شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت ماقالىسى، پەرھات مۇھەممەت فوتوسى
31-ئۆكتەبىر كەچتە جۇڭگو شىنجاڭ سەبىيلەرنى ئىزدەيلى پىدائىيلار ئەترىتى ۋە تاراتقۇلار ۋەكىللىرى ئۈرۈمچى ئايروپورتىدا 14 يىل بۇرۇن يوقاپ كەتكەن شىنجاڭلىق بالا ئىبراھىم روزىنى ساقلاۋاتاتتى. 2002-يىلى 6-ئايدا ئىبراھىم 14 ياشقا كىرگەندە توقسۇ ناھىيەسىدىن ئادەم بىدىكلىرى تەرىپىدىن ئالدىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىگە ئاپىرىپ يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە سېتىۋېتىلگەن ئىدى. بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن ئىبراھىم جۇڭگو شىنجاڭ سەبىيلەرنى ئىزدەيلى پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ تېپىشى بىلەن 31-ئۆكتەبىر كەچ سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:50 دە ئايروپىلاندا شېنجېندىن ئۇچۇپ ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئىچكىرى ئۆلكىدە تىجارەت قىلىدىغان پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ ئەزاسى روزى سايىت بىلەن مەمەتجان سايىت ئاكا-ئۇكا ئىككىسى ئىچكىردىكى مۇھىم ئىشلىرىنى تاشلاپ ئىبراھىمنىڭ ھەممە چىقىمىنى كۆتۈرۈپ شىنجاڭغا بىللە ئېلىپ كەلدى. ئۈرۈمچى ئاق بوز ئات رېستورانىدا نەچچە يۈز پىدائىي ۋە ئىبراھىمنىڭ ئاپىسى ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ساقلاپ تۇرغانىدى، بالا دەردىدە 14 يىل پۇچۇلۇنۇپ نۇرغۇن سورۇقچىلىقلارنى تارتقان رابىيگۈل ئوغلىنى باغرىغا باستى. ئىبراھىم ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن يىغا-زارە ئىچىدە قۇچاقلاشتى. بۇ گۈزەل مىنۇتلارغا شاھىد بولغان ھەر بىر كىشى كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى.
1988-يىلى نىلقا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان ئىبراھىم خەنزۇچە مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا چىققاندا، ئاپىسى رابىيگۈل ئوغلىنى توقسۇ ناھىيەسىدىكى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان مومىسىغا ھەمراھلىققا ئەۋەتتى. مومىسى ئۇنى مەھەللىدىكى ئۇيغۇرچە مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىغا ئوقۇشقا بەردى. بويى ئېگىز ئىبراھىمنى ساۋاقداشلىرى «1-سىنىپتا ئوقۇيدىكەن» دەپ زاڭلىق قىلغاندا ئىبراھىم خېجىل بولۇپ مەكتەپكە بارغىلى ئۇنۇماي توختىۋالدى. مومىسى ئۇنىڭ مەكتەپكە بارمىغىنىغا ئىچى پۇشۇپ ئاشپەزلىك ھۈنىرىگە بەردى. ئىبراھىم 14 ياشقا كىرىپ ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى، مومىسى نىلقا ناھىيەسىدىكى قىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ بالىسىنىڭ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلدى. ئەپسۇس شۇ كۈندىن باشلاپ ئىبراھىمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىدى. بالىنىڭ يۈتۈپ كېتىشى بىلەن رابىيگۈل ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولۇپ، دادىسى ئايالىغا تاپا-تەنە قىلىپ ئاجرىشىپ كەتتى. رابىيگۈل كىچىك ئوغلى ئوسماننى ئېلىپ، يۇرتى توقسۇغا قايتىپ توختىماي بالىسىنى ئىزدىدى. بىر كىملەردىن ئوغلىنى كورلا پويىز ئىستانسىسىدا ئۇچراتقانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆزى كۆرمەس ئاپىسى ۋە كىچىك ئوغلىنى ئېلىپ كورلىغا كەلدى. پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدىن بىر ئېغىز ئۆي ئىجارە ئېلىپ، پويىز ئىستانسىسىنىڭ تازلىق ئىشچىسى بولۇپ ئوغلىنىڭ يولىغا قارىدى، ھەر بىر پويىز كەلسە پويىزدىن ئوغلى چۈشۈپ قالىدىغاندەك تەما بىلەن پويىزغا تەلمۈرەتتى. ئۇ مۇشۇ ئۈمۈتتە تۆت يىل پويىز ئىستانسىسىدا بالىسىنىڭ يولىغا قارىدى. لېكىن ئوغلىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. ئۇ ئاخىرى بالام تۈگەپ كەتكەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ توقسۇغا قايتتى.
2002-يىلى 6-ئايدا ئىبراھىم شىنجاڭلىق 50 نەچچە بالا بىلەن بىرلىكتە ئادەم بېدىكلىرىنىڭ ئىچكىرىگە بېرىپ ئاشخانىدا ئىشلەپ جىق پۇل تاپىسىلەر دەپ ئالدىشىغا ئالدىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىپ كۆرمىگەن كۈنلەرنى كۆردى. ئۇ بىر كۈنى پۇرسەت تېپىپ يامان كىشىلەرنىڭ قولىدىن قېچىپ چىقىپ توختىماي يۈگۈردى. تاياق ئازابىدىن ھالسىرىغان ئاچ قوساق ئىبراھىم ھېچنەرسە يىمەي بىر-ئىككى كۈن يول يۈرگەچكە، دەريادىن ئۆتكىچە ھالسىزلىنىپ يىقىلىپ قالدى. ئۇنىڭ تەلىيىگە ئاق كۆڭۈل ئاكا-ئۇكا جۇۋېيسېن ۋە جۇسېنشىنلارغا ئۇچراپ قالدى. ئۇلار بۇ بالىنىڭ تېنىقى بارلىقىنى كۆرۈپ دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتتى، نەچچە كۈن قۇۋۋەت ئوكۇللىرىنى ئۇرۇش، ياخشى كۈتۈش ئارقىلىق ئىبراھىم ھۇشىغا كېلىپ بولغان ئەھۋالنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. بۇ ئاكا-ئۇكىلار ئۇنىڭغا ئۆز ئاتىسىدەك ئاتىدارچىلىق قىلىپ، ئادەم بېدىكلىرىنىڭ تېپىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ بىر يىل ئۆيدىن چىقارماي يوشۇرۇپ باقتى. بىر يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى كەيپىڭ شەھىرى شياۋتاڭيۈ يېزىسىدىكى دېھقانلار ئارامگاھىدا ئايدا 2800-3000 يۈەنگىچە ئىش ھەققىگە ئىشلىدى. ئۇ 14 يىل كەيپىڭ شەھىرىدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ غەمخورلۇقىدا تىنچ-ئامان، خاتىرجەم چوڭ بولدى. لېكىن ھەر ۋاقىت شىنجاڭدىكى ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلىرىنى ئەسلەپ تۇردى. تور دۇنياسى تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن 2014-يىلى ئۇ نىلقا ناھىيەسىدە روزى ئىسىملىك دادىسى، رابىيگۈل ئىسىملىك ئاپىسى، ئوسمان ئىسىملىك ئىنىسى بارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى توردا تارقاتتى. بۇ ئۇچۇرنى 2014-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو شىنجاڭ سەبىيلەرنى ئىزدەيلى پىدائىيلار ئەترىتى تارقاتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئىبراھىم ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ئۇچۇردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولالمىدى. ئۇلار باشقىلاردىن خەۋەر تېپىپ بالىسىنىڭ ھاياتلىقىنى بىلىپ ئالەمچە خۇش بولدى. قالدۇرغان نومۇر توختىتىۋېتىلگەن بولغاچقا ئالاقىلىشالمىدى. ئاپىسى ئىزدەپ باراي دەپ ئويلىدى، لېكىن شىنجاڭدىن چىقىپ باقمىغان رابىيگۈل ئىچكىرگە بېرىپ كىملەرنى ئىزدەشنى، نەگە بېرىشنى بىلەلمەي، ئىقتىسادىي ئەھۋالى دېگەندەك ياخشى بولمىغاچقا، قولى قىسقا بولۇپ قالدى.
ئۇ بۇ يىل كورلىدىكى سىڭلىسىنىڭ جۇڭگو سەبىيلەرنى ئىزدەيمىز پىدائىيلار ئەترىتىگە ئەزا بولۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى ئاڭلاپ، كورلىدىكى ئەترەتكە ئەزا بولۇپ، ئەھۋالىنى توپنىڭ نازارەتچىسى گۈلنىساغا ئېيتتى. گۈلنىسا بالىنىڭ ئۇچۇرىنى بالىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى رەسىملىرى بىلەن قوشۇپ جۇڭگو سەبىيلەرنى ئىزدەيلى توپىدا تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇچۇرغا ئىچكىرى ئۆلكىدىكى توپنىڭ نازارەتچىسى مۇھەممەت ئىبراھىم ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى قېرىنداشلارنى جىددىي ھەرىكەتكە كەلتۈردى. 29-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە ئۇچۇر كەڭ تارقىلىپ، كەچ سائەت 12 دە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى كەيپىڭ شەھىرىدە مۇشۇ ئۇچۇردىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بالىنىڭ بار ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئىگە بولدى. گۇاڭجۇدىكى پىدائىيلار ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا كېچىلەپ يول يۈرۈپ، تاڭ سەھەردە كەيپىڭغا كەلدى. 30-ئۆكتەبىر ج خ ئورگانلىرىنىڭ يېقىندىن ياردىمىدە كەچكىچە ئىزدەپ ئىبراھىمنى تاپتى. دەسلەپتە ئۇيغۇرلاردىن قورقۇپ كەتكەن ئىبراھىم ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىلى ئۇنىمىدى. ساقچى دائىرلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى، ئاپىسى رابىيگۈل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە، كەيپىڭدىكى ئاتا-ئانىسى ئىبراھىمنى ئاكا-ئۇكا پىدائىي روزى سايىت بىلەن مەمەتجان سايىتنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. شىنجاڭدىكى تۇغقانلىرىنى ئېلىپ كېلىشىنى تاپىلاپ كۆز يېشى قىلىپ ئوغلىنى يولغا سېلىپ قويدى. ئىبراھىمنىڭ كىملىكى، نوپۇسى بولمىغاچقا توقسۇ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى چىقىرىپ بەرگەن ئىسپات بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ ياردىمىدە 31-ئۆكتەبىر ئىبراھىم ئايروپىلانغا چىقىپ، ئايرىلغىنىغا 14 يىل بولغان ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. بۇ جەرياندا كورلا پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ نازارەتچىسى خەيرىنسا ۋە يىتەكچى ئاينىسا سەككىز كۈن ئىدارىسىدىن رۇخسەت سوراپ پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ شىنجاڭدىكى باش نازارەتچىسى ئالىم ئەنۋەرگە ياردەملىشىپ مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلدى.
بىز خۇشاللىق دەقىقىلەردە جۇڭگو سەبىيلەرنى ئىزدەيلى پىدائىيلار ئەترىتىدىكى بارلىق پىدائىيلارغا، جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىغا، كەيپىڭ شەھىرىدە 14 يىل ئىبراھىمغا ئاتىدارچىلىق قىلغان خەنزۇ ئاتا-ئانىسىغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.
ئاستىدىكى تور ئادرىسىنى بېسىش ئارقىلىق فىلىمنى كۆرۈڭ...
|