سۇئال : بىز ئەركەكلەر ئۆز پادىلىرىمىزنىڭ ھازىرقى جەمىيەتتىكى يامان ئىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرماسلىقى ئۈچۈن قانداق شەرىت- شاراھىتنى ھازىرلىغان ئاساستا ھىمايە قىلىشىمىز كىرەك …؟
جاۋاب : قىز-ئاياللار بىزگە ئامانەت قىلىنغان بىر جانلىق ، بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز ، لېكىن ئەمەل قىلىدىغانلىرى قانچىلىك ؟
ئۇلار بىزگە ئامانەت قىلىنغان ئىكەن ياخشى ساقلىماق زۆرۈر .
ئامانەتنى ساقلاپ مىڭىش يوللىرىدا ئىنتايىن كۆپ جاپا-مۇشەققەتلەرگە ئۇچرايمىز ، بىز ئەركەك بولغىنىمىز ئۈچۈن شۇ يوللاردا چىداپ ، مەسئۇلىيەتنى ، قەتئىيلىك بىلەن ئادا قىلىش لازىم .
( قىز-ئاياللارغا ياخشى نەسىھەت قىلىڭلار ) دىيىلگەن ، پەزىلەتسىز ، بەدقىلىق ، يامان خۇيلۇق قىز-ئاياللار بولسىمۇ ئۇنى ياخشى يولغا يېتەكلەش ،ياخشى ئايالدىن قىلىش بىر ئەر بولغۇچىنىڭ جەزمەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى .
مىسال : ئايال بولغۇچى كۈن چىققۇچە كېرىلىپ ئۇخلاۋېرىپ ئادەتلەنگەن بولسا ، ئەر بولغۇچى بۇنداق ئىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ، ياكى ئەر بولغۇچى بالدۇر تۇرسا ئۇ ئادەتلەر ، يامان خۇيلار ئۇزاققا قالماي يوقىلىدۇ .
ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ مەنىۋىي شارائىتىنىڭ بولغۇنىشىغا ئەگىشىپ ھەرخىل-ھەرياڭزا كىيىنىپ ، ئوقۇش بىلەنلا بولۇپ ئاياللىق تېمىسىدىن ئايرىلىپ قىلىۋاتقان ، بىرە خىل تاماقمۇ ئېتەلمەيدىغان ، كېيىملەرگە دەزمالمۇ سالالمايدىغان ، تۇرمۇشتا ئەڭ ئەقەللىي ئەدەپ - قائىدىلەرنىمۇ بىلمەيدىغان ئاتالمىش قىزلار كۆپىيىۋاتىدۇ .
ئۇنىڭ ئۆز - ئۆزىگە ، ئېرىگە ، كۆڭلى بولسۇن - بولمىسۇن ، ئائىلىسىگە ، جەمىيەتكە مەسئۇل بولىشى كېرەكلىكىنى ، شۇڭا قانداق كىيىملەرنى كىيىپ ، قانداق كىيىملەرنى كەيمەسلىكنى ، يۈرۈش - تۇرۇش ، گەپ - سۆزلەرگە قانداق ئەھمىيەت بېرىشى توغۇرلۇق كۆز قاراشلىرىمىزنى ئېيتىپ قويۇش كېرەك .
ھەربىر قىلىق ، ھەربىر ئىشلىرىغا ئارلىشىمىز دىگەنلىك ئەمەس .
ئايال بولغۇچى تاماق ئېتەلمىسە ئېتىشنى ئۆگىنىدۇ ، قىلغىلى ، ئۆگەنگىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس ئۇ ، مۇھىمى ئەر بولغۇچىنىڭ قايىل قىلىش ياكى قىلالماسلىقىدا .
ئايال بولغۇچىنى تەربىيلىشىمىز كېرەك ، ئېلىپلا كىيىم- كېچەكنى تاشلاپ قويغانغا ئوخشاش تاشلاپ قويىدىغان نەرسە ئەمەس ، قۇسۇرلا تاپماي بەلكى بولمايدىغان ياكى بولمىغان يەرلەرنى تۈزىتىشكە بۇيرىساق ياكى بىللە تۈزەتسەك ناھايىتى ياخشى بولىدۇ .
ئايال بولغۇچىنىڭ ياخشى - يامانلىقى ، ئەر بولغۇچىنى رازى قىلىش - قىلالماسلىقى تويدىن كېيىن ئۇنى تەربىيلەش ياخشى ئايال قىلىشقا كۈچىگەن ياكى كۈچىمىگەنلىكىمىز بىلەن زور مۇناسىۋەتلىك .
تەربىيەلىك ئايال ئېرىنى قانداق كۈتۈشنى ، ئېرىنىڭ يامان ئادەتلىرىگە قانداق تەنبىھ بېرىشنى ، ئېرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئائىلىنىڭ يۈكىنى قانداق يېنىكلىتىشنى ، ئېرىنىڭ قاملاشمىغان يەرلەرگە تولا باردى-كەلدىنى قانداق يوق قىلىشنى بىلىدۇ .
ئەگەر بىلمىسە ئۆگىنىشىپ ، ئەمەلىيەتتە قىلىشقا تېرىشىدۇ ، تەربىيەلىك ئايال كۆڭۈل قويۇپ تىزگىنلىشى ، چېۋەر قوللىرى بىلەن ياساپ - تارىشىدا ، ئەر بولغۇچى پاكىز ، رەتلىك ، ئىقتىساتچان ، قەتئىيلىك ئادەمگە ئۆزگىرىدۇ ، ئائىلىگە بەرىكەت تۆكىلىدۇ .
تەربىيە بىرىش بىلەن ئارقىلىق ياخشىلانغان ئايال ، يەنى ياخشى ئايال ، ئائىلىنىڭ دۆلىتى ۋە بەختى بولىدۇ .
ئائىلىنىڭ گۈللىنىشىمۇ شۇ ئايالدىن ، قۇرۇپ كىتىشىمۇ شۇ ئايالدىن .
ئايال بولغۇچىنىڭ ياخشى پەزىلەت ئىچىدىكى گۈزەللىكى كۈڭۈلگە راھەت ، خۇشخۇي مۇئامىلىسى يەنى خۇلق - مىجەزى بولسا جانغا ئۇزۇق بولىدۇ .
ئەقىل - پاراسەتلىك قىلالىساق ئىشلىرىمىز ھەرۋاقىت راۋاج تاپىدۇ ، ئۆي-مۈلىكىمىز شۇنىڭ بىساتى بىلەن سەرامجانلىشىدۇ .
شۇنداق ياخشى ئاياللاردىن قىلىپ تەربىيلەپ بىللە ياشاش ئەر بولغۇچىنىڭ مەجبۇرىيتى ۋە مەسئۇلىيتى ، شۇنداق بەخىت ئىچىدە ياشىساق غەم ۋە كۈلپەتتە سىردىشىشقا ، ئاشكارا ۋە پىنھان دەرد-مۇشەققەتتە ھەمنەپەس ۋە ياردەمچىگە ئىگە بولغان بولىمىز .
ھەرقانداق جاپاغا يولۇقساق سىردىشىمىز ، ياردەمچىمىز بولالايدۇ . ئىشلىرىمىز تەتۈر ئايلىنىپ قاملاشمىسىمۇ ، ئايال بولغۇچى سىرداش ۋە مەدەتكار بولالايدۇ ، كۆڭلۈمىزگە غەم قايغۇ كەلسە ئۇمۇ ھەم قايغۇرىدۇ ، بەدىنىمىزگە كىسەل يەتسە ، ئۇ ھەم كىسەل ھالەتتە تەڭ ئازابلىنىدۇ .
ئەگەر ئەر بولغۇچى مەسئۇلىيەتتىن قىچىپ ، ئامانەتكە كۆز قىزارتىپ خائىنلىق قىلىدىكەن ئايال بولغۇچى بىزلەرگە دەۋزەخ بولىدۇ .
شۇڭا ھەربىر ئەركەكلەر ئامانەتنى ياخشى ساقلىشىمىز ، قوغدىمىشىمىز ، ئاسرىشىمىز كېرەك .
مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.
ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەتكە چىدىساق ،ئىككى دۇنيالىقتا بەخىت-سائادەتكە ئىگە بولىمىز .
ئاپتۇرى: سۇھەيل
2016-يىلى 30-ئۆكتەبىر (ئۈرۈمچى) |