرگە شەرھى»، «ئارىفمېتىكىدىكى مۈشكۈل مەسىلىلەر»، «ئەلجەيرى ۋەلمۇقابەلە ھېسابلىرىنىڭ يېشىلىشى ۋە ئىسپاتى توغرىسىدا ماقالە»، «رۇبائىياتى ئۆمەر ھەييام»قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئۆمەر ھەييام ئۆز دەۋرىنىڭ كۆرۈنگەن ماتېماتىكى بولۇپ، ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئارستوتېل، ئېۋكىلىد، ئارخىمېد ئاپپولونى، پتولېمى، گرون، خارەزمىي، فارابىي ۋە باشقا ئۇستازلارنىڭ شاگىرتى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئالگېبرا خارەزمىيدىن ئۆمەر ھەييامغىچە دېيەرلىك  راۋاجلانمىغانىدى. ئالگېبرا دەرسلىكلىرى ئەينى ھالدا «ئەلخارەزمىي شۇنداق ئېيتىدۇكى» دېگەن ئىبارىلەردىن يىراقلاشمىغانىدى. ئۆمەر ھەييام ئارىفمېتىكا بىلەن ئالگېبرانى سېستىملىق تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوبېكىت پەرقلىرىنى روشەنلەشتۈردى. ئۇ: «شۇنداق ھېسابلايمەنكى، ئالگېبرا ۋەلمۇقابەلە شۇنداق سەنئەتكى، ئۇنىڭ ئوبيېكتى مۇتلەق مىقدار بىلەن ئۆزگىرىشچان ماسسا (ھەجىم)دىن ئىبارەت» دەپ كۆرسەتتى. ئۆمەر ھەييامچە، ئالگېبرا تەڭلىمىلەر ھەققىدىكى بىلىم بولۇپ، بۇ تەڭلىمىلەر «ئالگېبرا تەڭلىملىرى» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ تەڭلىمىلەرنى بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى... تەڭلىمە دېگەندەك 25 تۈرگە ئاجراتقان ۋە ئۇنى يېشىش ئۇسۇللىرىنى كۆرسەتكەن. ئەگەر ئېۋكىلىد كۋادراتلىق تەڭلىمىلەرنى يېشىش ئۈچۈن چەمبەر بىلەن تۈز سىزىقتىن پايدىلىنىش ئۇسۇللىرىنى كۆرسەتكەن بولسا، ئۆمەر ھەييام كۇبلىق تەڭلىمىلەرنى يېشىش ئۈچۈن باشقىچە ئۇسۇلدا چەمبەر، ئېللىپىس، گىپېربول، پارابول ۋە تۈز سىزىقتىن پايدىلىنىش مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.
QQ截图20161029224000.png

ئۆمەر ھەييامنىڭ «ئەلجەيرى ۋەلمۇقابەلە ھېسابلىرىنىڭ يېشىلىشى ۋە ئىسپاتى توغرىسىدا ماقالە» ناملىق ئەسىرى 1071-يىلى، 19-دېكابىر ئاياغلاشقان.«ئېۋكىلىد كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدىكى مۈشكۈللۈكلەرگە شەرھى» ناملىق ئەسىرى 1077-يىلى دېكابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاياغلاشقان. ئەرەب تىلىدا يېزىلغان بۇ ئەسەرلەر ياۋرۇپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ماتېماتىكا پەنلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرنەرلىك ھەسسە قوشقان.
QQ截图20161029201115.png


ئۆمەر ھەييام ئاسترونومىيە ساھەسىدە زور ئىشلار ئېلىپ باردى. بۇنىڭ مۇھىمى ئۆمەر ھەييام كالېندارى _ «تەقۋىمى جالالىيە»دىن ئىبارەت.
QQ截图20161029224025.png

مەلۇمكى، كالېندار ۋاقىت بەلگىلەش جەھەتتىكى مەدەنىيەت ئالامىتى بولۇپ، ئۇ ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ماسلاشقان بولىدۇ. كالېندار تۈزۈش كۆپ قېتىم بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇتلەق دەل بولۇشى مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئاي، يەر ۋە قۇياش ھەرىكىتىدىكى پەرقلەرگە مۇناسىۋەتلىك. ئوتتۇرا ئاسىيادا خارەزمىي، فەرغانىي، برۇنىي، ئۇلۇغبېك ۋە ئۆمەر ھەييام ئۆز كالېندارلىرىنى تۈزگەن.

ئىران رىۋايەتلىرىدە ئاينىڭ پەيدا بولغىنىدىن 8000 يىل كېيىن ئادەم يارىتىلغان بولۇپ، ئاينىڭ تۇنجى كۆرۈنگەن كۈنىنى «نەۋرۇز» (نەۋ_ يېڭى، رۇز _ كۈن) دەپ ئاتىغان. بۇ كېيىنچە ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىياغىمۇ تارالغان. تارىخنامىلەردە ئېيتىلىشىچە، ھون تەڭرىقۇتلىرى «ئەجدەربالىق» شەھىرىدە يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈشكەن. ھەربىر قەبىلە ۋە ئائىلىلەر كونا يىلقى بەخت مۇئەككەللىرىگە بېغىشلانغان لاي قونچاقلارنى قايتا ئېزىپ لاي قىلىپ، يېڭى بەخت مۇئەككەللىرى ياساشقان.

ئىرانلىقلارنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى كالېندارى خەلىپە مۇتەۋەككىلى (847-861) ۋە خەلىپە مۇئتەدىدە (892-902) دەۋرىدە ئىسلاھ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇ ئەمەلدە ئۆمەر ھەييامغىچە شۇ پېتى قېلىۋەرگەن. ئۆمەر ھەييام ھەر يىلىنىڭ 22-مارت كۈنىنى يېڭى يىل- نورۇز كۈنى دەپ بەلگىلىدى. بۇ كۈنى كېچە-كۈندۈزنىڭ تەڭلىشىدىغان كۈن ئىدى. ئۇ ئۆمەر ھەييامنىڭ كالېندارىدا ھەر 33 يىلنىڭ 25 يىلى كىچىك يىل (365كۈنلۈك)، سەككىز يىلى چوڭ يىل (366 كۈنلۈك) بولۇپ، بۇ سەككىز يىل 33 يىللىق بىر قەرنىنىڭ 28،20،16،12،8،4 33- يىللىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 25 يىل كىچىك يىل 9125 كۈندىن، سەككىز چوڭ يىل 2928 كۈندىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ.
QQ截图20161029211241.png


ئۆمەر ھەييام كالېندارى 1079-يىلى 15-يىلىدىن ئېتىبارەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ كۈننى ئۇ مەلىك شاھ ئەمر-پەرمانى چۈشۈرۈلگەن كۈن بولغاچقا، «مەلىك شاھ كۈنى»، «سەلجوقىلار ئىرادىسى» كۈنى دەپ ئاتىغان. ئۆمەر ھەييامنىڭ كالېندارى ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان گرىگورىيان كالېندارىدىن 26 سېكونت پەرقلىنىدۇ. ئۆمەر ھەييام «نەۋرۇزنامە» ناملىق كىتابىدا ئۆز كالېندارى بۇيىچە نورۇز بايرىمى ۋاقتىنى بەلگىلەش مەسىلىلىرىنى بايان قىلغان.

ئۆمەر ھەييام پەلسەپىۋى شېئىرلار_ رۇبائىيچىلىقىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى بولدى. ئۇنىڭ روبائىيلىرى 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىنگلىز شائىرى گرالد فىتسژىرالد (1809-1883) تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا شۇنداق مۆجىزە پەيدا بولدىكى، ھاياتىنىڭ ئاخىرى غۇربەتتە ئۆتكەن ۋە رۇبائىيلىرى ئالەمگە تۇنۇش بولمىغان بۇ مۇتەپەككۇرنىڭ ئاجايىپ ئالىيجاناپ ئوبرازى شەرق ۋەغەرب جامائەتچىلىكىنى زىلزىلىگە سالدى. بۇ رۇبائىيلار شۇنىڭدىن بېرى قايتا-قايتا نەشر قىلىنىپ، ئۇنتۇلغان شائىرنىڭ كلاسسسىك شەرق ئەدەبىياتىدىكى بىباھا قەسرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئېلىپ كەلدى.
QQ截图20161029220916.png


ئۆمەر ھەييامنىڭ پەلسەپىۋى_ دۇنيا قاراشلىرى مۇھىم تېما، گەرچە ئۆمەر ھەييامنىڭ مەخسۇس پەلسەپىۋى ئەسىرى بىزگە يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىلمىي ۋە بەدىئىي پائالىيەتلىرىدىن ئالىمنىڭ مۇتەپەككۇرانە ئوبرازىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تەكىتلەش ھاجەتكى، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىدىيە تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرى تېرەن ۋە ئۇزاققىچە داۋام قىلغان.

ئۆمەر ھەييام ئىلىك ئۇيغۇر خانىدانلىقى _ قارخانىيلار سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋىرىدە قارخانىيلارغا تەۋە بۇخارا، سەمەرقەنت شەھەرلىرىدە تەلىم ئالغان بولسىمۇ، ئوغۇز سەلجۇقىلار سۇلتانلىقى پايتەختىدە ياشىدى. بۇ چاغدا ئوتتۇرا يېقىن شەرقتە ئىسلام كالامىزمى قايتىدىن ئۆز سېپىنى كۈچەيتكەن. فېئوداللىق زۇلۇم بىلەن دىنىي ئەقىدىلەر تېخىمۇ قۇشۇلۇپ كەتكەن. سوپىزملىق تەركىدۇنياچىلىق ئەقىدىلىرى باش كۆتۈرگەن. ئىلىم-پەن ۋە ئەركىن پىكىر قاتتىق چەكلەنگەنىدى. بۇ ھال پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن ئۇيغۇر روھىيىتىگە ئورتاق ئەھۋال ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق يازغانىدى:

«بۇ زامان ئەقىلدىن پەيدا يوق زىنھار،
ئەقىلسىز كىشىگە جاھان ئۈنۈمدار.
ئەقلىمنى ئالغۇچى نەرسىنى كەلتۈر،
شۇندا بۇ زامانە ماڭا بولغاي يار.»
توغرىلىق بولسىدى پەلەكنىڭ ئىشى،
ياقتۇرغان بولاردى ئۇنى ھەر كىشى.
دۇنيانىڭ ئىشىدا بولسا ئادالەت،
بولماستى دانالار كۆڭۈل ئاغرىشى.


ئۆمەر ھەييام ئۆز ئەسەرلىرى ۋە رۇبائىيلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ماددىيلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. تەبىئەت قانۇنلىرى ئالەم ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئورنىنى كۆتۈرگەن. ئۇ تەبىئەت قانۇنلىرى تەڭرىگە دەخلى-تەرۇز قىلمايدۇ. تەبىئەت قانۇنلىرى ئادەمنىڭ ئختىيارى ۋە ئېڭىغا يۆلەنمەيدۇ، تەبىئەت چەكسىز بولۇپ كەلگەن ۋە شۇنداق بولۇپ قالىدۇ(يۇقىرىقى كىتاب، 132-،133-بەتلەرگە قارالسۇن) دەپ قارىغان. ئۇنىڭچە، تەبئەتنىڭ سىرلىرىنى شەرىئەت ئەقىدىلىرى ئارقىلىق ئەمەس، ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئېچىش مۇمكىن (يۇقىرىقى كىتاب، 132-،133-بەتلەرگە قارالسۇن). ئۇ مەۋجۇدىيەتنىڭ تەرتىپىنى خۇددى قەدىمكى گرېك تەبىئەت پەلسەپە تارىخىدىكى پىفاگورنىڭ مىقدار ۋە ئۇنىڭ گارمونىيىسى _ ئالەمنىڭ ئاساسىي دېگەن قاراشلىرىدەك ئىدېئالىستىك قاراشتا قارىغان، مىقدارنى ئالەمنىڭ گارمونىيىسى دەپ چۈشەنگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، «ئۇنىڭ ماتېماتىكا ۋە فىزىكىلىق ئەسەرلىرى ماتېرىيالىستىك يۆنىلىشتە بولغانىدى» (يۇقىرىقى كىتاب، 132-،133-بەتلەرگە قارالسۇن) ئۆمەر ھەييام ساختا يۇلتۇزۋازلىقنى قاتتىق سۆكتى.

ئۆمەر ھەييام ئالەمنىڭ ئەسلى ماددا ئىكەنلىكىنى، ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە ئۆلۈمى ماددىنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشى ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق ئېسىلزادىنىڭ، ماددىدىن ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىدىن غەيرىي ۋە ئۈستۈن ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى، بۇ كىشىنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدىغانلىقىنى ئۆز رۇبائىيلىرىدا مۇنداق بايان قىلغان:

  «جانىمىز بۇ تەننى تەرك ئېتىپ كېتەر،
ئىككى خىش گۆرىمىز كۆزىنى ئېتەر.
كېيىن باشقا گۆرگە خىش قۇيماق ئۈچۈن،
بىزنىڭ تۇپراقلىقنى ئېزىپ لاي ئېتەر.»


«بازاردا بىر كۇلال كۆرسىتىپ ھۆنەر،
بىر بۆلەك خام لاينى تېپىپ پىشۇرار.
لاي زارلاپ ئېيتتىكى، ۋاي ئاستىراق تەپ،
مەنمۇ ھەم كۇلالچى ئىدىم، بۇرادەر.»


«لېۋىمنى قويۇپ كوزا لېۋىگە بىردەم،
ئۇزۇنراق ئۆمۈرنىڭ تەلىپىنى قىلسام.
لېۋىنى لېۋىمگە قويۇپ دېدى ئۇ:
مەنمۇ سەندەك ئىدىم، بىردەم بول ھەمدەم.»

  ئۆمەر ھەييام خرىستىئانىزم ۋە بۇددىزم بىردەك كۈچەپ تەشۋىق قىلغان ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تۆرىلىپ پانىي دۇنياغا كېلىشتىن ئىبارەت ئەپسانىنى ئۇستىلىق بىلەن مۇنداق رەت قىلغان:

«ئەپسۇس يۇرۇق ئۆمرۈم قارا تۈن بولدى،
ئەجەل دەستىدىن بۇ جىگەر خۇن بولدى.
ئېيتمىدى ئۇ دۇنيادىن كېلىپ ھېچكىم،
كەتكەنلەر بېشىدا قانداق كۈن بولدى.»

QQ截图20161030224055.png


«تاڭ چېغى ئويغانغىن، نازىنىن گۈزەل،
مەي تۇتۇپ ئىچەيلى، راۋابىڭنى چال.
دۇنياغا كەلگەنلەر تۇرمىدى ئۇزاق،
كەتكەنلەر قايتىشىپ كەلمەس ھېچ مەھەل.»


ئۆمەر ھەييام دىنىي-مىللىي ئېتىقادلىرى بويىچە كەمسىتىشكە قارشى چىقتى. ئۇ مۇنداق يازغان:

«ئايرىمىش دىن يەتمىش ئىككى دەپ مىللەت،
مەن بولاي باشقىراق بىر ئەجەپ مىللەت.
يوق كاپىر، يوق ئىسلام، يوق گۇناھ-ساۋاب،
باھانەڭنى نېرى قوي! سەن ئۈزۈڭ مەقسەت.»


  ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەينى زامان بەزى ئىسلام روھانىيلىرىنىڭ خۇراپىيلىقى ئۈستىدىكى مەسخىرىسىنى ئىپادىلىگۈچى رۇبائىيلىرىدىن مىسال كەلتۈرمىسىمۇ يېتەرلىك.
ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدا سوپىزم ۋە بۇددىزمنىڭ بىر قاتار يوقلۇق (سونياتا) قاراشلىرىنىڭ روشەن ئىپادىلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇ خۇددى قەدىمكى كۈسەنلىك مۇتەپەككۇر كومىراجىۋا تەشەببۇس قىلغاندەك ھېچ نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ھەتتا خىيالى نېرۋانا جەننەتلىرى، بۇدداغا ئايلىنىش يوللىرى ھەممىسى قۇرۇق خىيال دېگەن قاراشقا يانداشقان. بۇ ئەينى زامان سوپىزمچىلىرىنىڭ بىر مەسىلىكى بولغانىدى. ئەمما، كومپىراجىۋادىن پەرقلىق ھالدا ئۆمەر ھەييام مۇتلەق يوقلۇقتىن كېلىپ، مۇتلەق يوقلۇققا قايتىش ئارىسىدا ئىنساننىڭ بەدەن، پەي، قانلىرى ۋە ئۇ ياشاۋاتقان رېئال تۇرمۇش بىرىنچىدىن، ئازابلىق، ئىككىنچىدىن، نىسپىي ئۆتكۈنچى بولسىمۇ مەۋجۇت دەپ قارىدى. بۇ ئۇنىڭ مۇتلەق ماددىي دۇنيانى ئېتىراپ قىلىشى بىلەن ئەينى زامان ئىجتىمائىي ھاياتىدىن نارازىلىقىنى بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئۇ مۇنداق يازغان:

«بىزلەر قورچاقمىزكى، پەلەك قورچاقۋاز،
بۇ سۆزۈم چىن سۆزدۈر، ئەمەستۇر مەجاز.
يوقلۇق ساندۇقىغا چۈشەرمىز بىر-بىر،
ۋۇجۇد پالىسىدا ئوينىغاچ بىر ئاز»



«ئەي ئاڭسىز، بىلمەيسەن، ھېچدۇر بۇ ئالەم،
نېگىزلىك شامالدۇر-ھېچدۇر بىر تۇتام.
ئىككى يوقلۇق ئارا بارلىقىڭ، قالمىش،
ئەتراپىڭ يوقلۇقتۇر ھېچتۇر ئورتا ھەم.»


ئۆمەر ھەييام ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيانى بىلىپ بولماسلىق (ئاگىنوستىتىزم) ئىپادىلىگەن بەزى رۇبائىيلارنىمۇ يازغان. ئۇ 53-رۇبائىيىسىدا:

«دىلىم ئىلىملەردىن مەھرۇم بولماپتۇ،
بىر سىر قالمىدىكى مەپھۇم بولماپتۇ.
تۈن-كۈنى ئويلىسام يەتمىش ئىككى يىل،
بىلدىمكى: ھېچ نەرسە مەلۇم بولماپتۇ.»


ئۆمەر ھەييام غەزەپ ئىچىدە كۆز يۇمغان. ئۇ 68-رۇبائىيىسىدا:

«يۈرىكىم قات-قېنى يۈز خانىۋەيران،
پەريادىم قورقۇنچى ئارتۇق يۈز چەندان.
ھەربىر كىرپىكىمدە قان دەرياسى بار،
كىرپىكىم يۇمۇلسا باشلىنۇر توپان.»


دەپ يازسا، 187-رۇبائىيىسىدا كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتۈپ مۇنداق يازغان:

«كاشكى تىنىچ جاي تېپىپ كېتىپ بولسىدى،
يا ئۇزاق بۇ يولدىن ئۆتۈپ بولسىدى.
يۈز مىڭ يىلدىن كېيىن ئارزۇ-ئۈمىدلەر،
گىياھتەك تۇپراقتىن ئۈنۈپ چىقىسىدى.»
QQ截图20161030222329.png


   ئۆمەر ھەييامنىڭ دۇنيا قاراشلىرى ئىلمىي ئىشلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلىم-پېنى، پەلسەپە ئىدىيىلەر راۋاجىغا سالماقلىق تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر پەلسەپە ئىدىيىلىرىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا ئۇنىڭ جىلۋىلىرىنى روشەن بايقاش مۇمكىن.
QQ截图20161029225759.png


3.ئوتتۇرا ئاسىيادا سوپىزملىق پىكىر ئېقىمىنىڭ ئاساسىي نامايەندىلىرى

ئى. ئە. بېرتېلس ئۆزىنىڭ چوڭ ھەجىملىك خاس ئەسىرى «سوپىزم ۋە سوپىزم ئەدەبىياتى» (1965-يىلى موسكۋا نەشرى) دا سوپىزم توغرۇلۇق ئۇمۇمىيۈزلۈك توختالغان. سوپىزم ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام شەرقىدىكى سېنكرېتىك (ئارىلاشما) روھانىيەتچىل ئىدىيە سۈپىتىدە پۈتكۈل ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنىدى. سوپىزم بىر خىل پىكىر ئېقىمى سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا تارقالدى ۋە تېز ئارىدا سوپىزمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا خاس پىكىر ئېقىملىرى مەيدانغا چىقتى. ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپە ئىدىيە تارىخىدا سوپىزمنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەھەللىۋى پىكىر ئېقىملىرى ۋە ئۇنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشقا كۆرسەتكەن تەسىرى ئۈستىدە توختالماي بولمايدۇ.

«سوپىزم»ئىبارىسىنى ئىزاھلىغۇچىلار ھەرخىل، بىر قىسىملار «سوپى» ئىبارىسى «ئۆچكە تېرىسى» دېگەنلىك بولۇپ، دەسلەپكى سوپى-دەرۋىشلىرى ئۇچىسىغا ئۆچكە تېرىسى يېپىنىۋالغاچقا، ئۇلارنىڭ تەرىقىتى «سوپىچىلىق» _ سوپىزم دەپ ئاتالغان. دېيىشىدۇ. يەنە بىر قىسىملار «سوپى» سۆزى قەدىمكى گرېكچە «فلوسوفىيە ئەقىلنى ياخشى كۆرۈش» دېگەن سۆزدىكى «سوپى_ ئەقىل» ئىبارىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ «ئەقىلدانلار»، «ئەقىل تاپقانلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دېيىشىدۇ. سوپىزمىچىلار ئۆزلىرىنى يەنە «تەسەۋۋۇپچىلار» دەپ ئاتىشىدۇ.

سوپىزمنىڭ قاچان مەيدانغا كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئۇنىڭ بىر قاتار ئالامەتلىرى ھەرقايسى دىنىي ئېقىملاردا ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسەتكەن. بىز سوپىزمنىڭ بىر قاتار ئامىللىرىنى بۇددىزم تەلىماتلىرىدىن، يېڭى پلاتونىزمدىن، خرىستىئانچىلىقتىن، جۈملىدىن مۇتەززىلىزم پىكىر ئېقىمىدىن ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، سوپىزم بىر خىل ئىدېئولوگىيىلىك پىكىر ئېقىمى سۈپىتىدە ئىسلامىيەتتىن كېيىن، ئىسلامىيەت شەكلىدە مەيدانغا كەلدى.

سوپىزم تارىخىدا ئەبۇل مۇخس ئەل ھۈسەين ئىبنى مەنسۇر ئىبنى مۇھەممەد ئەل بەيدەۋىي ئەل ھەللاجى (858-922) تەسىرلىك ئورۇن تۇتقان. ھەللاجى فارسنىڭ تۈرى دېگەن يېرىدىكى چىغرىقچى بولۇپ، دادىسى ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇ 873-،897-يىللىرى جۇنەيدىل باغدادى قاتارلىق شەيخلەردىن سوپىزم تەلىماتىنى ئالىدۇ. ئىران، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، خۇراسان زېمىنلىرىنى ئايلىنىپ، مەككە ئارقىلىق 908-يىلى باغدادقا كېلىدۇ. ئۇ يەردە مەكتەپ ئېچىپ شاگىرتلار تەربىيىلەيدۇ، ئۆز تەلىماتىنى تارقىتىدۇ. نەتىجىدە خەلىپە مۇقتەدىرنىڭ ئەمرى بىلەن 921-يىلى زىندانغا تاشلىنىپ، 922-يىلى 26-مارت كۈنى باغداد مەيدانىدا دارغا ئېسىلىپ، ئۈلۈكى كۆيدۈرۈلۈپ، كۈلى سورۇۋېتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تەسىرى ۋە سوپىلىق تەلىمى ئەتراپقا، جۈملىدىن توققۇز ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تولىمۇ تېز تارقىلىپ، ئۆز مۇخلىسلىرىغا ئېرىشىدۇ. مەنسۇر ھەللاجى سوپىستىك قاراشلىرى ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرلىرى، بولۇپمۇ سوپىستىك قاراشتىكى شائىرلار ئارىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك شۆھرەت ۋە تەسىرگە ئىگە بولغان.

مەنسۇر ھەللاجىدىن كېيىن بابا كۇھىي (؟-1050)، ئابدۇللا ئەنسارىي (1002-1088)، زەينىدىن مۇھەممەد غەززالىي (1058-1111)، ئابدۇلمەجىد سەنائىي (؟-1150)، خوجا ئەھمەد يەسسەۋى (؟-1166)، پەرىدىدىن ئەتتار (1148-1229)، ئىبنى ئەل ئەرەبىي (1165-1240)، شەمىسىدىن تەبرىزىي، جالالىدىن رۇمىي (1207-1273)، شەيخ سەئىدى شىرازىي (1202-1291) قاتارلىق سوپىزملىق پىكىر ۋە ئەدەبىيات نامايەندىلىرى مەيدانغا كېلىپ، بۇ پىكىر ئېقىمىنى ئوخشىمىغان جەھەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈشتى. بۇ يەردە يەنىلا مەنسۇر ھەللاجى قاراشلىرى ئاساسىي تېماتىكا قىلىنغانىدى.

سوپىزم پىكىر ئېقىمى مەنسۇر ھەللاجىدا «ئەنەلھەق» _مەن ھەقىقەت، دېگەن تېزىستا ئىپادىلەنگەن. بۇ مۇتەززىلىچىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، ئىرادە ئەركىنلىكى قاراشلىرىنى جارى قىلدى. تەڭرىنى ئىنساننىڭ قەلبى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سوبيېكتلاشتۇرۇۋەتتى. ئۇ ئىلاھىيەتچىلىكنى پىسخولوگىيە ۋە بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتكە بوراپ، شەرىئەت، تەرىقەت ۋە ھەقىقەتتىن ئىبارەت تەڭرى بىلەن قۇشۇلۇپ كېتىشنىڭ ئۈچ باسقۇچىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ھەقىقىي شەرىئەتكە لايىق ساختا بولمىغان پاك دىل مۇسۇلمان، سوپىلىق-تەرىقەت يولىدا جان پىدالىق كۆرسەتسە، ھەقىقەتكە-تەڭرى بىلەن بىرلىشىپ كېتىشكە مۇيەسسەر بولىدۇ، دېگەننى تەكىتلىدى. ئۇلارچە، تەڭرى مەڭگۈ گۈزەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن پەقەت مۇھەببەت ئارقىلىقلا بىرلىشىش مۇمكىن. بۇ ئىنساننىڭ يوقالغان ئۆز ماھىيەتلىرىنى تېپىش، ئىنسان بىلەن تەڭرىنىڭ ماھىيەتلىك بىردەكلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتكە ئېرىشىش ھېسابلىنار ئىدى.

سوپىزم پىكىر ئېقىمى دەسلىپىدە مۇتەززىلىزم خارابىسى ئۈستىگە ئۆسۈپ چىقىپ، ئىسلام دىنىنى ھەرخىل ئىزاھلاشقا كىرىشكەن. رېئاللىقنى، رېئال بەخت-سائادەتنى ئىنكار قىلىپ تەركىدۇنياچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان بولسا، كېيىنچە ئۇ ھەرخىل مۇرەككەپ تۇقۇلمىغا ئايلىنىپ كەتتى. بىر-بىرىدىن پەرقلىق، بىر-بىرىگە قارشى پىكىر ئېقىملىرى بىلەن فېئودالىزمغا قارشى ئىسيانكار پەلسەپىۋى قاراشلارمۇ ئۆزىنى سوپىزم نامىدا نىقابلىدى. شەيخ سەئدىي، سەنائىي، ئەتتار، رۇمىي، ھاپىز شىرازىي، ئابدۇراخمان جامىي قاتارلىق گۇمانىزم نامايەندىلىرى سوپىزم نامى ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئەركىن پىكىرلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ كېلىشتى. سوپىزم ئەدەبىياتى- بولۇپمۇ شېئىرىيىتى ئىسلام شەرقىدە فېئودالىزىمغا قارشى قۇدرەتلىك كۈچ بولۇپ شەكىللەندى. ئۇلار ساتىرىك ۋاستىلەر بىلەن زاھىدلار، بايلار، زالىملار، ئاچ كۆزلەرنى قاتتىق سۆكۈپ، تەڭرىنى ئېزىلگۈچى ئاممىنىڭ فېئوداللىق زولۇمغا قارشى لاگېرىغا ئېلىپ كىرىپ، شۇ تەڭرى نامىدا ئۆز سېپىنى كۈچەيتتى.

  سوپىزم قاتارىغا كېيىنچە فېئوداللارغا ياللانغان يەنە بىر ئېقىم كېلىپ قوشۇلدى. ئۇلار خەلق ئارىسىدا تەقدىرگە بويسۇنۇش، بەختىيار كۈنلەرنى ئاخىر زاماندا كۆرۈش دېگەندەك قاراشلارنى تارقىتىشتى، ھەتتا ئۇلار ئىشانچى جامائە تەشكىلاتلار بەرپا قىلىشتى.

سوپىزم ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىران ئارقىلىق 11-12-ئەسىرلەردە كىرىپ كەلدى. بۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قارخانىيلارنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدىكى ۋە قارخانىيلار دەۋىرىدىن كېيىنكى ئىچكى قالايمىقانچىلىققا گىرىپتار بولغان، خەلق ئاممىسى مەنىۋى ئىجادىيەتكە مۇھتاج بولغان چاغلىرى ئىدى. ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئۇدغۇرمىشنىڭ تەركىدۇنياچىلىق قاراشلىرى، ئۆگدۈلمىش ۋاستىسى ئارقىلىق سىلىق يۇسۇندا تەنقىدلەنگەنىدى. ئەمما، بۇ خىل تەركىدۇنياچىلىق ئەينى زاماندا سوپىزمغا نىسبەتەن تولىراق بۇددا دىنىدىكى «ئەدەم»- «سونياتا» قاراشلىرىغا ئوخشايتتى. ئۇ ئىلاھنى تېخى سۇبيېكتلاشتۇرمىغانىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى كۈچلۈكخان، گورخان ۋە چىڭگىزخان ئىستېلاسىدىن كېيىن قاتتىق قىرغىنچىلىق ۋە خانىۋەيرانلىققا ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك بىر ئاقىۋىتى سۈپىتىدە 11-ئەسىرنىڭ مەشھۇر سوپىزم مۇتەپەككۇرى يۈسۈپ ھەمەدانىينىڭ تەسەۋۋۇپ ئېقىمى مەيدانغا كەلدى.

يۈسۈپ ھەمەدانى موزدۇز ئىدى. ئۇ بۇخارا، سەمەرقەنتىكى گورخان كىدانلىرىدىن مۇداپىئە كۆرۈش جەڭلىرىگە قاتناشقانىدى. ئۇنىڭ پىكىر ئېقىمى ئەمگەكچى، ھۈنەر-كەسىپنى، ئۆز يۇرتىنى، ئاسايىشلىقنى سۆيىدىغان خەلققە يېقىن يانداشتى. ئۇ ھۈنەر-كەسىپ، ھەربىي بىلىم ئىگىلەشنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە ئىلغارلىققا ئىگەئىدى.

يۈسۈپ ھەمەدانىينىڭ شاگىرتلىرىدىن ھاجى ئابدۇخالىق غىژدىۋانىي بىر ئېقىم تەشكىل قىلدى. بۇ بۇخارا يېنىدىكى غىژدىۋان رايونىدا تۇغۇلغانىدى. غىژدىۋانىي ھۈنەر- ئەمگەكنى تەشەببۇس قىلىپ، يۈسۈپ ھەمەدانىي ئىزىدىن ماڭدى.

يۈسۈپ ھەمەدانىينىڭ مۇرىتلىرىدىن ئەھمەد يەسسەۋى ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى سۇلايمان باقىرغانىي بىلەن سەئىد ئاتا، بابا ماچىن قاتارلىقلار يەسسەۋىچىلىك ئېقىمىنى راۋاجلاندۇردى. ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ سوپىزمى كۈچلۈك تەشۋىقات ۋە جەلپ قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، تېز ئارىدا كەڭ تارقالغانىدى. كېيىنچە، سوپىزمنىڭ يېڭى ئېقىمى مۇھەممەد باھائىددىن نەقشىبەندىي ئېقىمى مەيدانغا كەلدى.

خوجا باھائىددىن نەقشىبەندىي (1314-1388) نىڭ ئەسلىي ئىسمى سەئىد مۇھەممەد ئىبنى جالالىدىن مۇھەممەد فازىل بۇخارىي بولۇپ، بۇ بۇخارانىڭ يېنىدىكى قەسرى ئارىفان دېگەن جايدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ قەبرىسىمۇ شۇجايدا، ئۇ «نەقشىبەندىي» (نەقىش سالغۇچى)، «بالا گەردان» (ئاپەت يوقاتقۇچى) دېگەن نام بىلەن شۆھرەتلەنگەن.

خوجا باھائىددىن نەقشىبەندىي چاغاتاي خانلىرىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىللىرى كېپەكخان (1318-1326)، تارمار شىرىنخان (1326-1334)، ئەمىر غازانخان (1346-1358) ۋە تۆمۈرلەڭ ۋاقىتلىرىدا ياشىدى.

نەقشىبەندىچىلىك سوپىزمى ئەنئەنىۋى سوپىزمدىن باشقا، ئۆز زامانىسغا كۆرە ئىبنى سىنا پانتېئىزمى، «قۇتادغۇبىلىك» تەسىرى، فىردەۋسىي (940-1020)، ئۆمەر ھەييام (1040-1122)، نىزامىي گەنجىۋى (1141-1203)، شەيخ سەئىدىي (1202-1291) قاتارلىقلارنىڭ گۇمانىزمى تەسىرىنى سىڭدۈردى ۋە سوپىزمغا مەلۇم دەرىجىدە مۇھىم ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزدى.

خوجا باھائىددىن نەقشىبەندىي تەڭرى بىلەن تەبىئەتنىڭ بىردەكلىكىنى، تەڭرىنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغان تەبىئەتكە يۇشۇرۇنغانلىقىنى، دۇنيادا بىرلا رېئال دۇنيانىڭ، بۇ دۇنيادىلا رېئال ھاياتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا سوپىزم قائىدىلىرىدىكى تەركىدۇنياچىلىقنى، ئۇشۇقچە رىيازەت چېكىش ۋە خىلۋەتتە سۈلۈك تۇتۇش ۋاستىلىرىنى ئىنساننىڭ تەڭرى بىلەن «ۋەسلى ئىلاھىيە» (قۇشۇلۇش) كۇرسىغا يېتىشتىكى بىردىنبىر ۋاستە، ھەتتا ئاساسلىق يول دەپ قارىمىدى. ئۇ سوپىزم قائىدىلىرىنى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە («ئەنجۈمەن») رېئال دۇنيادىكى ئىنسانىي ھاياتقا يۆتكەپ، گۇمانىستىك ۋە مۇشۇ دۇنيالىق پىكىرنىڭ نوپۇزىنى تىكلەشكە يانداشتى. ئۇ «باتىندا (ئىچكى كۆڭۈلدە) ھەق (تەڭرى) بىلەن»، «زاھىردا (سىرتقى ئەمەلىيەتتە) خەلق بىلەن» بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

خوجا باھائىددىن نەقشىبەندىينىڭ سوپىزملىق باش پرىنسىپى تۆت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى، «خىلۋەت دەر ئەنجۈمەن» (خىلۋەتنى جەمئىيەت ئىچىدە قىلماق). ئۇ جەمئىيەت-خەيرىيەتلىكتۇر. ئۇنىڭدا ھالال ياشاش لازىم. ئىبادەتنىڭ ئوندىن توققۇزى ھالال ئەمگەك مېۋىسى بىلەن ياشاشتۇر. دېدى. ئۇ«دىل بەيارۇ، دەست بەكار» (كۆڭۈل يار، يەنى تەڭرى بىلەن بولسۇن، قول ئىش بىلەن بولسۇن) دېگەن مەشھۇر قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى ئۇ ئۆزىمۇ مېتالغا نەقىش چەككۈچى ئىدى.

ئۇنىڭ ئىككىنچى پرىنسىپى، «سەفەر دەر ۋەتەن» (ۋەتەندە زىيارەت قىلماق) بولۇپ، دائىم كىشىلەردىن چەتلەپ ئۆزلەتتە ئولتۇرۇۋېلىپ، ئىستىقامەت قىلىشنى پايدىسىز ھېسابلىدى. ئۇ دۇنيا گۈزەل، ئۇنىڭدا كۆپ مەنە بار، دۇنيا غۇربەتخانا بولسىمۇ، غەمخانا ئەمەس، غەمدە، ئەلەمدە، يالغۇزلۇقتا، ئۆزلەتتىلا ياشاش تەڭرى ئالدىدا نانكورلۇق دەپ قارىدى.

ئۇنىڭ ئۈچىنچى پرىنسىپى، «نەزەر دەر قەدەم» (ھەربىر ئىش ۋە باشقا قەدەم پىكىر-نەزەر بىلەن ئاڭلىق ئۇرۇندىلىشى لازىم). ئۇنىڭچە، دۇنيا پۈتۈنلەي ئازاب دېڭىزى ئەمەس. بىرمۇنچە سەۋەنلىك، يېڭىلىش ۋە بەخىتسىزلىكلەر ئويلىماي ئىش قىلىش تۈپەيلى يۈز بېرىدۇ. ئۇ، ئىنسانغا مەنپەئەتلىك، خۇشاللىق يەتكۈزىدىغان قەدەمنى توغرا قەدەم، ئەكىس نەتىجە بېرىدىغان قەدەمنى ناتوغرا قەدەم (پائالىيەت)ھېسابلىغان.

ئۇنىڭ تۆتىنچى پرىنسىپى، «خۇش دەر دەم» (ھاياتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش) بولۇپ، ئۇ دۇنيادا گۈزەللىك، لەززەتلىك نەرسىلەر بار. لېكىن، ئىنسان ئۆمرى چەكلىك، ئىنساننىڭ گۈزەللىك ۋە لەززەتتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقوقى بولىدۇ. ھەربىر نەپەسنى غەمكىن قىلىۋېتىش نادانلىق؛ دۇنيانىمۇ، ئىنساننىمۇ، ئۆزىنىمۇ چۈشەنمەسلىك، ئۇ ھەتتا بۇنىڭغا قارشى ھەرقانداق پەند-نەسھەتنى ئاڭلىماسلىقنى تەكىتلىدى.

خوجا باھائىددىن نەقشىبەندىي گەرچە سوپىزملىق تۈپكى ئىدېئالىستىك قاراشتىن خالىي بولمىسىمۇ، گەرچە ئۇ يەنىلا ئىلاھىيەت، ئىلاھىيەتنى بىلىش ئېرپانى، ئىشقىي ئىلاھىيە ۋە مۇرىتچىلىق قاراشلىرىدا چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىر قاتار كەڭ پىكىرلىك جانلىق ئىدىيىلىرى ئەركىن پىكىر ۋە ئىنسان ھەم رېئال دۇنياغا كۆرۈنەرلىك مۇمكىنلىك پەيدا قىلدى.

شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، نەقشىبەندىچىلىكمۇ تەدرىجىي ئۆزگىرىشكە ئۇچرىدى. نەقشىبەندىچىلىكنىڭ ئاخىرقى مۇخلىسلىرى سىياسىي كۈرەشلەرگە ئارىلاشقۇچى ئىشانچىلىق تەشكىللىرىگە ئايلىنىپ كېتىشتى ياكى بۇنداق ئىشانچىلىق تەشكىللىرى نەقشىبەندىچىلىكنى سۇيىئىستىمال قىلىشتى. ھىدايتۇللا ئافاق خوجا ئىشانچىلىقى بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى.

ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئالغاندا، سوپىزم ئىدىيىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا توققۇز ئوغۇز ۋە تاجىكلار ئارىسىغا ئىراندىن كىرگەن؛ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۈچلۈك خان، گورخان ۋە چىڭگىزخان ئىستېلاسىدىن كېيىنكى ئىجتىمائى قىيىنچىلىقلىرى بۇ خىل ئىدىيىلىرى مەيلى ئوتتۇرا-يېقىن شەرقتە ۋە مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيادا بولسۇن، ئىلىم-پەن، ئەركىن پىكىر، ئوچۇق تەرەققىيات مۇمكىنلىكلىرىدىن مەھرۇم بولغان شارائىتتا، دەسلىپىدە ئەركىن پىكىرنىڭ بىر خىل ھامىيىسى قىياپىتىدە ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، كېيىنچە ئەكسىيەتچىل كۈچلەر تەرىپىدىن بىر-بىرلەپ پايدىلىنىپ كېتىلگەن؛ سوپىزم روھانىيەتچىل ئىدىيىنىڭ، بىر خىل سېنكرېتىك-ئارىلاشما شەكلى بولۇپ، شەرق-غەرب تەركىدۇنياچىلىقىنىڭ ئىسلامىيەت شارائىتىدىكى يېڭىچە ئىپادىسىدىن ئىبارەت بولدى. سوپىزمىلىق پىكىر ئېقىمى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا شېئىرىيىتى، بولۇپمۇ لىرىكىسىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. فېئودالىزىمغا قارشى سادالار سوپىزم نىقابى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسيانكار پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تاكى 20-ئەسىرگىچە بۇ خىل پىكىر ئېقىمى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىنى توختاتمىدى. ھەتتا سالماقلىق ئىجتىمائىي كۈچ شەكلىنى ساقلاپ كەلدى.

4.ئەھمەد يەسسەۋى ۋە «دىۋانى ھېكمەت»

ئەھمەد يەسسەۋى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى ئۆزەك قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپە ۋە ئەدەبىيات تارىخىدىكى مۇھىم بىر تارىخىي شەخس، راۋان ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى قوشاق شەكلى بىلەن ئۆزىنىڭ يەسسەۋىيە-جەھرىيە سوپىزمىنى بايان قىلغانلىقى تۈپەيلى، ئۇنىڭ شېئىرىي مىراسلىرى قاراخانىيلار دەۋرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان نەمۇنىگە ئايلانغان.

ئەھمەد يەسسەۋى تەخمىنەن 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قارخانىيلارغا قاراشلىق تۈركىستان (سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى يەتتىسۇ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى) ۋىلايىتىنىڭ يەسسە دېگەن جايىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى سايرام (ئەۋلىيا ئاتا) شەھىرىنىڭ شەيخلىرىدىن ئىبراھىم يەسسى ناملىق ئۇيغۇر بولۇپ، ئانىسى قارا چاچ ئانا دېيىلەتتى. ئىبراھىم شەيخنىڭ ئاتىسى مەھمۇد دېگەن كىشى ئىدى. ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ بالىلىق چاغلىرى سايرامدا ئۆتكەن. ئىبراھىم شەيخ قازا قىلغاندىن كېيىن، ئەھمەد يەسسەۋى پەرغانىدىكى ئارسلان بابا (ھازىرمۇ پەرغانە ئەتراپىدا ئارسلان بابا ناملىق مەنزىرىلىك ئارامگاھ بار.) ناملىق ئۇيغۇر ئىشاننىڭ قولىدا تەلىم ئالدى. ئارسلان بابا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ سايرام-ئەۋلىيا ئاتا شەھىرىدىن بۇخاراغا بېرىپ مەشھۇر سوپىزم شەيخى يۈسۈپ ھەمەدانىيدىن تەلىم ئالدى. يۈسۈپ ھەمەدانىي ۋاپات قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىدا خەلىپىلىك قىلىپ داڭق چىقاردى. يۈسۈپ ھەمەدانىي ۋە ئەھمەد يەسسەۋى شەيخلىق قىلغان بۇ جاي ھېلىمۇ بۇخارانىڭ يېقىن ئەتراپىدا ساقلانغان بولۇپ، زىيارەتگاھ قىلىنغان. ئەھمەد يەسسەۋى كېيىنچە مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى سۈپىتىدە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ شەيخلىق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغان. ئۇ دەسلەپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ئارقىدىن قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا شۇنچىلىك شۆھرەت قازاندىكى، «مەدىنىدە مۇھەممەد، تۈركىستاندا خوجائەھمەد» دېگەن سۆزلەر تارقالغان. ئەھمەد يەسسەۋى 1116-يىلى تۈركىستاندا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ قانچە يىل ياشىغانلىقى ھەققىدە خۇددى ئۇنىڭ ھاياتىنى تىلسىملاشتۇرغاندەك نۇرغۇن سېھىرلىك رىۋايەتلەر تۇقۇلغان. ئېيتىلىشىچە، ئۇ مۇھەممەد پەيغەمبەردىن ئارتۇق ياشاشنى نامۇناسىپ كۆرۈپ، 63 يېشىدا يەر ئاستى ئۆيى_ چىللەخانىغا كىرىپ ئىستىقامەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىككى پەيغەمبەر يېشىدىن ئارتۇقراق _ 130 ياش ئۆمۈر كۆرگەن.

QQ截图20161030224754.png

(ئەھمەد يەسسەۋى قەبرىگاھلىقى)

تۈركىستان (يەسسى _سايرام رايونى 15-ئەسىردە شۇنداق ئاتالغان) شەھىرى ئەتراپىدا ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ، ئۇنىڭ دادىسى ئىبراھىم شەيخنىڭ، ئانىسى قاراچاچ ئانا، قېرىنداشلىرى لاتىپ ئاتا، مۇستاپاقۇل ئاتانىڭ، قىزلىرى جامال خانىم، گەۋھەر خۇشتار خانىمنىڭ قەبرىلىرى جايلاشقان. ئەھمەد يەسسەۋى قەبرىگاھلىقى خەلقئارا سەيلە-ساياھەت ئېھتىياجى بىلەن مۇشۇ ئەسىرنىڭ 80-يىللارنىڭ بېشىدا قايتا رېمۇنت قىلىندى.

  ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ سوپىزملىق پەلسەپە ئىدىيىسى مەركەزلىك ھالدا ئۇنىڭ «دىۋانى ھېكمەت» ناملىق پەلسەپىۋى _ شېئىرىي كىتابىدا بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب 42 قىسىم، 2000 مىسرالىق «ھېكمەت»، 232 مىسرالىق «مۇناجات»، 644 مىسرالىق «مىراجنامە»، جەمئىي 2876 مىسرادىن تەشكىل تاپقان.(بۇ رەقەملەر «دىۋانى ھېكمەت»نىڭ قەدىمكى ساقلانغان نۇسخىسى بولغان 18-ئەسىر نۇسخىسىغا ئاساسلانغان.) ئۇنىڭ بىر قاتار ھېكمەتلىرى ئۇنىڭ شاگىرتلىرى سۇلايمان باقىرغانى (خارەزملىق) ۋە خوتەنلىك بابا ماچىننىڭ ھېكمەت كىتابلىرىغىمۇ كىرگۈزۈلگەن. بۇ ھېكمەتلەردە ئەھمەد يەسسەۋى ئۆز ئىسمىنى بەزىدە «مىسكىن يەسسەۋى»، «قۇل خۇجا ئەھمەد» دېگەندەك نامدا ئاتىغان.

ئەھمەد يەسسەۋى دۇنيانىڭ ماھىيىتى ئىنساننىڭ ماھىيىتىدۇر. ئىنساننىڭ ماھىيىتىمۇ دۇنيانىڭ ماھىيىتىدۇر دەپ قارىدى. ئۇنىڭچە، ئىنساننىڭ ياشاشتىن مەقسىتى مۇشۇ ماھىيەتنى بىلىش، ھەقىقەتكە ئېرىشمەكتىن ئىبارەت ئىدى.

ئەھمەد يەسسەۋى «دىۋانى ھېكمەت» ناملىق سوپىزملىق پەلسەپە داستانىنىڭ «مۇقەددىمە» قىسمىدا: ھەقىقىي سوپى (دەنا) بولۇش ئۈچۈن تۆت باسقۇچلۇق ھېكمەت (پەلسەپە)دىن خەۋەردار بولمىقى لازىم. بۇنى چۈشەنمىگەن سوپى ھەقىقىي سوپى ئەمەس، دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ تۆت باسقۇچ: ئىسلام قائىدە_ نىزامى بولغان «شەرىئەت»نى بىلمەكلىك، تەسەۋۋۇپ پىكرى بولغان «تەرىقەت» نى بىلمەكلىك، ئىلاھىي ئىشق بولغان «مەرىپەت»نى بىلمەكلىك، ئەڭ ئاخىرقى تەڭرى بىلەن قۇشۇلۇپ، ئىنسان ماھىيىتىنى چۈشىنىش كۇرسى (دەرىجىسى) بولغان «ھەقىقەت»نى بىلمەكلىكتىن ئىبارەت. ئەھمەد يەسسەۋىچە، ئەگەر بۇ تۆت باسقۇچ _ تۆت دەرىجىنىڭ بىرىنچىسى بولمىسا، ئىككىنچىسى بولمايدۇ. مانا بۇ ئىنساننىڭ ماھىيىتىنى بىلىشنىڭ ئىزچىل يولى.

قارخانىيلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە باش كۆتۈرگەن ئېغىر نادانلىق ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنى، قارخانىيلار بىلەن گورخان باشلىغان كىدانلار ئارىسىدىكى دەھشەتلىك جەڭلەرنى، قارخانىيلار مۇنقەرزلىكىدىن كېيىنكى ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەھمەد يەسسەۋى دىنىي-سوپىستىك قاراش ئاساسىدا بۇ پاجىئەلىك رېئاللىققا يەكۈن ياسىدى. ئۇ گەرچە بۇددىزم «سونياتا» (يوقلۇق) قاراشلىرىدەك رېئال دۇنيامۇ، ئىنسانمۇ پەقەت بىر «تۈس» بولۇپ، ئەسلىدىن مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارىمىسىمۇ، رېئال دۇنياغا مۇسىبەتلىك، غەمكىن-نارازى قىياپەتتە مەيدانغا چىقتى. ئۇ رېئال دۇنيانى خۈنۈك، زۇلمەتلىك، ۋاپاسىز، ئۆتكۈنچى ھالەتتە تەسۋىرلەيدۇ. ئۇنىڭچە، ئىنسان ئۈچۈن ھەقىقەت پەقەت سوپىزملىق شەرتلەرنى ئادا قىلىپ، ئۆز قەلبىدە شەيتان ۋە نەپسانىيەتچىلىككە قارشى جەڭ مەيدانى ئېچىپ، يالقۇنلۇق ئىشق ئىچىدە تەڭرى بىلەن بىرلىشىشتىن ئىبارەت. ئۇ پەقەت ئىككى روھ- پاك مەنىۋى روھ ۋە ئىلاھىي روھلا ئېسىل، ئۇلارنىڭ قۇشۇلۇشى ئەڭ ئالىي بەخت، قالغان ھەممە مەۋجۇدىيەت ھەۋەس قىلارلىق بولماستىن، بەلكى قاباھەتلىك نەرسە دەپ قارىغان. شۇ سەۋەبلىك، ئۇ كىشىلەرنىڭ مۇنداق قاباھەتلىك نەرسىلەر دۇنياسىدا «ئۆلمەستىن بۇرۇن ئۆلگەندەك» (مۇتۇ قەبلەن ئەنتە مۇتۇ)» ئۆتۈشى، تەقۋادار بولۇشى لازىم، دەپ تەشەببۇس قىلدى.

ئەھمەد يەسسەۋى ھېكمەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا يېقىن شەرقتە تېز كېڭىيىشى ۋە قاتتىق زىلزىلە پەيدا قىلىشىغا مۇنداق ئۈچ نەرسە سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.
بىرىنچىدىن، ئۇ بىر تەرەپتىن، رېئال دۇنيانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە سېنتىمىنتال (غەمكىن) جاراھەت قەلب، پاجىئە تۇيغۇسى بىلەن نەپرەتلىك نەزەر تاشلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ئىنساننى غايىلىك بولۇشقا چاقىردى. ئۇنىڭچە، ئىنسان ئۆز قەلبىدە، ئۆز قەلبىگە جايلاشقان بارلىق نەپسانىيەتچلىك ئىبلىس-شەيتانلىرىغا قارشى شىددەتلىك، توختاۋسىز جەڭ ئېچىشى، قەلب ئىسيانى (غەليانى) ئارقىلىق قەلبنى پاكلاشتۇرۇپ، «فەنا» لىق كامالىتىگە ئېرىشىشى لازىم. ئۇ كۆپ قېتىم مەنسۇر ھەللاجىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى تەڭرىنى ئىنكار قىلدى دېگۈچى زاھىدلارغا كۈلۈپ، ئۇنىڭ «ئەنەل-ھەق» (مەن تەڭرىمەن) دېگەن مەشھۇر سۆزى ئىنساننىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇپ، تەڭرى بىلەن قۇشۇلۇپ، ئۆز ماھىيەتلىرىنى تېپىشى مۇمكىن ۋە شۇنداق بولۇشى لازىملىقىغا قارىتىلغانلىقىنى ياقلاپ چىقتى. ئۇ:

«<ئەنەل-ھەق> نىڭ مەنىسىنى بىلمەس نادان،
دانا كېرەك، بۇ يوللاردا پاكۇ مەردان.»

QQ截图20161030225006.png

دېدى. ئۇ مەنسۇر ھەللاجىغا ئاتاپ مەخسۇس قەسىدە يازدى. كۆپ قېتىم دەريالار، تۈزلۈكلەر، تاغلار «كافىر مەنسۇر ئۆلمىدى» دەپ چۇقان سالغانلىقىنى مەنىلىك ئىبارىلەر بىلەن كۆرسەتتى. ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ سوپىستىك گۇمانىزملىق پىكرىنى، بىز «ئىنسانغا نەپسانىيەت، نادانلىق، جاھىللىق چاپلىشىۋالغان. بۇ چاپلاشقان مەرەزدىن قۇتۇلۇپ، تەڭرى ماھىيەتلىرىنى قايتا بىلىش ۋە تېپىش ئىنسان پائالىيىتىنىڭ غايىۋى يۆنىلىشى بولۇشى لازىم.» دېگەن مەنىدە چۈشىنىشىمىز مۇمكىن. ئۇنىڭ «ئۆلمەي تۇرۇپ ئۆلۈش» دېگىنى دەل ناپاك «مەن»نىڭ ئۆلۈمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ «ھېكمەتنامە»سى ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ «فەنا» لىق ماقامىغا يېتىش يولىدىكى 63 يىللىق «باتىن» كۈرەش تارىخىنى تەسۋىرلەيدۇ. ئەھمەد يەسسەۋىچە، ئىنساننىڭ ئىجادىيىتى دەل مۇشۇ «باتىن» دۇنيادىكى ئىنسانغا باغلىق ئىدى. بۇ ھەقتە جالالىدىن رۇمىي مۇنداق يازغان:

«ئايا، سىز جان چېكىپ، ھەرلەھزە ئىزلەرسىز ئىلاھىنى،
ئۇنى ئىزلەشكە ھاجەت يوق، ئىلاھى سىز، ئىلاھى سىز!»

ئەلىشىر نەۋائىيمۇ ئەھمەد يەسسەۋىنى «تۈركىستان مۈلكىنىڭ شەيخۇل ماشايىقى»، «مەقاماتى ئالىي ۋە مەشھۇر»، «كەراماتى ھەيرەتلىك ۋە چەكسىز»، بۇ «تۈركىستان ئەھلىنىڭ قەلبى دوستى» ئەھمەد يەسسەۋىنى تىلغا ئالغان. نەۋائىي «فەنا» سۆزىنى ئۆزىگە ئىككىنچى تەخەللۇس قىلغان بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ باي مەنىسى ھەققىدە ئۇ مۇنداق يازىدۇ:
  «دېدىڭ: <فەنا نەدۇر؟> مۇختەسەر دەيىن:<ئۆلمەك!>،
كى شەرھىن تىلەسەڭ، يۈز رىسالە بولغۇسىدۇر.»

ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ: «تۇپراق بولغىن ئالەم سېنى بېسىپ ئۆتسۈن» دېگەن سۆزى، نەۋائىينىڭ «ئەي نەۋائىي، ئۆزنى مەقبۇل ئىستەسەڭ، تۇپراق بول» دېگەن مىسراسى بىلەن ھەمئاھاڭ، ھەمپىكىردۇر. ھەر ئىككىلا مۇتەپەككۇر بۇ يەردە سىياسىي مەنىدىكى قۇللۇقنى ئەمەس، پەلسەپىۋى مەنىدە پاكلىنىشنى كۆرسەتكەن. بۇ شەيتانلىق «نەپسى چوغى» (ئوت) دەۋاسىدا بولماسلىققا قارىتىلغان.

ئىككىنچىدىن، ئەھمەد يەسسەۋى ئۆز ھېكمەتلىرىدە رېئال دۇنيانى ئابستراكت ھالدا تەنقىدلەشتىن كۆرە، تولىراق كونكرېت تەنقىدلىدى. زالىم ئەمەلدارلار، بايلار، پارىخور موللا-مۇپتىلار، قازى-ئىماملار، ئاقنى قارا، ھەقنى ناھەق قىلغان كاززاپلار قاتتىق سۆكۈلدى. مەسىلەن:

« دۇنيا مېنىڭ دېگەنلەر، جاھان مېلىن ئالغانلار،
كەركەس قۇشتەك بولۇبان ئول ھەرامغا پاتمىشلەر.
موللا، مۇپتى بولغانلار، يالغان دەۋا قىلغانلار،
ئاقنى قارا قىلغانلار ئۇل تامۇغغا كىرمىشلەر.

قازى، ئىمام بولغانلار، ناھەق دەۋا سورىغانلار،
ھىمار ياڭلىغ بولۇبان يۈك ئاستىدا قالمىشلەر.
ھەرام يېگەن ھاكىملار، رىشۋە ئېلىپ يېگەنلەر،
ئۆز بارماغىن تىشلەبان قورقۇپ تۇرۇپ قالمىشلەر.»

  ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ خۇددى ئۇلۇغ ئىتالىيان شائىرى دانتى ئالگېرىنىڭ «جەھەننەمنامە» داستانىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلىتىدىغان بۇ خىل ساتىرىسى تۆۋەن قاتلام كەڭ ئامما تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ قەلبى مۇجۇلغان سوپىزم مۇتەپەككۇرى خارلانغان، ئازابلانغانلارغا شەپقەت قىلىش، ئۇلارنى رەنجىتمەسلىك توغرىسىدا ئاشكارا خىتاب قىلدى. ئۇنىڭچە، ئىنسان دىلىنى ئازارلاش ئىمانسىزلىق جۈملىسىدىن ھېسابلىناتتى. ئۇ مۇنداق يازغان:

«سۈننەت ئېرمىش، كافىر بولسا، بەرمە ئازار،
كۆڭلى قاتتىق دىلئازاردىن خۇدا بىزار.»

شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ خەلقنى نادانلىق، جاھالەتكە بەرھەم بېرىش ئۈچۈن «ھەقىقەت دەرياسى»غا چۈشۈشكە دەۋەت قىلدى. ئۇنىڭچە، «ھەقىقەت دەرياسى»دىن قاچقان كىشىنىڭ ھاياتى خارلىق، قايغۇدىن باشقا ئەمەس ئىدى.

ئۈچىنچىدىن، ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ شېئىرىي ھېكمەتلىرى خىتابەتچىلىك (رىتورىكا) بىلەن لىرىكىنىڭ، خەلق تىلى بىلەن خەلق شېئىرىيىتىنىڭ چاققان بىرلىشىشى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى. يەسسەۋى ناتىقنىڭ تىلىدىن ئوتلۇق تەرىدەك نەزم ئوقۇيتتى. ئۇنىڭ نەزملىرى ئۆزىنىڭ لىرىكلىقى، رىتىمدارلىقى، مۇرەببە شەكلى ۋە راۋان تىلى بىلەن تەسىرلىك چىقاتتى. سوپىزم ئىدىيىلىرىگە قارشى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ شېئىرىي ئاھاڭدارلىقىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمايتتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى خانىقالاردا، ھەتتا ئوچۇق مەيدانلاردا ئوقۇلاتتى.

QQ截图20161029195644.png

شۇنى ئېيتىش ھاجەتكى، ئەھمەد يەسسەۋى «دىۋانى ھېكمەت» ئارقىلىق قارخانىيلار دەۋرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەۋرى بىلەن چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرغان. ئۇ خاقانىيە تۈركىي تىلىنى ئوتلۇق قەلبى، ھەتتا پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن شۇقەدەر قىزغىن سۆيگەن ۋە ئۇنىڭغا ئاجايىپ ماھىرلىق بىلەن ئاڭلىق ھەسسە قوشقانىدى.
ئۇيغۇرلاردا تەبىئەت پەلسەپىسى ۋە سوپىزملىق ئىدىيە ئېقىمى ھەققىدىكى قىسقىچە بايان ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت.

QQ截图20161029231450.png

مەنبە «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى
QQ截图20161029224205.png
QQ截图20161029234505.png
bagdax

23

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 51
تۆھپە : 3876
توردىكى ۋاقتى: 784
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-23

قىزغىن ئەزا پىداكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-31 11:29:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرمۇ كىشىلىرىمىزدە بۇلارنىڭ تەسىرى ساقلىنىپ قالغان

0

تېما

3

دوست

4457

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58093
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1351
توردىكى ۋاقتى: 187
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-31 11:53:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمەد يەسەۋى تۇركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياشىغان بولسا ئۇنداقتا بايدىكى سايرام شۇمىدۇ؟تارىختا سايرام؛ۋىلايەت بولغان دىگەن كۆز قاراش دەلىللەنگەن................

0

تېما

0

دوست

430

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82864
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-31 12:20:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلىگە سۇ يۈگۈرتۈپ ئەقلىنى ئۇرغۇتىدىغان تېما يوللاپسىز تېمىڭىزغا تەشەككەر...

bagdax

2

تېما

23

دوست

2011

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81560
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 562
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-31 12:54:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما مىنى نۇرغۇن بىلىمگە ئ‍ىگە قىلدى،

2

تېما

23

دوست

2011

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81560
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 562
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-31 12:54:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما مىنى نۇرغۇن بىلىمگە ئ‍ىگە قىلدى،

2

تېما

23

دوست

2011

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81560
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 562
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-2

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-10-31 12:58:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىختا نۇرغۇنلىغان قەھرىمانلار ئ‍ۆتۈپتىكەن ھە؟؟؟؟………………………………………………………………………………………ئ‍الىم ئ‍ابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ چوڭقۇر ئ‍ىزدىنىش روھىغا قايىل بولماي تۇرالمايدۇ ئ‍ادەم

0

تېما

0

دوست

410

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82638
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 109
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-31 13:41:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيانىڭ ماھىيىتى ئىنساننىڭ ماھىيىتىدۇر. ئىنساننىڭ ماھىيىتىمۇ دۇنيانىڭ ماھىيىتىدۇر .ئىنساننىڭ ياشاشتىكى مەقسىتى مۇشۇ ماھىيەتنى بىلىش، ھەقىقەتكە ئېرىشمەكتىن ئىبارەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )