قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 917|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ليۇ شياۋلىڭ: پۇل دېگەن نېمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

71

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   23.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82520
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-1
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئىقتىسادچىل بولۇش گۈزەل ئەخلاقمۇ؟

ئىقتىسادچان تېجەشلىك بولۇش ئەزەلدىن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى. بىراق مىڭ يىل تارقالغان بۇ گۈزەل ئەخلاق بۈگۈنكىدەك تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەت ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يەنىلا گۈزەل ئەخلاقمۇ؟ ئەلۋەتتە ئەمەس.

چۈنكى زىيادە تېجەش ئىجتىمائىي سودا مىقدارىنىڭ چەكلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا نىسبەتەن خۇشال بولۇشقا ئەرزىگۈدەك ئىش ئەمەس. مۇنداق بىر مېسال بار:

بىر قويۇق گۈلزارلىقنىڭ يېنىدا بىر زور ھەسەل ھەرىسى قەبىلىسى تۇرىدىكەن. بۇ قەبىلىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئەزەلدىن ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئۇلار باشقىلارغا ئوخشاش كىيىم-كېچەك يېمەك ئىچمەكنى قىسىپ، تېجەشلىككە چوقۇنمايدىكەن. ئۇلارنىڭ دەستۇرى «راھەت ھەممە» ئىكەن.بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار ھەدەپ بۇزۇپ چاچىدىكەن، ھەر كۈنىنى ئەيش-ئىشرەت بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن؛ بۇ سەۋەبلىك ئۇلار داۋاملىق باشقا ھەرە توپلىرىنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا ئۇچرايدىكەن، ھەتتا بەزى ھەرە توپلىرى كېسىپلا: ئەگەر بۇنداق كېتىۋەرسەڭلار ئاخىرى بىر كۈنى ھەممىدىن قۇرۇق قالىسىلەر دەپ ئېيتىپتۇ.

لېكىن، بۇ ھەرە قەبىلىسى باشقىلارنىڭ پەرىزىدىكىگە ئوخشاش خاراب بولماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ گۈللىنىپتۇ. مۇشۇ چاغدا بىر ئەقىللىك مۇساپىر يىراقتىن بۇ يەرگە كەپتۇ. بۇ ھەرە قەبىلىسىنىڭ بۇنچە ھەشەمەتچىلىكىنى كۆرۈپ، ئازراق تەشۋىشلىنىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ قەبىلىنىڭ باشلىقىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا دەپتۇ: «سىلەر ھازىر بۇنداق خالىغانچە بۇزۇپ-چاچساڭلار، ھەممە نەرسەڭلارنى بۇزۇپ-چېچىپ بولغاندا قانداق تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر؟» دەپتۇ.

بۇ يىراق يېقىنغا داڭلىق دانىشمەن، باشلىق تەبىئىيلا ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاساسى بار دەپ ھېس قىلىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ چاقىرىقى بىلەن باشقا قەبىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى تېجەشلىك بولۇپتۇ. بىراق بىر يىلدىن كېيىن،ئىلگىرىكى ھەشەمەتتە تەڭدىشى يوق بۇ ھەرە قەبىلىسى ۋەيران بوپتۇ.

بۇ تەمسىلنىڭ ئەكس ئەتتۈرىدىغىنى: تېجەش بىر جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر ياخشى ئىش بولۇشى ناتايىن.

بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكىلىق داڭلىق ئىقتىسادشۇناس يوھان كەينىس «تېجەش پارا دوكىسى» دىن ئىبارەت بۇ داڭلىق ئىقتىساد ئىلىمى نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كەينىس چۈشەندۈرۈپ دەيدۇ: جەمئىيەتنىڭ ئىقتىساد پائالىيىتىدە، تېجەش شەخسنىڭ ئائىلىسىگە نىسبەتەن گۈزەل ئەخلاق، بەلگىلىك دەرىجىدە بايلىق توپلىيالايدۇ؛ بىراق پۈتكۈل جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېجەش چىقىمنىڭ ئازىيىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق بولسا تاۋار ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشقا، ئىشچىنى ئىشتىن بوشىتىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئىشچىنىڭ كىرىمى ئازىيىدۇ. ئەگەر ئىشچىنىڭ كىرىمى ئازايسا، ئۇنداقتا ئامانەت قويۇش ئاز بولىدۇ، ھەم بازارنىڭ ئۈنۈملۈك ئېھتىياجىمۇ شۇ سەۋەبتىن كېمىيىدۇ، بۇ مۇقەررەر ھالدا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مەھسۇلات مىقدارى، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

جۇڭگودا، ئىقتىسادچىللىق قەدىمدىن تارتىپ بىر خىل گۈزەل ئەخلاق بولۇپ، ناھايىتى كۆپ جۇڭگولۇق تېجەشنى بايلىق يىغىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى ئورنىدا كۆرىدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ قارىشىدا، ئىقتىسادچىللىقنى تەشەببۇس قىلىش ئىسراپچىلىقنى ئازايتىپ، ئائىلىنىڭ بايلىقىنى ئاشۇرىدۇ. لېكىن بۇنداق نەزەرىيەنى كەينىس ئاقىلانە ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىدا ئىستېمال بازار ئېھتىياجىنى قوزغىتىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، بازار ئېھتىياجى پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى بەلگىلەيدۇ، تېجەشنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ھېچقانداق پايدىسى يوق.

2001- يىلى ئامېرىكىدا داڭلىق «9.11» تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەردى، بۇ قېتىملىق ھۇجۇم بارلىق ئامېرىكىلىققا نىسبەتەن زور بىر ئاپەت بولدى. نۇرغۇن ئامېرىكىلىق بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، يېنىكلىك بىلەن مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمالغا پېتىنالمىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ كىرىمىنى بانكىغا ئامانەت قويدى.بۇنداق ئىستېمال پىسخىكىلىق ھالەتنىڭ تەسىرىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى چېكىنىشكە باشلىدى.

بۇ چاغدا، بەزى مەشھۇر كارخانىچىلار ئاممىنىڭ ئىستىمالىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بىرلىشىپ پايچىك بازىرىغا مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ داۋاملىق چاقىرىقى ۋە رىغبەتلەندۈرىشى بىلەن نۇرغۇن ئامېرىكا خەلقى ئاخىرى پورتمانىنى ئاچتى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تېجەش گۈزەل ئەخلاقى بىزنىڭ قايتىدىن ئويلىشىشىمىزغا موھتاج.

پۇل دېگەن نېمە؟

ياپ ئارىلى تىنچ ئوكياندىكى بىر كىچىك ئارال. ئارالدا نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر تۇرىدۇ. غەلىتە يېرى شۇكى، بۇ ئارالدا ھېچقانداق مېتال يوق. بىراق ئارالدىكى ئاھالىلەر ئۆز ئارا نەرسە ئالماشتۇرۇشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن ئاھالىلەر تاشنى سىلىقلاپ يۇمىلاق شەكىلگە كەلتۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن بۇ يۇمىلاق تاش بىلەن نەرسە ئالماشتۇرىدۇ.

ۋاقىت ئۇزىراپ،ئاھالىلەر بۇ يۇمىلاق تاشقا «خىراجەت» 费 دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئىلگىرى بىر توپ كىشى بىر ئارالدىن بىر چوڭ خىراجەت تېپىۋېلىپ، ناھايىتى خۇشال بولۇپ    بۇ خىراجەتنى ياپ ئارىلىغا يۆتكەپ كېتىشنى ئويلاپتۇ. يامان بولغىنى، ئۇلار قايتىۋاتقاندا بوران-چاپقۇنغا يولۇقۇپتۇ. بىر زور دولقۇننىڭ ئۆزلىرىگە قاراپ ئېتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىر نەچچە ئادەم ئۆزىنىڭ ئەجىلىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلىپتۇ، جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار خىراجەتنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ.

ئۇلار ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن كېمىنى ھەيدەپ بىر نەچچە كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئارالغا قايتىپ كەپتۇ. بىر كۈنى، بىر نەچچە ئادەم بىرگە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ھېلىقى خىراجەتنى تىلغا ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىپتۇ. بۇ چاغدا، بىرەيلەن ئۇ خىراجەتنى سۈزۈپ چىقىش تەكلىپىنى بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچەيلەن سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. بىراق بۇ چاغدىكى خىراجەت بۇرۇنلا دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن بولغاچقا ئىزدېرىكىنى قىلالماپتۇ. خىراجەتنى سۈزەلمەي بۇ بىر نەچچەيلەن كەيپى ئۇچقان پېتى قايتىپ كەپتۇ. بۇ ئىشنى ئارالدىكى ھەممە ئاھالە دېگۈدەك بىلىپ يېتىپتۇ،ئىختىيارسىزلا دېڭىز تەكتىدە ياتقان ئۇ خىراجەتكە نىسبەتەن چەكسىز خىياللار پەيدا بوپتۇ. گەرچە بۇ پارچە خىراجەت تىپتىنچ ھالدا دېڭىز تېگىدە ياتسىمۇ، بىراق ئارالدىكى ئاھالىلەر ئۇنى ئۇنۇتماپتۇ، چۈنكى ئۇ ئاھالىلەرنىڭ ئۆز ئارا سودا قىلىشىدىكى قورالغا ئايلانغان ئىدى.

خىراجەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ يەنە بىر غەلىتە ئىش يۈز بېرىپتۇ، ئارالدىكى ئاھالىلەر مەلۇم سودىنى تاماملىغاندىن كېيىن تاشنى يۆتكەپ كەتمەي، ئەسلى جايىدا قالدۇرۇپ قويۇپتۇ ھەم ئۆزىنىڭ بەلگىسىنى ئويۇپ قويۇپتۇ.

كېيىن، ئارالدىكى مەسئۇل كىشى ھەممەيلەننى يىغىپ يول رېمونت قىلماقچى بوپتۇ، بىراق ئاھالىلەر زادىلا قىزىقماپتۇ. مەسئۇل كىشى قانداق نەسىھەت قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھېچكىم قوشۇلماپتۇ. بۇ مەسئۇل كىشىنىڭ بېشىنى بەك قاتۇرۇپتۇ. بۇ چاغدا بىر ياردەمچىسى مەسئۇل كىشىگە ئەسكەرتىپ: «سىلى ھەر بىر خىراجەتنىڭ ئۈستىگە بىر قارا رەڭلىك بەلگە سىزىپ، ئاندىن كېيىن ئاھالىلەرگە بەلگە سىزىلغانلىكى تاشنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغانلىقىنى ئېيتسىلا، مۇشۇنداق قىلساق ئاھالىلەر يول رېمونت قىلىشقا چوقۇم ماقۇل بولىدۇ» دەپتۇ. مەسئۇل كىشى شۇنداق قىپتۇ، دەرۋەقە، ئارالدىكى بارلىق ئاھالىلەر يول رېمونت قىلىشقا تۇتۇش قىپتۇ. يول رېمونت قىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن، مەسئۇل كىشى يەنە ئادەم ئەۋەتىپ خىراجەتنىڭ ئۈستىدىكى بەلگىنى ئۆچۈرگۈزىۋېتىپتۇ ھەم بەلگە ئۆچۈرۋېتىلگەن ئاشۇ تاشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاھالىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بېرىپتۇ.

ھېكايىدىكى«خىراجەت» دەپ ئاتالغان تاش ئەمەلىيەتتە ھازىرقى پۇلغا ئوخشايدۇ.

ئۇنداقتا پۇل دېگەن زادى نېمە؟ ئاتالمىش پۇل تاۋاردىن ئايرىلىپ چىققان، مۇقىم ھالدا تەڭ قىممەتداش بۇيۇم بولىدىغان تاۋار. لېكىن پۇل ئەزەلدىن بار بولغان ئەمەس، ئۇ تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلاتى.

تاۋار ئالماشتۇرۇش ئەمدىلا پەيدا بولغاندا، ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى بولىدىغىنى پۇل ئەمەس ئىدى. ئۇ چاغدىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ ھەممىسى ئاددىي ھالدىكى بۇيۇمنى بۇيۇمغا ئالماشتۇرۇش ئىدى.كېيىن، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ ئىنچىكىلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولغان بۇيۇملار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى، بۇيۇمنى بۇيۇمغا ئالماشتۇرۇش كىشىلەرنىڭ تەكرار-تەكرار ھەم كۆپ مىقداردىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە ماسلىشالماي قالدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر كۆپچىلىك ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان بىر ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى قىلىش ئۈچۈن بىر بۇيۇم ئىزدەشكە باشلىدى. ھېكايىدىكى «خىراجەت»دەل ئەڭ ئىپتىدائىي پۇل ئىدى.

تارىختا، ناھايىتى كۆپ بۇيۇم پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى قۇلۇلە قېپى شۇلارنىڭ بىر خىلى. ئاندىن كېيىن، قۇلۇلە قېپىغا ئوخشاش بۇيۇملارنىڭ ئورنىنى يەنەتەدرىجىي ھالدا مېتال ئالدى. ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ مېتال پۇلنىڭ قولايسىزلىقى ئاستا-ئاستا ئاشكارىلىنىپ چىقىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ سودىدا مېتال ئېغىر ھەم ھەجىمى چوڭ بولغاچقا، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپسىز، ئۇندىن باشقا يەنە ئۇپىراش مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت، شۇنىڭ بىلەن تەدرىجىي ھالدا شاللىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك قەغەز پۇل ئالدى.

قەغەز پۇلنىڭ ئۆزىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق، ئۇ پەقەت بىر پۇل بەلگىسى. دۇنيادا ئەڭ بۇرۇنقى قەغەز پۇل دۆلىتىمىزدە سۇڭ سۇلالىسىدە، سىچۈەن رايونىدا ئىشلىتىلگەن «جىياۋزى»ئىدى. ھازىر دۇنيادىكى قەغەز پۇل 200 خىلدىن ئاشىدۇ. قەغەز پۇلنىڭ پەيدا بولۇشى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى چوڭ ئوڭايلىق ئېلىپ كەلدى.

ئۇنداقتا پۇلنىڭ قانداق فۇنكسىيەسى بار؟ قىممەت ئۆلچىمى بولۇش پۇلنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسىنىڭ بىرى.پۇلنىڭ قىممەت ئۆلچىمى بولسا مەلۇم تاۋارنىڭ قىممەت مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ بۇ خىل قىممەت مىقدارى ئەڭ ئاخىرىدا باھا بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. پۇلنىڭ دەل قىممەت ئۆلچىمىلىك رولى بولغاچقا، كىشىلەرنى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى تاۋارنى ئەڭ ئاۋۋال پۇلنىڭ باھا شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ ئاندىن كېيىن يەنە باشقا تاۋارلار بىلەن ئالماشتۇرغۇزىدۇ.

ئوبوروت ۋاسىتىسى بولۇش پۇلنىڭ قىممەت ئۆلچىمىلىكىنىڭ تەرەققىياتى. پەقەت پۇل ئوبوروت ۋاستىسىلىق رولىنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ئاندىن تاۋارنى ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولىدۇ.

بۇ بىزگە تونۇشلۇق بولغان پۇلنىڭ ئىككى خىل فۇنكسىيەسى.

«قوي پادىسى ئېففېكتى» دېگەن نېمە؟

شىياۋمى بىلەن شىياۋلى بىر شىركەتتىكى خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، بىر قېتىم شىركەت ئىككىيلەننى باشقا جايغا كاماندروپكىغا ئورۇنلاشتۇردى. شىياۋلى بولسا تۇغما مال سېتىۋېلىش تەلۋىسى، ئۇ نەگە بېرىشىدىن، قانچە ئالدىراش بولىشىدىن قەتئىينەزەر ۋاقىت چىقىرىپ كوچا ئارىلاپ مال سېتىۋالىدۇ. بىر كۈنى، ئىككىيلەن ئومۇمنىڭ ئىشىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ شىياۋمىنى باشلاپ شۇ يەردىكى بىر داڭلىق سودا كوچىسىغا بېرىپ مال سېتىۋالدى.

ئىككىيلەن بىر چوڭ تىپتىكى سودا سارىيىغا كەلدى. شىياۋلى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلارنى كۆرۈپ،بىردىنلا خۇددى بىراندى ھارىقى ئىچىۋالغاندەك ھاياجانلىنىپ كەتتى. كىيىم-كېچەك،گىرىم بۇيۇم، زىبۇ-زىننەتلەرنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئىككىلەنمەيلا ھەميانىنى چىقاردى،كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويمىدى. شىياۋلىنىڭ پۇلنى سۇدەك خەجلىشى   شىياۋمىنى تىترىتىپ ئىختىيارسىزلا خىجىللىق ھېس قىلدۇردى.

بۇ ۋاقىتتا شىياۋلى ھەمىشە ئۆزى يالغۇز سېتىۋالسا خۇمارى بېسىلمايدىغاندەك ھېس قىلىپ، شىياۋمىنى بىللە سېتىۋېلىشقا ئۈندىدى. شىياۋمى ئەسلىدە ناھايىتى ئىقتىسادچىل قىز ئىدى، ئادەتتىمۇ بازار ئايلانغىلى ناھايىتى ئاز چىقاتتى، نەرسە سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ ئەڭ ئەرزان ئەڭ ئېتىبارلىقلىرىنى سېتىۋالاتتى. بىراق بۇ تاۋارلارنىڭ باھاسى شىياۋمىنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يار بېرىدىغان چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئازراق ئىككىلەنگەندەك كۆرۈنەتتى، بىراق يۈزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شىياۋمىمۇ بىر قېتىم سېتىۋېلىش نىيىتىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئايلىق كىرىمىگە يېقىن پۇلغا بىر داڭلىق ماركىلىق خىروم سومكا سېتىۋالدى.

بىراق سىياۋمى سودا سارىيىدىن چىققاندىن كېيىن پۇشايمان قىلدى. ئەسلىدە، شىياۋمى بۇلتۇر توي قىلغان بولۇپ قەرزگە يېڭى ئۆي سېتىۋالغان ئىدى، شۇڭا ھەر ئايدا مائاشى بىلەن ئۆينىڭ قەرزىنى قايتۇراتتى. بىراق بۇ قول سومكا ئاللىقاچان ئۇنىڭ بۇ ئايلىق مائاشىنى پاك پاكىز تۈگىتىۋەتتى، كېيىنكى ئايدا ئىناۋەتلىك كارتىسىنى قايتۇرىدىغان مەنزىرىنى ئويلاپ، شىياۋمى بىردىنلا تەشۋىشلەندى.

«قوي پادىسىئېففېكتى» ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا دائىم كۆرلىدىغان بىر خىل ئىقتىسادىي ھادىسە. بىر پادىچى قوي پادىسى ئالدىغا بىر كالتەكنى قويۇپ قويىدۇ، نەتىجىدە بىر قوي سەكرەپ ئۆتۈپ كەتسە، ئۇلاپلا باشقا قويلارمۇ ئەگىشىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىردەمدىن كېيىن پادىچى كالتەكنى ئېلىۋېتىپتۇ، ئۇ كالتەك بولمىغاندىكىن ئارقىدىكى قويلاپ سەكرىمەيدۇ دەپ قارىغان، بىراق ئۇنى كۈلكىلىك ھېس قىلدۇرغىنى بۇ قويلار ئويلىمىغان يەردىن ئالدىدىكى قويلارغا ئوخشاش سەكرەپ ئۆتكەن. بۇ خىل ھادىسە كىشىلەر تەرىپىدىن«قوي پادىسى ئېففېكتى» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغنى بىر خىل قارىغۇلارچە ئەگىشىش پىسخىكىسى. ھېكايىدىكى شىياۋلى ئالدىدىكى قويغا شىياۋمى بولسا ئارقىدىن ئەگىشىپ سەكرىگەن قويغا ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا قارىغۇلارچە ئەگىشىش پسىخىكىسى قويلاردىلا بولماستىن، بىز ئىنسانلاردىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل قاراشنى توغرا دەپ قارىماسلىقى مۇمكىن، لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەممە يەردە «قوي پادىسى ئېففېكتى»نى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ئىستېمال جەريانىدا ھەمراھنىڭ ئۈلگىلىك رولى شەخسنىڭ ئىستېمالىغا ئاز بولمىغان قوزغىتىشلارنى پەيدا قىلىدۇ. شىياۋلى بىلەن شىياۋمىنىڭ كىرىمى ئاساسەن پەرقلەنمىسىمۇ، بىراق شەخسنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، بويتاق شىياۋلى غەم ئەندىشىسىز «ئايلىقىنى ئايدا تۈگىتىدىغانلار»، ئاللىبۇرۇن ئائىلە قۇرۇپ بولغان شىياۋمى بولسا ئۆي قەرزى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئويلاشمىسا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا گەرچە نامدا كىرىمى ئوخشاش بولسىمۇ، ئىككىيلەننىڭ تەقسىماتنى قامدىيالايدىغان كىرىمى ئوخشاش ئەمەس، بۇ ئۇلارنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى بەلگىلىگەن.

شۇڭا، ھېكايىدىكى شىياۋمى «قوي پادىسى ئېففېكتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى مۈشكۈلاتقا ئەكىرىپ قويدى.

ئىقتىساد ئىلمىدە،قوي پادىسى ئېففېكتى ئاساسلىقى ئۇچۇر تولۇق بولماي مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بازارنى ناھايىتى تەستە مۆلچەرلىشى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھەمىشە ئەتراپىدىكى كىشىلەر توپىنى كۆزىتىپ ئۇچۇرغا ئېرىشىشى. بۇنداق ئۇچۇرنىڭ يەتكۈزۈلۈش جەريانىدا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرى ئوخشاشلىققا ھەم ئۆز ئارا كۈچىيىشكە يۈزلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن ئەگىشىش قىلمىشى پەيدا بولۇشىنى كۆرسىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

بىر جىڭ ئاق ئاچچىقسۇنىڭ ئادەتتىكى باھاسى 2 يۈەن، لېكىن 2003- يىلى «سارس» مەزگىلىدە ئاق ئاچچىقسۇنى تالىشىپ سېتىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. چۈنكى ئاچچىقسۇ ئادەمنىڭ سارس خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ دەپ سۆز چۆچەكلەر تارقىلىپ يۈرگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا گۇاڭدۇڭنىڭ مەلۇم بازىرىدا ئاق ئاچچىقسۇنىڭ باھاسى ئۆرلەپ بىر جىڭى 50 يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. مانا بۇ قوي پادىسى ئېففېك تىجارى قىلدۇرغان رول. لېكىن، سارس كونترول قىلىنغاندىن كېيىن ئاق ئاچچىقسۇنىڭ باھاسى بىراقلا تۆۋەنلەپ، يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ زور مىقداردا بېسىپ قويغان پايدا تېپىشنى ئويلىغان سودىگەرلەر پايدا تاپالمايلا قالماستىن، ئەشەددىي زىيان تارتقان.

خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى ياخشى ئىشمۇ؟

2014- يىلى 4-ئايدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىدا خەلق پۇلىنىڭ تۆۋەن مۆلچەرلەنگەنلىكىنى داۋاملىق ئەيبىلەپ، جۇڭگونى پېرېۋوت نىسبىتىنى تىزگىنلىدى دەپ گۇمان قىلدى. 10 يىل داۋاملاشقان خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى تالاش تارتىشى يەنىلا داۋاملاشتى.

2010- يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنى، ئامېرىكىلىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى پائۇل كرۇگمەن «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» دە «جۇڭگونىڭ يېڭى يىلى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدە بىۋاستە ھالدا: «جۇڭگونىڭ ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسىتى ھەقىقىي ئېغىر ھالدىكى قورۇقچىلىق، شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو چوقۇم خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك» دېيىلدى.

ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن بولسا، ئۇ يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىلىقلارغا ئېيتتى: خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى تۆۋەن مۆلچەرلەنمەكتە، ئەگەر يەنە داۋاملىق شۇنداق بولىدىغان بولسا،ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە مەزگىلىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. 2010- يىلى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن جۇڭگو پېرېۋوت نىسبىتىگە قارىتىلغان لايىھە ماقۇللاندى.

بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئاشكارا ھالدا خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى مەسىلىسىدە جۇڭگوغا تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە جۇڭگودىن بازارنى ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. بىر مەزگىل، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈش ئۆسمەسلىك مەسىلىسى جۇڭگو ئامېرىكا ئىقتىسادىي سودا ساھەسىدىكى كېڭىشىش مۇھىم نۇقتىسى بولدى.

ئەمەلىيەتتە،2003- يىلىلا ئامېرىكا نەزىرىنى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىگە تىككەنىدى.

2003- يىلى 9-ئايدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى سىنو جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى،ئارىدا، ئۇ جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق پۇلىنىڭتەۋرىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2006- يىلى 12- ئاينىڭ12- كۈنى، داۋاملىق ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن پائۇلسون جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندىمۇ ئوخشاشلا جۇڭگونىڭ تېخىمۇ ئېلاستىكلىققا ئىگە خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈلمىسىنى قوللىنىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2009- يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە بولسا، يېڭىدىن تەيىلىلەنگەن زوڭتۇڭ ئوباما تېخىمۇ كۈچلۈك ھالدا «بارلىق يوللار» ئارقىلىق جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىپ، خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز سورىماي تۇرالماي،نېمىشقا ئامېرىكا دائىم خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشنى قايتا قايتا تەلەپ قىلىدۇ؟ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆسسە، ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا دوللارنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنچىلىك ئاددىي قائىدىنى زېرەكئامېرىكىلىقلار چۈشەنمەي قالمايدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇكى، ئەمەلىيەتتە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن.

بەلكىم نۇرغۇن جۇڭگولۇق پۇقرالار خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشىنى قولىدىكى پۇل تېخىمۇ پۇلغا يارايدىغان بولىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ ئەلۋەتتە كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ياخشىئىش. لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ دەرۋەقە پايدىلىق بىر تەرىپى بار. مەسىلەن: ئەگەر خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆسسە، ئۇنداقتا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ياكى ساياھەت قىلىش خىراجىتى ناھايىتى كۆپ ئازلايدۇ؛ ئىمپورت قىلىنغان ماشىنىلار ۋە باشقا ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماس ھالدىكى قىممەت ئۆسۈش دۆلىتىمىز ئىكىسپورت كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ،دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارالىق ئىش تەقسىماتىدىكى ئورنىنى ياخشىلايدۇ.

بىراق خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ھەم پايدىسىز بىر تەرىپىمۇ بار. خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆسسە،خەلق پۇلى پۇلغا يارايدۇ، يەنى خەلق پۇلىنىڭ تاشقى سېتىۋېلىش كۈچى ئاشىدۇ، بىراق ئىچكى سېتىۋېلىش كۈچى بولسا ئەمەلىيەتتە تۆۋەنلەيدۇ. مۇنداقچە دېسەك، پەقەت خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇپ، چەتئەلگە چىقىپ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئىستېمال قىلغاندىلا، خەلق پۇلى «ھەقىقەتەن پۇلغا يارايدۇ» غىنالىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ؛تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللانمايدىغان كۆپ ساندىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن ئېيېتقاندا بولسا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆسمەستىن، ئەكسىچە چۈشىدۇ.

خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى دۆلىتىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگىمۇ خىرىس پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە مەبلەغ سېلىش تەننەرخىنىڭ ئېىشىشدىن دېرەك بېرىدۇ، تەننەرخنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىشنى ئازايتىدۇ، كارخانا كۆلىمىنى كىچىكلىتىدۇ،ئۇنداقتا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىمۇ ئەگىشىپ ئازىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى دۆلەت سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، چىقىمى ئاشىدۇ، بۇ نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جۇڭگوغا كېلىپ ساياھەت قىلىشتىن ۋاز كەچ كۈزىدۇ.بۇ بىزنىڭ مۇلازىمەت كەسپى، ساياھەت كەسپى قاتارلىقلارغا بەلگىلىك زەربە ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ دۆلىتىمىزدىكى ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى ئىمپورت تاۋارلىرىنىڭ بەس بەستە دۆلىتىمىز بازىرىغا كىرىشىنى،شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى قىسمەن بازارلارنىڭ چەتئەل كارخانىلىرى تەرىپىدىن ئىگەللىنىۋېلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ياپونىيە ئىلگىرى ياپونىيە يىنى قىممىتىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ چوڭقۇر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ياپونىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەقدار دۆلەتكە ئايلانغانىدى. ئۇ چاغدا، ياپونىيە ياسىغان مەھسۇلاتلارنىڭ پۈتۈن دۇنيا دائىرىسى ئىچىدىكى رىقابەت كۈچى يېتەرلىك ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا بولسا تاشقى سودا قىزىل رەقىمى ۋە مالىيە قىزىل رەقىمى يىلسېرى ئېشىپ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. بۇ ئامېرىكا ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى سودا قىزىل رەقىمى داۋاملىق چوڭىيىپ، سودا سۈركىلىشى ئارقا ئارقىدىن كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ ئامېرىكا كارخانىلىرىنى بەكمۇ قاخشاتتى.

ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاشقى سودا رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىش، سودا قىزىل رەقىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق بەش دۆلەت بىرلىشىپ «مەيدان كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىمنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياپونىيە يىنىنىڭ قىممىتى مەجبۇرىي ئۆستۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد كۆپۈكىنىڭ چوڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1989- يىلىغا كەلگەندە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى قسىلغان پۇل سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلاپ، ئىقتىساد كۆپىكىنى يوقىتىشنى جاكارلىدى. بۇ مەيدان ئىقتىساد كۆپۈكىنىڭ ياپونىيەگە بەرگەن زەربىسى ئۇزاق مەزگىللىك بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى ياپونىيە ئىقتىسادى ئون نەچچە يىلغا يېقىن كاسات ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. شۇڭا دەيمىزكى، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ چوقۇم ياخشى ئىش بولۇشى ناتايىن.

جۇڭگونىڭ ئىقتىسادشۇناسى ليۇ شياۋلىڭنىڭ شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى – شىنجاڭ سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن 2016-يىلى 8-ئايدا نەشردىن چىققان (ئۇيغۇرچە) «ئىقتىساد ئىلىمى» (روزى مەتقاسىم تەرجىمىسى) ناملىق كىتابىدىن تاللاپ ئېلىندى.
bagdax

2

تېما

2

دوست

1224

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   22.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81560
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 354
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-5
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahkogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-11-1 18:42  

لىيۇشاۋلىڭنىڭ 2016- يىلى ئ‍ۇيغۇرچىغا نەشىر قىلىنغان ئ‍ىختىسات ئ‍ىلمى ناملىق  كىتاپنى ئ‍وقۇۋاتىمەن…دەسلەپكى قەدەمدە ئ‍ىختىسات ئ‍ىلمى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىمىزدا ياردەمچى ماتېريال بولالايدۇ… لىكىن  بۇ بۆلىكى دېگۈدەك مۇكەممەل ئ‍ەمەس  …يەنى  پۇل دېگەن نېمە دېگەن سۇئالغا قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ چىقمايدۇ…  بۇ كىتاپ  بىر ئ‍وقۇشقا ئ‍ەرزىيدۇ…

2

تېما

2

دوست

1224

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   22.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81560
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 354
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-5
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىدا ئ‍وتتۇرغا قويۇلغان  نوقتىنەزەرگە مەن قوشۇلمايمەن…بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئ‍ۇرغۇتۇش ئ‍ۈچۈن بىز ئ‍ۆزىمىزدىكى ئ‍ېشىنچە پۇلنى قالايمىقان خەجلىسەك بولمايدۇ… بۇ قارىماققا دۆلەتنىڭ ئ‍ىستىمال كۈچىنى ئ‍اشۇرۇش بازارنىڭ يۇشۇرۇن ھايىتىي كۈچىنى قوزغىتىش شامىلىغا ماس كەلگەندەك قىلغان بىلەن، قارىغۇلارچە پۇل خەجلەش پۇل تاپالماسلىقتىنمۇ ئ‍ېغىر ئاقىۋەت چىقىرىدۇ……ئەڭ ئ‍اۋۋال ياشاشقا ئ‍ەڭ ئ‍ېھتىياجلىق گۆش ، ئ‍ۇن،ماي،گۈرۈچ، كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ باھاسى چۈشسە ئ‍اندىن كىيىن بازارنىڭ ئ‍ىستىم كۈچى  ئ‍اشىدۇ،…

0

تېما

1

دوست

354

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48239
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-4
يەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھەسەل ھەرىسىنىڭ ھىكايىسى  ئانچە ئاساسى يوقتەك قىلىدۇ ،ياكى مەن چۈشنەلمىدىممۇ
bagdax

0

تېما

1

دوست

3447

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32455
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1036
توردىكى ۋاقتى: 236
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-5
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
   دۆلىتىمىز يۈرگۈزىۋاتقان باراۋەرلىك، ئورتاق مەمپەئەتلىنىش سىياسىتىنى ھازىرقى دۈنيادىكى ئەڭ توغرا بولغان پۇل مۇئامىلە سىياسىتى ھېساپلىنىدۇ. مېھرىبانلىق ۋە سىلەرەھىمدىن ئايرىلغان ئېختىسات سېستىمىسىنىڭ ئاقىۋىتى مۇقەررەر گۇمراھلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىسۋاپخورلۇق ئىككى دۇنيالىق گۇناھتۇر.

0

تېما

0

دوست

3659

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30440
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1144
توردىكى ۋاقتى: 304
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-5
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
پەرىقلىق نىشاندىن  پەرىقلىق  ھەركەت ۋە پەرىقلىق نەتىنجە چىقىدۇ .

ئەمەل تەڭشەشنىڭ مەنىسى نىمە ؟

1

تېما

0

دوست

8232

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   64.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15376
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 2548
توردىكى ۋاقتى: 509
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-2
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
نىمىش بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بىز بۇندىن كېيىن تېخېمۇ  تىجەشلىك بولۇشىمىز كېرەك .

0

تېما

1

دوست

196

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   65.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82739
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-3
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تېما   ئاپتۇرى  نىمە   نىمە  ئىش  قىلدىغان  ئادەم   ...؟
بىرەرخەلىقئارالىق كارخاننىڭ لېدىرىمۇ    ياكى  ئانچە  ـ مۇنچە  قەلەم ھەققىگە
تايىنىپ توخۇ كاتىكىدەك 18  ـ  قەۋەتتتىكى   ئۆيىگە   سولىنىۋېلىپ جان باقىدىغان
ئادەممۇ   ...؟  
نۇقۇل   ھالدا   تىجەشچان   بولۇش  بىلەنلا   باي   بولغىلى  بولمايدۇ . ئەمما تاپقان
پۇللىرىنى   بەدخەجلىك  قىلىپ   بۇزۇپ  ـ  چاچقانلارمۇ  ئوخشاشلا  مۇھتاجلىقتا
قالىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )